تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 233|ئىنكاس: 9

ئىنسان كومېدىيىسى (9)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

7

تېما

0

ئەگەشكۈچى

233

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
47
مۇنبەر پۇلى
165
ئىشەنىچ
47
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
11

چاشقان
ئىشتىن چۈشۈپ بېكەتتە ئاپتوبۇس ساقلاپ تۇراتتىم، بىر چاغدا يولنىڭ گىرۋىكىدە بىر چاشقان پەيدا بولۇپ قالدى، ئۇ يولنىڭ ماشىنا مېڭىۋاتقان تەرىپىدىن ئۆزىنى قاچۇرۇپ بېكەتكە يېقىن جايدا خۇددى قاياققا مېڭىشىنى بىلمەۋاتقاندەك نەچچە قەدەم ئالدىغا ماڭغاندىن كېيىن يەنە قايتىپ كەلدى، ئۇنىڭ بۇ ھەركىتى بېكەتتىكىلەرنىڭ دىققىتىنى تارىتتى، ھەتتا يولدىن ئۆتۈپ كېتىۋاتقانلارمۇ قەدىمىنى ئاستىلىتىپ ھەيرانلىق ئىچىدە بۇ چاشقانغا قاراپ – قاراپ قويۇپ كېتىپ قالاتتى. چاشقان نەچچە مېتر دائىرە ئىچىدە يول گىرۋىگىنى بويلاپ ئالدىغا نەچچە قەدەم كەينىگە نەچچە قەدەم مېڭىپ يۈرەتتى.
بېكەتتە 5-6 ياشلار چامىسىدىكى بالىسى بىلەن ئاپتوبۇس ساقلاپ تۇرغان ئوتتۇرا ياشلىق بىر ئايال چاشقاننىڭ بۇ ھەرىكىتىنى كۆرۈپ بالىسىنىڭ قولىدىن يېتىلەپ بېرىپ چاشقانغا ھەيۋە قىلىپ بالىسى بىلەن بىللە چاشقاننى قوغلىدى، بىچارە چاشقان ئويلىمىغان يەردىن ھۇجۇم قىلىپ كەلگەن بۇ ئانا – بالا ئىككىسىدىن ھۈركۈپ قايسى تەرەپكە قېچىشنى بىلمەي قالدى، گەرچە ئانا – بالا ئىككىسى قوللىرىنى شىلتىپ ئۇنى قوغلىغان بولسىمۇ، ئۇ ھەرگىز يولدا كېتىپ بارغان ماشىنىلارنىڭ چاقى ئاستىغا ئۆزىنى ئاتمىدى، دەسلىۋىدە ھودۇققىنىدىن نىمە قىلىشنى بىلمەۋاتقاندەك قىلىپ گاھ ئالدىغا گاھ كەينىگە يۈگۈرگەن بولسىمۇ، بىر ئازدىن كېيىن ئۆزىنى ئوڭشىۋېلىپ يولنىڭ گىرۋىگىنى بويلاپ، ئۇدۇل ئالدىغا قاراپ قاچتى، بۇ جەرياندا ماشىنىلار ئۆتۈشۈپ كېتىۋاتقان تەرەپكە ھەرگىز يېقىن يولىمىدى، ئۇ ئانا – بالا ئىككىسى ئۇنى يەنە بىر ئاز قوغلىغاندىن كېيىن، ھاردۇق يەتتىمۇ ياكى ئۇلار ئارزۇ قىلغاندەك چاشقان ئۆزىنى ماشىنىنىڭ چاقى ئاستىغا ئاتمىدىمۇ، ئۇنى قوغلاشتىن يالتىيىپ بېكەتكە قايتىپ كەلدى.
چاشقان بىر مەيدان قوغلاپ تۇتۇشنىڭ ئاخىرلاشقىنى كۆرۈپ، خۇددى دېمىنى ئېلىۋالماقچى بولغاندەك يولنىڭ گىرۋىكىدە بىر ھازاغىچە جىم تۇردى، بۇ چاغدا ئۇ خۇددى بېكەتتە ئاپتوبۇس ساقلاپ تۇرغانلاردىن كېلىدىغان خەتەرنىڭ بار يوقلىقىنى كۆزىتىۋاتقاندەك ئىدى، ئۇ خېلىغىچە جىم تۇرغاندىن كېيىن، قۇيرۇقىنى دىڭ تۇتۇپ خۇددى شەھەر كوچىلىرىنى سەيلە قىلىۋاتقاندەك يەنە ئۇياقتىن بۇياققا مېڭىشقا باشلىدى. ئۇ بۇ چاغدا يەڭگىل نەپەس ئېلىۋاتقاندەك ئىدى. بېكەتتە تۇرغانلار ئۇنىڭ بۇ ئوينىشىنى تاماشا قىلىپ ئۇنىڭغا قاراپ تۇردى. بىر چاغدا بىر بالا نەدىندۇر تېپىپ كەلگەن تاياقنى كۆتۈرۈپ چاشقاننى ئۇرۇشقا باشلىدى، ئەمما ئۇ چاشقاننىڭ ھەرىكىتى چاققان بولغاچقا بالىنىڭ نەچچە قېتىم ئۇنىڭغا قارىتىپ ئۇرغان تايىقى ئۇنىڭغا تەگمىدى، گەرچە ئۇ چاققان ھەرىكەت قىلىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۆزىگە توغۇرلىنىپ كېلىۋاتقان تاياقتىن ھودۇقۇشقا باشلىدى، دەسلىۋىدە ھېلىقى ئانا – بالا ئىككىسىدىن قۇتۇلۇشقا ئىشلەتكەن يول بويىچە جېنىنىڭ بارىچە قاچتى، بىراق ئۇ بالىمۇ بوش كەلمەي تايىقىنى ھاۋادا پۇلاڭلىتىپ ئۇنىڭ كەينىدىن ئىز بېسىپ قوغلاپ كەلدى، چاشقاننىڭ بۇ قېتىمقى قوغلاپ تۇتۇشتىن قېچىپ قۇتۇلالمايدىغانلىقىغا كۆزى يەتتى، مۇشۇ چاغدا مەن كۆزۈمنى چىمىلدىتىشقىمۇ پېتىنالماي ئۇ چاشقانغا قاراپ تۇردۇم، كۆڭلۈمدە ” بۇ بىچارە چاشقان بۇ قېتىم تۈگىشىدىغان بولدى“  دەپ ئويلۇدۇم، بېكەتتە تۇرغانلارمۇ بويۇنلىرىنى سوزۇشۇپ ئۇ چاشقاننىڭ مىڭىسىنىڭ قېتىغىنىڭ چىقىپ كېتىشىنى كۆرۈشنى ساقلاۋاتقاندەك ئۇنىڭغا قاراپ تۇرۇشقان ئىدى.
بىر چاغدا نەگە مېڭىشنى بىلمەي قاپسىلىپ قالغان بۇ چاشقانغا يولدىكى يۇندا قۇدۇقى ئۇچراپ قالدى،بۇنى كۆرگەن چاشقان چەبدەسلىك بىلەن يۇندا قۇدۇقىنىڭ ئېغىزىدىكى تۈشۈكچىدىن كىرىپ كېتىپ كۆزدىن غايىپ بولدى.مەن ئۇھ“  دېگىنىمچە  يەڭگىل نەپەس ئالدىم،  ئادەملەر توپى ئىچىدىن بىرسى  ”ۋىي-ي-ي“ دەپ ۋاقىراپ تاشلىدى، يەنە كىملەردۇر خۇرسىنغان ھالدا ئېغىر نەپەس ئالدى، ھېلىدىن بېرى تايىقىنى كۆكتە پۇلاڭلىتىپ چاشقان قوغلاپ يۇرگەن ئۇ بالا ئاچچىغىدىن پوكاندەك قىزىرىپ كەتكەن بولۇپ، توختىماي ھاسىرايىتتى.
ئاپتوبۇس ساقلاپ تۇرغانلار ئىچىدە جىم –جىتلىك قايتا ھۆكۈم سۈردى، ھەر كىم ئۆز كاللىسىدا بايىقى خەتەرلىك كۆرۈنۈشنى خىيال قىلىپ، بىرسى نىمىلەرگىدۇ خۇرسىنسا، يەنە بىرى بىر نىمىلەرنى تەسەۋۋۇر قىلاتتى. بۇ چاغدا يولدا كېتىۋاتقان ماشىنىلارنىڭ شاۋقۇن – سۈرەنلىرى ھېچ كىمنىڭ قولىقىغا كىرمەيىتتى.
مۇشۇ چاغدا بىرسى توساتتىن:
ـــ قاراڭلار، ھېلىقى چاشقان يەنە تۇرىدۇ، ـــ دەپ ۋاقىرىدى، بۇ گەپنى ئاڭلاپ باياتىن بېرى خۇددى يېلى چىقىپ كەتكەن توپتەك سالپىيىپ قالغان بۇ ئادەملەرگە قايتىدىن جان كىردى، بەزىلەرنىڭ گۈلقەقەلىرى ئېچلىپ چىرايى ئاپتاپتەك يورۇپ كەتتى.
ھېلىقى چاشقان يۇندا قۇدۇقىدىكى قاراڭغۇلۇقتىن زېرىكتى بولغاي، ھېلىلا كىرىپ كەتكەن تۆشۈكتىن قايتىپ چىققان ئىدى، ئۇ بايىقى قورقۇنۇچلۇق مىنۇتلارنى ئسېىدىن چىقارغاندەك يولنىڭ گىرۋىكىدە ئۇياقتىن – بۇياققا مېڭىپ ئويناشقا باشلىدى، بىر چاغدا بېكەتتە ئاپتوبۇس ساقلاپ تۇرغانلاردىن ئىككىسى كېلىپ بىر –بىرىگە ماسلىشىپ ئۇنى قوغلىدى، بىرسى ئالدى تەرەپتىن، بىرسى كەينى تەرەپتىن قوغلىدى، بۇ قېتىم چاشقان ئۆزىگە قالدۇرۇلغان بۇ كىچىككىنە دائىرىدە ئىككى كىشىنىڭ قوغلىشىدىن ئۆزىنى قاچۈرۈپ جان –جەھلى بىلەن ئالدى – كەينىگە قاچتى، ئەمما ئۇنىڭ ئالدىدىمۇ كەينىدىمۇ يول قالمىغان ئىدى، شۇنداقتىمۇ ئۇ ئاشۇ كىچىكىنە دائىرىنى خۇددى ساراڭ بولغاندەك پىقىراۋەردى، ھېلىقى ئىككى كىشىمۇ بىر – بىرىگە يېقىنلىشىپ قورشاۋ دائىرىنى تېخىمۇ كىچىكلەتتى، ئەمدىلىكتە چاشقانغا ماشىنىلارنىڭ چاقىغا ئۆزىنى ئېتىشتىن باشقا يول قالمىغان ئىدى، شۇنداقتىمۇ ئۇ توختىماي يۈگۈردى، جېنىنىڭ بارىچە يۈگۈردى، ئەتراپتا تاماشا كۆرۈپ تۇرغانلار بۇ ئاجايىپ كۆرۈنۈشتىن ھوزۇر ئېلىپ چۇقان – سۈرەن سېلىشاتتى، ئۇلارنىڭ ئىچىدە نەچچىسىنىڭ كۆز چانىقى چاشقاننىڭ پىقىرىشىغا ئەگىشىپ پىقىرايىتتى.
بىر چاغدا ياندىكى ماشىنىدىن ئۆزىنى قاچۇرىمەن دەپ يولنىڭ گىرۋىكىگە قارىتىپ رول ئۇرغان بىر ماشنىدا تېز سۈرەتتە كەلگىنىچە چاشقاننىڭ ئۈستىدىن بېسىپ ئۆتۈپ كەتتى، چاشقاندىن چاچراپ چىققان قىپ -قىزىل قان ئۇنى ئىز بېسىپ قوغلاۋاتقان ھېلىقى ئىككى كىشىنىڭ ئىشتىنىنى بويىۋەتتى، ھېلىدىن بېرى ۋاڭ – چۇڭ كۆتۈرۈپ تاماشا كۆرىۋاتقان كىشىلەر قايناۋاتقان قازانغا سۇ قويغاندەك جىملا بولدى، ھېلىقى ماشىنا نىمە ئىش بولغانلىقىنى سەزمەستىن ئۇچقاندەك كېتىپ قالدى، بۇ چاغدا ھەممەيلەننىڭ كۆزى ماشىنىڭ چاقى ئاستىدا يەنچىلىپ يەرگە چاپلىشىپ كەتكەن ھېلىقى چاشقانغا چۈشتى، يەردە قۇچقاچتەك چوڭلۇقتىكى مويدىن باشقا ھېچ نەرسىنى پەرىق ئەتكىلى بولمايىتتى، ھەتتا قان دېغىمۇ كۆرۈنمەيىتتى.

2013-يىلى 12-ئاينىڭ 30-كۈنى         
كېچىنى يۇلتۇزلارغا قاراپ ئۆتكۈزسەم دەيمەن.

5

تېما

14

ئەگەشكۈچى

2580

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
ئەركمان
تۆھپە
877
مۇنبەر پۇلى
1532
ئىشەنىچ
877
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   Erkman تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-31 16:49  

ھوي ھۈرمىتى زىيادە قەدەم بۇرادەر، سىزگە بولسىمۇ ئۇچرىمىسۇنا شۇ چاشقان دېگەن كاساپەت! بۇ بىر يىلدا مەن چاشقان بىلەن مۆكۈشمەك ئويناپ چىقتىم، شۇنداق ئۆچ بولدۇمكى بۇ كاساپەتكە، ھەر قېتىمدا خۇددى بۇ كاساپەتتىن يېڭىلگىنىمدە بالامنىڭ <> نى دائىم كۆرۈۋېتىپ ئوت ئالالمايۋاتقان سوپەكتەك پىخىلداپ سىلكىنىشلىرى ئېسىمگە كېلىدۇ-دە، بىراقلا ئوت ئېلىپ قاھقاھلاپ كېتىمەن. مىجىپ ئۆلتۈرەي، دېسەم كىچىكىمدە مومامنىڭ «چىۋىنگىمۇ ئازار بەرمە» دېگەن تەربىيەتى ئېسىمگە كېلىۋالىدۇ ... بەزىدە بىر-ئىككى كۈن سىرتقا چىقىپ كېتىپ قايتىپ كەلسەم، چاچقاننىڭ كارىۋىتىمغا چىچىۋەتكىنىنى كۆرۈپ بەكلا خاپا بولۇپ كېتىمەن، يۇساممۇ پۇرىقى قېلىشىدىن ئەنسىرەپ كىرلىكلەرنى بىراقلا تاشلىۋېتىپ يېڭىسىنى ئالىمەن ... ئومۇمەن بۇ بىر يىل ھەم يېڭى بىر يىلدا چاچقان بىلەن مۆكۈشمەك ئوينايدىغان ئوخشايمەن ... يولدا ئاپتوبۇس ساقلاۋاتقان ئادەمنىڭ كۆزى نەدە بىرنېمىلەرگە چۈشىدىكەن داۋامىنى ئەمدى ئوقۇپ باقاي!
دەردىما، يارىم شەھەرچە سۆزلەر مەن  شەھەرچە بىلمەيمەن،
يارەبكى، ئۇنىڭ تىلى مېنىڭ   ئاغزىمدا بولسىكەن دەيمەن!
دەرىخا، يارىممۇ  ھەم گاچا-كېكەچ سەھراچە بىلمەستۇر،
جان ئاشىقىم تىلىڭ ئاغزىمدا بولسا كاشكى، دەب  تولغىنۇر!

5

تېما

14

ئەگەشكۈچى

2580

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
ئەركمان
تۆھپە
877
مۇنبەر پۇلى
1532
ئىشەنىچ
877
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
فرانسۇزچە تەسۋىر ... چاشقان تەسۋىرى بەك قىزىپتۇ ...
دەردىما، يارىم شەھەرچە سۆزلەر مەن  شەھەرچە بىلمەيمەن،
يارەبكى، ئۇنىڭ تىلى مېنىڭ   ئاغزىمدا بولسىكەن دەيمەن!
دەرىخا، يارىممۇ  ھەم گاچا-كېكەچ سەھراچە بىلمەستۇر،
جان ئاشىقىم تىلىڭ ئاغزىمدا بولسا كاشكى، دەب  تولغىنۇر!

5

تېما

14

ئەگەشكۈچى

2580

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
ئەركمان
تۆھپە
877
مۇنبەر پۇلى
1532
ئىشەنىچ
877
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىر نەرسىنى سېزىۋاتىمەن، بىزدە ئادەملەر ماشىنىدىن قورقماي سۈركىلىپ ئۆتۈشىدۇ، ئىۋۇ چاشقانچىلىك ئەقلى يوق، ماشىنىدىن ھېچ قورقۇشمايدۇ ...
دەردىما، يارىم شەھەرچە سۆزلەر مەن  شەھەرچە بىلمەيمەن،
يارەبكى، ئۇنىڭ تىلى مېنىڭ   ئاغزىمدا بولسىكەن دەيمەن!
دەرىخا، يارىممۇ  ھەم گاچا-كېكەچ سەھراچە بىلمەستۇر،
جان ئاشىقىم تىلىڭ ئاغزىمدا بولسا كاشكى، دەب  تولغىنۇر!

38

تېما

15

ئەگەشكۈچى

3353

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

真实姓名
Jackie
تۆھپە
1447
مۇنبەر پۇلى
1619
ئىشەنىچ
1447
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹بــىــچــارە چــــاشـــقــان›، ئۆلگېنى ياخشى بوپتۇ.
تۆت زىيانداشنىڭ بىرى بولغان چاشقاننى‹بىچارە› دېيىش پەقەتلا ئىدىيەمدىن ئۆتمەيۋاتىدۇ.

23

تېما

0

ئەگەشكۈچى

1169

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
مۇختەر نۇرمۇھەممەت
تۆھپە
350
مۇنبەر پۇلى
751
ئىشەنىچ
350
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەن ھىچ چۇشەنمىىدىمغۇ،قەلەم ساھىبى بۇ پارچا ئارقىلىق نىمە دىمەكچىكىنا،كونا يىلنىڭ ئاخىرلىشىشغا ئەگىشىپ،دوتلىشىپ كىتىپ بارامدىمەن  نىمە،چاشقان ئولىمىمۇ كىشلەردە ھىسدشلىق قوزغىتىدىغان بولۇپ كىتىپتۇ،بىزلەر شۇ ساچقانلارنى يوقۇتىمىز دەپ چاشقان دورىسى سىتىۋىلىپ ئاۋارە بولمىسا،

باھا سۆز

Erkman قىزچاق، ھېكايىدە چاشقان ئارقىلىق باشقا بىر مەئىناغا بىشارەت بېرىلگەن بولسا كېرەك!  يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا

7

تېما

0

ئەگەشكۈچى

233

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
47
مۇنبەر پۇلى
165
ئىشەنىچ
47
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دوستلارنىڭ چاشقاننىڭ زىيانداشلىقى توغۇرسىدىكى ئىنكاسىغا قوشۇلىمەن، ئەمما چاشقان تىببىي ساھەدە ئىنسانلار ئۈچۈن زور تۆھپىلەرنى قوشۇپ كېلىۋاتىدۇ، بىلەمسىزكىن تەجرىبىخانىلاردىكى چاشقانلار تولىمۇ قىممەتلىق،  بۇ جەھەتتە ئۇنىڭ ئورنىغا دەسسەيدىغان ئىككىنچى بىر جانلىق يوق!  ھازىرقى مۈشۈكلەر چاشقان تۇتماس بولۇپ قالدى، بۇنى ئۇنىڭغا ئىنسانلار شۇنداق ئۈگەتتى، بولمىسا ئەسلىدە چاشقان مۈشۈكنىڭ نىسىۋىسى ئىدى. "چاشقان" غا ئىنكاس يوللىغان دوستلارغا رەخمەت! ھەممىڭلارنىڭ يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! يېڭى بىر يىلدا ھەممىڭلارغا يېڭى مۇۋاپىقىيەت، يېڭى خۇشاللىق، يېڭى ئىلگىرلەش يار بولسۇن!
كېچىنى يۇلتۇزلارغا قاراپ ئۆتكۈزسەم دەيمەن.

7

تېما

0

ئەگەشكۈچى

233

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
47
مۇنبەر پۇلى
165
ئىشەنىچ
47
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي، دەرىجەم ئۆسۈپتۇ، قايسى كۈنى تېخى كۆنگەن ئەزا ئىدىم، ئەمدى قارىسام مەھەللە بېشى بوپتىمەن، بۇ ماڭا قىلىنغان يېڭى يىل سوغىسىمۇ  ياكى راستىنلا شۇنداقمۇ، توۋا، مۇنبەر دىگەن بەلەن جايكەن ئەمەسمۇ، ئادەمنىڭ دەرىجىسىنى گەپ قىلمايلا ئۆستۈرۈپ قويىدىكەن.
كېچىنى يۇلتۇزلارغا قاراپ ئۆتكۈزسەم دەيمەن.

5

تېما

14

ئەگەشكۈچى

2580

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
ئەركمان
تۆھپە
877
مۇنبەر پۇلى
1532
ئىشەنىچ
877
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاڭلا ئەتە ئالتۇن ئەزامۇ بولىسىز تېخى ...
دەردىما، يارىم شەھەرچە سۆزلەر مەن  شەھەرچە بىلمەيمەن،
يارەبكى، ئۇنىڭ تىلى مېنىڭ   ئاغزىمدا بولسىكەن دەيمەن!
دەرىخا، يارىممۇ  ھەم گاچا-كېكەچ سەھراچە بىلمەستۇر،
جان ئاشىقىم تىلىڭ ئاغزىمدا بولسا كاشكى، دەب  تولغىنۇر!

5

تېما

14

ئەگەشكۈچى

2580

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
ئەركمان
تۆھپە
877
مۇنبەر پۇلى
1532
ئىشەنىچ
877
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قەدەم يوللىغان ۋاقتى  2014-1-1 09:43
ۋاي، دەرىجەم ئۆسۈپتۇ، قايسى كۈنى تېخى كۆنگەن ئەزا ئىدى ...

دەرھەقىقەت، پاسكال ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ خىمىيە تەجرىبىخانىسىدا شۇنداق ساچقانلار بەك كۆپ ئىدى
دەردىما، يارىم شەھەرچە سۆزلەر مەن  شەھەرچە بىلمەيمەن،
يارەبكى، ئۇنىڭ تىلى مېنىڭ   ئاغزىمدا بولسىكەن دەيمەن!
دەرىخا، يارىممۇ  ھەم گاچا-كېكەچ سەھراچە بىلمەستۇر،
جان ئاشىقىم تىلىڭ ئاغزىمدا بولسا كاشكى، دەب  تولغىنۇر!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-1-5 03:07, Processed in 0.119445 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش