دۇنيادا نىمە راھەت؟ بۇرۇنقى زاماندا بىر پادىشاھ ئۆتكەن ئىكەن.بۇ پادىشاھ ئەل -يۇرۇتنى ئادىل سوراپتۇ.بىر كۈنى پادىشاھ ئوڭ ۋە سول قول ۋەزىرلىرىنى ۋە بارلىق ئوردا خادىملىرىنىڭ ھەممىنى چاقىرىپ، ئۇلارنىڭ ئەقلىنى سىنىماقچى بوپتۇ. -دۇنيادا نىمە راھەت؟دەپ سۇئال سوراپتۇ، پادىشاھ.ۋەزىرلەرنىڭ ھەممىسى بۇ سۇئالدىن ھەيران بولۇشۇپ،بىر-بىرىگە قارىشىپتۇ. ئارىدىن بىرسى چىقىپ: -ئەي كىرەملىك شاھ ئالىلىرى،دۇنيادا گۈزەل خوتۇن ئېلىپ،ئۆي تۇتۇپ،بالا تاپماق راھەت -،دەپتۇ.يەنە بىرسى ئوتتۇرىغا چىقىپ: ئەي كىرەملىك شاھ ئالىلىرى،ھەممىدىن پۇل تېپىپ باي بولماق،ئاندىن ئايۋان-ساراي سالدۇرۇپ،تۇرمۇشنىڭ پەيزىنى سۈرمەك راھەت،دەپتۇ.ئاندىن كىيىن يەنە بىرسى قوپۇپ: ئەي شاھىم،پۇل تېپىپ،شەھەرمۇ شەھەر قاتراپ تاماششا قىلماق راھەت، دەپتۇ. ئارقىمۇ ئارقا بەس مۇنازىرە بولۇپ،مەيدان جانلىنىپ كېتىپتۇ. شۇ چاغدا پادىشاھنىڭ تەرىتى قىستاپ ئارام بەرمەپتۇ،لىكىن مەيداندىن ئايرىلالماپتۇ. بۇ سورۇندا دانىشمەن نەسىردىن ئەپەندىممۇ بارئىكەن.ئۇ پادىشاھنىڭ ئولتۇرالماي قالغىنىنى بىلىپ: ئەي پادىشاھ ئالىلىرى،دۇنيادا ئەڭ راھەت نەرسە بولسا:يېمەك-ئىچمەك ھەم چوڭ-كىچىك تاھارەت قىلماق-دەپتۇ.ۋەزىرلەر بۇنى ئاڭلاپ: ھەي، بىئەدەپ!نىمە دەپ جۆيلىۋاتىسەن؟پادىشاھىمىزنى مازاق قىلىۋاتامسەن؟جاللات!ماۋۇ بىئەدەپنى 80 كالتەك ئۇرۇپ،مەيداندىن قوغلاپ چىقىرىڭلار! دەپتۇ.پادىشاھ دەل شۇپەيتتە ھاجەتخانىغا كىرىپ چىقىپ،يەنە سورۇنغا قايتىپ كەپتۇ.شۇ چاغدا جاللاتلار ئەپەندىمنى سۆرەپ ماڭغىلى تەمشەلگەن ئىكەن. پادىشاھ بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ:-توختاڭلار،دەپتۇ. جاللاتلار ئەپەندىمنى مەيدانغا قايتۇرۇپ كەپتۇ. -سەن نىمە ۋەجىدىن شۇنداق جاۋاپ بەردىڭ؟دەپتۇ، پادىشاھ. ئەپەندىم تەمكىن تۇرۇپ،بۇرۇتىنى سىلاپ قويۇپ: - پادىشاھ ئالىلىرى،ئادەم مەيلى باي ياكى گاداي بولسۇن، ھەممىسى يەيدۇ،ئىچىدۇھەم چوڭ-كىچىك تاھارەت قىلىدۇ. يېگەن-ئىچكەننى چىقارماي،قوساقتا ساقلىغىلى بولمايدۇ.باياتىندىن بىرى سىلە سۇئال سورىدىلا، ئاندىن جامائەت بەرگەن جاۋاپنى ئاڭلىدىلا،مەن سىلىنىڭ چىرايلىرىدىن بىر خىل جىددىلىكنى سەزدىم. كۆڭلۈمدە پادىشاھىمىزنىڭ تەرىتى قىستاپ كەتكەن دەپ ھۆكۈم قىلىپ،مۇشۇ جاۋاپنى تاپتىم، دەپتۇ. پادىشاھ ئەپەندىمگە قايىل بولۇپ،ئۇنىڭغا تون كەيگۈزۈپتۇ. دېمەك، يېمەك-ئىچمەك،ھەم چوڭ-كىچىك تاھارەت قىلماق-راھەت دېگەن گەپ مانا شۇنىڭدىن قالغان ئىكەن. تەييارلىغۇچى-ئابدۇقادىر تۇردى، ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى |