- تىزىملاتقان
- 2013-7-10
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-12-31
- ھوقۇقى
- 20
- جۇغلانما
- 155
- نادىر
- 1
- يازما
- 26

- تۆھپە
- 49
- مۇنبەر پۇلى
- 90
- ئىشەنىچ
- 49
| مەن ئۈچۈن مانا بۈگۈنمۇ ئوخشاشلا بىركۈن ئىدى،سەۋەبى مەن ئۆمەككە بارسام يەنىلا مەن بىلەن پىتىشالمايدىغان،ئاشۇئەتىرەت باشلىقى ----ھە كەلدۇقما ھى ھى ھى كەلدۇق دەڭلا... قىنى تۈنۈگۈن مەن تاپىلىغان يىلىقى ئىش قانداق بولدى،جايدا ھەقاچان ھە ھى ھى بوپتۇ تىز تىز بولسۇن ھە نىمە ئىشقا بۇيرىسام ئامال بار تىز تىز بولسۇن. ئۇنىڭ مانا مۇشۇنداق كوتۇلداشلىرىنى ئاڭلىشىم تورغانلا گەپ،بۇنىڭغا مەنمۇ كۆنۈپكەتكەن ئىدىم چۈنكى ئۇ ئەتىمۇ،ئۆگۈنمۇ، ۋە مەڭگۈ مانا مۇشۇنداق كوتۇلداپلا ئۆتكىنى ئۆتكەن ئىدى. مەن ناشتىنى قىلىپ بولۇپلا ئۆمەككە ماڭدىم،يولدا كىتىۋىتىپ كاللامنى مۇنداق بىرخىيال چىرماپ باراتتى،نەچچەكۈننىڭ ئالدىدا،مەن بىردوستۇمنىڭ تۇغۇلغان كۈنىگە باردىم،دوستۇم ئۆزىگە ئاتاپ بىرناخشا ئىيىتىپ بىرشىمنى تەلەپ قىلدى،مەنمۇ ئىنىڭ تەلىۋىنى رەت قىلىشنى خالىماي،ئورنۇمدىن تۇرۇپ سەھنىگە چىقتىم،دوستۇم ماڭا يىلىقى {تۇرسۇنجان ئەخمەت} ئىجىراسىدىكى،تۇغۇلغان كۈنۈڭ دېگەن ناخشېنى ئىيىتىپ بىرىشىمنى تەلەپ قىلغان بولغاچقا،مەن دەل شۇناخشىنى ئىيىتتىم،ناخشىمۇ ئاياغلاشتى مەن سەھنىدىن چۈشۈپ تۇغۇلغان كۈنى بولغان دستۇمنىڭ قىشىغا كىلىپ ئولتۇردۇم،دوستۇم ماڭا رەھمەت ئىيىتىش يۈزسىدىن چوڭ بىرقۇچاق گۈلنى ماڭا سۇندېدە ھەمدە رەھمەت سىزگە،ناخشېنى ھەجەپ ياخشى ئىيىتتىڭىز بۈگۈن شۇنداق خوش بولدۇم سىزدىن،ئۇزۇن بوپتىكەن بۇ ناخشىنى ئاڭلىمىغىلى دېدىدە ماڭا بىرنى كۈلۈپ قويۇپ،ئارمىزنى 3 مىنۇتتچە جىمجىتلىق قاپلىدى،تۇيۇقسىز يان ئۈستەلدە ئولتۇرغان بىرسىنىڭ پارڭى قۇلۇقۇمغا چۈشۈپقالدى،ئۇ دەل مەن ئوقوغان ناخشا ئۈستىدە مۇلايىزە قىلىۋاتاتتى. ----ۋىيەي ئاداش مۇشۇنداق مودىدىن قالغان ناخشىلارنى ئىيىتىدىغان ناخشىچىلارمۇ بەرئىكەن ھە. -----ۋاي شۇنى بىردىگىنە ھەجەپ كەيپىم ئۇشتى. ----ئامال يوقتە........... ----ھازىر دىگەن مودىئالىزىم ۋاختى تۇرسا،ھازىر ناخشا دىگەننىچۇ تۈرۈكلەر،ئۆزبەكلەر،ھىندىستانلىقلارئوقۇپ قويىدۇجۇمۇ،نىمە ئۇ بىزنىڭ ناخشىچىلىرىمىزدىگەن»»» دىگىنىچە ئاغزىلىرنى خۇددى شاپاق يەپ چىشى قاماپ قالغان قىرى ئىنەكتەك قىلىپ پۇشۇلدۇشۇپ ئولتۇرماقتا ئىدى،مەن ئىچىمدە توۋا مۇشۇمۇ ئۇيغۇرقىزلىرى بولدىمۇئەمدى،ئەگەر مىنىڭ ناخشام ھەقىقەتەن كونىلىق بولۇپ قالغان بولسا باشقا ئۇيغۇر ناخشىچىلىېمىزنىڭ ناخشىسنى داڭلىسىمۇ بولاتتىغۇ،توۋا توۋا، تۇيۇق سىزموتسىكىلىتنىڭ سىگىنال ئۇرغان ئاۋازى خىياللىرىمنى چىچىۋەتتى بۇچاغدا مەنمۇ ئىدارگە كىلىپمۇ قالغان ئىدىم،مەن ئىشئورنۇمغا كىرىپ ئىشلارنى بىرقۇر كۆرۋىتىپ تۇرشۇمغىلا تىلىفۇنۇم سايراشقا باشلىدى، ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ---ۋەئەلەيكۇم ئەسسالام ئاداش قانداق ئەھۋالىڭ ئۆي ئىچى تىچلىق ئامان مۇ. بۇ ئاغىنەم ئەكبەر ئىدى. ئە ياخشى ئادەش ھەممىمىز ياخشى ھى ھى نىمە بۈگۈن يادىڭغا يىتىپ قالدىممۇ. ---ئۇنداقمۇ ئەمەس ئاداش شۇ سەل ئالدىراش بولۇپ قىلىپ تىلىفۇن قىلالمىدىم،بۈگۈن ئىشىڭ بولمىسا چۈشتىن كىيىن بىزنىڭ ئۆيگە كىلە. نىمىش قىلىمەن ئۆيۈڭدە. ---ئاۋال كەل ئاداش ئاندىن بىرنەچچە ئاغىنىلەرمۇ كىلىدۇ ھەممىمىز بىللە بىريەرگە بىرىپ ئولتۇرۇپ كىلىمىز. ھە بولىدۇ ئاداش مەن ماڭغاندا تىلىفۇن قىلىمەن. --- بولىدۇ ئاداش خوش ................ ئاغىنەم تىلىفۇننى قويۋەتكەندىنكىيىن مەن بۈگۈنكى قويىلىدىغان ئويۇننى ئورۇنلاشتۇرۋاتقاندىن كىيىن،تورخانىغا بىرىپ بىرە سائەتچە ئولتۇرۇپ كىلىشنى ئويلۇدۇمدە،يىقىنراق ئەتىراپتىكى بىر ئازادە تورخانىغا كىرىپ ئولتۇردۇم،مەن ئادەتتە تورغا چىقسام كۆپ ۋاخىتلاردا تەڭرىتاغ تورغا كىرىپ خەۋەر كۆرگەچ ناخشا ئاڭلاشنى ياخشى كۆرگەچكە،مانا بۈگۈنمۇ ئوخشاشلا،ناخشا ئاڭلىغاچ خەۋەر كۆرۈپ ئولتۇراتتىم،تۇيۇقسىز بىرقىزنىڭ خەنزۇچە. ---ۋۇ ئاناڭ،ئاچاڭ،سىڭلىڭ»»دىگەندەك ئادەم ئىغىزىغا ئالغىلى بولمايدىغان سەت تىل ئاھانەتلەربىلەن،بىرسىنى تىللا ۋاتقانلىقى ئاڭلاندى،كەينىمگە ئۆرلۈپ قارسام ئۇ 14 16 ياشلار دىكى ئۇيغۇر قىزى ئىدى، ئۇ ئەنە ئاشۇنداق سەت گەپلەرنى قىلغاچ يىنىمدىكى بىكار كومپىيوتېرغا كىلىپ ئولتۇردى،ھەمدە تىللاشتىن توختاپ تىلىفۇننى قويۋەتتى،ئاردىن نەچچە مىنىۇت ئۆتكەندىن كىيىن،كۆزۈم يىنىمدىكى كومپىيوتېرغا چۈشتى قاراپلا شۇنداق بىرغەزىۋىم تاشتىكى كۆزۈمگە ئىشەن مەيلا قالدىم،چۈنكى ئۇ قىز كامىرادا مەيدىسىنى ئىچىپ كۆرسىتىۋاتاتتى،مەن كۆزۈمنى دەرھاللا باشقا ياققا بۇرراپ ئولتۇردۇم،ھەمدە ئىچىمدە توۋا دىگىنىمچە ولتۇرۇپلا قالدىم،بىزنىڭ ئەجداتىمىز زادى كىم،بىز زادى كىمنىڭ نەسلى،بىززادى كىمنى دوراۋاتىمىز،بىزنىڭ كەلگۈسىمىزدىن،يانا ئۈمۈت بارمۇ دىگەنلەرنى ئويلۇدۇم،مانا مۇشۇنداق ئوي خىيال مىنۇتلىردا تۇيۇقسىز. --- ۋاي سەن بۇيەردە مىتىڭ ۋاي سەن جا......نى دىزدەپ بارمىغان يىرىم قالمىدى ھى ھى ھى تىخى سىنى بىرسىنىڭ ئاس.....قالغان ئوخشايدۇ دەپتىمەن»»»دىگىنىچە چاچلىرىنى ساپسىرىق بويىۋالغان 18 ياشلار ئەتىراپىدا يەنەبىرقىز كىرىپ كەلدى،بۇلار كۆرەشكەندىن كىيىن ئۆزلىرىنىڭ بازارلىرى ئۈستىدە پاراڭلاشقاندىن كىيىن ئىككىلىسى تورغا كىرىشىپ كەتتى،ئاردىن 5 6 مىنۇتلار ئۆتتى مەنمۇ قايتىدىغان بولۇپ ئورنۇمدىن تۇرغاچ يىلىقى سىرىق چاچلىق قىزنىڭ،كومپىيوتېرىغا كۆزۈم چۈشۈپ قالدى ئۇنىڭغا قاراپ ئەرۋايىم تخىمۇ ئۇچتىكى بىرىپلا ئۇ قىزنىڭ گىلىدىن بوغۇپلا ئولتۈرۋەتكىم كىلىپ كەتتى، ئۇ قىز بىرسى بىلەن پاراڭلىشىۋاتقان بولۇپ قارشى تەرەپ ئۇقىزغا ياخشى ئوقۇش ئاتا ئانىسنىڭ ئۈمۈدىنى ئاقلاش،توغۇرسىدا نەسھەت قىلغان ئىدى،لىكىن يىلىقى قىز بولسا ---ۋاي ئۆتەپ بىرڭە بىز نىڭ ھازىر ئوينايدىغان،ياشايدىغان،دەۋىرسۈردىغان،ۋاخىتىمىز ئەگەر بىرنىمىڭىز....سا يىنىڭىزغا 300 نى سىلىپ ياتاق ئىلىپ تىلىفۇن قىلىڭ مانا نۇمۇرۇم 155xxxxxxxx دىگىنىچە قارشى تەرەپنىڭ كامىراسىنى ئۈچۈردىدە قانداقتۇر بىرخىل دورلارنىڭ توربىتىنى ئىچىپ زىيارەت قىلىشغا باشلىدى،مەن ئۇقىزنىڭ تىلىفۇن نۇمۇرنى ئارقىسىدا تۇرۇپ ئوغۇرلۇقچە تىلىفۇنۇمغا كىرگۈزۈۋالدىم،ئاندىم سىرتقا چىقىپ بىر ئاش پۇزۇلغا كىرىپ تىلىفۇن قىلدىم ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ياخشىمۇ ىسز ---ۋاي ۋاي ۋالايكوم سالاي ھە جانىمنىڭ ئالدى كىمسەن»»»دىگىنىچە تىلىفۇننى ئالدى،مەن ئۆزۈمنى تۇتىۋالغان ھالدا بۈگۈن بىرۋاخ تاماقنى بىللە يىسەك سىزچە بولارمۇ، ---بولمامدىغان جانىم ۋا ئالامەت بولىدۇ جۇمۇ ھە دىگىنە نەدە ئۆزەڭ. مەن xxx تاماقخانىسىدا ---ھە بولىدۇ مانا ھازىرھە،مىنۇت ساقلا جانىم،تاكسىغا 5نى تاييارلاپ تۇراسەن ok ماڭدىم. مەن ئۇ قىز كەلگىچە،توۋا بۇ دۇنيا نىمە بوپ كىتىۋاتىدۇ،بىر كىچىككىنە قىز باشقىلار تىلىفۇن قىلىپ تاماققا چاقىرسا سىز كىممۇ دەپ سورماستىن جىنىم دەپ تىلىفۇننى ئىلىشلىرى،زادى نىمىنى چۈشەندۈردۈ،بىزدە يەنە شەرمى ھايا،ئۇيات،نۇمۇس،دىگەنلەر بارمۇ دىگەنلەرنى ئويلاپ ئولتۇرسام تىلىفۇنۇم سايراشقا باشلىدى،بۇ دەل ئاشۇ قىزدىن كەلگەن تىلىفۇن ئىدى،مەن تىلىفۇننى ئالمايلا ئاشخانا ئالدىغا چىقتىم،تاكسىمۇ يىقىنلا يەردە توختىغان ئىدى مەن تاكسىنىڭ پۇلىنى بىرۋەتكەندىن كىيىن. --- ۋاي سىز مىدىڭىز شۇنداق مەن ---مىنىڭ نۇمۇرۇمنى قانداق بىلىسىز سىزنى ئەتىن تخى تورخانىدا كۆرگەن ئىدىمغۇ مەن. ھە مەنشۇ ئاشۇ بىز مۇشۇنداق پاراڭلاشقاچ ئاشخانىغا كىردۇق. ھە نىمە يەيسىز ---مەن گۆش پولو يەي يەنە كاۋاپتىن 10 تال قويۇپ بەرسۇن ئە راس ئىككى پارچە شورپا ئىلىۋالايلى،يىلى ياتاقتا يەيمىز كۈتكۈچى تاماقلارنى تىزىملاپ بولغاندىنكىيىن قايتتى،مۇشۇ ئەسنادا مىنى ئاچچىق كۈلكە تۇتۇۋاتاتتى،توۋا توۋا مەن بۇقىزنى تاماق يىگەچ بىرئاز نەسھەرت بىرىپ قوياي دەپ چاقىرغان ئىدىمغۇ،مەنيە ئۇنداق مۇنداق گەپمۇ قىلمىغان،مەن بۇنداق قىزلاربىلەن ياتاقتا بىللە بولۇش ئەمەس كۆرسەممۇ تىنىم شۈركىنىدىغان تۇرسا،بوپتۇ ھازىرچە سىنىڭ ھىساپ، ---ۋۇي تاماق يىمەمسىز ھازىر تاماق يىمەي ھىلى ياتاقتا ئۇخلاپ بەرسىڭىز مەن ئۇنىمايمەن جۇمۇ. ياتاق؟ نىمە ياتاق. ---نىمە نىمە ۋاي بولدى بىلمەس بولىۋالماڭ ياتاققا ئاپارمىسىڭىز نىمىگە چاقىرغان مىنى؟سىز دىمىسىڭىزمۇ مەن بىلىمەن،تاماق يەيمىز ئاندىن ياتاققا بارمىز تىگىشلىك ھەققىمنى بىرسىز مەنمۇ سىزنى رازى قىلىمەن ئەتە ئەتتىگەن،خوشلىشىمىز. شۇok چۈشىنىشلىك بولغاندۇ؟دىدى-دە تامىقىنى يىگەچ مەن دەل ئۇنىڭغا تەنبىق تەربىيە بىرىشنىڭ پۇرسىتى كەلگەنلىكىنى بىلدىمدە، يامانكەنسىز! لىكىن خاتا چۈشۈنۈپ قاپسىز سىڭلىم، مەن سىزنى تاماققا چاقىرشىمدىكى سەۋەپ سىزدىن بىرنەچچە سۇئال سوراپ بىقىشلا خالاس. ---نىمە ؟نىمە سۇئال. سىز كىمنىڭ ئەۋلادى؟كىمنىڭ قىزى؟ئاتا ئانىڭىز كىم؟نەسلىڭىز نىمە ---ۋاي نىمە بىمەنە سۇئال بۇ،مەندىن بۇنداق سۇئاللارنى سورىماي كەشتە نەگە بىرىپ ئوينايمىز،قايسى دىباغا بارمىز،دەپ سوراڭە بولدى. كەچۈرسىز سىڭلىم مىنىڭ ئۇنداق دىبا،دىسكۇ،تانسا دىگەنلەردىن تەلىيىم يوق،ئۇنىڭ ئۈستىگە مىنىڭ ئۇنداق يەرلەربىلەن خوشۇممۇ يوق. --- ھە بوپتۇ ئەمىسە بىز تاماقنى يەپ بولۇپلا ياتاققا كىتەيلى،قارغاندا بەكلا قاغجىراپ قالغان ئوخشايسىز،بۈگۈن سىزنى ئوبدان بىر.... قوياي يەنە چۈشەنمىدىڭىز سىڭلىم. . ---نىمىنى چۈشەنمىدىم؟سىززادى نىمە دىمەكچى ئوش......... مىنىڭ ئەرۋايىم شۇنداق بىر تۇشتىكى ئاچچىقىمدا بىلىپ قىلىڭ قىز مەن سىزنىڭ تىنىڭىزنى دەپ بۇيەرگە چاقىرمىدىم،سىزدەك بىر ھەقلىنى،ئەسلى-ۋەسلىنى،ئاتا بوۋىسنى،شەرمى-ھايانى،ئەخلاق- پەزىلەتنى،ئادىمىيىلىك غورۇرنى يوقاتقان،بىز ئازغىننى ھەق يولغا قايىتسۇن دەپ چاقىردىم. ---ئوي ۋاي قانداقبىر ئادەم بۇ،تولا ئىچىمنى سىقماي يۇقۇلىڭە كۆزۈمدىن مەتۇ.}}} دىگىنىچە ئورۇندىن تۇردى،مەن ھىساۋەتنى قىلىۋەتكەندىن كىيىن ئۇقىزنىڭ ئارقىسىدىن قارسام ئۇ سەل يولنىڭ چىتىدىرەك تاكسى ساقلاپ تۇراتتى،مەن يەنە ئۇنىڭغا بولسا ئاتا-ئانىڭىزنىڭ ئۈمۈدىنى ئاقلاڭ،ئۇلارسىزدىن رازى بولسۇن دىيىشىمگىلا ---ۋاي نىمە دەيسەۋە ھىزلەك،بايىنىڭ ياقى بىرمۇنچە ۋاختىمنى ئالدىڭ،ئۇنىڭ گىپىنى قىلمىسام تىخى نىمە تولا گەپ قىلىسەن دىدى. مەن بۇگەپلەرنى ئاڭلىغاندىن كىيىن غەزەپ بىلەن ئۇنىڭ سۇل قۇلىقىنىڭ تۈۋىگە تولاپ بىرشاپلاق ئۇردۇم،ئادەملەر يىغىلدى،بىز ساقچى خانىغا ئىلىپ بىرىلدۇق،ساقچىخانىغا بارغاندىن كىيىن يىرىم سائەتچە ۋاخىت ئۆتتى،ئاردىن مىنى بىرسى ۋوي سەن بۇياققا كىرە،دپ چاقىردى،ئۇ دەل تەۋەلىك ساقچىسى ئىدى. ---ھە نىمە بولۇشتۇق؟ ئۇقىزنى نىمە ئۇردۇڭ؟ سىنىڭ نىمەڭ ئىدى ئۇقىز ئۇ مىنىڭ ھەقلىدىن ئازغان سىڭلىم. ---نىمە سىڭلىم؟ شۇنداق. ---ئۇ قىز سىنى تونىمايمەن دەيدۇغۇ؟ شۇنداق ئۇ ئەسلى ۋەسلىنى يوقاتقان تۇرسا مەندەك بىرئاكىسىنى قانداقمۇ تونۇسۇن. ---ئۇكا مىنىڭ ۋاختىمنى ئالماي قىلمىشىڭنى دە،مەنسەل ئالدىراش ئادەممەن. بىلىمەن مەن ئادەم ئۇردۇم دىمەك خاتاقىلدىم شۇڭا قانۇنى جاۋاپكارلىققا تارتىلىمەن،لىكىن ماڭائوخشاش،جاۋاپكارلىققاتارتىلىشنى خالايدىغان ئوغۇللىرمىزدىن يەنە نۇرغىنى بار،ئەگەر ئۇنداق بولمىغان بولسا بۈگۈنكى كۈندە ئىپپەتلىك قىزلارنى ئۇچىرات قىلىمۇ بولمىغان بولاتتى. ---ئۇكا سىنىڭ قىلغىنىڭلا گۇنا بولىۋەرمەيدۇ،قانۇننىڭ كۆزى بار، گۇناھ سىزغا ئۇۋال قىلمايدۇ،گۇناھ كارنى بوش قويمايدۇ،قىنى دەپپاققىنە. بولدى ماڭا تىگىشلىك جازايىمنى بەرسىڭىزلا بولىدى، ئاڭلايمەن دىسىڭىزبەكلا ئۇزۇن گەپ بۇ. ---ھە ھە دىگىنە مەن ئاڭلايمەن. مەن بولغان ئەھۋالنى بىرمۇ بىر دىگەن دىن كىيىن،يىلىقى ساقچى ماڭا كۈلۈم سىرەپ قاراپ. ---بولدى ئۇكا ئۇ قىزنىڭ قۇلىقى ئاڭلىماس بوپ قاپتۇ 1000 يۈئەن داۋالىنىش ھەققى تەلەپ قىلدى باشقا داۋا قىلمايدىگەن ھى ھى ھى نەخپۇل كىرەككەن.-دىدى مەنىلىك قىلىپ ! بولىدۇ مەن تۆلەي. ---بۇيەرگە قول قويۋىتىپ چىقىپ كەتسەڭ بولىدۇ خوش مەن كەتتىم سوجاڭ دىدىمدە بانكىغا ماڭدىم ---توختا ئۇكا بۇنىڭدىن كىيىن دىققەت قىلغىن ھە لىكىن ئىسىڭدە بولسۇن سىنىڭ سالغىنىڭ دەل جايىغا تەگكەن بىر شاپلاق ئۇ ساقچىنىڭ بۇ مەنىلىك گەپلىرىنى ئاڭلىغاندىن كىيىن كۈلۈم سىرگىنىمچە چىقىپ كەتتىم . مەنبە:ئۆز قەلىمىم |
|