تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 851|ئىنكاس: 8

‹‹لياۋنىڭ›› ناملىق ئاۋىياماتكىدىكى شىنجاڭلىق قىز ئەسكەرلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

136

تېما

54

ئەگەشكۈچى

2662

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

真实姓名
نىجات نىياز ئېھسان
تۆھپە
593
مۇنبەر پۇلى
1586
ئىشەنىچ
593
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
‹‹لياۋنىڭ›› ناملىق ئاۋىياماتكىدىكى شىنجاڭلىق قىز ئەسكەرلەر  

  ‹‹لياۋنىڭ›› ناملىق ئاۋىياماتكىدا ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن شىنجاڭلىق بەش قىز يۇرتىغا قايتىپ كەلدى. دېڭىز – ئوكياندىن ئەڭ يىراق شىنجاڭدىن ئېلىمىزنىڭ ‹‹لياۋنىڭ›› ناملىق ئاۋىياماتكىسىغا بېرىپ، دېڭىز ئارمىيەسىدە خىزمەت ئۆتەش ئۇلار ئۈچۈن ئاجايىپ سەرگۈزەشتە.
   ھەربىي خىزمەت ئۆتەش جەريانىدىكى كەچمىشلىرىنى ئۇلارنىڭ ئۆزئاغزىدىن ئاڭلاپ باقايلى.
لۇ يەن
   يېقىندا ‹‹لياۋنىڭ›› ناملىق ئاۋىياماتكىدا ھەربىي سەپتىن چېكىنگەن تۇرسۇنگۈل مەمەت، مەرھابا دولقۇن، مەرھابا ئالىم، ئەقىدە ئوسمان، سۈبھىنۇر مەمەت بىلەن كۆرۈشتۈم. ئۇلار ئەمدىلا 20 ياشتىن ئاشقانىدى.
   ئۇلار بىلەن تۇنجى قېتىم كۆرۈشكىنىمدە بەكلا ھاياجانلاندىم، ياشلىق ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرغان، ئاددىي – ساددا، مۇلايىم بۇ شادىمان قىزلارنىڭ سۆز – ھەرىكىتىدە نامايان بولغان ئېغىر – بېسىقلىق ۋە سالاپەت مۇشۇ ياشتىكى ياشلاردا يوق دېيەرلىك ئىدى.
   ‹‹ھاياتىمىزدىكى ئەڭ قىممەتلىك تەجرىبە››
   ‹‹لياۋنىڭ›› ناملىق ئاۋىياماتكىدىكى كەچۈرمىشلەر بۇ بەش قىزنىڭ ھاياتىدىكى ئەڭ قىممەتلىك ئەسلىمە بولۇپ قالغان. ئۇلار ئېلىمىزنىڭ ئىختىساسلىقلار توپلاشقان ئاۋىياماتكىسىدا نۇرغۇن نەرسىلەرنى ئۆگىنىپ، نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتىپتۇ. ئۇلار ئاۋىياماتكىدا ئۆزلىرىگە شان – شەرەپ كەلتۈردى، ئىرادىسىنى چېنىقتۇردى، كېيىنكى ھاياتى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى.
   21 ياشلىق سۈبھىنۇر ئائىلىسىدە يالغۇز قىز بولۇپ، چىرايىدىن گۆدەكلىكى چىقىپ تۇراتتى، ئۇ شىنجاڭ مالىيە – ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ 1 – يىللىقىدا ئوقۇيدىكەن. سۈبھىنۇر: ‹‹تۇنجى قېتىم دېڭىزغا چىققىنىمىزدا، بېشىمىز قېيىپ بىرقانچە قېتىم قۇسۇۋەتكەنىدۇق، دېڭىز تۇرمۇشىغا كۆنگەندىن كېيىن، قۇسمايدىغان بولدۇق. <لياۋنىڭ>ناملىق ئاۋىياماتكىدىكىلەر ئېلىمىزنىڭ جاي – جايلىرىدىن كەلگەن، بىز ئىنتايىن كۆڭۈللۈك خىزمەت قىلاتتۇق، ئىلگىرى باشقىلار بىلەن پاراڭلاشقاندا، كۆرۈشكەندە بەكلا قورۇناتتىم، ھازىر باشقىلار بىلەن تەشەببۇسكارلىق بىلەن پاراڭلىشىدىغان بولدۇم، ئاتا – ئانام مېنىڭدىن بەكلا پەخىرلىنىدۇ، ھەربىي سەپتىكى ۋاقتىمدا ئۇلار ماڭا ھەمىشە ئىلھام بېرىپ كەلدى››، دېدى.
   ‹‹لياۋنىڭ›› ناملىق ئاۋىياماتكا ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن بۇ قىزلارنىڭ روھىي قىياپىتىدە زور ئۆزگىرىش بولۇپتۇ.
   24 ياشلىق مەرھابا ئالىممۇ ئائىلىسىدە يالغۇز قىز ئىكەن، ئاتىسى ھەربىي بولغاچقا، مەرھابامۇ ھەربىي سەپكە كىرىشنى ئارزۇ قىلغان ئىكەن. ئۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتكۈزگەندىن كېيىن، ئايروپىلان مۇلازىمەتچىسىلىك خىزمىتىدىن ئىستېپا بېرىپ، ھەربىي سەپكە كىرىشكە تىزىملاتقان ئىكەن. ئۇ: ‹‹مەن بەكلا ئەركە چوڭ بولغان، ئەسكەر بولۇپ چېنىقىش ھاياتىمدىكى ئەڭ گۈزەل كەچۈرمىشىم، بۇ كەچۈرمىشىم پىشىپ يېتىلىشىمدە مۇھىم رول ئوينىدى، ئالدىراقسانلىق قىلمايدىغان، ئۆزۈمنىڭ ئىشىنى ئۆزۈم قىلىدىغان بولدۇم››، دېدى.
   ئەقىدە مۇنداق دېدى: ‹‹شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئۆزۈمنىڭ خېلىلا ئۆزگەرگەنلىكىمنى ھېس قىلدىم، ئىلگىرى ئىشلارنى سۆرەلمىلىك بىلەن ئاستا قىلاتتىم، ھازىر كەسكىن قىلىدىغان بولدۇم. ئۆيگە قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئانامغا ياردەملىشىپ ئۆي ئىشلىرىنى قىلىشىپ بەردىم، ئاتا – ئانام بۇنىڭدىن بەك خۇشال بولدى. مەن قىسىمدا ئىشلارنى ئەتراپلىق ئويلايدىغان، ئىشلارنى قانداق قىلىشنى بىلىدىغان، مەسىلىلەرنى بىرتەرەپ قىلالايدىغان بولۇپ يېتىلدىم››.
   ‹‹لياۋنىڭ›› ناملىق ئاۋىياماتكىدىكى ھەربىيلىك ھاياتى ئۇلارنىڭ ياشلىق ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇپ، چوڭقۇر ۋە ئۇنتۇلغۇسىز ئەسلىمىلەرنى قالدۇرۇپتۇ، شۇنداقلا ئۇلارنىڭ پىشىپ يېتىلىشىدىكى زۆرۈر چېنىقىش پۇرسىتى بولۇپتۇ.
   شىنجاڭلىق بۇ شادىمان قىزلار قىسىمدا جىسمانىي جەھەتتىن چېنىقىپلا قالماستىن، روھىي ھالەت جەھەتتىمۇ زور ئۆزگىرىش ھاسىل قىلىپتۇ. ئۇلار بۇ جەھەتتە قۇرداشلىرىدىن خېلىلا ئىلگىرىلەپ كېتىپتۇ.
   ھازىر ئۇلار گۈزەل كەلگۈسى ئۈستىدە پىلان تۈزۈۋېتىپتۇ.
‹‹<لياۋنىڭ> ناملىق ئاۋىياماتكىدىن ئايرىلىشقا كۆزىمىز پەقەتلا قىيمىدى››
   ‹‹لياۋنىڭ›› ناملىق ئاۋىياماتكا ئىنتىزامى قاتتىق ھەربىي قىسىم بولۇپلا قالماستىن، سەپداشلار ئارىسىدا كۈچلۈك رىشتە ئورنىتىلغان ئىللىق ئائىلە. بۇ يەردىكى كىشىنى تەسىرلەندۈرىدىغان ئىشلار شىنجاڭلىق قىزلارنىڭ قەلبىدە چوڭقۇر ئورۇن ئالغان. ئىككى يىللىق ھەربىيلىك ھاياتىدا، ئۇلار ‹‹لياۋنىڭ›› ناملىق ئاۋىياماتكىدىكى باشلىقلار ۋە سەپداشلىرى بىلەن قېرىنداشلارچە مېھىر – مۇھەببەت ئورنىتىپتۇ.
   23 ياشلىق ئەقىدە ھازىر شىنجاڭ مالىيە – ئىقتىساد ئۇنىۋېرسىتېتى پۇل مۇئامىلە كەسپىنىڭ 2 – يىللىقىدا ئوقۇۋاتىدۇ، ئۇ: ‹‹ئاكام ھەربىي بولغاچقا، ھەربىي سەپكە كىرىشنى بەكلا ئارزۇ قىلاتتىم››، دېدى.
   ئەقىدە قىسىمغا بارغان ۋاقتىنى ئەسلەپ مۇنداق دېدى: ‹‹بىز ئائىلىمىزدىن تۇنجى قېتىم ئايرىلىپ، ئىنتايىن يىراق جايغا ھەربىي ۋەزىپە ئۆتكەشكە باردۇق، لېكىن، سەپداشلىرىمىز بىزگە سىڭىللىرىغا كۆيۈنگەندەك كۆيۈندى، مەلۇم بىر كۈنى بېشىم قېيىپ يىقىلىپ چۈشۈپتىمەن، كوماندا كاپىتانىمىز مېنى يۈدۈپ دوختۇرخانىغا ئاپىرىپتۇ››.
   مەرھابا ئالىم مۇنداق دېدى: ‹‹ئاغرىپ قېلىپ قىسىمنىڭ دوختۇرخانىسىدا داۋالانغىنىمدا بەنجاڭىمىز جاڭ شياڭ ماڭا ئىزچىل ھەمراھ بولۇپ قارىدى. چېچىمنى يۇماقچى بولسام، سۇ قۇيۇپ بەردى. مەن ناھايىتى تەسىرلەندىم. چۈنكى، ھازىرغىچە چېچىمنى ئاپاملا يۇيۇپ قوياتتى››.
   كۈچلۈك سەپداشلىق مېھرى ئۇلارنى بىرئائىلە كىشىلىرىدەك بىر – بىرىگە باغلىدى. شىنجاڭلىق بۇ قىز ئەسكەرلەر شىنجاڭدىن ئەۋەتىلگەن قۇرۇق ئۈزۈم، بادام قاتارلىق خاس مەھسۇلاتلار، ھاۋاسىزلاندۇرۇلۇپ ئورالغان پولۇ، ئۆپكە – ھېسىپ قاتارلىق تاماقلارنى سەپداشلىرى بىلەن بىرلىكتە يېدى.
   ئەقىدە: ‹‹سەپداشلىرىمىز پولۇغا قەۋەتلا ئامراق ئىدى››، دېدى.
   ئەقىدە مۇنداق دېدى: قۇربان ھېيت، روزى ھېيت كۈنى ‹‹لياۋنىڭ›› ناملىق ئاۋىياماتكا بەكلا قىزىپ كېتەتتى، رادىيودا بۇ ھېيتلارنىڭ قانداق بارلىققا كەلگەنلىكى، قانداق ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقى توغرىسىدا چۈشەنچە بېرىلگەندىن باشقا، ئۇيغۇرچە ناخشا – مۇزىكىلار قويۇلاتتى، بايرام كەيپىياتى ئالايىتەن ئۇيۇشتۇرۇلغان بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىدە ئەۋجىگە چىقاتتى. بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش پائالىيىتىدە سەپداشلىرىمىز بىلەن نۆۋەتلىشىپ ئويۇن قوياتتۇق. بىز مىللىيچە كىيىملىرىمىزنى كىيىپ، يۇرتىمىزنىڭ ناخشا – ئۇسسۇللىرىنى ئورۇنلاپ، يۇرتىمىزغا بولغان سېغىنىشىمىزنى ئىپادىلەيتتۇق، سەپداشلىرىمىز شىنجاڭنىڭ ناخشا – ئۇسسۇللىرىنى بەك ياخشى كۆرەتتى، ئۇلار بىزگە ئۇزاقتىن – ئۇزاق قىزغىن ئالقىش ياڭرىتاتتى.
   ‹‹ئاۋىياماتكىغا تۇنجى قېتىم چىقىپ، جۇڭگونىڭ ئىنتايىن بۈيۈك ۋە چوڭلۇقىنى ھېس قىلدۇق!››
   شىنجاڭلىق بۇ قىز ئەسكەرلەرنىڭ ‹‹لياۋنىڭ›› ناملىق ئاۋىياماتكىغا تۇنجى قېتىم چىقىپ، ئۇزاقتىن بۇيان تەشنا بولۇپ كەلگەن دېڭىزنى كۆرگەندىكى ھېسسىياتىنى تىل بىلەن تەسۋىرلەپ بېرىش قىيىن ئىدى.
   ھاياجانغا چۆمگەن بۇ قىزچاقلار: ‹‹ئەينى ۋاقىتتا، ئاۋىياماتكىغا چىقىپ دېڭىزنى تۇنجى قېتىم كۆرگىنىمىزدە، ۋەتىنىمىز جۇڭگونىڭ ئىنتايىن بۈيۈك ۋە چوڭلۇقىنى ھېس قىلدۇق››، دېيىشتى.
   2011 – يىلى 12 – ئايدا ھەربىي سەپكە كىرگەن بۇ قىزلار 2012 – يىلى 3 – ئايدا ‹‹لياۋنىڭ›› ناملىق ئاۋىياماتكىدا ماتروس بولغانىدى. ئۇلارنىڭ ئىچىدە مەرھابا ئالىملا ئالىي تېخنىكومنى پۈتكۈزگەن، قالغانلىرى مەكتەپتىكى ۋاقتىدا ھەربىي سەپكە كىرگەن ئىستۇدېنتلار بولۇپ، ئۇلار ھەربىي سەپتىن چېكىنگەندىن كېيىن ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرىدۇ.
   دېڭىز ئارمىيەمىزنىڭ ھەربىي فورمىسى ئاجايىپ ياراشقان بۇ قىزلار ئېلىمىزنىڭ مۇقىم قاناتلىق ئايروپىلاننى ئېلىپ يۈرەلەيدىغان تۇنجى ئاۋىياماتكىسىدا ۋەزىپە ئۆتەشنىڭ كىشىلىك ھاياتىدىكى زور بۇرۇلۇش ئىكەنلىكىنى شۇ چاغدىلا ھېس قىلغانىدى.
   تۇرسۇنگۈل بىلەن مەرھابا دولقۇن ھازىر شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئوقۇۋاتىدۇ.
   ئۇلار مۇنداق دېدى: ‹‹دېڭىزنى كۆرۈشكە بەكلا ئىنتىزار ئىدۇق، دېڭىزنى كۆرگەندىن كېيىن كۆڭلىمىز ئېچىلىپ، غەم – قايغۇ، ئەندىشىلىرىمىز تۈگىدى، بىر – بىرىمىزگە داۋاملىق تىرىشىشىمىز، غەيرەتلىك بولۇشىمىز كېرەك››،دەپ ھەمىشە مەدەت بېرىپ تۇردۇق.
   مەرھابانىڭ ئاتىسى دولقۇن ئاكا ھەربىي سەپكە قاتناشقان كىشى ئىكەن. شۇڭا، مەرھابا ھەربىي سەپكە قاتنىشىشنى، قىلىپ باقمىغان ئىشلارنى قىلىپ بېقىشنى بەكلا ئارزۇ قىلاتتىكەن. ئۇ: ‹‹تۇنجى نۆۋەتلىك ئاسىيا – ياۋروپا كۆرگەزمىسىدە پىدائىي بولغىنىمدا، لى كېچياڭ بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشكەنىدىم››، دېدى.
   ئۇلار ئەينى ۋاقىتتىكى گۈزەل ئەسلىمىلەر ئۈستىدە توختالغاندا چوڭقۇر ئويغا چۆمۈپ: ‹‹ئاۋىياماتكىدا ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن ۋاقتىمىزدا نۇرغۇن ئىش بىزگە ئۇنتۇلغۇسىز تەسىر قالدۇردى››، دېدى.
   تۇرسۇنگۈلنىڭ ئاتىسى قىزىنىڭ ئەسكەر بولۇشىنى بەكلا ئارزۇ قىلاتتىكەن. شۇڭا، تۇرسۇنگۈلنىڭ ئارزۇيى ئەمەلگە ئاشقاندا ئاتىسى چوڭقۇر مۇھەببەت بىلەن: ‹‹نۇرغۇن قىز ئارىسىدىن ھەربىي سەپتە ۋەزىپە ئۆتەشكە تاللانغانلىقىڭىز ئاسان ئىش ئەمەس، شۇنچىۋالا ئايال ئەسكەر ئارىسىدىن دېڭىز ئارمىيەسىدە، يەنە كېلىپ <لياۋنىڭ> ناملىق ئاۋىياماتكىدا ۋەزىپە ئۆتكەشكە تاللانغانلىقىڭىز ھەقىقەتەن ئاسان ئىش ئەمەس. شۇڭا، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ياراملىق ھەربىيلەردىن بولۇشقا تىرىشىڭ›› دېگەن.
   ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ قوللىشى بىلەن تۇرسۇنگۈلنىڭ ئىرادىسى تېخىمۇ چىڭىپتۇ. تۇرسۇنگۈل ‹‹لياۋنىڭ›› ناملىق ئاۋىياماتكىدا شىنجاڭلىق باشقا قىز ئەسكەرلەرگە ئوخشاش، كەسپىي بىلىملەرنى قېتىرقىنىپ ئۆگىنىپ، تىرىشىپ مەشىق قىلىپ، يېڭى خىزمەت، تۇرمۇش مۇھىتىغا ئىمكانىيەتنىڭ بارىچە تېز ماسلىشىپتۇ.
   كەسپىي ئۆگىنىش ئۇلار دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىق ئىكەن، ئۇلار بۇ جەھەتتىكى بىلىملەرنى مەكتەپتىكى چېغىدا پەقەتلا ئۆگىنىپ باقمىغاچقا، ھەممىنى قايتىدىن باشلاپتۇ. جاسارەتلىك، ئىرادىلىك بۇ قىزلار قىيىنچىلىققا قەتئىي تىز پۈكمەپتۇ. ئۇقمىغانلىرىنى بەنجاڭىدىن سوراپتۇ، بەنجاڭىمۇ ئىنتايىن سەۋرچانلىق بىلەن بىرمۇبىر ئۆگىتىپتۇ.
   مەرھابا دولقۇن مۇنداق دېدى: ‹‹كەسپىي بىلىملەرنى ئۆگىنىش بىز دۇچ كەلگەن ئەڭ چوڭ قىيىنچىلىق ئىدى، بۇجەھەتتىكى بىلىملەرنى مەكتەپتە پەقەتلا ئۆگىنىپ باقمىغانىدۇق. سەپداشلىرىمىز بىزگە تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياردەم بەردى، ئائىلىمىزدىكىلەرمۇ بىزنى ھەر ۋاقىت ئىلھاملاندۇرۇپ تۇردى. شۇڭا، سىناقلارغا بەرداشلىق بېرىپ، تاپشۇرۇلغان ۋەزىپىلەرنى كۆڭۈلدىكىدەك ئورۇندىدۇق››.
   ئېلىمىزنىڭ ‹‹لياۋنىڭ›› ناملىق تۇنجى ئاۋىياماتكىسى 2012 – يىل 9 – ئاينىڭ 25 – كۈنى دېڭىز ئارمىيەمىزنىڭ ئىشلىتىشىگە رەسمىي ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەينى ۋاقىتتىكى باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئۆتكۈزۈپ بېرىش – ئۆتكۈزۈۋېلىش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاۋىياماتكىنى كۆزدىن كەچۈردى، شىنجاڭلىق بۇ قىزلار ‹‹لياۋنىڭ››ناملىق ئاۋىياماتكىدىكى تۇنجى تۈركۈمدىكى قىز ئەسكەرلەر بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ تارىخىي دەقىقىلەرگە شاھىت بولدى.
   مەرھابا دولقۇن مۇنداق دېدى: ‹‹25 – سېنتەبىر رەئىس خۇ جىنتاۋنى تۇنجى قېتىم كۆردۇق، رەئىس خۇ جىنتاۋ مەن بىلەن قول ئېلىشىپ كۆرۈشۈپ، <قەيەردىن كەلدىڭىز؟> دەپ سورىدى. مەن: <ئۈرۈمچىدىن كەلدىم>، دەپ جاۋاب بەردىم. رەئىس خۇ جىنتاۋ: <ئەسكەر بولغىنىڭىزغا قانچىلىك ۋاقىت بولدى>، دەپ سورىغاندا، <بىر يىل بولۇپ قالدى>، دېدىم. رەئىس خۇ جىنتاۋ: <سىلەر تۇنجى تۈركۈمدىكى ئۇيغۇر قىز ماتروسلار، تېخنىكىنى ئوبدان ئىگىلەپ، ياخشى ئىشلەڭلار>، دېدى. مەن: <بىز جەزمەن تىرىشىمىز، رەھمەت باشلىق>›› دېدىم.
   شىنجاڭلىق بۇ بەش قىز ئەسكەر 2013 – يىلى 11 – ئايدا ‹‹لياۋنىڭ›› ناملىق ئاۋىياماتكىدا ‹‹مۇنەۋۋەر ئەسكەر›› بولۇپ باھالاندى.
   ‹‹رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن كۆرۈشكەن ئاشۇ كۈنى مېنىڭ تۇغۇلغان كۈنۈم ئىدى››
   مەرھابا دولقۇن مۇنداق دېدى: ‹‹رەئىس شى جىنپىڭ بۇ يىل 28 – ئاۋغۇست ‹‹لياۋنىڭ››ناملىق ئاۋىياماتكىنى كۆزدىن كەچۈردى. ئاشۇ كۈنى سىم – سىم يامغۇر يېغىۋاتاتتى، بىز ئورنىمىزدىن خېلى بۇرۇنلا تۇرۇپ، تەييارلىق خىزمەتلەرنى ئەستايىدىل ئىشلىدۇق، دۆلەت رەئىسىنى يېقىن ئارىلىقتىن كۆرىدىغان بولغاچقا، بەكلا ھاياجانلىنىپ كەتكەنىدۇق››.
   تۇرسۇنگۈل ‹‹لياۋنىڭ›› ناملىق ئاۋىياماتكىدىكى كەچمىشلىرىنى ئەسلەپ: ‹‹ئاشۇ كۈنى تۇغۇلغان كۈنۈم ئىدى، تۇغۇلغان كۈنۈمنى تۇنجى قېتىم دېڭىزدا ئۆتكۈزدۈم، كەچتە يۈزدىن ئارتۇق سەپدىشىم <لياۋنىڭ>ناملىق ئاۋىياماتكىدا تۇغۇلغان كۈن ناخشىسىنى ئېيتىپ، تۇغۇلغان كۈنۈمنى تەبرىكلىگەندە، تەسىرلىنىپ كۆزۈمگە ياش ئالدىم. ئاشۇ كۈنى بەكلا ھېرىپ كەتكەن بولساممۇ، ئۆزۈمنى ئىنتايىن بەختلىك ھېس قىلدىم››، دېدى.
  تۇرسۇنگۈل مۇنداق دېدى: ئاشۇ قېتىمقى تۇغۇلغان كۈنۈم ئىنتايىن ئۆزگىچە ئۆتتى، كەچتە ياتاققا قايتقاندىن كېيىن، كۈندىلىك خاتىرەمگە: ‹‹بۈگۈن يېنىمدا ئاتا – ئانام بولمىسىمۇ، بەكلا ھاياجانلاندىم، چۈنكى، بۈگۈن رەئىس شى جىنپىڭنى يېقىن ئارىلىقتىن كۆردۈم، سەپداشلىرىم تۇغۇلغان كۈن ناخشىسىنى ئېيتىپ، ماڭا بەخت تىلىدى، بۈگۈن 21 ياشقا كىردىم، بۇ قېتىمقى تۇغۇلغان كۈنۈم يادىمدىن مەڭگۈ چىقمايدۇ››، دەپ يازدىم.
   ئۇ: ‹‹مەن ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىسىدىن دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ ئەسكىرى بولغان ئاشۇ كۈندىن باشلاپ، ئىلگىرىكى جاپا – مۇشەققەتكە ئانچە چىدىمايدىغان ئەركە مىجەزىمنى تۈگىتىپ، مۈشكۈل ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالالايدىغان، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ئەسكەر بولۇشقا تىرىشتىم. دۆلەت ئۈچۈن بىركىشىلىك تۆھپە قوشالىغانلىقىمدىن ئىنتايىن پەخىرلىنىمەن›› دېدى.

76

تېما

28

ئەگەشكۈچى

7225

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
2630
مۇنبەر پۇلى
3131
ئىشەنىچ
2630
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
« لىياۋ نىڭ » ناملىق  ئاۋياماتكىدا ۋەزىپە ئۆتۇۋاتقان شىنجاڭلىق قىزلار بىزنىڭ پەخرىمىز.  ئۇلار ۋەتەن، خەلق ئۇچۇن  نى-نى خىزمەتلەرنى قىلالايدۇ.

6

تېما

0

ئەگەشكۈچى

674

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
310
مۇنبەر پۇلى
388
ئىشەنىچ
310
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
« لىياۋ نىڭ » ناملىق  ئاۋياماتكىدا ۋەزىپە ئۆتۇۋاتقان شىنجاڭلىق قىز تۇرسۇنگۈل مەمەت، مەرھابا دولقۇن، مەرھابا ئالىم، ئەقىدە ئوسمان، سۈبھىنۇر مەمەتلەر بىزنىڭ پەخرىمىزدۇر،ئۇلار ۋەتەن، خەلق ئۇچۇن شان-شەرەپ كەلتۈردى،بىزنىڭ ئۈلگىمىزدۇر .

5

تېما

25

ئەگەشكۈچى

5034

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
2027
مۇنبەر پۇلى
2461
ئىشەنىچ
2027
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
«لياۋنېڭ» ناملىق ئاۋىئاماتكىدا خىزمەت قىلغان ئۇيغۇر قىز ئەسكەرلەر
بىزنىڭ پەخرىمىز، بۈگۈنكى ياشلىرىمىزنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىسى.

3

تېما

3

ئەگەشكۈچى

647

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

真实姓名
نازدىل
تۆھپە
396
مۇنبەر پۇلى
255
ئىشەنىچ
396
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
پەخرىمىز سىلەر قىزلار.........ئىزىڭلاردىن گۈل ئۈنسۇن قىزلار،،،،،،،بارىكاللا ،،،،،،،

187

تېما

7

ئەگەشكۈچى

5690

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
2888
مۇنبەر پۇلى
2230
ئىشەنىچ
2888
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  شۇنداق سەھنە بۇلسا بىزدىمۇ ئاجايىپ ئۇغلان،قىزلىرىمىز چىقىدۇ،،

1

تېما

0

ئەگەشكۈچى

51

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
11
مۇنبەر پۇلى
37
ئىشەنىچ
11
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇلار باشتىن ئاخىرى قوي گۆشى كىگەنمىدۇ ؟؟ كالىنىڭكىنىمۇ ؟؟ تاقا تۇقا سوراپ باقاي

5

تېما

14

ئەگەشكۈچى

836

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

真实姓名
مەلىكە مەتتوختى
تۆھپە
255
مۇنبەر پۇلى
444
ئىشەنىچ
255
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 22:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاھ   نىجات ئۇكام   قىزلار بىلەن تازا ئۇزۇن  پاراڭلىشىۋاپسىزدە
چاخچاق جۇمۇ  سىزنىڭ مۇشۇنداق جاپادىن قوقماي ئىزدىنىپ ياخشى خەۋەر ماقالىلەر بىلەن  تەمىن ئەتكىنىڭىزگە رەخمەت
سۈرەتتىكى دۇنيا ئەڭ گۈزەل دۇنيا...

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

108

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
59
مۇنبەر پۇلى
50
ئىشەنىچ
59
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 23:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   1008 تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2014-1-4 23:26  

  ھەممە ئادەم پەخىرلەنگۈدەك بۇنداق قىزلىرىمىز  يەنىمۇكوپرەك بولغان بولسا  نىمە دىگەن ياخشى بولاتتى ھە ، مەنمۇ ئىزدەپ بېرىپ زىيارەت قىلاتتىم،  ياشاپكەت  ئەزىمەتلەر.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-1-5 03:14, Processed in 0.118697 second(s), 23 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش