گېرمانىيە مەنزىرىلىرى (10) 10 - ئاينىڭ ئاخىرىدا ياغقان قېلىن قار گېرمانىيەدە قىشنىڭ بالدۇر چۈشۈپ كەتكەنلىكىنىڭ بىشارىتى بولماستىن، بەلكى بىر خىل كىلىمات ئۆزگىرىشى ئىدى. دەرۋەقە، قاردىن كېيىن 2 - 3 كۈن ئۆتە - ئۆتمەيلا، ئاسماننى قاپلىۋالغان قارا بولۇتلار تارقاپ، كۆك ئاسمان، ئىللىق قۇياش يەر - زېمىنغا يېڭىباشتىن قۇچاق ئاچتى. قۇياشنىڭ تەپتىدىن زېمىن يەنە ئىللىشقا باشلىدى. تەكشى چېچىلغان ئىللىق قۇياش نۇرىغا بەرداشلىق بېرەلمىگەن قار تېزلا ئېرىپ كەتتى. قېلىن قار ئاستىدا قالغان چىمەنزارلىقلار، گۈل - گىيالار خۇددى ھېچ ئىش بولمىغاندەك، ئىنسانلارغا باشقىدىن كۈلۈپ قارىدى. ئالتۇن رەڭگە كىرگەن دەل - دەرەخلەر، يەر - يۈزىگە تۆكۈلگەن ئالتۇن رەڭ يوپۇرماقلار قۇياش نۇرىدا جۇلالىنىپ، كەچكۈز مەنزىرىسىنىڭ گۈزەللىكىنى نامايان قىلىپ تۇراتتى. بىزنىڭ بۇ گۈزەل زېمىندىن ئايرىلىشقا كۆزىمىز قىيمايتى، لېكىن كەتمىسەك بولمايتى. ئايرىلىش ئالدىدا بىز ئاخىرقى قېتىم بۇ گۈزەل تۇپراقنىڭ ئورمانلىقلىرىنى، چىمەنزارلىقلىرىنى ئارىلاپ چىقىپ، كەچكۈز مەنزىرىسىدىن قانغىچە ھۇزۇرلاندۇق. قېنى تورداشلار، سىلەرمۇ گېرمانىيەنىڭ كەچكۈز مەنزىرىسىدىن ئاخىرقى قېتىم بىر ھۇزۇرلىنىۋالغايسىلەر. خەير خوش گېرمانىيە! خەير خوش گۈزەل زېمىن!!!
|