رۇستەم قاراسۇ ئىجادىيتى
يېڭى يىلدىكى تېلەك
ياشلىقىمنىڭ تۆكۈلدى يەنە ئالتۇن ياپرىقى، كونا يىلىم ئەلۋىدا داڭ ئۇرۇلدى ئاخىرقى. ئۈمۈد بىلەن قەدەملەر يېڭى يىلدا ئىلىنسۇن، دوست-يارەنلەر يۇيۇلسۇن ھەر كۆڭۈلنىڭ ئاغرىقى.
يېڭى يىلدا ھەممىدە بىر ئۆزگىچە ئوي تېلەك، گۈزەللىكى تېلەكنىڭ خۇددى گۈلزار گۈل-چىچەك. مېنىڭ ئارزۇ-ئارمىنىم دىھقان ئاتام ئۈچۈندۇر، ھوسۇل بەرسۇن ئورۇقى بوپ قالمىسۇن ھىچ پىچەك.
قايتا باشلا ھەممىنى تۇر ئورنۇڭدىن يېقىلغان، ھامان غەلبە قىلىدۇ يېڭىلىققا ئىنتىلغان. تېلەكلىرىم تەڭرىتاغ پەرزەنتىنىڭ تېلىكى، گۈللەر ئۈنسۇن ئىزلاردىن يېڭى يىلدا بىسىلغان.
رۇستەم قاراسۇ ...ئالاتاۋدا يېزىلدى 12.31.كۈنى |