تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 1762|ئىنكاس: 20

ئابدۇللانىڭ ئۆلۈم ئالدىدىكى ۋىدالىشىش خېتى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

0

ئەگەشكۈچى

32

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
4
مۇنبەر پۇلى
22
ئىشەنىچ
4
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابدۇللانىڭ ۋىدالىشىش خېتى

بۇ خەت "ئۇچ ۋىلايەت ئىنقلابى " مەزگىلىدە ،جېڭ ئۇرشىدا يارىدار بۇلۇپ قۇربان بۇلغان جەڭچى ئابدۇللامنىڭ ئۆز ئانىسىغا يازغان خېتى . بۇ خەتنى ئابدۇللام ئىغىر يارلىنىپ پولك دوختۇرخانىسىدا ياتقاندا يوقلاپ بارسام ، ئانىسىغا يەتكۇزۈپبىرىشنى ئۆتۈنۈپ ماڭا تاپشۇرغانىدى.
خەتتە مۇنداق يىزىلغان :
مەن ئۇچۈن ئەڭ قىممەتلىك بۇلغان مىھرىبان ئانا ، سىنى سېغىنغىنىمنى تىلغا ئالسام قېشىڭغا ھازىرلا قانات چىقىرىپ ئۇچۇپ بارغۇم كېلىدۇ .لېكىن بىز دۇشمەن بىلەن ئۇرۇشۇۋاتىمىز ، خەلىقنىڭ دۇشمىنى يۇقىتىپ، خەلىقنى ئازات قىلماي تۇرۇپ ، ئەلۋەتتە بارالمايمىز . جىنىم ئانا ، سىنى يالغۇز تاشلاپ قۇيدۇم ،  كۆزلىرىمدىن ئۇچۇپ كەتتىڭ ، سېنىڭ ماڭا ئېسلىپ يىغلاپ ، باشلىرىمنى سىلاپ باتۇر بول قوزام ، مەن يالغۇز ئەمەس  كۆپچىلىك بىلەن بىرگە ، دەپ سۆيۇپ ئۇزاتقىنىڭ كۆز ئالدىمدىم نىرى كەتمەيدۇ  . ئانا ، مەن بىر نەچچە سەپداشلىرىم بىلەن ئەتە دۈشمەن پوتىيىنى پارتىلتشقا بارىمەن   . جىنىم ئانا ، ئۇرۇش دېگەن يا ئۆلۈم - يا كۆرۈم ، ئۇرۇش دېگەن قان تۆكۈش  ،  بىزنى چۈشىنىسەن . ئەگەر قايتىپ كېلەلمىسەم ، ئۆزۈڭنى ئۇرۇو ، كۆكسۈڭنى چاك ئېتىپ ، چاچلىرىڭنى يۇلۇپ يىغلىما  ، ئۆزۈڭنى تۇتىۋال  . جىنىم ئانا  ، مەن ئۆلۈپ كەتسەم سەن ئارزۇلىغاندەك باتۇرلۇق ئۆلىمەن . كۆڭلۈڭنى  بۇزما ساڭا ئاتاپ بىر نەچچە كوپلىت شېئىر يازغانىدىم . بۇ بەلكىم ھاياتىمنىڭ ئاخىرىدىكى يۈرەك سۆزلىرىم بۇلۇپ قالار ،  بۇ شېئىرىم ساڭا تەسەللى بۇلۇپ قالار :

ئانىجان يادىمدا بار ،
تىنماي ئازاپ چەككەنلىرىڭ .
كېچىلەر ئۇخلىماي ،
ئاق سۈت بىرىپ باققانلىرىڭ .

ئون سەككىز ياشىمغىچە ،
شەربەت بىرىپ باقتىڭ مىنى.
رازى بولغىن جان ئانا ،
ئەمدى كۆرەلمەيسەن مىنى .

چۈنكى مەن دۈشمەن بىلەن ،
مەيدانىدا جەڭ قىلغان ئىدىم .
ئۆپلىرىنى ئۆلتۈرۈپ ،
كۆكرەككە ئوق يىگەنىدىم .

يىغلىما جانىم ئانا ،
جايدا باردۇر بىر ئۆلۈم .
چۈنكى ئېچىلماي توزىدى ،
ئون گۈلۈمدىن بىر گۈلۈم .

خەيرى خۇش ئانا ، ئۆلۈپ كەتسەم بۇ خېتىم ساڭا بىر ئۆمۈر تەسەللى . ھايات قالسام ، ساق-سالامەت كۆرۈشەر مىز .ئەمما ، مەن ئۇغۇللۇق بۇچۇمنى جەزمەن ئادا قىلمەن . ئانا ، بۈگۈن چۈشۈم بۇزۇلۇپ قاپتۇ . چۈشۈمدە دادام چاقىرغۇدەك ، يۈگۈرۈپلا چىقسام ، قۇلۇمدىن يىتىلەپ قاراڭغۇ تار كوچىغا ئەكەتتى . ھاياتىمنىڭ ئەڭ ئاخىرقىسىدا خەت ئارقىلىق سېنىڭ مېھىر - شەپقەت يېغىپ تۇرغان سۆيۈپ :
خەت يازغۇچۇچى ئوغلۇڭ : ئابدۇللام 1945  - يىلى 7- ئاي

مېنىڭ بۇ خەتنى تۇتۇپ تۇرغان قۇللۇرۇم ئىختىيارسىز ھالدا تىتىرەپ كەتكەنىدى . مەن چۇڭقۇر بىر ئۇھ تارتىمدە-  دە ، يانچۇقۇمدىن قول ياغلىقىمنى ئېلىپ كۆزلىرىمدىكى ياشنى سۈرتتىم.......< مەن چوقۇم بۇخەتنى ئابدۇللامنىڭ ئانىسىنى تىپىپ ئۆز قۆلىغا تاپشۇرىمەن > دېدىم ئۆز-ئۆزۈمگە  ، ئاندىن ئولتۇرۇپ بىر ئورام موخوركىنى چەكتىم .
خىيالىم ئاللىقاياقلارغا كەتكەنىدى........< مەن ئەمدى ئابدۇللامنىڭ  ئانىسىغا يازغان يازغان خىتىنى ئاپىرىپ بىرىمەن . ئۇ ئانا مىنىڭ بوينۇمغا ئېسىلىپ يىغلايدۇ . بالام قىنى ، مىنىڭ قوزام قىنى، ئۇ نىمىشقا سىزبىلەن بىللە قايتىپ كەلمىدى دەيدۇ ، مۈرىلىرىمگە ئۇرۇپ ، كۆزلىرىمگە تەلمۇرۇپ تۇرۇپ يالۋۇرۇپ تۇرۇپ بالىىسىنى
سۇرايدۇ ، بۇ ئىچىنىشلىق مەنزىرىگە قانداقمۇ بەرداشلىق بەرگىنى بۇلار ؟ ئەي بىچارە ئانا ، راست ئۇ سىنىڭ باغرىڭنى يىرىپ تۇغۇلغان پەرزەنتىڭ ئەمەسمىدى....> بۇلارنى ئۇيلاپ پۈتۈن ھۇجۇدۈمنى بىر ئازاپلىق خىيال چىرمىۋالدى .
ماناس دەرياسىدىن قايتقاندىن كىيىن ......                  
بىر كۇنى ئابدۇللامنىڭ رۇتىسىدىن بىر كادىرنى باشلاپ ھېلىقى خەتتە يىزىلغان ئادىرىس بويىچە غۇلجا شەھەرنىڭ ئىچىدىكى ئايدۇڭ مەھەلىسىگە قاراپ يۇل ئالدىم . ئۇنىڭ - بۇنىڭدىن سۇرۇشتۇرۇپ ، ئابدۇللامنىڭ ئانىسى ئايىمخاننىڭ ئۆيىنى تاپتۇق . مەھەلىدىكى جامائەت بىلەن بىرلىكتە " ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم " دەپ ئۆيگە كىرىپ كەلدۇق . ئۆي قاراڭغۇ ئىدى . ئاتمىش بەش ياشلار چامىسىدىكى ئورۇق ، ئېگىزرەك ، بۇغداي ئۆڭلۈك كىرگەنلەرگە  بىر قۇر كۆز يۇگۇرتتى-دە ، كۆڭلى بىر نەرسىنى تۇيغاندەك بۇلۇپ ، ئورنىدىن تۇرۇشقا تەمشەلدى يۇ ، ئورنىدىن ئىتتىك تۇرالمىدى . مەن يۈگۈرۇپ كىلىپ مۇماينى يۇلەپ تۇرغۇزدۇم ......<  ئەلھۆكمىدىللا ئانا > دېگەن سۆزنىڭ قاندا چىقىپ كەتتىنى سەزمەيلا قالدىم .
مۇماي ئېككى - ئۇچ سىكۇنىتقىچە  جىم تۇرۇپ قالدى . ئاندىن ماڭا ئىسىلىپ :<  جىنىم بالام ، كۆز نۇرۇم ئابدۇللام سەن نىمىشقا باشقا بالىلار بىلەن قايتىپ كەلمىدىڭ ؟ مىنى بۇ جۇدالىقلارغا قانداق چىدايدۇ دىدىڭ . يۈرەك پارەم باغرىم ، يالغۇز مۇساپىر ئاجىز ئاناڭنى قاندا تاشلاپ كەتتىڭ > دەپ ماڭا ئىسىلىپ ، دۇمبىلىرىمنى سىلاپ ، بويۇنلىرىمغا ئىسلىپ يىغلاپلا كەتتى . .....
مەن ئابدۇللامنىڭ ئۆز ئانىسىغا يازغان خىتىنى يانچۇقتىن ئىلىپ ھەم ئۇنىڭ بىر  قۇر كىيىمىنى ئىككى قۇللاپ ئانىغا سۇنۇپ بەردىم .......
بىچارە مۇماي مىنى قۇچاغلاپ :< بالامنى كۆرگەن بالام ، بالامنىڭ پۇرقىنى پۇرۋالاي ، سىز كەتمەڭ > دەپ جانسىز قوللىرى بىلەن ئىسىلۋالدى .  بۇ ئارلىقتا پۇتۈن مەھەلىدىكى ئەر - ئايال جامائەت ئانىنى ئاۋايلاپ تۇتۇپ ، ئانىنڭ قولىنى مىڭ تەسلىكتە بۇشۇتۇپ ئۆيگە  ئەكىرىپ كەتتى ......
ئاز كۇندىن كىيىن ئابدۇللامنىڭ خىتىدىكى ئانىسىغا ئاتاپ يازغان < يىغلىما جىنىم ئانا > دېگەن قوشاق خەلىق ناخشىچىلىىرى تەرپىدىن ئىنتايىىن مۇڭلۇق ،  يىقىملىق ئاھاڭغا سىىلىنىپ ، ئىغىز دىن ئىغىزغا كۆچۈشكە باشلىدى .

ساۋدانۇف زاھىر ، < ماناس دەرياسىدىن قايتىش > ، شىنجاڭ ياش-ئۆسمۈرلەر نەشىر ياتى .
1996-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۇنى نەشىردىن ئىلىندى .

ئىلى ئۆركىشى : تىمىنى تەۋسىيە قىلىپ قويشىڭلار نى ئۆمىد قىلمەن .



0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

38

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
10
مۇنبەر پۇلى
28
ئىشەنىچ
10
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   ئابدۇشۈكۈر راشىدىن تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-30 16:51  

كىچىكىمدە جىڭدا  ھەربىي سەپتە  ئۈچ يىل تۇرۇپ ، كەسىپ ئالماشتۇرۇپ قايتىپ كەلگەن چوڭ دۇتار بىلەن  ئوقۇغان بۇ  ناخشىسىنىىنى ئاڭلىغىنىمدا كۆزلىرىمگە ئىسسىق ياش ئالغان ھەمدە ھازىرغا قەدەرمەنمۇ مۇشۇ ناخشىنى ئۇنتالماي كەلگەن ئىدىم.  ھالا 30 نەچچە يىلدىن كېيىن تور ئارقىلىق بۇ تىكىستنىڭ مەنبىئىيىنىڭ نەدىن كەلگەنلىكىنى بىلىپ ، خ ئۇزۇندىن بۇيان يوقىتىپ قويغان قىممەتلىك بىر نەرسەمنى قايتىدىن تېپىۋالغاندەك بولدۇم.   شۇڭا،  مەن بۇ تېمىنى يوللىغۇچىغا چەكسىز رەھمەت ئېيتقۇم كەلدى.
   تەۋسىيە: بۇ يوللانمىدا نۇرغۇن ئىملا خاتالىقلىرى بار ئىكەن،  ئىمكان بولسا تۈزۈىتىپ قويۇشۇڭىزلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
ئالىي ئېھتىرام بىلەن     ئابدۇشۈكۈر راشىدىن
   2013-يىلى 12-ئاينىڭ 30 كۈنى
قەشقەر   سېرىقبۇيا

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

165

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
9
مۇنبەر پۇلى
157
ئىشەنىچ
9
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپامنىڭ ئاكىسىمۇ مۇشۇ ئۇرۇشقا قاتنىشىپتىكەن،ئوڭ قولىغا ئوق تىگىپ ،مۈرىسىدىن كىسىۋېتىپتىكەن،چوڭ داداملار شۇ چاغدا جەمىيەت قالايمىقان بولغاچقا ،ئۇرۇشقا كەتكەن ئوغلىنىڭ تەمبۇرىنى  ئىشلەتمەيدىغان تۇرخۇندا 8 يىل ساقلاپ ،كەلگەندە قولىغا تاپشۇرۇپتىكەن......  ئۇ دادىمىز 2003-يىلى قازا قىلىپ كەتتى.......

187

تېما

7

ئەگەشكۈچى

5690

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
2888
مۇنبەر پۇلى
2230
ئىشەنىچ
2888
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
باتۇر ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ ساپ قېنى مەڭگۇ نۇرلىنىپ تۇرغۇسى.

21

تېما

33

ئەگەشكۈچى

7261

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
2984
مۇنبەر پۇلى
3103
ئىشەنىچ
2984
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بۇغداي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-30 17:47  

تۆۋەندىكى ناخشىنىڭ ئۇلۇنۇش  ئادىرىسى.  تورداشلارنىڭ  ئاڭلاپ بىقىشىنى تەۋسىيە  قىلىمەن.
ئەسكەرتىش: ئىككى ناخشا بىرلەشتۈرۈلگەن ئىكەن، ئالدىنىقىسى " گۈزەلىم"، كىيىنكىسى " جېنىم ئانا" دېگەن ناخشا، 3 مېنۇتلۇق يىرىدىن باشلاپ جېنىم ئانا دېگەن ناخشا چىقىدۇ.
http://www.tudou.com/programs/vi ... =103906005_06_05_99

21

تېما

33

ئەگەشكۈچى

7261

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
2984
مۇنبەر پۇلى
3103
ئىشەنىچ
2984
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللى ئارمىيەجەڭچىلىرى:



3

تېما

22

ئەگەشكۈچى

3704

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1197
مۇنبەر پۇلى
2030
ئىشەنىچ
1197
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تارىخى سۇرەتلەرنى كۆرسەم بىر خىللا بولۇپ قالمەن دىسە،
تەكبۇر ئەيلىمە ھەرگىز، سىنىڭدەكتىن كۇر مىڭى ئۆتكەن. سىنىڭدەكلە تۆرەلمەيمۇ، پەلەكنىڭ چەرقى چۆگىلەپ ئۆت...

76

تېما

28

ئەگەشكۈچى

7225

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
2630
مۇنبەر پۇلى
3131
ئىشەنىچ
2630
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئوت يۇرەك مىللى ئارمىيە جەڭچىلەرنىڭ روھى مەڭگۇ ھايات .

6

تېما

0

ئەگەشكۈچى

674

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
310
مۇنبەر پۇلى
388
ئىشەنىچ
310
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللى ئارمىيە جەڭچىلەرنىڭ سالغان ئۇلى كېيىنكىلەرنىڭ داغدام يۇلى بولدى.

5

تېما

25

ئەگەشكۈچى

5034

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
2027
مۇنبەر پۇلى
2461
ئىشەنىچ
2027
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

ئۈچ ۋىلايەت ئىنقىلابىنىڭ جوڭگو ئىنقىلابىغا قوشقان تارىخىي تۆھپىسى مەڭگۈ
ئۇنتۇلمايدۇ، ئۈچ ۋىلايەت مىللى ئىنقىلابىي ئارمىيىسىنىڭ ئەينى يىللىرى شىنجاڭدىكى
گومىنداڭ ئەكسىيەتچىلىرىنى غال-غال تىتىرەتكەن باتۇرانە روھى خەلق قەلبىدە
مەڭگۈ ساقلىنىدۇ.(ئەسكەرتىش: بۇ يازمىدا ئىملا خاتالىقى كۆپرەك ئىكەن، بۇنىڭدىن
كىيىن دىققەت قىلىنسا).
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-1-5 00:48, Processed in 0.123462 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش