رۇستەم قاراسۇ ئىجادىيتى
كىم تىگىدۇ پۇلۇم يوق
ۋىجدانىم بار كىم تىگىدۇ پۇلۇم يوق، ئىمانىم بار كىم تىگىدۇ پۇلۇم يوق. ساختا سۆيگۈ نامەرت بىلەن خۇشۇم يوق، ئىنسابىم بار كىم تىگىدۇ پۇلۇم يوق.
ئېسىل داچام يوقتۇر مېنىڭ كەپەم بار، لىنكولىن دەپ ماشىنام يوق مەپەم بار، كونا جەندە ئىچىدىمۇ ئادەم بار، غۇرۇرۇم بار كىم تىگىدۇ پۇلۇم يوق.
بىرەلمەيمەن ئالتۇن-جابدۇق تارتۇقلاپ، ئاتالمايمەن يوق نەرسىنى بار دەپ لاپ، لېكىن مەندە مۇھاببەت پاك مېھىر ساپ، مەن ئاپئاق قار كىم تىگىدۇ پۇلۇم يوق.
ئوقرى ئىگىز خانىم-قىزلار كۆز سالماڭ، قېسمىتىمنى بىلگەنلەر ھەم چىڭقىلماڭ، تەغدىر شۇنداق بىلى بوشكەن دەپ قالماڭ، غەيرىتىم بار كىم تىگىدۇ پۇلۇم يوق.
شۈكرى دەيمەن ئۆشبۇ كۆرگەن كۈنۈمگە، ئالالايمەن مېھمان كەلسە تۆرۈمگە، قەدىرلەيمەن تا-كەتكىچە گۆرۈمگە، مەڭگۈ بوپ يار كىم تىگىدۇ پۇلۇم يوق.
رۇستەم قاراسۇ...ئاتۇش.2013.12.22 |