ئەسقەر ئەھمىدىنىڭ ئىككى كىتاۋى بىرلا ۋاقىتتا كىتاپخانلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى
سۈرەتتە : ئىجتىھاتلىق ئەدىبىي تەرجىمان، يېتىلىۋاتقان ياش يازغۇچى ئەسقەر ئەھمىدى ئىختىيارى مۇخبىرىمىز ئابدۇكېرىمجان ياقۇپ خەۋىرى، فۇتۇسى: قەشقەر شەھەرلىك مائارىپ ئىدارسىى ئۇنىۋېرسال ئىشخانىسىڭ كادىرى، ئىجتىھاتلىق ئەدىبىي تەرجىمان، يېتىلىۋاتقان ياش يازغۇچى ئەسقەر ئەھمىدىنمىڭ «مېھىر» ناملىق ئىجادى ھىكايىلەر توپلىمى بىلەن « روھ ۋە ماددا ھەققىدە ھىكايە» ناملىق تەرجىمە كىتاۋى يىقىندا شىنجاڭ خەلق باش نەشرىياتى قەشقەر ئۇيغۇر نەشرىياتى تەرىپىدىن بىرلا ۋاقىتتا نەشىر قىلىنىپ كىتاپخانلار بىلەن يۈز كۆرۈشتى.
سۈرەتتە : ئەسقەر ئەھمىدى ئىجادىيەت ئۈستىدە
« مېھىر » ناملىق ھېكايىلەر توپلىمىغا ئەسقەر ئەھمىدىنىڭ يىقىنقى 10 يىل مابەينىدە ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا ئېلان قىلىنغان 88 پارچە ھېكايىسى ئىچىدىن 36 پارچە ھېكايىسى تاللاپ كىرگۈزۈلگەن بولۇپ،بۇ ھېكايىلەرنىڭ ۋەقەلىگى گەرچە قىىسقا، پىرسۇناجلىرى ئاز بولسىمۇ، لېكىن تۇرمۇش پۇرىغا ناھايىتى كۈچلۈك بولۇپ، ھەر بىر ھىكايىسى ئادەمگە ئۆزگىچە تەسىرات، ئۆزگىچە تۇيغۇلارنى ئاتا قىلىدۇ. بولۇپمۇ بۇ توپلامغا كىرگۈزۈلگەن « خۇشامەت»، « بۇ قانداق مەنتىقە»، « مېھىر»، « تېلەمچى باي»، « جىنازا»، « سىز قاچان مۇدىر بولىسىز ؟ » « قېتىقچى بالا» قاتارلىق ھېكايىلەر تاللىغان ۋەقەلىكلىرىنىڭ ئىجتىمائى تۇرمۇشقا ناھايىتى يىقىنلىغى، تېلىنىڭ يۇمۇرىستىك ۋە گۈزەللىگى، پىرسۇناجلار دېئالۇگلىرىنىڭ قىسقا ۋە مەزمۇنلىغى بىلەن ئوقۇغان ھەر بىر كەتاپخاننى ئۇزۇنغىچە چوڭقۇر خېيال دەرياسىغا غەرق قىلىدۇ. « روھ ۋە ماددا ھەققىدە ھىكايە» ناملىق تەرجىمە كېتاۋىنىڭ ئەسلى ئاپتۇرى كورىيەلىك يازغۇچى كاڭ يىنچى ئەپەندى بولۇپ، بۇ كىتاپتا ئاساسەن بالىلارنىڭ زېھنى كۈچىنى ئاچىدىغان قىزىقارلىق پەلسەپىۋى ھېكايىلەر سۆزلەنگەن بولۇپ، بۇ كىتاپ بالىلارنىڭ ئەقىل بۇلېغىنى ئىچىش، ۋە بالىلار تەربىيىسى ئىلىپ بىرىشتا تۈرتكىلىك رول ئوينايدۇ.
سۈرەتتە : ئەسقەر ئەھمىدى تېما يوللىغۇچى ئابدۇكېرىمجان ياقۇپ بىلەن بىرگە
1965-يىلى 2-ئايدا قەشقەر شەھەرىدە ئوقۇتقۇچى ئائىلىسىدە دۇنياغا كەلگەن ئەسقەر ئەھمىدى 1987-يىلى قەشقەر پېداگوگىكا ئىنىستىتۇتىنىڭ تىل فاكۇلتىتنى پۇتكۇزۇپ، قەشقەر شەھەرلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپكە خىزمەتكە تەخسىم قىلىنغان بولۇپ، 1993 – يىلغىچە مەزكۇر مەكتەپتە خەنزۇ تېلى ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ ئىشلىگەن. 1993-يىلدىن 2005-يىلغىچە قەشقەر شەھەرلىك مائارىپ ئىدارىسنىڭ ئوقۇتۇش تەتقىقات ئىشخانىسىدا، 2005 – يىلدىن 2007 - يىلغىچە قەشقەر شەھەرلىك 14-ئوتتۇرا مەكتەپتە ئىشخانا مۇدىرى بولۇپ ئىشلىگەن. ئۇ ھازىر قەشقەر شەھەرلىك مائارىپ ئىدارسىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىشخانىسىدا ئىشلەۋاتىدۇ. ئۇنىڭ تۇنجى تەرجىمە ماقالىسى 1984- يىلى « قەشقەر گېزىتى» دە، كېچىك ۋاختىمدىكى بىر ئىش» ناملىق تۇنجخ ئىجادى ھېكايىسى1988 – يىلى « شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى گېزىتى»دە ئېلان قىلىنغاندىن باشلاپ ھازىرغىچە ھەر قايسى مەتبۇئاتلاردا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى داڭلىق يازغۇچىلارنىڭ 650 پارچىدىن ئارتۇق ئەسىرىنى تەرجىمە قىلىپ كىتاپخانلار بىلەن يۈز كۆرۈشتۈردى. 90 پارچىغا يىقىن ئىجادىي ھېكايىسى ، 50 پارچىدىن ئارتۇق ئىلمىي ۋە مۇھاكىمە ماقالىلەرنى ئېلان قىلىندى. ئۇ يەنە باشقىلار بىلەن بىرلىكتە « ئىناق قەشقەر » ( 7 قىسىم ) « ئائىلە تاپشۇرقى » ( 3 قىسىم )قاتارلىق دەرىسلىك ۋە پايدىلنىش ماتىرىياللىرىنى تۈزۈش ،تەرجىمە قىلىش خىزمىتىگە قاتناشتى . ئۇنىڭدىن باشقا « ۋۇدۇڭيۇن » (ئابلەت جۈمە تۇپراق بىلەن بىللە) ،« لېنىن ئۆكتەبىردە » ، « لېنىن 1918 –يىلىدا » ، « يولداش لىيۇشاۋچى ئەنيۈەندە » ، « يولداش ماۋزېدۇڭ شىمالى شەنشىدە »، « تەرقىقى قىلۋاتقان ‹قەشقەر مائارىپى › » قاتارلىق 10 نەچچە پارچە تەرجىمە ۋە ئېجادى كىتابى نەسر قىلىنىپ تارقىتىلدى.
سۈرەتتە : ئەسقەر ئەھمىدى ئوقۇغۇچىسى ۋە كەسىپدىشى داڭلىق خەتتات قۇربانجان روزى شەيدائى بىلەن بىرگە ئەسقەر ئەھمىدى ھازىر شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق ئەدىبىي تەرجىمانلار جەمئىيىتىنىڭ ئەزاسى، قەشقەر ۋىلايەتلىك ۋە شەھەرلىك خەتتاتلار جەمىئيتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، شىنجاڭ ئەدەبىي تەرجىمانلار جەمئىيتىنىڭ ئەزاسى. « شىنجاڭ ئۆسمۈرلىرى گېزىتى » نىڭ تەكلىپلىك مۇخبىرى. تۆۋەندىكى سۈرەتلەر : ئەسقەر ئەھمىدىنىڭ يىقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئەدىبىيات - سەنئەت پائالىيەتلىرىدىن كۆرۈنۈشلەر
ئابدۇكېرىمجان ياقۇپ ( قەشقەر شەھەرلىك ئەدلىيە ئىدارىسىنىڭ كادىرى ) خەۋىرى، فۇتۇسى |