پۇتبول مەستانىلىرىغا يېڭى يىللىق سوۋغا
تەڭرىتاغ تورى پىلانلىغان، مەركىزىي تېلېۋېزىيە ئىستانسىسى تورى بىرلىكتە تارقىتىدىغان 2014-يىللىق بىرازىلىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 100 قىسىملىق مەخسۇس پىروگراممىسى «غالىبلار ئۇچرىشىشى» 2014-يىلى 1-ئايدىن باشلاپ رەسمىي سۈرەتكە ئېلىنىدۇ. بۇ تەڭرىتاغ تورى تورداشلارنىڭ ھوزۇرىغا سۇنغان چوڭ تىپتىكى مەخسۇس پىروگرامما بولۇپ، تورداشلارنى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى تەپسىلاتلىرىدىن تولۇق بەھرىمان قىلىدۇ. 2014-يىلى 6-ئايدا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى يەنە بىر پۇتبول پادىشالىقى بىرازېلىيەدە قايتىپ كېلىدۇ. 32 كوماندا بىرازېلىيەدىن ئىبارەت بۇ پۇتبول ماكانىدا ئۆزلىرىنى نامايان قىلغۇسى. دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى 2014-يىللىدىكى ئەڭ قىززىق نۇقتىغا ئايلانغۇسى. تەڭرىتاغ تورى تورداشلارنىڭ دۇنيا لۇڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى توغرىسىدىكى مەزمۇنلارغا بولغان تەلپۈنىشىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن ‹‹غالىبلار ئۇچرىشىشى›› ئالاھىدە پىلانلىغان بولۇپ، پروگراممىدا بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىغا قاتنىشىدىغان 32 كوماندىنىڭ تەپسىلىي ئەھۋالى، تارىختىكى نادىر مۇسابىقىلەر، مۇسابىقە تارىخىدىكى 32 داڭدار چولپان، مۇسابىقە مەيدانى ۋە شەھەرلارنىڭ تونۇشتۇرۇلىشى شۇنداقلا مۇسابىقىگە قاتنىشالمىغان كۈچلۈك دۆلەتلەر شۇنداقلا پۇتبول چولپانلىرى سۆزلىنىدۇ. بۇ پروگرامما بارلىق پۇتبول مەستانىلىرى كاتتا بەزمىسى بوپ قالغۇسى. مەزكۇر پروگرامما تەڭرىتاغ تورى، مەركىزى تېلىۋېزىيە ئىستانسىسى تورى، بارمۇ تېز بلوگى، تەڭرىتاغ مۇنبىرى قاتارلىق تور ۋاستىلىرىدە تارقىتىلىدۇ. پروگراممىغا ماس ھالدا، بارمۇ تېز بلوگى ۋە تەڭرىتاغ مۇنبىرىدا توپ مەستانىلىرى كۇلۇبى ئېچىلىپ مۇكاپاتلىق پائالىيەت ئېلىپ بېرىلىدۇ. ‹‹غالىبلار ئۇچرىشىشى›› پروگراممىسىنىڭ رىياسەتچىسى ئەھەد مىجىت بولۇپ، ئۇ تەڭرىتاغ تورى ئۆتكۈزگەن تۇنجى نۆۋەتلىك سىتۇدېنتلار دېكتور-رېياسەتچىلەر مۇسابىقىسىدە ئۆز تالانتىنى نامايان قېلىپ، ئەڭ ئاخىرقى چېمپىيونلۇقنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ، بۇ پروگراممىنىڭ رېياسەتچىلىكىگە ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان. تەڭرىتاغ تورى ‹‹غالىبلار ئۇچرىشىشى››پروگراممىسى ھەر قايسى شېركەت كارخانىلارنىڭ بىز بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئالاقىلاشقۇچى: ئالىمجان ئابدۇراخمان ئالاقىلىشىش نومۇرى: 18999860103 0991-2833769
|