تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 445|ئىنكاس: 13

ئوغرىلانغان بىر پارچە شېئىر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

9

تېما

2

ئەگەشكۈچى

585

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

真实姓名
ئېلى بۇراۋىدىن بۈركۈت
تۆھپە
67
مۇنبەر پۇلى
465
ئىشەنىچ
67
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     ئەتىگەندىلا ئىشقا چۈشۈپ ئادىتىم بويىچە گېزىت ۋاراقلاشقا باشلىدىم. «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 29-دېكابىردىكى «ئەدەبىيات گۈلزارى» بېتى قەلبىمنى بىر خىل شادلىققا تولدۇردى. چۈنكى بۇ سانغا مېنىڭمۇ بىر پارچە شېئىرىم بېسىلغان ئىدى. مەن ئۆزۈمنى خۇددى بىر ئىلىم-ھېكمەت سورۇنىدا مېھمان بولۇۋاتقاندەك ھېس قىلىشقا باشلىدىم. تۇيغۇمدا مەن بۇ يەردىكى قەلەم ئەھلىلىرى بىلەن شۇنداق قىزغىن سۆزلىشىۋاتاتتىم. كىم بىلسۇن؟ بۇ سورۇندا يەنە كېلىپ مېنىڭ قېشىمدىلا قەلبىنى كىر، قاسماق باسقان بىر شەرەپسىز، ئەدەپسىز مېھمان ئولتۇراتتى. بايىقى خۇشاللىقىم نەلەگىدۇر غايىب بولدى. ئەتىگەندىلا چىۋىن يەۋالغاندەك بولۇپ قالدىم. بۇ ئەدەپسىز، شەرەپسىز مېھماننىڭ ئىسمى گۈلبوستان پازىل ۋاسىلى ئىدى. نېمىشقىدۇر ئۇنىڭغا بىۋاسىتە گەپ قىلالمىدىم. شۇڭا كۆڭۈل غەشلىكلىرىمنى تورداشلار بىلەن بىللە يېشىشنى توغرا تاپتىم.
      بۇ شەرەپسىز مېھمان ھاجى ئابدۇغوپۇر شېرىپنىڭ «يار كېلەر ئايەم كۈنى» ماۋزۇلۇق شېئىرى ئاستىدىكى «ئايەم كۈنى» دېگەن شېئىرغا تېخىمۇ گۈزەل بولسۇن دەپ«ئوسما قويۇپ»،قەھرىتان قىشتا، بولۇپمۇ يېڭى يىلدا توڭۇپ قالمىسۇن دەپ «پوسما كىيدۈرۈپ» قويغان ئىدى.
تۆۋەندە بۇ ئىككى ئەسەرنىڭ ئەسلىي نۇسخىسىنى يوللاپ قويدۇم.
تورداشلارنىڭ كۆز-قاراشلىرىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ بېقىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

ئايەم كۈنى

ھاجى ئابدۇغوپۇر شېرىپ

باغىدىن دەستە تىزىپ، يار كېلەر ئايەم كۈنى،
بويىدىن خۇش ھىد چېچىپ، يار كېلەر ئايەم كۈنى.

تالى مەجنۇن چاچلىرى كۆزلىرى چەشمە بۇلاق،
قەددىنى گۈلدەك ئېگىپ، يار كېلەر ئايەم يىل كۈنى.

ۋەسلىگە قانغاي بۇ دەم قاغجىراپ كەتكەن يۈرەك،
سۈپسۈزۈك سۇدەك ئېقىپ، يار كېلەر ئايەم كۈنى.

ھۆر- پەرىدىن نەرى كەم ئاشىقىم بانۇ- سەنەم،
زەر تاۋار كۆڭلەك كىيىپ، يار كېلەر ئايەم كۈنى.

ئاڭلىسۇن ئايەم سېنىڭ شادلىقىڭ، كۈلكەڭنى ھەم،
چال دۇتارىڭنى شېرىپ، يار كېلەر ئايەم كۈنى.

«قەشقەر گېزىتى»نىڭ 2013-يىل 13-ئۆكتەبىر سانىدىن.

كۆچۈرۈلگەن شېئىر

يار كېلەر يېڭى يىل كۈنى

گۈلبوستان پازىل ۋاسىلى

زېمىستانغا ئوت يېقىپ، يار كېلەر يېڭى يىل كۈنى،
بويىدىن خۇش ھىد چېچىپ، يار كېلەر يېڭى يىل كۈنى.

تالى مەجنۇن چاچلىرى جۈپ كۆزلىرى چەشمە بۇلاق،
قەددىنى گۈلدەك ئېگىپ، يار كېلەر يېڭى يىل كۈنى.

ۋەسلىگە قانغاي ئۇشبۇ دەم قاغجىراپ كەتكەن يۈرەك،
ئەينى توزدەك جىلۋە قىپ يار كېلەر يېڭى يىل كۈنى.

ئاڭلىسۇن ئالەم سېنىڭ يار، كۈيلىرىڭنى قانغۇچە،
چال راۋاپنى ياڭرىتىپ يار كېلەر يېڭى يىل كۈنى.

«شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ 2013-يىل 29-دېكابىر سانىدىن.
دىلىمنى ئاغرىتتى دىلىمدىكىلەر...

187

تېما

7

ئەگەشكۈچى

5690

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
2888
مۇنبەر پۇلى
2230
ئىشەنىچ
2888
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇللانمىڭىزغا كۈپ تەشەككۈر.................

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

38

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
10
مۇنبەر پۇلى
28
ئىشەنىچ
10
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   بۇ شىئېرنى بىرلا ۋاقىتتا  ئىككى مەتبۇئاتتىن  ئوقۇغانلىقىمنى دېمەيلا قوياي.  چۈنكى مەن خىزمەتتە تۇرۇۋاتقان مارالبېشى ناھىيەسىنىڭ سېرىقبۇيا بازىرىدا گېزىتلەرنى مانا مۇشۇنداق ھەپتە ياكى ئىككى ھەپتىدە بىر قېتىم كۆرۈش نېسىپ بولىدىكەن. ئېنىم ئېلى بۇراۋىدىن بۇ ئىشنى دەل ۋاقتىدا بايقاپ ياخشى رەددىيە بېرىپسىز.   
    شەرەپ بىلەن شەەرپسىزلىك ئوتتۇرىسىدا ھاڭ يوق، پاقەت قىلچىلىك بىر كۆۋرۈك بار. بۇ كۆۋرۈكنىڭ نامى  ۋىىجداندۇر.   گۈلبوستان سىز كىچىككىنە نام - شەرەپ ئۈچۈن ۋىجدان بىلەن ئوينىشىدىغان بۇنداق شەرەپسىز ئىشنى قىلىپ نېمىمۇ قىلار ئېدىڭىز.
  خەيرىيەت، «شىئېر ئىشى ۋىجدان ئىشى »دېگەن بۇ  ھەقىيقەتنى ئەمدى بولسىمۇ كاللىڭىزنىڭ ئۆچمەيدىغان يېرىگە خاتىرىلىۋېلىشنى ئۇنۇتماڭ.  
      

7

تېما

1

ئەگەشكۈچى

1269

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
633
مۇنبەر پۇلى
622
ئىشەنىچ
633
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۈركۈت ئەپەندى  بۇ«شەرەپسىز»نى سېسىتۋىتىدىغان بولدىڭىزدەبۇرۇن«پەرۋاز»ژۇرنىلىدا مۇشۇنداق ماقالىلەر دائىم ئېلان  قىلىنىپ    تۇراتتى.
ھەربىر تىنىقىمىز ئۈچۈن جاۋاپ بېرىمىز.

3

تېما

22

ئەگەشكۈچى

3704

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1197
مۇنبەر پۇلى
2030
ئىشەنىچ
1197
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شىئىر ئوغرىسى،بۇنۇڭغا  نىمە دىگۈلىك ئەمدى،نامى ئەمدى تازا چىقىدىغان بولدى دە،
تەكبۇر ئەيلىمە ھەرگىز، سىنىڭدەكتىن كۇر مىڭى ئۆتكەن. سىنىڭدەكلە تۆرەلمەيمۇ، پەلەكنىڭ چەرقى چۆگىلەپ ئۆت...

21

تېما

33

ئەگەشكۈچى

7261

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
2984
مۇنبەر پۇلى
3103
ئىشەنىچ
2984
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىرسى ياز دەپ زورلىمىغاندىكىن ، قورساقتىكى ئومىچىغا لايىق ئىشلار بىلەن شوغۇللۇنۇپ يۈرسە بولمامدۇ دەيمەن ، ئۆزىنى - ئۆزى سېسىتىپ يۈرگىچە ، ‹. ئەلنىڭ كۆزى ئەللىك›› دېگەننى بىلمەيدىغان چېغى.

5

تېما

14

ئەگەشكۈچى

2580

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
ئەركمان
تۆھپە
877
مۇنبەر پۇلى
1532
ئىشەنىچ
877
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاھ، شەرەپسىز نېمانداق قاپ يۈرەك-ھە؟ مۇنبەرلەرنىڭ ئەدەبىيات سەھىپىلىرىدە «سېنىڭ ئەمەس ئۇنىڭكى»، «سېنىڭ ئەمەس مېنىڭكى» دېگەندەك تارماق سەھىپە ئېچىپ شەرەپسىزلەر تەربىيەتخانىسى ئېچىش زۆرۈر ئوخشايدۇ!
ئاۋۇ شەرەپسىزنىڭ ئۆزگەرتكىنى تىل راۋانلىقىغا ھۆددەس چۈشمەيدىكەن، ئادەم ئوقۇغىچە پۇتلىشىپ-مۈدۈرۈپ كېتىدىكەن، ئابدۇلھەي ئابدۇلھەق ياكى جۈرئەت كامىل پۇتلاشمىغانمىدۇ؟
دەردىما، يارىم شەھەرچە سۆزلەر مەن  شەھەرچە بىلمەيمەن،
يارەبكى، ئۇنىڭ تىلى مېنىڭ   ئاغزىمدا بولسىكەن دەيمەن!
دەرىخا، يارىممۇ  ھەم گاچا-كېكەچ سەھراچە بىلمەستۇر،
جان ئاشىقىم تىلىڭ ئاغزىمدا بولسا كاشكى، دەب  تولغىنۇر!

6

تېما

0

ئەگەشكۈچى

674

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
310
مۇنبەر پۇلى
388
ئىشەنىچ
310
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بىر شەرمەندىلىك جۇما.

5

تېما

14

ئەگەشكۈچى

2580

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
ئەركمان
تۆھپە
877
مۇنبەر پۇلى
1532
ئىشەنىچ
877
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شەرەپسىز تەڭرىتاغ مۇنبىرىگە كىرگەن بولسا-ھە ...
دەردىما، يارىم شەھەرچە سۆزلەر مەن  شەھەرچە بىلمەيمەن،
يارەبكى، ئۇنىڭ تىلى مېنىڭ   ئاغزىمدا بولسىكەن دەيمەن!
دەرىخا، يارىممۇ  ھەم گاچا-كېكەچ سەھراچە بىلمەستۇر،
جان ئاشىقىم تىلىڭ ئاغزىمدا بولسا كاشكى، دەب  تولغىنۇر!

9

تېما

1

ئەگەشكۈچى

414

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
129
مۇنبەر پۇلى
266
ئىشەنىچ
129
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
نوموسىز كەن ھەقىقەتەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-1-5 00:48, Processed in 0.122221 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش