تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 140|ئىنكاس: 0

ئىلغارلارنى سايلاش (ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

3

تېما

2

ئەگەشكۈچى

1177

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
201
مۇنبەر پۇلى
945
ئىشەنىچ
201
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىلغارلارنى سايلاش

     بۇ يىلمۇ ئاخىرلىشىپ قالدى، بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەر جەم بۇلۇپ بۇ يىللىق ئىلغار ئىشلەپ چىقارغۇچىلارنى سايلاپ چىقىشقا كىرىشتى. كۆپچىلىك قىزغىن بەس-مۇنازىرە ئىچىدە پىكىر قاتناشتۇرۇپ تالاش-تارتىش قىلىشتى. بۇ يىللىق ئىلغارلارنى سايلاپ چىقىش ئۆتكەنكى يىلىدىكىدەك ئۇنچە كەسكىن بولمىدى. چۈنكى بارلىق خىزمەتلەر كۆپچىلىكنىڭ كوڭلىگە ئايان ئىدى. ئاخىرىدا ھەممە بىردەك ئالدىنقى يىلىدىكىگە ئوخشاش ئىككى نەپەر مۇئاۋىن باشلىغىنى سايلاپ قول كۆتۈرۈپ مۇقۇمدىغاندىن كېيىن رازىمەنلىك بىلەن تارقاپ كېتىشتى.
  ئىككىنچى كۈنى ئىلغارلىق ماتىرىيالى يېزىلىپ باش شىركەت بۈلۈم باشلىغىغا يوللاپ بىرىلدى. ئارىدىن ئىككى كۈن ئۆتەندىن كېيىن ئورۇن مەسئۇلى ئەمدىلا ئىشخانىغا كىرىپ ئولتۇرىشىغا، تىلىفون جىرىڭلىدى.
  ياخشىمۇ سىز؟ تىلىفۇن بەرگۈچى باش شىركەت بۈلۈم باشلىغى تىللاقىز ئىدى.
  ياخشى، ئىلغارلارنىڭ ماتىرىيالىنى يوللاپتىكەنسىز يولداش پۇلاتنى ئىلغارلىققا سايلىساڭلار بولمايدۇ.
  نىمە؟ نىمە ئۈچۈن؟
  ئۇ دىگەن رەھبىرى كادىر.
  ئۇنداقتا تۇرسۇنمۇ رەھبىرى كادىرغۇ؟ يولداش پۇلاتنى ئالدىنقى يىلىمۇ كۆپچىلىك ئىلغار ئىشلەپ-چىقارغۇچى بولسا بۇلۇدۇ دەپ سايلاپ بەرگەن ئىدى، شۇ چاغدىمۇ سىز رەھبىرى كادىرلارنى سايلىساڭلار بولمايدۇ دىگەن ئىدىڭىز. بۇ يىل كۆپچىلىك يەنە يولداش پۇلاتنى سايلاپ بەردى. مەن بۇ گەپنى ئۇنىڭغا قانداق ئېيتالايمەن. مۇمكىن بولسا ئۇنىڭ ئۆزىگە قىلىفۇن ئۇرۇپ دىگەن بولسىڭىز.
  بولدىلا، بولمىسا ھۆرىقىزنى سايلاپ بىرىڭلار. ئەمىسە شۇنداق بولسۇن. خوش.
  ماقۇل خوش.
  تىلىفۇندا سۆزلىشىۋاتقاندا ھۆرىقىز ئىشخانىدا ئولتۇرۇپ ئاڭلاپ تۇرغان ئىدى. ئەمىسە مەن چىقىپ ماتىرىيالىمنى تەييارلاپ  بىرەي-ھە، ھى....ھى....ھى.
  ئەتىسى پولات خىزمەت مۇناسىۋىتى بىلەن ئورۇن مەسئۇلىنىڭ ئىشخانىسىغا كىرىپلا ئۈستەل ئۈستىدىكى ھۆرىقىزنىڭ ماتىرىيالىنى كۆرۈپ سەل ھەيرانلىق ھىس قىلدى. ئۇ، بۇ توغۇرلۇق گەپمۇ قىلماي ئىشىنى تۈگەتكەندىن كېيىن چىقىپ كەتتى. ئارىدىن يېرىم سائەت ئۆتىۋىدى، پۇلاتقا تىلىغۇن كەلدى. ئىشخانىغا كىرگەن بولسىڭىز ئىلغارلارنى قايتا سايلايدىكەنمىز.
  بولىدۇ.
  يولداش پۇلات دىدى ئورۇن مەسئۇلى، بولۈم باشلىغىدىن تىلىفۇن كەلدى رەھبىرى كادىرلارنى سايلاشقا بولمايدىكەن سىزنىڭ ئورنىڭىزغا باشقا بىرسىنى يوللاپ بەرسەك بولىدىغان ئوخشايدۇ.
  بولىدۇ، ھۆرىقىزنىڭ ماتىرىيالىمۇ يېزىلىپ بوپتۇغۇ شۇنى يوللاپ بىرەيلى. كۆپچىلىك گەپمۇ قىلالمىدى.
  ئەسلىدە بولۈم باشلىغى بىلەن ھۆرىقىز ئاشلىق مەكتىۋىدىكى ساۋاقداشلاردىن بۇلۇپ، بولۈم باشلىغى  ئۇنىڭغا ئالاھىدە غەمخورلۇق قىلغان ئىكەن.
  پۇلات ئىشخانىسىغا كىرىپ، ئۆز ھوقۇقىنى قوغداش مەقسىتىدە بولۈم باشلىغىغا تىلىفۇن ئۇرۇپ، ئۇدا ئىككى يىل بولدى مىنىڭ ئورنۇمغا باشقا بىرسىنى كۆرسىتىۋاتىسىز. بۇ نىمە ئىش.
  رەھبەرلەرنى سايلاشقا بولمايدۇ دىگەن پىرىنسىپ بويىچە شۇنداق قىلدىم.
  باشقا رەھبەرلەرمۇ سايلاندىغۇ؟
  بولۈم باشلىغى بىرئاز جىمىپ قالغاندىن كېيىن، ئىش قىلىپ بولمايدۇ. دەپ جاۋاپ بەردى.
  ھە، ئۇنداق بولسا بوپتۇ، شۇنداق بولسۇن.
  ئارىدىن ئىككى كۈن ئويكەندە، رەھبەرلىك گۇرۇپىسىدىكىلەر قايتا جەم بولدى. ھۆرىقىزنىڭ ئورنىغا باشقا بىرسىنى سايلاپ بىرىدىكەنمىز، ئۇنىڭدىن ئىقتىسادى مەسىلە كۆرۈلۈپتۇ دىدى ئورۇن مەسئۇلى.
  قانداق مەسىلە؟
  ئۇ ئىككى ئايدا يىغىلغان توك پۇلىسىدىن 7000مىڭ يۈەنگە خىيانەت قىلىپتۇ. ۋاقىت بەك قىس ئىدى، كۆپچىلىك دەرھال بىرسىنى سايلاپ بەرمىسە بىر سان ئەمەلدىن قالاتتى.  
  ئۇنداقتا دىدى پۇلات، ۋاقىتنى چىڭ تۇتۇپ ئابلەتنى سايلاپ بىرەيلى. ئۇ ئۆز خىزمىتىنىڭ ھۆددىسىدىن يامان ئەمەس چىققان خىزمەتچى.
  بولىدۇ، كۆپچىلىك بىردەك ئاۋاز قوشتى.
  شۇ كۈنى كەچتە پۇلات دوسلىرى بىلەن رىستۇراندا غىزالىنىۋاتاتتى. ئاينۇر ئىسىملىك خىزمەتدىشى دوسلىرى بىلەن كىرىپ كەلدى. غىزالىنىۋاتقان پۇلاتنى كۆرگەن ئاينۇر ئۇنىڭ يېنىغا كىلىپ، پۇلاتجان باشلىق بىز سىزنى رازىمەنلىك بىلەن سايلاپ بەرسەك، بەزىلەر سىزنىڭ ئورنىڭىزغا باشقىلارنى كۆرسەتكەن ئىكەن، ئەمدى ئۇنىڭدىن خىيانەتچىلىك قىلىش قىلمىشى كۆرۈلۈپتۇ. ئۇنىڭ ئورنىغا ئەمدى كىم سايلاندى؟ سىز ياش ۋاختىڭىزدا بولۈم باشلىغى بىلەن مۇھەببەتلەشكەنمۇ؟ ئۇنى ئالىمەن دەپ قويۇپ تاشلىۋەتكەنمىدىڭىز؟ ئىككى يىل بولدى ئورنىڭىزغا باشقا بىرسىنى كۆرسىتىۋاتىدۇ. ئۇ كۆرسەتكەن ئادەمدىن مەسىلە كۆرۈلۈپتۇ. ھازىر بولۈم باشلىغى نىمە بولۇپ كەتكەندۇ. ھا...ھا...ھا...
  بولدى، بولدى ئۇنداق دىمەڭ سىڭلىم،  ھىساپلاپ كۆردۈم، مەن ئالى مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ۋاختىمدا ئۇ ئەمدى تۇغۇلغان ئىكەن. سىز ئويلىغاندەك بۇلىشى ئەسلا مۇمكىن ئەمەس، كىلىڭ بىللە غىزالىنايلى.   
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-1-5 03:16, Processed in 0.104456 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش