- تىزىملاتقان
- 2012-12-1
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-8-7
- ھوقۇقى
- 70
- جۇغلانما
- 2670
- نادىر
- 1
- يازما
- 559
 
- تۆھپە
- 870
- مۇنبەر پۇلى
- 1489
- ئىشەنىچ
- 870
| بۇ يازمىنى ئاخىرىدا «ئاسېر» تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-18 21:27
ئا : رەسمى ساقچى پەرھاتجان . ب ياردەمچى ساقچى ئادىلجان . س : رەسمى ساقچىنىڭ ئايالى رەناگۈل . د : ياردەمچى ساقچى ئەركىنجان . ئې : ياردەمچى ساقچى تۇرغۇنجان . ف : 110 قۇماندانلىق مەركىزى . ۋاقىت : پەسىل چەكلىمىسى يوق . ئورۇن : ج خ مەدىنىيەت سەنئەت پائالىيەت سەھنىسى . سەھنە تۈزۈلىشى : ئىككى ئورۇندۇق بىر شىرە، شىرە ئۈستىدە بىر دانە ئۆي تېلىفۇنى بار . ئا ب : بۇ تۆت نەپەر ساقچى، ساقچى فورمىسىنى رەتلىك كىيىنگەن ھالدا شىرە ئالدىغا كېلىپ ئولتۇرىدۇ . ب :ـ د :ـ ف :ـ قاتارلىقلار شىرە ئۈستىگە بىششىنى قۇيۇپ ئارام ئالىدۇ . ئا : قۇلىدا بىر قانۇن گېزىتىنى تۇتۇپ، ئورنىدىن تۇرۇپ سەھنە ئوتتۇرسىغا كېلىپ بۇ جىددىچىلىك ھالەت قاچانمۇ ئاياقلىشار؟ ئۆيگە قايتمىغىلىى بىر ئايدىن ئارتۇق ۋاقىت بۇلۇپ قالدى، ئۈستۈمدىكى بۇ كىيىملەرمۇ كىرلىشىپ پۇراپ ئادەمنىڭ ئىچىنى ئىلىشتۈرۈپ، يەنە كىلىپ خوتۇن كۈندىلا ئاچچىغلاپ تىلفۇن قىلىپلا تۇرىدۇ، خوتۇنمۇ مىنى بەكلا سىغىندىغۇ دەيمەن ھەي بۇ كۈنلەرمۇ ئۆتۈپ كىتەر ھە ؟ دەپ بۇلۇپ، شىرە ئالدىغا كىلىپ ئولتۇرۇپ قولىدىكى گېزىتنى كۆرىدۇ . تېلىفۇن تۇيۇقسىز جىرىڭلاشقا باشلىدى . ئا : دەرھال تىلىفۇننىڭ نۇمۇر كۆرسەتكۈچ ئىكرانىغا قاراپ ھەي.. يەنە خوتۇندىن كەپتۇ ئەمەسمۇ بۇ چىدىماسزە ؟دەپ قۇلىغا تېلىفۇننى ئالىدۇ، ۋەي ھە خوتۇن نىمە ئىششىڭىز بار قىنى سۆزلەڭ، تىز بۇلۇڭ بۇ دۈجۈرنىلىك تىلىفۇنى، دىىلو مەلۇماتى كىلىپ قالسا چاتاق چىقىدۇ. س : ئەسكەرتىش : يۇقۇرى ئاۋازدا س :ـــ ئاچچىقلانغان ھالدا ، ھە بىلدىم سىزگە بۇ ئۆي بۇ بالا كىرەكمۇ ؟ يا خىزمەت بولسىلا بۇلامدۇ ؟ يەنە كەلمىسىڭىز مەن ئاجىرىشىپ خېتىمنى ئېلىپ ئانامنىڭ ئۆيىگە كىتىمەن . ئا : ھوي خوتۇن ئۇنداق دىمەڭ دەيمەن پات ئارىدا بۇ جىددىچىلىك ئاخىرلاشسا مەنمۇ ساقچىخانە باشلىقىمىزدىن بىر كۈن بولسىمۇ رۇخسەت ئېلىپ بىرىپ، كىيىملىرىمنى ئالماشتۇرغاچ سىزلەر بىلەن بىرگە ئولتۇرۇپ سىرتلارنى ئايلىنىپ بىر خوش قىلىۋىتىپ كەلمەيمەنمۇ ؟ س : بولدىلا يەنە چاقچاق قىلغىلى تۇردى. مەن شۇ ئىدارىڭىزگە بىرىپ ئۆز كۆزۈم بىلەن كۆرمىگىچە.. دەپ تىلىفۇننى قۇيىۋىتىدۇ . ئا : مانا دىمىدىممۇ خوتۇن مىنى بەكلا سىغىنغان گەپ ، دىمىسىمۇ مىنىڭمۇ خوتۇننى، شۇ ئۇماق ئوغلۇمنى بەكلا كۆرگۈم كەپ كەتتى، لىكىن نىمە ئامال مۇشۇ 6.26 ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن بۇيان بىزنىڭ ج خ سىپىدىلا ئەمەس ھەممىلا ئىدارە ئورگاندىكى خىزمەتچىلەرمۇ جىددى بۇلۇپ كەتتى ئەمەسمۇ؟ قانداق قىلىمىز ئەمدى ! بۇ خوتۇن كەلسە يەنە گۆللەپ يولغا سالمىسام بولمىدى دەپ تۇرىشىغا . ئىشىكنىڭ يىنىك چىكىلگەن ئاۋاز ئاڭلىنىپ ( ئا : نىڭ ئايالى ) س : كىرىپ كەلدى . ب :ـ د :ـ ف :ـ لار تىزلىكتە ئورنىدىن تۇرۇپ چەتتە ئەدەپ بىلەن تۇردى . ئا : ۋاي خوتۇن سىز نىمە دەپ كەلدىڭىز ئەمدى ؟ س : ھە... مەن كەلمەيدىغان ئورۇنما بۇ ؟ مەن كۆرۈپ باقاي راستلا سىز دىگەندەك جىددىچىلىكمۇ يا ماڭا يالغان ئىيتىپ ئولتۇرامدۇ قانداق؟ دەپ كەلدىم بولماپتىما ؟ ئا : بۇلىدۇ نىمىشقا بولمىغۇدەك، بىراق ھازىرلا بىر ئورۇندىن دىىلو مەلۇماتى كەپ قالسا مەن سىز بىلەن بۇ ئورۇندا پاراڭلىشىشقا ۋاقتىم چىقماي قالامدىكىن دەيمەن دەپ تۇرىشىغا تىلفۇن يەنە جىرىڭلىدى . ئا : كېلىپ تىلىفۇننىڭ نۇمۇر كۆرسەتكۈچ ئىكرانىغا قاراپ تىنچ ! 110 قۇماندانلىق مەركىزىكەن. ئا : كىلىپ تىلفۇننى ئالدى، ۋەي قۇماندانلىق مەركىزىما بۇ دۈجۈرنىلىك ئىشخانىسى مەن پەرھاتجان بۇلىمەن قىنى سۆزلەڭ ؟ ف : ۋەي ھە ! پەرھاتجان قۇلاق سىلىڭ ؟ ساتتار ئىسىملىك بىرسى دىىلو مەلۇم قىپتۇ. ئۇنىڭ دىيشىچە چوقىتام كەنتى 2- گۇرۇپپىدىكى نۈجۈپنىڭ دۇكىنىدا نەچچە ئادەم پىۋا ئىچىۋېتىپ، ئارىدا ئىككى ئادەم گەپ تالىشىپ سۇقۇشۇپ قالدى ، ئۇلاردىن بىرسى يەنە بىر ئاغىينىمىزگە پىچاق تىقىۋەتتى دەيدۇ، سىلەر نەق مەيدانغا بىرىپ نەق مەيداننى قوغدىغاچ ياردارنى دەرھال قوتقۇزىدىغان ئاماللارنى قىلىپ تۇرۇڭلار،مەن ھازىر مەسئول رەھبەرگە دوكلات قىلىپ بۇلۇپ جىنايى ئىشلار ئەترتىگە ئۇقتۇرۇش قىلاي . ئا : ئوقتۇم دەپ دەرھال قۇلىغا قەلەم ئېلىپ قەغەزگە خاترلىگەچ ھە.. ھە.. ئۇقتۇم ئورنى قەيەردە دىدىڭىز ؟ ھە چوقىتام كەنتى 2-گۇرۇپپىدىكى نۈجۈپنىڭ دۇكىنى ! ھە ئۇقتۇم، تىلفۇن نۇمۇرىنى دەپ بىرىڭە؟ ھە.. ھە.. 8384379 ھە.. خاترلىۋالدىم بىز ھازىرلا يېتىپ بارىمىز ھە ! ئوقتۇم خوش . ئا : س غا :ــ خاپا بولماي بىردەم ساقلاپ تۇرۇڭ بىز نەق مەيدانغا بىرىپ ئەھۋالغا قارىتا بىر تەرەپ قىلىۋىتىپ قايتىپ كىلىمىز ئۇقتىڭىزمۇ؟ ساقلاپ تۇرۇڭ ! ئا : ھەي ئې ! :ــ سەن دۈجۈرنىلىك ئورنىدىن تەۋرىمەي تۇرغىن بىز نەقمەيدانغا بىرىپ كىلەيلى ، ب :، د : تىز ماڭايلى ! ئا ئىككى نەپەر ياردەمچى ساقچىنى ئېلىپ بىرىپ، سەھنىنىڭ بىر چىتىدە نەچچە مىنوت سۈكۈتتە ئولتۇرغاچ قىزىل رەڭدىن كۆڭنەكلىرىنى سەل بۇيايدۇ . س : ئۆزىچە بىر نىمىلەرنى دىگەچ:ــ ۋاي ئاللا بۇلارنىڭ خىزمىتى مۇشۇنداقلىمىدۇ ؟ ھەي مەن.. مەن.. قانداق قىلسام بۇلار ؟ مۇشۇ ساقچىغا تەككىنىمنى ھەي !، مەن قانداق قىلسام بۇلا ؟ سەل يىغلىغان قىياپەتتە يىنىدىن ياغلىقىنى چىقىرىپ كۆزىنى سۈرتىدۇ . ئې : س غا تەسەللى بەرگەچ :ـ ئاچا ئامال يوق 6.26 يۈز بەرگەندىن بۇيان بىزنىڭ خىزمىتىمىز 24 سائەت مۇشۇنداقلا قانداق قىلىمىز خەلىقنىڭ بىخەتەرلىكى بىزنىڭ جاپالىق خىزمىتىمىزنىڭ نەتىجىسى دەڭا ... ئا : ب :، د : لارنى ئەگەشتۈرۈپ كېرىپ كىلىدۇ. ئۇلارنىڭ كۆڭنەكلىرى قان يۇققى . س : ۋاي ئاللا نىمە بۇ كىيمىڭلار ئەمدى، دەپ چۆچۈپ كىتىدۇ . ب : كىرىپ ئۇف... دەۋىتپ، ئاچا بىزنىڭ خىزمىتىمىزدە مۇشۇنداق ئەھۋاللار كۆپ، ئامال يوق قاراپ بىقىڭا بىزنىڭ بۇ كىيىملىرىمىزگە؟ كىيىملىرىمىزنىڭ ياققىلىرىمۇ كىردىشىپ كۆمۈرچىنىڭ ياققىسىدەكلا بۇلۇپ كەتكىنىنى ئەمدى، بۇ كىيىملەر تۈگەشتى، قانداق قىلىمىز جىددى ھالەتتە تۇرمىساق يەنە بولمىسا ... ئا : توغرا ئېيتتىڭ ب :ـــ بىز بۇ شەرەپلىك ساقچىلىق خىزمىتىمىزنى ھوشيارلىق بىلەن جەڭگىۋارلىق روھىمىزنى جارى قىلدۇرۇپ، ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جانى جان مەنپەئەتى شۇنداقلا دۆلىتىمىزنىڭ مۇقۇم بولغان ھالىتىنى قوغدىمىساق بىزنىڭ بۇ خىزمىتىمىزنىڭ نىمە رولى بولسۇن ؟ س :ــ ھە ئۇكۇلىرىم سەت بولدى، مەنمۇ كەلمەي دىگەنتىم مۇشۇ پەرھاتجاننىڭ مۇنۇ ئوغلى ھە دىسە يىغلاپ تۇرۋالمىسا مەنمۇ نىمە قىلىمەن بۇ ئىدارەڭلەرگە كىلىپ، نىمە بۇ ئۈستىڭلاردىكى كىيىملەر ئەمدى ؟ بايام نىمە ئىش بۇپتۇ !؟ ئا : مەن ئالدىرماي دەپ بىرەي سىز قايتىپ تۇرۇڭ ! س : ئاخشىمى ئولتۇرۇپ كىر-قاتلىرىڭلارنى يۇيىۋالساڭلار بولمامدۇ شۇنداق كىرلىشىپ پۇراپلا كىتىپسىىلەر ؟ د : شۇ ئاچا بىزمۇ كىيىملەرنى يۇيىۋالايلى دىسەكمۇ ۋاقىت يوق،بەزىدە ئوبۇرنىغا بارغۇدەكمۇ ۋاقتىمىز چىقماي قالىدۇ تىخى، يۇقارقىدەك دىىلو يۈز بەرگەندە دەرھال بىرىپ نەق مەيداندىكى دىىلونى بىر تەرەپ قىلمىساق تىخى شۇڭا 24 سائەت مۇشۇ تىلفۇننى كۈتۈپ ئولتۇرۇش بىزنىڭ ۋەزىيپىمىز . س : ھەي... بىر تېنىۋىتىپ مەنمۇ ئەمدى بىلدىم بۇ خىزمىتىڭلار ھەقىقەتەن جاپالىق ئىكەن مەنمۇ ئەمدى تولۇق چۈشەندىم سىىلەرگىمۇ تەس ئىكەن، بولدىلا پەرھاتجان مەن سىزنىڭ پاكىزە كىيىملىرىڭىزنى ئەكىلىپ بەرسەم ئالماشتۇرۋىلىڭ مەن بىلمەي سىزدىن ئاغرىنىپ يۈرۈپتىمەن تىخى ! ئا : شۇنداق قىلىڭە خوتۇن خىزمىتىمىز ئازراقلا بۇشىسا مەن چوقۇم باشلىقتىن روخسەت ئېلىپ بىرىپ سىلەرنى سىرتلارنى ئايلاندۇرۇپ سىزنى بىر خوش قىلىۋىتەي . س : قۇيىڭە يىنىڭىزدا باشقىلار تۇرسا نىمىلەرنى دەپ يۈرۈيسىز، ئىزا تارتماي يەنە چاقچاق قىلىۋاتقىنىنى قىنى شۇنداق قىلغاندا ھىساپ. س : ئۇكۇلىرىم بۇ جىددى ھالەتكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن غەيرەت قىلىڭلار مەنمۇ ۋاقتى-ۋاقتىدا پەرھاتجاننىڭ كىيىملىرىنى شۇنداقلا سىزسىزلەرنىڭكىنىمۇ يۇيۇپ پاكىزلاپ سۇنۇپ تۇراي مۇقۇملىققا ئورتاق كۈچ قۇشايلى ! ب : بولدى ئاچا بىز ئۆيدىكىلەرگە تىلفۇن ئۇرۇپ قويساق كىيىملىرىمىزنى ئەكىلىپ بەرسە يۆتكىۋالىمىز سىزنى ئاۋارە قىلمايلى ! ئا :ــ ب :ــ س :ــ د :ــ ف :ـــ ئۈچۆيلەن ئورتاق ئاۋازدا بىز ساقچىلار ھەمدە ساقچىلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتلىرى بولايلى ئورتاق كۈچ چىقىرىپ دۆلەتنىڭ مۇقۇملىغى، ھەر مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ خاتىرجەم تۇرمۇشىغا ئورتاق كۆڭۈل بۆلۈش ھەممىمىزنىڭ باش تارتىپ بولمايدىغان بۇرچىمىز !
ئىتوتنى يازغۇچى : ئۈچكۆۋرۈك خىزمەت گۇرۇپپىسىدىن «ئاسېر» 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى
|
|