نىمىشقا بىزدە ئالىملىرىنىڭ قەدىرى يوق قەدىمدىن شۇقەدەر مەدەنىيەتلىك مىللەت بىز .... مەدەنىيەت تارىخىمىزدا مەھمۇد كاشىغەرى ،يۈسۈپ خاس ھاجىپ ، ئەلشىر نەۋائىيدەك ئۇلۇغ ئالىم ئۇستازلىرىمىز ئۆتكەن، ئۆزى، ئۆزىمىزنىڭ مىللىتى ئۈچۈنلا بۈيۈك تارىخ يارتىپلا قالماي ئەتراپىمىزدىكى قېرىنداش مىللەتلەر مەدەنىتى ئۈچۈنمۇ خىزمەت قىلغان ئۇلۇغلارنىڭ ئەۋلادى بىز . مۇڭغۇللار ئۈچۈن يېزىق ئىجاد قىلغانلارمۇ شۇ شۇ بىز ئۇيغۇرنىڭ ئەجدادى . ئەسلى مەقسەتكە كەلسەك ، ئۇنداق يىراق تارىختىكى ئىشلارنى سۆزلىمەي يىقىنقى بىر ئەسىر ئىچىدىكى تارىخىمىزغا نەزەر سىلىپ باقايلى !!!! يۈزيىل بۇرۇن ئۇيغۇر جەمىيىتىدە ئابدۇقادىر داموللام ، ئابدۇخالىق ئۇيغۇر ، لۇتپۇللا مۇتەللىپ ، ئەخمەتچان قاسىمىغا ئوخشاش داھىلىرىمىز ئۆتكەن .... ئۇلار مىللەت ئۈچۈن خەلىق ئۈچۈن دەپ جان كۆيدۇرگەن ، شۇنچە تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ مىللىتىنىڭ پەرزەنتلىرىنى تەربىيىلىمەكچى بولغانغۇ .... ئۇلارنىڭ نەزىرىدە < ئۆز> لۈك ئۇقۇمى ھەرگىزمۇ شەخىسنىڭ ھۇجۇدىكى ئۆلۈك ئۇقۇمى ئەمەس بەلكى پۈتۈن مىللەتنى ، ئۇيغۇر جەمىيىتىنى كۆزدە تۇتقان ھالدا شەكىللەنگەن بۈيۈك ئۇقۇم ئىدى . ئەپسۇس شۇنداق ئۇ؛لۇغلىرىمىز تەغدىرى نىم بولدى ئاخىر .... ئۇلاردىن قايسىسى ئۆز ئەجىلى بىلەن كەتتى ؟ ئۇلارنىڭ ھاياتى شۇنچە قەدىرسىزمىدى ؟ ئۇلارمۇ ئوخشاشلا ئاللانىڭ بەندىسى ئىدىغۇ ، ئۇلارغىمۇ ھايات بىر قىتىملىقلا ئىدىغۇ ، ئۇلارنىڭمۇ باشقىلارغا ئوخشاش ئۇزاق ياشاش ئىتىكى بار ئىدىغۇ ......ئەمسە ، ئۇلار نىمىشقا شۇنداق رەھىمىسىز تەغدىرگە دۇچار بۇلدى ؟ ئۇلارنىڭ ھايات ياشىشىغا كىم تۇغقۇنلۇق قىلدى ؟ ئەينى چاغدىكى چىرىك ھۆكىمەتمۇ ؟ زالىم ھۆكۈمدارمۇ ؟ زادى كىم ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟ نىگىزدىن ئىلىپ ئىتساق ئۇلارنىڭ ھاياتىنى نابۇت قىلغانلار دەل ئۆزقەۋمىدىكى بىر دىندىكى ، بىر تىلدىكى < قېرىنداشلىرى > دۇر .... ئۇنداق ئەمەسمۇ يا ؟ زەھەرلىك يىلاننى كۆرسەك شۈبھىىسىزكى تىنىمىز ئەيمىندۇ ، چۈنكى ئۇنىڭ زەھىرى بار ......... لىكىن ھاياتلىق ئاپىرىدە بولغاندىن بۇيان يىلان يىلاننى زەھەرلەپ باقمىدى .... ئاللاھ دۇنيادىكى مەخلۇقاتلارنىڭ ئەڭ كاتتىسى قىلىپ ياراتقان ئىنسانلار بىر بىرىنى چىقىپ زەھەرلەپ كەلدى .... بۇنىڭ ۋەجى نىمە ؟ يۈز يىل بۇرۇن خەلق نادان ، قالاق ، نامرات ، دۇنيادىن خەۋەرسىز ئىدى ، ئاڭ سەۋىيە تۇۋەن ئىدى . ئادەتتىكى بىر قەغەز گە ئەرەپ يېزىقىدا ياكى چاغاتاي ئۇيغۇر تىلىدا يىزىلغان سالام خەتنى كۆرسىمۇ خۇددى پۇتۇن قۇرئان كەرىمنى تېپىۋالغاندەك ئەزىزلەيدىغاندەك خەلىق ئۆزىنىڭ < ئۇيغۇر > ناملىق بىر قەۋىمنىڭ پۇقراسى ئىكەنلىكىنىمۇ بىلمەستىن ، سەن قايسى مىللەتتىن دىسە مۇسۇلمان دەپ مەيدىسىگە مۇشلايتى ، ئۇنداقتا ئۇلار راستىنلا مۆئمىن مۇسۇلمانمۇ ؟ ئەپيۇن بىلەن نەشەنى چىكىپ زەئىپ بۇلۇپ كەتكەن روھى قانداقمۇ مۇسۇلمانلىقىنى ئىسپاتلىسۇن ؟ شۇدەۋىردىكى نادان خەلق ئۆزتىنى ، ئۆزرۇھىنى نابۇت قىلىپ قالماستىن بەلكى يەنە دەۋىردىكى ئەنە شۇنداق بىباھا ئالىملارنىڭ ھاياتىنى نابۇت قىلدى . نىمىشقا شۇنداق بۇلىدۇ ؟ دىنىي ئالىمغا كۈن بەرمىسە ، يىڭى ئىدىيە مائارىپ تەشەببۇس قىلغانلارغا تىخى كۈن بەرمىسە ، بىرى پۇل تېپىپ ياخشى كۈن كورسە ئۇنى پۇتلىسا ، نامىراتنى تېخى ياراتمىسا ، قانداق ئىش بۇ ، قاچان تۈگەيدۇ بۇنداق كۆرەلمەسلىك !!!!!! يىگىرمە-ئوتتۇز يىشىدا شۇنچە نەتىجىلەرنى ياراتقان مەمتىلى توختاجى ، لۇتپۇللا مۇتەللىپ قاتارلىقلار ئۇزاق ياشىغان بولسا ، ئۆزىگە ئوخشاش ياشلارنى تەربىلەپ يىتىشتۈرگەن بولسا، خەلق ئۇلارنى قوللىغان بولسا ھازىرقى تەغدىرىمىز قانداق بۇلاتى . بۇنى كىم ئويلاپ باقتى ؟ بىزدە ئالىم شۇنچە كۆپمۇ ؟ نىمىشقا ئالىمىنىڭ قەددىرى بىزدە يوق ، كۆيدۈرۈپمۇ ئۆلتۇردۇق ، چاناپمۇ ئۆلتۇردۇق ، غاجاپمۇ ئۆلتۇردۇق مۇسۇلمانغۇ بىز ، مۇسۇلمان دىگەن ھىچكىمگە ،ھىچنىمىگە بەرمەيدىغۇ ، بىز قانداق مۇسۇلمان ؟ ئەينى ۋاقىتتا خەلق نادان قالاق ئىدى ، نادانلىقتا ئالىمنىڭ ، ئىلىمنىڭ قەدىرىنى قىلمىسۇن بوپتۇ ئۆتكەنگە سالاۋات دەپ تۇرايلى !!!!! لىكىن ھازىرچۇ ؟ دۇنيا ئەھلى ئىلىم پەننىڭ كۇچ قۇدىرىتى ئارقىلىق ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزغىلى بولدىغانىقىنى تۇنۇپ يەتكەن بۈگۈنكى كۇندە ، بىز ئۇيغۇرلار ئىلىم ئىگىلىرى بولغان ئالىملارنىڭ قانچىلىك قىلىۋاتىمىز ؟ ئۆزىمىزغۇ ئۆگەنمەيلى ، نىمىشقا باشقىلارنى ئۆگەنگىلى قويمايمىز ؟ تەرىپلەڭ دېسە ئۇيغۇر دىگەن ئاق كۆڭۇل كەڭ قۇرداق مىللەت دەپ ھارمايمىز ، قىنى بىزدىكى ئاق كۆڭۈللۈك ؟ قىنى بىزدىكى كەڭ قورساقلىق ؟ بىرەرسى چەت ئەللەرگە چېقىپ ئۆقۇپ كىرسە ئۇلىنى كولىدۇق ، تالانتىلىق ئادەملىرىمىز ئىلىم ئۆگىنىش سەۋەپلىك ئۇزاقراق مۇساپىرلىقتا قالسا ئۇنىڭغا ھىسداشلىق قىلماقتا يۇق ، كىندىك قېنى تۆكۈلگەن يۇرتىغا قايتىش يۇلىنى ئۇزۋەتتۇق .شۇنداق ئالىملارنىڭ يىتىشىپ چىقىشى شۇنچە ئاسانمۇ ؟ بىر ئەسىردىن كۆپرەك ۋاقىت ئۆتتى . ئابدۇقادىر دامۇللامدەك دىندىمۇ پەندىمۇ يىتىشكەن ئالىمدىن نەچچىسى بارلىققا كەلدى ؟ ئۇيلىنىپ باقايلى ، ئۇچۇر دەۋرى دەپ ئاتالغان 21- ئەسىر دە ئىلىم - پەننىڭ تەرەققىياتى شۇقەدەر تىز ، ئۆگىنىش شارايىتىمىزمۇ شۇقەدەر ياخشى لىكىن ئۇتۇققا قازىنىۋاتقانلار قانچىلىك ؟
يۇز يىل بۇرۇن ئابدۇخالىق ئۇيغۇر < ئويغان > دەپ مىللەتنى ئويغۇنۇشقا چاقىرىق قىلغان ئىكەن ، ھازىرچۇ ئويغاندۇقمۇ ؟ نىمە دىگەن ئېچلمىغان ئۇيقۇ بۇ ؟ يەنە قانچىلىك ئۇخلايمىز ؟ < ئۇيقۇ-ئۆلۈمنىڭ مۇقەددىمىسى < ئەمدى بۇلسىمۇ ئۇقۇمىز نى ئاچايلى!! ئويغانماي تۇرۇپ ئۆلۇپ قالمايلى . ئۆزىمىز ئالغا باسمىساقمۇ ،ئالغا باسقانلارنىڭ ئالدىنى توسمايلى ! ئۇلارنى قۇللايلى ! مىللەت ئۈچۈن ، جەمىيەت ئۈچۈن دىمەي ئائىلەم ئۈچۈن دەپ تۇرۇپ ئىش قىلىپ باقايلى ! نەتىجىسى چوقۇم ياخشى بۇلۇپ كىتىدۇ . چۈنكى جەمىيەتنىڭ كىچىك ھۈجەيرىسى بولغان ئائىلە ئارقىلىق جەمىيەتنى مىللەتنى تەرەققىياتقا ئىرىشتۈرەلەيمىز ! مەۋجۈدە خاتىرىسى
|