تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 150|ئىنكاس: 0

چەكسىز ئىكەن مۇھەببەتنىڭ سىھرى كۈچى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

109

تېما

4

ئەگەشكۈچى

1109

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
ئازادجان ئىبراھىم
تۆھپە
167
مۇنبەر پۇلى
617
ئىشەنىچ
167
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چەكسىز ئىكەن مۇھەببەتنىڭ سىھرى كۈچى


ئازادجان ئىبراھىم


ھاياتلىقنىڭ چىن سىرىنى بىلەلەيسىز،
مۇھاببەتنى ماھيىتىدىن   چۈشەنسىڭىز.
يىتەلەيسىز گۈزەل ئارزۇ -ئارمانلارغا  ،
ئەقىدىگە، كۈيۈنۈشكە  ئىشەنسىڭىز.

بەخىت-ئامەت، خوشاللىقلا ھەمراھ ئىكەن،
مۇھاببەتنى مۇقەددەس دەپ بىلگەنلەرگە.
بىرىدىكەن كۆڭۈلسىزلىك ،پۇشايماننى،
شاختىن-شاخقا قونۇپ ئۇچۇپ  يۈرگەنلەرگە.

مۇھاببەت ئۇ،ئىنسان ئۈچۈن ئۇلۇغ ئىشتۇر،
تاھىر-زوھرە،پەرھات شېرىن مىسالىدۇر.
بىربىرىگە ۋاپادارلىق  كۆرسىتىشلا ،
ھەقىقى،ساپ ، مۇھەببەتنىڭ نىشانىدۇر.

مۇھاببەتنى چۈشىنىش قىيىن ئەمەس،
چۈشىنىشكە چىن ئەقىدە قىلسىڭىزلا.
چىن مۇھاببەت تەڭداشسىزدۇر بۇدۇنيادا،
مۇھاببەتنىڭ قىممىتىنى بىلسىڭىزلا.

بۇ دۇنيادا مۇھاببەتسىز ياشىغاننى،
ناپۇت قىلار ھامان بىر كۈن جەبرى-جاپا.
مۇھاببەتلىك تۇرمۇشتىن كىلەر پەقەت،
ئادەملەرگە خوشاللىق ،مىھرى ۋاپا.

ئاقىلنىڭ بېشى كۆككە تاقاشسىمۇ،
ئالدىڭدىن توغرا كېسىپ ئۆتمەيدىكەن.
ئۆچىدىكەن ھەرقانداق ئوت كۈيۈپ ھامان ،
مۇھاببەتنىڭ ئوت -يالقۇنى ئۆچمەيدىكەن.

قەدىرلىنىپ ئۆتىدىكەن بۇ دۇنيادا ،
توغرا بولسا ھەركىمنىڭ ئىش ھەركىتى.
مۇھاببەتنى ئۇلۇقلاپ ئۆتكەنلەرنىڭ ،
بولىدىكەن تاپقىنىنىڭ  ھەم بەركىتى.

بۇ دۇنيادا مۇھاببەتلىك ياشىغاننىڭ ،
راۋاج تېپىپ تۇرىدىكەن ھەر بىر ئىشى.
مۇھاببەتسىز ھېچكىم  گۈللەپ ياشنىمايدۇ،
چەكسىز ئىكەن مۇھاببەتنىڭ سىھرى كۈچى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-1-5 03:07, Processed in 0.104339 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش