خوتەن ۋىلايىتىنىڭ 7- نۆۋەتلىك دېھقان- چارۋىچىلار تەنھەرىكەت يىغىنى چىرا ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلدى
ئەخمەتجان مەتقۇربان مۇڭداش خەۋىرى، فوتوسى
زامانىۋىي مەدەنىيەتنى يېتەكچى قىلىپ، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ مەدەنىيەت- تەنتەربىيە ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، دېھقان- چارۋىچىلارنىڭ مەنىۋىي تۇرمۇشىنى بېيىتىش، شۇنداقلا ئەنئەنىۋىي تەنتەربىيە ئىشلىرىنى يۈكسەلدۈرۈپ، ئومۇمىي خەلقنىڭ تەن ساپاسىنى يوقىرى كۆتۈرۈش، ج ك پ 18- نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3- ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى تەشۋىق قىلىش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىش، مۇقىملىقنى تېخىمۇ ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ 7- نۆۋەتلىك دېھقان- چارۋىچىلار تەنھەرىكەت يىغىنى 23- دېكابىردىن 26- دېكابىرغىچە چىرا ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلدى. تەنھەرىكەت يىغىنى ئوغلاق تارتىشىش، مىللىيچە چېلىشىش، ئات بەيگىسى، ئات يورغۇلۇتۇش، تۈگە چاپتۇرۇش، ئىلەڭگۈچ ئۇچۇش، ئارقىچىلاپ ئارقان تارتىشىش، تاغار يۈدۈپ يۈگۈرۈش قاتارلىق 8 چوڭ تۈر، 24 كىچىك تۈر بويىچە ئۆتكۈزۈپ، ۋىلايەتكە قاراشلىق يەتتە ناھىيە، بىر شەھەردىن كەلگەن 450 نەپەردىن ئارتۇق تەنھەرىكەتچى ئۆزىگە ماس تۈرلەردە ئۆز ماھارىتىنى نامايەن قىلدى. 40 مىڭدىن ئارتۇق ئامما مۇسابىقىنى كۆردى. سۈرەتتە: چىرا ناھىيەسىدە ئۆتكۈزۈلگەن خوتەن ۋىلايىتىنىڭ 7- نۆۋەتلىك دېھقان- چارۋىچىلار تەنھەرىكەت يىغىنىدىن كۆرۈنۈشلەر.
|