تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 390|ئىنكاس: 3

كەمتەرلىك توغرىسىدا

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 2013-12-28 22:43:22
كەمتەرلىك توغرىسىدا


لىيۇ رېنۋېن

     كەمتەرلىك بىر خىل گۈزەل ئەخلاق.《تاياق گۆشتىن ئۆتىدۇ، تىل سۆڭەكتىن》،كەمتەر ئادەم مەنمەنلىك ۋە تەكەببۇرلۇقنىڭ باشقىلارغا بولغان زىيىنىنى چوڭقۇر بىلگەچكە ھېمىشە باشقىلارغا ياخشىلىق قىلىدۇ.كەمتەر ئادەم بىلەن ئالاقە قىلىش خۇددى باھار شامىلىدەك ئىللىق تۇيۇلىدۇ،ھەسەل شەربىتىدەك تاتلىق تېتىيدۇ.
     كەمتەرلىك بىر خىل سالاپەت. كەمتەر ئادەم ئۆزىنى چوڭمۇ تۇتمايدۇ،پەسمۇ تۇتمايدۇ،شان-شەرەپ ۋە ئار-نومۇسقا پىسەنت قىلمايدۇ،خۇشال بولغاندا كۆرەڭلەپ كەتمەيدۇ،كۆڭۈلسىزلىككە يولۇققاندا چۈشكۈنلىشىپ كەتمەيدۇ.
     كەمتەرلىك بىر خىل كۈچ-قۇۋۋەت.بەزىلەر ئۆزىنى قالتىس چاغلاپ،مەمەدانلىق قىلىشقا،ئۆزىنى كۆز-كۆز قىلىشقا ئامراق كېلىدۇ.بۇ خىل مىجەز ئۈستىدىن باتۇرلارچە غالىپ كەلسە،جەسۇر ۋە  كۈچ-قۇۋۋەتكە تولغان ئادەمگە ئايلىنىدۇ ئەمەسمۇ؟
كەمتەرلىك بىر خىل بىلىش.نىيۇتون ئاخىرقى ئۆمرىدە:ئىلىم-پەن ئالدىدا مەن پەقەت قىرغاقتا تۇرۇپ تاش ئىلغايدىغان بىر كىچىك بالىدىنلا ئىبارەت،دېگەن.بۇ ئۇنىڭ بىر ئۆمۈر زېھنىنى سەرپ قىلىپ،پايانسىز ئالەمگە قىلغان سەمىمىي نىداسىدۇر.
كەمتەرلىك ئىنتايىن پايدىلىق بولۇپ،كەمتەر ئادەم ئۆزى ساق-سالامەت ۋە خۇشال-خورام بولۇپلا قالماستىن يەنە ئاۋامنىڭ ياخشى كۆرىشىگە چۇڭقۇر مۇيەسسەر بولالايدۇ.《لاۋزى》مۇنداق دېگەن:ئىختىلاپ سادىر قىلمىغان ئادەمنىڭ تەڭدىشى يوق.
    كەمتەرلىك شەخىسنىڭ سۆز-ھەركىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماستىن،يەنە بىر دۆلەتنىڭ تۈزۈمى،مىللەتنىڭ خاراكتېرى ۋە جەمئىيەتنىڭ مەدەنىيىتى بىلەنمۇ زىچ مۇناسىۋەتلىك.بىز تارىخ ۋە رېئاللىقتا دائىم مۇنداق بىر ھادىسىنى كۆرۈپ تۇرىمىز:بەزىلەر ھوقۇققا ئېرىشەلمىگەندە پۈتۈن كۈچى بىلەن تەخسىكەشلىك قىلىپ،《غالچىلىق》قىلىپ،خۇشامەت قىلىپ،شامالنىڭ يۆنىلىشىگە قاراپ ئىش كۆرىدۇ؛كۈنلەرنىڭ بىرىدە ھوقۇققا ئېرىشىپ قالسا،شۇ ھامان《تۆرەملىك》سالاپىتىگە كىرىۋېلىپ،ئاممىدىن ئايرىلىپ،سۈرلۈك ۋە تەكەببۇر بولۇپ كېتىدۇ.بۇ خىل ھادىسىنىڭ پەيدا بولىشىدىكى تۈپكى سەۋەب جەمئىيەتتە باراۋەرلىك ئېڭىنىڭ ۋە كىشىلىك ئىززەتنىڭ كەمچىل بولىشىدا.ئالاھىدە ئىمتىيازلىق ۋە قىممەت كۆپ مەنبەلەشكەن جەمئىيەت يوقىتىلغاندىلا،مىللەتنىڭ پەزىلىتى بولمىش كەمتەرلىك ئاندىن يېتىلىدۇ ۋە پەرۋىش قىلىنىدۇ.
     نېمە ئۈچۈن《ئىنجىل》دا《كەمتەرلىك كىچىك بالىغا ئوخشايدۇ》دېيىلگەن؟چۈنكى كىچىك بالا بىرەر ئىشقا دۇچ كەلگەندە ھېمىشە ئۆزىنىڭ ئاتا-ئانىسىدىن ياردەم تەلەپ قىلىدۇ،شۇڭا ئۇ ئاسانلا كەمتەر بولالايدۇ؛ئەمما چوڭ ئادەملەر بىرەر ئىشقا دۇچ كەلگەندە ھېمىشە ئۆزىنىڭ خاھىشى بويىچە بىر تەرەپ قىلىدۇ،شۇڭا ئاسانلا ھاكاۋۇرلىشىپ كېتىدۇ.بۇ يەردە يەنە مۇنداق چوڭقۇر بىر مەنا يوشۇرۇنغان:ئىنسانلار تەبىئەت دۇنياسىنىڭ پەرزەنتى بولۇش سۈپىتى بىلەن خالىغانچە ئىش كۆرمەسلىكى،بەلكى ئۆزىنى چەكلەپ تۇرشى،بىرەر ئىشتىن ھېيقىشى لازىم.《ئادەم يۈرەكلىك،يەر ھوسۇللۇق》دەيدىغان دەبدەبىلىك سۆزلەر بەكمۇ ھەددىدىن ئېشىپ كەتكەنلىك ۋە بەكمۇ كەمتەرسىزلىك ھېسابلىنىدۇ،شۇڭا تەبىئەت دۇنياسىنىڭ جازاسىغا ئۇچرىشى بەرھەق.
     كىچىك ۋاقتىمدا ئامېرىكىنىڭ ھەر نۆۋەتلىك زۇڭتۇڭلىرىنىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرۇش نۇتقىنى ئوقۇغىنىمدا،مەندە ھامان مۇنداق بىر گۇمان پەيدا بولاتتى:نېمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ ھەممىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر جۈملە سۆزى《ھەممىگە قادىر خۇدا ئامېرىكىنى ئامان-ئېسەن ساقلىغاي》دىن ئىبارەت بولىدۇ؟بۇ زۇڭتۇڭلار ئالىي مەلۇماتلىق تۇرۇقلۇق،يەنە قانداقسىگە بۇنداق خۇراپىيدۇ؟
     ھازىر مەن ئاستا-ئاستا چۈشەندىمكى،ئىلىم-پەن بىلەن ئىلاھىيەت ئىككى مەنالىق بولۇپ،ئالدىنقىسى دەھرىي بىلەن،كىيىنكىسى روھ بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن.بىز ئىلىم-پەن جەھەتتىن تەقدىرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى ئېتراپ قىلغان ئىكەنمىز،شۇنىڭدەك بىر ئادەم ياكى دۆلەتنى تەقدىرنىڭ تەسىرىگە ئۇچراتماي قۇدرەت تاپقۇزۇشقا ئامالسىز ئىكەنمىز،ئۇنداقتا پىسخىك جەھەتتىكى تەسەللى ۋە رىغبەتكە ئېرىشىش ھەمدە ئۇنى دەھرىيلىشىشنىڭ ھەركەتلەندۈرگۈچ كۈچىگە ئايلاندۇرۇش ئۈچۈن،روھىي جەھەتتە بىر خىل كەمتەرلىكنى ساقلاپ قالساق،نېمە دېگەن ياخشى؟
译自《中国剪报》2013年12月19日第5版
伽师县气象局:尼加提·伊布拉音
2013-12-28

8

تېما

22

ئەگەشكۈچى

4586

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
2652
مۇنبەر پۇلى
2078
ئىشەنىچ
2652
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەمتەرلىك كىشىگە روھى زىننەت . بىراق ، لايىقىدا بولمىغان كەمتەرلىك مالاللىققا سەۋەپ بولىشىمۇ مۇمكىن .

0

تېما

1

ئەگەشكۈچى

326

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
146
مۇنبەر پۇلى
180
ئىشەنىچ
146
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كەمتەرلىك بىلەن ئادەم چىرايلىق سەتلىشىدىكەن ، خادايغانسىرى دەپ ، ئگىلگەنگە  ئىگىلىشى ، خادايغانغا چۇقۇم خادىيىش  كىرەك ، بىر قىسىم ۋاقىتلاردا  سىز شۇنچىلىك كەمتەرلىك قىلسىڭىز  سىزگە ئارقىڭىزدىن پىچاق ئاتىدىغان ئەتىراپىڭىزدا ئايلىنىپلا يۇرۇيدۇ  .

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

323

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

真实姓名
تاھىر مۇئەللىم
تۆھپە
144
مۇنبەر پۇلى
179
ئىشەنىچ
144
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يولداش ماۋزۇدۇڭ توغرا ئېيىتقان كەمتەرلىك كىشىنى ئالغا باستۇردۇ مەغرۇرلۇق كىشىنى  ئارقىدا قالدۇردۇ
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-1-5 03:07, Processed in 0.108042 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش