تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 490|ئىنكاس: 8

جۇگوپىڭ:ئانا تىل تەربىيەنىڭ باشلانمىسىدۇر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

72

تېما

9

ئەگەشكۈچى

1633

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
240
مۇنبەر پۇلى
1095
ئىشەنىچ
240
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-26 15:02:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا تىل تەربىيەنىڭ باشلانمىسىدۇر
    قىسقىچە مەزمۇنى:
     نېتزى مۇنداق كۆرسىتىدۇ:ئانا تىل ــ «ھەقىقىي تەربىيە شۇنىڭدىن باشلىنىدىغان ئەڭ مۇھىم،ئەڭ بىۋاستە ئوبيېكىت»تۇر. ياخشى بولغان ئانا تىل مەشىقى «بارلىق كېيىنكى تەربىيلەش خىزمىتى»نىڭ«تەبىئىي، مۇنبەت تۇپرىقى».تەربىيچى چۇقۇم تەربىيلەنگۈچىنىڭ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىن باشلاپلا ئانا تىل تەربىيسىگە كەسكىن مۇئامىلە قىلىشى،«ئانا تىلغا ھۆرمەت»قوزغىيالىشى،ئەڭ ياخشىسى سەبىيلەر قەلبىدە«ئانا تىلغا يۈكسەك مۇھەببەت»ئويغىتالىشى»لازىم.شۇڭا، مېنىڭ تەشەببۇسۇم، ھەرقايسى مىللەتلەر ئىلغار ئانا تىل-يېزىق ئەنئەنىسىگە ئىگە، بۇ ئەنئەنە شۇ مىللەتنىڭ كىلاسسىك ئەسەرلىرىدە ساقلانغان، ئانا تىل ئۆگىنىشتە تورتىلىغا ئەمەس، دەل شۇ ئەسەرلەرگە يۈزلىنىش كېرەك.
جۇگوپىڭ
(جۇڭگو ئىجتىمائى پەنلەر ئاكادىمىيسىنىڭ تەتقىقاتچىسى،ئاتاقلىق ئالىم،يازغۇچى)

مەقسۇت ئەمىن ئەركيار تەرجىمىسى


      نېتزى مۇنداق كۆرسىتىدۇ: ئانا تىل ــ «ھەقىقىي تەربىيە شۇنىڭدىن باشلىنىدىغان ئەڭ مۇھىم، ئەڭ بىۋاستە ئۇبيېكىت»تۇر. ياخشى بولغان ئانا تىل مەشىقى«بارلىق كېيىنكى تەربىيلەش خىزمىتى»نىڭ«تەبئىي،مۇنبەت تۇپرىقى». تەربىيچى چوقۇم تەربىيلەنگۈچىنىڭ ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدىن باشلاپلا ئانا تىل تەربىيەسىگە كەسكىن مۇئامىلە قىلىشى، «ئانا تىلغا ھۆرمەت»قوزغىيالىشى، ئەڭ ياخشىسى سەبىيلەر قەلبىدە «ئانا تىلغا يۈكسەك مۇھەببەت»ئويغىتالىشى»لازىم.مەن بۇ قاراشقا تامامەن قوشۇلىمەن.
     مائارىپ ـــ ھېسيات ۋە ئەقىلنىڭ يېتىلىش جەريانى. ئانا تىل بولسا بۇ خىل يېتىلىش ئۈچۈن ئەڭ زۆرۈر بولغان شارائىتنىڭ بىرى. ئانا تىل مەدەنىيەتنىڭ ئوغۇز سۈتىگە ئوخشايدۇ. بىز شۇ سۈتنى ئېمىپ تەپەككۈر قىلىشنى، ئىپادىلەش ۋە پىكىر ئالماشتۇرۇشنى ئۆگەندۇق. گەرچە كېيىنكى تەربىيلىنىشىمىزدە ئوخشىمىغان ساھە ۋە پەنلەر ئايرىلىپ چىققان بولسىمۇ،ئەمما بارلىق تەربىيلىنىشىمىزنىڭ ئاساسى تەلىپى توغرا ئوقۇش، ئويلاش، يېزىشتىنلا ئىبارەت بولدى. بۇخىل توغرىلىق دەل ياخشى بولغان ئانا تىل مەشىقلىنىشىمىزدىن كەلگەن. تىلغا ئەستايىدىل  بولۇش، ھەربىرسۆزنى چامىمىز يەتكەنچە توغرا ئىشلىتىش باشقىلارنىڭ خاتا چۈشىنىۋېلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈنلا بولماستىن، ھېسسىي ۋە ئىدراكىي ھاياتىمىزغا تۇتقان كەسكىن پوزىتسىيەدۇر. باشقىلارنىڭ كۆرۈشىگە ئىنتايىن يەڭگىلتەكلىك بىلەن بىرنېمىلەرنى يازغان قەلەم ئىگىسىنىڭ پىكىر يۈرگۈزگەن ھالىتىنى «ئەستايىدىل»دەپ  تەسەۋۋۇر قىلالمايمىز. ئەكسىچە، جان-جېنىدىن مەنىۋىيەتكە كۈچ سەرپ قىلغۇچى باشقىلارنىڭ ئەمگەك مېۋىسىنىڭ قەدرىگە يېتىپ،يەتكۈزۈش جەريانىدا يېزىققا پاكىزە قەلب بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ.
     ئەگەر مەدەنىيەت بىرخىل ساپا بولىدىغان بولسا، ئۇنداقتا ئانا تىل ئۇنىڭ ئۇلىدۇر. ساپادىكى كەمتۈكلۈك تىلدا ئىپادىلەنمەي قالمايدۇ. تىلى قوپال كىشى تەربىيە كۆرمىگەن، دەپ قارىلىدۇ.تىلى تولا ياسالما كىشىمۇ يالغان بىلىملىك دەپ قارىلىدۇ.ھەرىكەت-قىلىقتىكى يۈكسەكلىك ئادەتتىكى ئەڭ ئۇششاق ئىشلاردىكى مەشىق ۋە ئۆز-ئۆزىنى مەشىقلەندۈرۈشتىن كەلگەن، تىلدىكى ياخشى ئىستىلمۇ ئەلۋەتتە شۇنداق.ئوچۇق-ئاشكارا ئېلان قىلىنىدىغان ماقالىلەرنى دېمەيلى، ئادەتتە مەلۇم كىشىگە يازغان خەت، ئۆزىمىزلا كۆرىدىغان كۈندىلىك خاتىرە ۋەھاكازالارنىڭ ھەممىسى سۆز ئىشلىتىش ۋە گرامماتىكىنىڭ توغرا بولۇشىنى، يېزىقچىلىق ئىستىلىنىڭ دۇرۇس بولۇشىنى،چالا-پۇچۇق تۈزۈلگەن جۈملىلەرنىڭ بولماسلىقىنى تەلەپ قىلىدۇ.مۇشۇنداق قەتئىي تۈردە داۋاملاشسا،ياخشى بولغان يېزىق ئادىتى ئىقتىدارغا ئايلىنىدۇ.بۇدەل يېزىق جەھەتتىكى ساپا بولۇپ،ساپا مەسلىسى ياخشى بولغان ئادەت مەسلىسىلا بولۇپ قالىدۇ.
بۇنىڭدىن يۈز يىللار ئىلگىرى نىتزى ياشلارنى ئانا تىلنى نېمىس تىلىدا يېزىلغان كىلاسسىك ئەسەرلەردىن ئۆگەنمەستىن، تاراتقۇلاردىن ئىزدەشتى،دەپ ئاغرىنغان ھەم ياشلارنىڭ «تېخى شەكلى پۈتۈلمىگەن روھىغا ئاخبارات ئىستېتىكىسىنىڭ قىزىقارلىق ياۋايى بەلگىسى»بېسىلىشىدىن ۋەھىمە يېگەن ئىدى. ئەگەر نېتزى بۈگۈنكىدەك تور دەۋرىدە ھايات بولغان بولسا،قانداق تەسىراتلارغا كېلەر بولغىيتتى؟
     مېنىڭ قارىشىمچە، تور تىل-ئەدەبىياتىنىڭ گۈللىنىشى يېزىقچىلىقنىڭ ئۇمۇملىشىش دائىرىسى ۋە ئېلان قىلىش ئەركىن بوشلۇقىنى زور دەرىجىدە كېڭەيتتى.بۇ ئەلۋەتتە ياخشى ئىش.ئەمما،شۇنىڭ بىلەن بىرگە نېتزى ئېيتقان«ئاخبارات ئىستېتىكىسىنىڭ قىزىقارلىق ياۋايى بەلگىسى»نىڭ يامراپ كېتىشىدىن ئاگاھ بولۇش لازىم.تور تىل-ئەدەبىياتىدا ھەمىشى تېزلىك قوغلىشىلىدۇ. شۇ سەۋەب تۆۋەندىكىدەك ئىككى خىل ئاقىۋەت كېلىپ چىقىشى مۇمكىن: بىرى، مەزمۇن جەھەتتىكى تېيىزلىق. «دەم يېگۈزۈش» ۋە «توپلىنىش» كەمچىل بولغاچقا،خۇشى كەلسىلا ئىپادىلەۋېرىدىغان،موداقىزغىنلىقىغا جۆربولغان تاماشا سورۇنىنى بارلىققا كەلتۈرىدۇ. ئىككىنچىسى،تىل جەھەتتىكى بىپەرۋالىق. ئوڭايلا ئانا تىلغا ئېتىبارسىز قارايدىغان ئادەتنى شەكىللەندۈرۈپ،خاتا سۆز-ئىبارە ۋە كېسەل جۈملىلەر باسقان ئېغىر ئاپەت رايۇنىنى شەكىللەندۈرۈپ قويىدۇ. شۇڭا،مېنىڭ تەشەببۇسۇم، ھەرقايسى مىللەتلەر ئىلغار ئانا تىل-يېزىق ئەنئەنىسىگە ئىگە،بۇ ئەنئەنە شۇ مىللەتنىڭ كىلاسسىك ئەسەرلىرىدە ساقلانغان،ئانا تىل ئۆگىنىشتە تورتىلىغا ئەمەس،دەل شۇ ئەسەرلەرگە يۈزلىنىش كېرەك.

مەنبە خەلق تورى:http://edu.people.com.cn/n/2013/1120/c1053-23603218.html
بەخىت_ ئەقلىيلىك ۋە قىزغىنلىقنىڭ قوشۇلۇشىدىن كېلىدۇ.

2

تېما

1

ئەگەشكۈچى

372

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
136
مۇنبەر پۇلى
224
ئىشەنىچ
136
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-27 11:52:24|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

بۇ ماقالە;- ئانا تىل ھەققىدە قەلبىمدە يەنى بىر قتىم سىلكىنىش پەيدا قىلدى...تeما يوللۇعۇچىعا تەشەككۅر!

0

تېما

2

ئەگەشكۈچى

1707

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
470
مۇنبەر پۇلى
1155
ئىشەنىچ
470
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-27 12:47:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا بۇ تېمىنى ئەستايىدىل ئوقۇپ،راسا مۇنازىرە قىلساق ئەرزىيدىكەن.
چۈنكى-- تىل دىلدۇر.تىل بۇزۇلسا دىلمۇ بۇزۇلىدۇ.

6

تېما

0

ئەگەشكۈچى

674

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
310
مۇنبەر پۇلى
388
ئىشەنىچ
310
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-27 13:35:23|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا تىلنى ئۆگۈنىش ھەممىمىزنى ئورتاق بۇرىچىدۇر .ئەركيار قولىڭىز ھارمىغاي

5

تېما

23

ئەگەشكۈچى

4140

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

真实姓名
شىرىن
تۆھپە
2117
مۇنبەر پۇلى
1745
ئىشەنىچ
2117
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مانا بىزمۇ پەرزەنتلىرىمىزگە ئانا تىل توغرىسىدا ياخشى تەربىيە ئېلىپ بېرىشىمىز كېرەك

7

تېما

1

ئەگەشكۈچى

1269

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
633
مۇنبەر پۇلى
622
ئىشەنىچ
633
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماۋۇسى ئەكەكتەك گەپ بوپتۇ.
ھەربىر تىنىقىمىز ئۈچۈن جاۋاپ بېرىمىز.

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

63

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
32
مۇنبەر پۇلى
31
ئىشەنىچ
32
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ قېتىملىق كۆچۈش جەريانىدا، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى تەدرىجىي ھالدا توپلىشىپ ئولتۇراقلىشىش ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرگەن. ئۇيغۇر، خەنزۇ، قازاق، خۇيزۇ، قىرغىز، موڭغۇل، تاجىك، شىبە، مانجۇ، ئۆزبېك، روس، داغۇر، تاتار قاتارلىق 13 يەرلىك مىللەت بار، جۇڭگودىكى بەش ئاز سانلىق مىللەت ئاپتونوم رايونىنىڭ بىرى بولۇپ، مىللەت تەركىبى 55 كە يەتكەن، خەنزۇتىلى، ئۇيغۇر تىلى، قازاق تىلى، قىرغىزتىلى، تاجىك تىلى، روس تىلى، شىبە تىلى قاتارلىق تىللار ئىشلىتىلىدۇ. شىنجاڭ دىنىي تۈس قويۇق بولغان جاي، مىلادىيە 10 _ ئەسىردە ئىسلام دىنى شىنجاڭغا كىرگەن، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقى كۆپ خىل دىنلارغا ئېتىقاد قىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە ئاساسلىقى بۇددا دىنى بولۇپ، ھازىرمۇ ئاز بولمىغان كىشىلەر ئىسلام دىنى، بۇددا دىنى، داۋجياۋ دىنى، خىرىستىئان دىنى، كاتولىك دىنى، شامان دىنى قاتارلىق دىنلارغا ئېتىقاد قىلىدۇ.كۆپ خىل دىن ئورتاق مەۋجۇت بولۇپ، ئوخشىمايدىغان دىنغا ئېتىقاد قىلىدىغان كىشلەرنىڭ سانىمۇ ئوخشاش ئەمەس، ھەم دىنغا ئىشىنىش ۋە ئىشەنمەسلىك ئەركىنلىكىمۇ بار. ئۇيغۇر، قازاق، خۇيزۇ، قىرغىز، تاجىك، تاتار قاتارلىق مىللەتلەر ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدۇ. مۇسۇلمان ئاممىسى كۆپ بولغاچقا، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا مەسجىدلەرنى كۆرگىلى بولىدۇ. قەشقەر ھېيتگاھ جامىئەسى ئەڭ داڭلىق بولۇپ، ھەر قېتىملىق مۇھىم ھېيىت _ بايراملاردا جامىئە ئالدىدىكى مەيدانغا نەچچە يۈزمىڭلىغان كىشىلەر توپلىشىپ بىرلىكتە تەنتەنە قىلىشىدۇ. شىنجاڭدا ھەرقايسى مىللەتلەر نوپۇسىنىڭ ئاز _ كۆپ بولۇشىدىن قەتئىينەزەر سىياسىي جەھەتتە بىردەك باراۋەر ھەمدە بارغانسېرى باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆزئارا ياردەمدە بولىدىغان يېڭىچە مىللىي مۇناسىۋەتنىڭ شەكىللەنگەنلىكىنى كۆرگىلى بولىدۇ. جۇڭگو ھۆكۈمىتىنىڭ مىللىي رايونلاردا يۈرگۈزگەن مىللىي تېررىتورىيەلىك ئاپتونومىيە تۈزۈمى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئالقىشىغا ئېرىشتى. 2009 _ يىلنىڭ ئاخىرىغا قەدەر، شىنجاڭنىڭ ئومۇمىي نوپۇسى 21 مىليون 586 مىڭ 300 نوپۇس بار، ئاز سانلىق مىللەتلەر %60.7 نى ئىگىلەيدۇ. ئۇيغۇرلار ئاساسلىقى تارىم ئويمانلىقىدىكى بوستانلىقلارغا، قازاقلار جۇڭغار ئويمانلىقىنىڭ تۆت ئەتراپىدىكى ئوتلاقلارغا، تاجىكلار پامىر ئېگىزلىكىگە، شىبەلەر ئىلى دەريا بويلىرىغا، خەنزۇلار بولسا ئاساسلىقى شەھەرلەرگە ۋە شىمالىي شىنجاڭغا تارقالغان. 1949-يىللىرى1700-يىللىرى قانداق بولغىتى دىگىم كىلىدۇ؟



6

تېما

14

ئەگەشكۈچى

2501

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
809
مۇنبەر پۇلى
1513
ئىشەنىچ
809
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئانا تىلدا ئويغانمىغان تەپەككۇر، پايدىلىنىش قىممىتى يوق قۇرۇق خىيالدۇر.
قۇملۇقتەك جىمجىت تۇرماي دېڭىزدەك ئۆركەشلەپ تۇرساق بولاتتى.

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

161

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
26
مۇنبەر پۇلى
135
ئىشەنىچ
26
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 18:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ANA TILNI UGUNIXIMIZ GA KIM KARIXI TURUWATIDU ?     UGATSALA BULIDU BALILIRIMIZ GA  
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-1-5 03:07, Processed in 0.119082 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش