تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 3115|ئىنكاس: 32

شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىغا تەكلىپ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

21

تېما

0

ئەگەشكۈچى

609

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
135
مۇنبەر پۇلى
411
ئىشەنىچ
135
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-31 13:35:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھۆرمەتلىك شىنجاڭ تېلۋزىرىيە ئىستانسىسى رەھبەرلىكى :
    ئىسلاھات ئىلىپ بىرىلىغان 35 يىلدىن بۇيان شىنجاڭ تېلۋزىرىيە ئسىتانىسى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ھەر تۈرلۈك سىياسەتلىرنى كەڭ خەلىق ئاممىسىغا يەتكۈزۈشتە بىر قەدەر ئاكتىۋال رول ئويناپ كەلگەن بولسىمۇ، ئىسلاھات ئېچىۋىتىش دولقۇنى جەرياندا بارلىققا كەلگەن ئىقتىسادنى خۇدا بىلىشتەك پاسسىپ يېتەكچى ئىدىيەنىڭ تۈرتكسىدە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلىقنىڭ قاغجىرىغان قەلبىگە يېتەرلىك ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەشتە ئۆز فونكىسىيسىنى تازا ياخشى جارى قىلىدۇرۇرالمدى. گەرچە ھەر مىللەت جامائەتچىلىكىدىن ھەر تۈرلۈك پىكىر تەلەپلەر بولۇپ تۇرغان بولسىمۇ، تا بۇگۈنگە قەدەر ماھىيەتلىك ئۆزگىرىش كۆرۈلمىدى. شۇ ۋەجىدىن بۇ قىسقا خەتنى يىزىش ئارقىلىق سىلەرنىڭ ئەستايىدىل ئويلۇنۇپ كۆرۈشڭلارنى تەۋسىيە قىلماقچى:
    شىنجاڭ تېلۋزىرىيە ئىستانسىسنىڭ ھۆكۈمەت مەبلغى بىلەن يۈرۈشىدىغان مەتبۇھات ئىكەنلىكى ھەممىمىزگە ئايان ، سىلەرنىڭ ئەڭ چوڭ فۇنكىسىيەلىرىڭلار پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ياخشى سىياسەت، قانۇن پەرمانلىرى ۋە دۇنىيا مىقىياسىدىكى پايدىلىق ئۇچۇرلارنى ھەر خىل نۇمۇرلار ئارقىلىق ئىسلات مىۋىللىرىدىن بەھىرىلىنىشكە تىگىشىلىك بولغان ھەر مىللەت خەلىق ئاممىسىغا يەتكۈزۈپ بىرىش بولۇپ بۇ جەھەتتە سىلەردە تۆۋەندىكىدەك مەسىللەر ساقلانماقتا:
  1. قانال لاھىيەلەشتە ئىقتىسادي ئامىلىنى بىرنچى ئورۇنغا قويۇش:  شۇنداق پۇل بولمسىا ھىچ ئىش قىلغىلى بولمايدۇ،  لىكىن دۆلىتىمىزدە پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت ھەرقاچان سىلەرنى  مالىيەدىن قىسىپ قويغىنى يوق، دۆلىتىمىزنىڭ ئەبەدى ئەمەنلىكىى ئۈچۈن ھەر ساھەلەردە خەلىقچىلىق تەربىيسى ئىلىپ بىرلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە سىلەرمۇ بۇ تەربىيەدىن ئۆزۈڭلارنى مۇستەسنا قىلالمايسىلەر، ئەڭ مۇھىمى سىلەر پارىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ تەشۋىقات ئاپراتىسىلەر، ئۇنداقتا سىلەرنىڭ يەنە داۋامىلىق ئىقتىسادى ئامىلىنى باھانە قىلىپ داۋاملىق خەلىقنىڭ ئارزۇسىغا كۆزۈڭلارنى يۇمۇپ يۇرۋىرىشڭلارنىڭ ئۆزىلا مەسئۇلىيەتسىزلىك؟   يەنى سىلەرنىڭ ئۆز خاراكىترڭلاردىن ئىلىپ ئېيتىقاندا سىلەر پۈتكۈل تېلۋزىرىيە ئىستانسىسىنىڭ قۇرۇلمىسىغا قارتا خەلىقچىلىقنى ئاساس قىلغان ئاساستا قايتىدىن لاھىيەلەش ئىلىپ بىرىشىڭلار، شىنجاڭنىڭ ھەقىقى ئېھىتىياجىنى ئەكس ئەتتۈرشىڭلار كىرەك.
    2. پىراگىرامما لاھىيەلەش يېتەكچى ئىدىيەسىدىكى خاتالىق : بىرىنچىدىن، بۈگۈنكە قەدەر شىنجاڭ تىېلۋۇزىيە ئىستانسىسنىڭ سەنئەت ۋە كېنو ئىستانسسى بولۇپ قالغانلىقى رەت قىلىغلى بولمايدىغان رىئاللىق بولۇپ، مەيلى ئۇنۋىرسال قانال بولسۇن، سەنئەت قانلى بولسۇن ياكى ئىقتىساد تۇرمۇش قانلى، كېنو قانىلى بولسۇن بىر ئۆلكە دەرجىلىك تىلۋىزىىيەدە بولۇشقا تېگىشلىك پەرقىلەندۈرۈش ئاساسەن دىيەرلىك يوق؟ ئەجابا بىر راستىلا  مۇئاۋىن رەئىس شىداگاڭ چەتئەللىك مۇخبىرلارنىڭ سۇئالغا جاۋاپ بەرگەندە ئىيىتىپ ئۆتكەندەك ناخشا ئۇسۇل بىلەن ئالدىراش بولۇپ باشقا ئىشلارغا ۋاقىتىمىز يوق خەلىقمۇ ؟  ھۆرمەتلەتلىك شىنجاڭ تىلۋىزىىيسى رەھبەرلىكى سەنئەت ھەقىقەتەن مۇھىم، لىكىن قەدىنى رۇسلاش سەنئەتتىنمۇ مۇھىم!   ئەجىبا شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلىقى ئىقتىسادى ئۇچۇرلاردىن خەۋەردار بولۇش،  قانۇن تۈزۈم تەربىيەسىدىن بەھرىمان بولۇش ھوقۇقىدىن مەھرۇم قىلنىش كرەكمۇ؟  شىنجاڭ تېلۋىزىيەسنىڭ قانۇن تۇرمۇش قانلىنى خەنزۇ تىلىدىكى كېنو قانلى قىلىۋىلىش سىلەرنىڭچە خەلىقچىللىق تەربىيىسىگە ئۇيغۇن كىلەمدۇ؟  ئىككىنچىدىن: قارغۇلارچە پىراگىراممىلارنى ئۆزى ئىشلەشنى باھانە قىلىپ ياخشى پىراگىراممىلارنى خەنزۇچىدىن تەرجىمە قىلىپ ئىشلەشكە سەل قاراش.  شۇنداق شىنجاڭ تېلۋىزىيەسنىڭ سەنئەت پىراگىراممىلىىرنى ئىشلەش سەۋىيەسى ھەقىقەتەن ئۈستۈن، خالغان ۋاقتتا يېڭى سەنئەت سەھپىلىرنى ئاچالايدۇ، ئارتىسلارنى مەخسۇس زىيارەت قىلالايدۇ، لىكىن ئەڭ ئەجەللىك ئاجىزلىقى يۇقۇرى سەۋىيەلىك كەسپى ( ئىقىتساد، قانۇن دىگەندەك) تېىمىلاردىكى پىراگىراممىلارنى ئىشلەش ئىقتىدارى بىر ناھىيە دەرىجىلىك تىېلۋروزىيە ئاپاراتى سەۋىيەسىدە بولۇپ كىلىۋاتىدۇ. شۇڭا ھازىرىقى رىئالنى مەسىلە قانداق قىلىپ دىيارىمىزدىكى ھەر مىللەت خەلىقىگە زۆرۈر بولغان زۆرۈر ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا يەتكۈزۈش سىلەرنىڭ پىراگىرامما ئشىلەشتىكى ئالىي تاللىشىڭلار بولۇشى كىرەك.  يەنى مىسال قىلىپ ئۆتىدىغان بولساق مەركىزى تېلۋېىزىيە ئىستانسىسنىڭ 2- قانال ( ئىقتىساد)، 5- قانال ( تەنتەربىيە)، 7-قانال (ھەربىي دىھقانچلىق )،  10- قانال (پەن تېخنىكا )، 12- قانال ( قانۇن ) قاناللىرىدىكى نادىر نۇمۇرلارنى تەرجىمە قىلىپ بىرەسەڭلار تامامەن بولىدۇ. ھەم بۇنى قىلىشقا سىلەردە ئادەم كۈچى يېتەرلىك، يېتەرلىك بولمىغان تەقدىرىمۇ ئۈرۈمچى شەھىرىدىكى كەڭ زىياللىلارنىڭ سىلەرنى ئېمكانىيەت بىلەن تەمىنلەش ماغدۇرى بار.
        3. خادىم قۇبۇل قىلشتا ۋاقىتلىق ياللانما خادىملارنى ئىشلىتىشكە تايىنىۋىلىپ كەسىپى خادىيملارنى قۇبۇل قىلىشقا سەل قاراش. شاۋكەت ئېمىن ئەپەندى تېلۋزىرىيە ئېستانسىدىن ئايرىغاندىن بۇيان تېلۋىزىيە ئىستانسىسى زۆرۈر بولغان ئىقتىساسلىقلار قوشۇنى تەربىيلەشكە سەل قاراپ كەلدى، بۇنى نەچچە يىلىدىن بۇيان مۇھتاجىلىق ئىلىكىدە سىلەر بەرگەن تۆت تەڭگىگە رەسمىلىشىپ قېلىش ئۈممۈدى بىلەن سىلەرنىڭ ھەر نۆۋەتلىك ئۆلكە دەرجىلىك ئورگانغا ماس كەلمىگەن ئاز شىتات ئۈچۈن ئىمتىھانڭلارغا قاتناشقاچ ئىشلەپ تۇرۋاتقان ۋاقتىلىق خادىملىرىڭلارغا نەرەر سالغاندا سىلەرنىڭ نەقەدەر ئاسمان ئۆرۈلسىمۇ تېگىدە مانتا يەيدىغان بىغەملەردىن ئىكەنلىكىڭلارنى بىلمەك تەسكە توختىمايدۇ؟  ئوخشاش خىزمەتنى قىلىۋاتقان رەسىمى خىزمەتچڭلار بىلەن ياللانما خىزمەتچڭلار غا نىمە دەپ ئوخشاش ھەق بىرىلمەيدۇ؟ قورسقى تويمىغان، تۇرمۇشتىن خاتىرجەملىككە ئىرىشمىگەن ياللانما خادىملاردا قانداقمۇ خىزمەتكە نىسپەتەن ئەقىدە شەكىللەنسۇن؟  سىلەر ئۆز پەرزەنتىڭلارنىڭ ياللانما خادىم بولۇپ نەچچە يىل ئىشىلىشگە قاراپ تۇرالامسىلەر؟
      يۇقارقى 3 تۈرلۈك مەسىلگە قارتىا تۆۋەندىكىدەك تەكلىپ بىرىمەن:
1. تېلۋۇزۇر قاناللىرنى فونكىسيەسى بويىچە قايتا تەڭشەش.  ھەممىمىزگە مەلۇم مەركىزى تېلۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ پىراگىراممىللىرى ئاساسەن خەنزۇ تىلىدا ( چەت تىللاردا قاناللار بار) شۇنداق بولغانكەن، خەنزۇ تىللىق شىنجاڭلقىلارغا نىسپەتەن تەمىنلىۋاتقان ئۇچۇر بىر قەدەر يېتەرلىك بولغانلىقتىن، سىلەرنىڭ خىزمەت ئاساسى نۇقتاڭلار شىنجاڭ نوپۇسىنىڭ 60% نى ئىگەللەيدىغان ئۇيغۇر، قازاق قاتارلىق تىللاردا بولۇشى كىرەك. جۈملىدىن تەنتەربىيە قانلى، قانۇن- تۇرمۇش قانىلىنى ھىچ بولمىغاندا باللار قانلى ئەندىزىسى بويىچە قايتا تەشكىللەش كىرەك، شىنجاڭ تەنتەربىيسى، شىنجاڭ قانۇنچىلىقنىڭ ئھتىياجىنى شىنجاڭ تەنتەربىيسى، قانۇن ۋە پۇقرا دىگەندەك يتىم پىروگىراممىلار قاندۇرالمايدۇ.  
2.  سەنئەت نۇمۇرلىرى يېتەرلىك بولغانلىقتىن، مەن يۇقۇردا ئىيتىپ ئۆتكەن مەركىزى قاناللارنىڭ نادىر پىراگىراممىلىرنى كۆپلەپ تەرجىمە قىلىپ تارقتىپ خەلىقىمىزنىڭ تېىخمۇ ياتلىشىپ كېتشىنىڭ ئالدىنى ئىلىشتا ئۈنۈملۈك تەدبىر قوللۇنۇش كىرەك.  نىمىلا دىمىگەن بىلەن شىنجاڭنىڭ يەرلىك قانۇن تۈزۈمىلىرى ئىنتايىن چەكلىك،  باشقا ئۆلكىلەر بىلەن بولغان ئورتالىق، خالسلىقتىن نەچچە ھەسسە ئۈستۈن تۇرغان ئەھۋال ئاستىدا سىلەرنىڭ بىر نەچچە ئۇيغۇر جىنايەتچىنىڭ قانۇن بىلمەسلىكتىن كىلىپ چىققان، دىلو ئانالىز سەۋىيەسى چەكلىك بولغان، سوت ھۆكۈم قايىل قىلىش كۈچى ئاجىز بولغان، بىر نەچچە دىلونى ئاساس قىلىپ قانۇن تەربىيسى ئەمەس ئەخلاق تەربىيەسىدەك كىتۋاتقان پىراگىراممىلار ھەقىقەتەن زۆرۈر ئەمەس. بىزگە زۆرۈر بولغىنى قانۇندا نىمىنىڭ رۇخسەت قىلىندىغانلىقنى، نىمىنىڭ رۇخسەت قىلىنمايدىغانلىقنى ھەر خىل يوللار بىلەن يەتكۈزۈش، شۇنداق قىلغاندىلار سىلەر تەشۋىق قىلىۋاتقان پاجىئەلەرنىڭ قايتا يۈز بىرشنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ.  شىنجاڭ خەلىقىگە دۆلەتنىڭ قانۇنىنى ياخشى تەشۋىق قىلماي تۇرۇپ قانۇنغا خىلاپلىق قىلىدىڭ دەپ جازالاش مېنىڭچە قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىشنىڭ تەلېۋىگە ماس كەلمەيدۇ.  ئىتقسىادقا مۇناسىۋەتلىك پىراگىراممىلارمۇ دەل شۇنداق! يەنى ئەڭ تىز سۈرئەتتە خەلىقىمىزگە ئەڭ سەر خىل ئىتقىسادى ئۇچۇرلارنى يەتكۈزۈش، خەلىقنىڭ قانۇن، ئىقىتساد ئىڭىنى يېتلدۈرۈش كىرەك.
    3. مەخسۇس خادىم قوشۇننى يېتلدۈرۈش كىرەك.  ئاخبارات كەسپى ئالاھىدە سەزگۈرلۈكنى تەلەپ قىلىدىغان كەسىپ بولغاچقا، كەسپى خادىم تەربىيلەش ئالاھىدە مۇھىم ئورۇن تۇتىدۇ. بۇ نۇقتىدىن ئىيتقاندا ئىمكانقەدەر كەم بولغان ئىقتىساسلىقلارنى ئۇزاقتىن بۇيان ياللانما بولۇپ ئشىلەپ كىلىۋاتقانلارنى بىرنچى قەدەمىدە قۇبۇل قىلىش، مۇناسىۋەتلىك كەسىپ ئەھلىللىرنى ئالدىن قۇبۇل قىلش ئەندىزىسى بويىچە تولۇقلاش، ۋە مۇقىم بولغان ئىتقتىساسلىقلارنىڭ كىرىش ۋە چىقىش مىخانىزىمنى يېتىلدۇرۈش كىرەك.

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

563

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

真实姓名
تاھىر مۇئەللىم
تۆھپە
248
مۇنبەر پۇلى
315
ئىشەنىچ
248
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-31 19:17:54|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ياخشى تەكلىپ بوپتۇ

باھا سۆز

阿布力玉 ناھايتى ياخشى تەكلىپ بوپتۇ  يوللىغان ۋاقتى 2014-1-13 13:06

5

تېما

14

ئەگەشكۈچى

2910

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
ئەركمان
تۆھپە
989
مۇنبەر پۇلى
1750
ئىشەنىچ
989
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-31 20:10:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئالە شەرىڭنى!
دىلشاد ئەزىز ساۋاقداش، ئەمدى ئويلىنىدىغان چېغىڭىز يەتتى جۇمۇ، يېڭى يىلدا يېڭى ئاياغ كىيىپ يەنە كونا يولدا ماڭىدىغان بولسىڭىز ئايىقىڭىزغا پاتقاق چاچراپ كېتىدۇ!
كىم  كىمگە كىمنىڭ كىيىمىنى كىيدۈرۈدۇ؟

3

تېما

0

ئەگەشكۈچى

269

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
55
مۇنبەر پۇلى
210
ئىشەنىچ
55
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-31 23:25:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ ناھايىتى ياخشى تەكلىپ بولۇپتۇ. بولسا يەرلىك ئورۇنلادا يۈز بىرىۋاتقان بىر قىسىىم قانۇنغا، ئىنتىزامغا خىلاپ مەسىلىلەرنى ئاشكارىلاش تىپىدىكى خەۋەرلەر بىرلسە.

1

تېما

0

ئەگەشكۈچى

641

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
121
مۇنبەر پۇلى
519
ئىشەنىچ
121
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-1 00:50:00|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇربانى يوللىغان ۋاقتى  2013-12-31 23:25
بۇ ناھايىتى ياخشى تەكلىپ بولۇپتۇ. بولسا يەرلىك ئورۇنلا ...

تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى دېگەن ھۆكۈمەتنىڭ كەسپى تەشۋىقات ئورنى   بولغاندىكىن ، ئېلانلارنى ئۇنچە كۆپ   بېرىپ،پۇل  تېپىشقا قىزىقىپ،ئىقتىسادى جەھەتتىن  قەد كۆتىرىشكە ئورۇنمىسىمۇ بولىدۇ. چۇنكى ئۇلار  ئىقتىسادى  ئىشلارغا مەبلەغ سالىمىز  دېسە  ھۆكۈمەت مالىيىسىدىن يېتەرلىك  بېرىۋاتقاندىكىن  ،ئېلانلارنى ئۇنچە كۆپتۈرۈپ  بېرىپ،كۆرۈرمەنلەرنى تېلېۋىزىيە  نومۇرلىرىدىن بەسىندۈرمىسە  بولاتتىغۇ@؟ ياكى ئۇ كارخانا ئەمەس.

13

تېما

9

ئەگەشكۈچى

1499

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
735
مۇنبەر پۇلى
773
ئىشەنىچ
735
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-1 01:44:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توغرا قىزىق پىروگەىرامما ئارىسىدىكى ئېلانلارنى كوتىرول قىلسا بولتتى

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

174

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
74
مۇنبەر پۇلى
102
ئىشەنىچ
74
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-3 12:37:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭ تىلۋىزىيەئىستانى

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

174

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
74
مۇنبەر پۇلى
102
ئىشەنىچ
74
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-3 12:39:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىنجاڭ تىلۋىزىيەئى

138

تېما

3

ئەگەشكۈچى

6749

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

真实姓名
ئىلھام
تۆھپە
2297
مۇنبەر پۇلى
6072
ئىشەنىچ
2537

最佳新人活跃会员

يوللىغان ۋاقتى 2014-1-3 15:11:13|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ناھايتى ياخشى تەكلىپ ئىكەن ......ئەمما ‹‹ ئېلان ئارىسىغا كىنو قىستۇردىغان ››  بۇ مەسىلىنىڭ ھەل بولىشىدا خېلى گەپ بارغۇ دەيمەن،......

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

533

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
43
مۇنبەر پۇلى
491
ئىشەنىچ
43
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-3 19:01:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭبىر تەكلىۋىم ئـىـــــــۋۇ xjtw دىگەن خەتنى ئۇيغۇرچە (شېنجاڭ تېلىۋىزىيەئېستانسسى) دەپ يازسا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-3-13 15:35, Processed in 0.122121 second(s), 28 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش