تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 1892|ئىنكاس: 19

ئۇيغۇر تارىخىدا ئۆتكەن مەشھۇر ئايال ئەدىبلەر

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

108

تېما

12

ئەگەشكۈچى

2413

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
251
مۇنبەر پۇلى
1580
ئىشەنىچ
251
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-10 11:24:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۇيغۇر تارىخىدا ئۆتكەن مەشھۇر ئايال ئەدىبلەر
گۆھەربان ئۆمەر

ئۇيغۇر ئاياللىرى تارىختىن بۇيان ئۆزلىرىنىڭ ئەقىل-پاراسىتى، قەيسەر ئىرادىسى، جاپالىق تىرىشچانلىقىغا تايىنىپ تىللاردا داستان بولغۇدەك شانلىق نەتىجىلەرنى يارىتىپ،ئۇيغۇر مەدەنىيىتىگە ئۆچمەس تۆھپىلەرنى قوشتى. گەرچە تارىختا سىياسىي،دىن، ئەخلاق قاتارلىق بەزىبىر ئىجتىمائىي ئامىللارنىڭ چەكلىمىسىگە ئۈچراپ نۇرغۇن ئاياللار ئۆزىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى تولۇق نامايان قىلىشقا مۇيەسسەر بولالمىغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇيغۇرلار ئىچىدىكى بىر قىسىم ئاياللار بۇ تەقدىرگە تەن بەرمەي ھەرخىل ئۇسۇللار ئارقىلىق جەمئىيەتنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدە ئۆزلىرىنىڭ ئەقىل-پاراسىتىنى نامايان قىلىپ كەلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە ھازىرغىچە بىزگە مەلۇم بولغانلىرى تۆۋەندىكىچە:

1.ئاماننىساخان(1534-1567). يەركەن خانلىقى دەۋرىدە ياشاپ ئۆتكەن داڭلىق مۇقامشۇناس، بويىدىكى قومۇش مەھەللە يېزىسدا نامرات ئائىلىدە دۇنياغا كەلگەن. ئاماننىساخاننىڭ ھاياتى ۋە ئىجادىيتىگە ئائىت ئۇچۇرلار موللا ئىسمەتۇللا بىننى موللا نىمەتۇللا مۆجىزىنىڭ «تەۋارىخى مۇسقىيۇن» ناملىق ئەسىرىدە خاتىرىلەنگەن.
ئاماننىساخان 13 يېشىدا ئابدۇرەشىدخان ئوردىسىغا كەلگەندىن كېيىن 20 يىللىق فېئوداللىق نەسەپ قارىشىنىڭ چەكلىمىسى، جاھالەتچى سوپى – ئىشانلارنىڭ تەقىپ قىلىشلىرىغا قارىماستىن، ئۇيغۇر«ئون ئىككى مۇقام» نىڭ سىسىتېملىشىشى، مۇكەممەللىشىشى ئۈچۈن يۈرەك قېنىنى سەرپ قىلغان. ئۇ يەنە خانىم – قىزلارغا نەسىھەت قىلىش مەزمۇنىدىكى «ئەخلاقىي جەمىلىيە»،«شۇرۇلقۇلۇپ»(قەلىبلەر كېڭىشى)،«دىۋان نەفىسى» قاتارلىق ئەسەرلەرنى يازغان، «ئىشرەت ئەنگىز»(خۇشاللىق قوزغاش) دېگەن كۈينى ئىجاد قىلغان. 1567-يىلى تۇغۇتتا ۋاپات بولغان.

2. ئاخۇن ئاغچا. 19- ئەسىرنىڭ ئوتتۇرلىرىدا خوتەندە ياشاپ ئۆتكەن شائىرە. ئۇ 1860-يىلى خوتەندە زۇلۇمغا قارشى پارتىلغان خەلق ئىنقىلابىنىڭ سەركەردىسى ئابدۇراخمان خان غوجا(1833-1863) نىڭ ئانىسى بولۇپ، ئۇ ئوغلى ئابدۇراخمان خان غوجا قۇربان بولغاندا، ئۇنىڭ قەھرىمانلىقىنى مەدھىيلەپ ۋە زامان كۈلپەتلىرىدىن زارلىنىپ نۇرغۇن قوشاقلارنى توقۇغان.
3. ئەسىرى. تەخمىنەن 18-،19-ئەسىرلەردە خوتەندە ياشاپ ئۆتكەن شائىرە.ئۇنىڭ شېئىرلىرى خوتەندىن تېپىلغان.«باياز»غا شائىرەنىڭ بەزى ئەسەرلىرى كىرگۈزۇلگەن.

4. ئەنبەرئاتىن(1870-1915). شائىرە ئەنبەر ئاتىن دىلشاد بەرنانىڭ شاگىرتى. ئۇ ئۆزىنىڭ 45 يىللىق ھاياتىدا خېلى كۆپ ئەسەرلەرنى يازغان. ئۇ ئاسيا يېقىنقى زامان دېموكراتىك شائىرلىرىنىڭ ئىدىيىۋى ئېقىمىغا زىچ ماسلاشقان رېئالىستىك شائىرە ئىدى. ئۇ قوقان خانلىقى تەۋەسىدە ياشغان.

5. باتىسقان ئانا. تەخىمنەن مىلادىدىن بۇرۇنقى 10- ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن. تارىخچىلار ئۇنى غەربىي يۇرت قەۋملىرىنىڭ ئانىلىق ئۇرۇقداشلىق دەۋرىدە ئۆتكەن ئۇرۇق باشلىقى بولۇشى مۇمكىن، دەپ قارايدۇ. يەنە بەزى تەتقىقاتلار «باتىسقان ئانا» قەدىمكى ھونلارنىڭ خان ئانىسى بولۇشى مۇمكىن دەپ قارىماقتا. خەنزۇچە ھۆججەتلەردە ئۇنى «شى ۋاڭ مۇ»«西王母» دەپ ئاتىغان.ئۇنىڭ «ئاق بۇلۇت قوشىقى»، «باتىسقان ئانا كۈيى» ناملىق ئىككى پارچە شىئىرى خەنزۇچە ھۆججەتلەردە ساقىلىنىپ كەلگەن.

6. بۈبى زەينەپ. 1660-يىللاردا يەركەن شەھرىدە تۇغۇلغان. ئۇ ئىسمائىل حاننىڭ قىزى بولۇپ،ئۆسمۈرلۈك دەۋرىدە يەركەندىكى ي يىشىل مەدىرىستە ئوقۇغان. 1678-يىلى ئاپاق خوجا يەركەن خانلىقىنى مۇنقەرز قىلىپ ھاكىمىيەت ئىگىلىگەن مەزگىلدە ئىسمائىل خاننى جەمەئتى بىلەن ئىلىغا يالاپ ئلىپ كەتكەن. ئۇزاق ئۆتمەي 18 ياشلىق شائىرەنى قاينىتىلغان ياغقا تاشلاپ ئۆلتۈرۋەتكەن ھەمدە ئەسەرلىرىنى كۆيدۇرۋەتكەن.

7. بۈبى مەسۈم ئەزىزەم. 18-ئەسىردە يەركەندە ياشاپ ئۆتكەن شائىرەدۇر.

8. جىۋا(324-؟) مەشھۇر ئالىم ۋە نومشۇناس كومراجىۋانىڭ ئانىسدۇر. ئۇ قەدىمكى كۈسەندىن بولۇپ،ئۆز ۋاقىتدا قەدىمكى كۈسەن ۋە سانسكرىت تىللىرىنى پىشىشق ئىگىلىگەن.تىبابەتچىلىك ساھاسدىمۇ زور شۆھرەت قازانغان. جىۋا«ئىچكى بەش ئەزا توغرىسىدا» ناملىق كىتابىنى يىزىپ چىققان.

9.دىلبەر دورغا.19-ئەسىرنىڭ ئالدىنىقى يىرىمدا قاراقاش ناھىيىسىدە ياشاپ ئۆتكەن تەنقىدىي رىئالىزىمچى شائىرە. ئۇنىڭ «مەزلۇملار ئاھى»(ئەرزنامە دەپمۇ ئاتىلدۇ)نامىلىق مۇخەممەس بىزگىچە يىتىپ كەلگەن.

10. دىلشاد بەرنا(1800-1905) .ئوتتۇرا ئاسىيادا تونۇلغان شائىرە بولۇپ، تاجىكستان ئۆرە تۆپىلىك. شائىرە 1817-يىلى قوقان
خانى تەرىپىدىن ئەسىر سۈپىتىدە قوقەندكە ئىلىپ كىتىلگەن. ئۇنىڭ ھاياتقا، مۇھەببەتكە، يۇرتىغا بولغان سىغىنىشى، ئىنسانىي خىسلەتلەر كۈيلەنگەن«سەبەتۇل بەشرە»(ئىنسانىي خىسلەتلىرى)،«تارىخيى مۇھاجىران» قاتارلىق ئەسەرلىرى بىزگىچە يىتىپ كەلگەن.

11. رەھىلە(1860-1917). قەشقەرنىڭ ئۈستۈن ئاتۇش يىزىسىدىن بولۇپ، ئۇ 1885-يىلدىن باشلاپ ئاتۇش ئىكساق پەننىي مەكتىپىدە ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان. ئەرەپ، پارىس تىللىرىنى پىششىق ئىگىلىگەن، «دەلائىلۇ ئىلىم»(ئىلىمگە دالالەت قىلغۇچى) ناملىق كىتابىنى يازغان.(بۇ قوليازما ھازىرمۇ ساقلانماقتا).«قۇرئان كەرىم»نى ھۆسىنخەت شەكلى بىلەن تولۇق كۆچۇرۇپ چىققان.

12.زەبۇنىسا(1639-1708). ھىندستاندىكى بابۇرىلار خانلىقى تەۋەسىدە ياشاپ ئۆتكەن.ئۇ بابۇر شاھىنىڭ نەۋرىسى بولۇپ،1639-يىلى دېھلىدا تۇغۇلغان. 70 يىللىق ھاياتىنى يالغۇزلۇق ۋە غىرىبلىق ئىچدە ئۆتكۈزگەن. «زەبۇنىسا» شائىرەنىڭ ئەدەبىي تەخەللۇسىىدۇر. ئۇنىڭ كۆپلىگەن ئەسەرلىرى ئەرەب ، پارىسچە مەنبەلەردە تىلغا ئىلىنغان. تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلى ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بىزگىچە يىتىپ كىلەلمىگەن.

13.زۇلفىيە(كاشغەرى). ئۇ، ئاپئاق خوجاجۇڭغارلاغا قورچاق خان بولۇپ تۇرغان مەزگىللەردە ياشاپ ئۆتكەن. ئۇنىڭ «دىۋان زۇلفىيە» ناملىق لىرىكىلار توپلىمى بولغان.

14. زىلەيخا بىگىم. يەركەن خانلىقى دەۋرىدە ئۆتكەن ئەدەبىي تەرجىمان ۋە شائىرە بولۇپ، قەشقەرنىڭ قوغان يىزىسىدىن. ئۇ، ئاپئاق خوجا (1626-1694) نىڭ ئانسى. « سىلسىلە تۈز زەھەپ» ناملىق كىتابتىكى مەلۇماتلارعا قارىغاندا، ئۇ، ھاپىز شىرازى قاتارلىق پارىس شائىرلىرىنىڭ شىئىرلىرىنى مۇتالىئە قىلىشتا داڭ چىقارغان. زىلەيخا بىگىمىنىڭ بەزى تەرجىمە ئەسەرلىرى«باياز»غا كىرگۈزۈلگەن.

15.زۇمرەت . 19  -ئەسىردە خوتەن دىيارىدا ياشاپ ئۆتكەن. ئۇنىڭ خىلى كۆپ شئىرلىرى «باياز»غا كىرگۈزۈلگەن.

16.سۈلئى سۇما. مىلادىيە 4- ئەسىردە يەركەندە ياشاپ ئۆتكەن تۇنجى ئۇيغۇر ئايال مۇتەپپەككۇر ۋە ئەدىبتۇر. ئۇ يەركەن خانىنىڭ كىچىك قىزى بولۇپ، بۇددا دىنىنىڭ ماھايانا مەزھىپىنىڭ تەسرىدە ئۆسۈپ يىتلگەن. كومراجىۋامۇ 357-يىلى كەشمىردىن كۇچاغا قايتىش سەپىرىدە يەرەنگە كىلىپ سۈلئى سۇما بىلەن تونۇشقان ھەم ئۇنىڭ تەسىرىنى قوبۇل قىلغان. لىكىن سۈلئى سۇمانىڭ ئەسەرلىرى بىزگىچە يىتىپ كىلەلمىگەن.

17.سېمرا قىزى. 18-ئەسىردە ياشاپ ئۆتكەن ئۇدۇن خانى چىسا سىمرانىڭ قىزى. ئۇنىڭ قەدىمكى خوتەن تىلىدا يىزىلغان «سىېغنىش نەزمىسى» ناملىق شىئرى ھازىر پارىژ مۇزىيىدا«2027»نومۇر بىلەن ساقلانماقتا.

18. شياۋ گۈەنيىن(1039-1075). قىتان خانلىقى دەۋرىدە ياشىغان ئۇيغۇرشائىرەدۇر. ئۇنىڭ دادىسى شىياۋخۇي ( ئۇيغۇرچە ئىسمى خاتىرىلەنمىگەن) قىتان خانلىقىدا ۋەزىر بولغان. شىياۋگۈەنيىن قىتان ئوردىسىدا خانىش بولغان. ئۇ بەرباب چىلىش ۋە شىئىرىيەتتە داڭق چىقارغان بولۇپ، خىلى كۆپ شىئىرلارنى خەنزۇچە يازغان. شائىرەنىڭ«قەلب ھويلىسغا قايتىش»، «ئۆتمۈشنى ئەسلەش»،«نامدىن جۇدا بولۇش»قاتارلىق ئەسەرلىرى ساقىلىنىپ قالغان.

19-شى لەنلەن باقشى(؟-1332). يۅەن سۇلالىسى دەۋرىدە ياشاپ ئۆتكەن مەشھۇر خەتتات ۋە شائىرەدۇر. ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى قۇجۇلۇق بولۇپ، يۈەن دەۋرى مەدەنىيىتىنى گۈللەندۈرۈشتە مۇھىم تۆھپىلەرنى قوشقان. شى لەنلەن خەنزۇ تىل يىزىقىدىكى «بۇددا ۋاتامساكا ماخاۋاي»، «لىڭيەن سۇترىسى»،«ئالتۇن يارۇغ». تىببەت يىزىقىدىكى«پىراجىناغا ئوقۇلغان سەككىز مىڭ مەدھىيە» قاتارلىق ئەسەرلەرنى كۆچۇرۇپ چىققان.

20.گۈەن يۈەنشى قىزى. 14- ئەسىر يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدە ياشاپ ئۆتكەن. بۇ ئۇيغۇرشائىرەنىڭ ئۆز ئىسمى نامەلۇم. ئۇنىڭ دادىسى گۈەن يۈەنشى(كۈن سەۋىنىچ) خەنزۇ ئەدىب ئوياڭ سۈەن يازغان.«گۈەن يۈنشى ھەزىرەتلىرىنىڭ يادنامىسى» ئەسىرىدە: «گۈەن يۈنشىنىڭ بىرلا قىزى بولۇپ، ئۇ بىلىملىك، ماقالە-ئەسەر يازالايدۇ»دەپ خاتىرىلەنگەن. ئەمما ئۇنىڭ ئەسەرلىرى بىزگىچە يىتىپ كىلەلمىگەن.

21.مۇترىبە.18- ئەسىردە پەرغانىدە ياشاپ ئۆتكەن قەشقەرلىك شائىرەدۇر.ك بىرۇۋكۇف «تىل – ئەدەبىيات ۋە تارىخ مەسىلىلەر» (1948-يىلى يىلى ئالمۇتا) ناملىق كىتابتىكى ماقالىسىدە بۇ شائىرە ھەققىدە ئۇچۇر بەرگەن.

22. نادىرە(1792-1842). قوقان خانى ناربۇتابىك زامانىدا ئەنجان ھاكىمى بولغان رەھمان ئائىلىسدە(ئۇيغۇر) تۇغۇلغان. ناربۇتابىك ئۆلۈپ ھاكىميەت ئۇنىڭ ئوعلى ئالىمقان قولىغا ئۆتكەندە، ئۇنىڭ ئىنىسى ئۆمەرخان 1808-يىلى نادىرەنى نىكاھىغا ئالغان. ئۆمەرخان ۋاپات بولۇپ ئۇ تۇل قالغان.1842-يىلى بۇخارا ئەمىرى نەسۇرۇللاخان قوقانغا قوشۇن تارتىپ كىلىپ نادىرەنى ئوغلى ۋە نەۋرىسى بىلەن قوشۇپ ئۆلتۇرۋەتكەن. شائىرەنىڭ«دىۋانى نادىرە» ناملىق توپلىمى بىزگىچە يىتىپ كەلگەن.

23.نۇزۇگۇم. ۋەتەنپەرۋەر، قەھرىمان ئۇيغۇر قىزى. ئەسلى ئىسمى چولپانگۈل بولۇپ، قەشقەردە تەخىمىنەن1806-،1807-يىللىرى تۇغۇلغان. ئۇ كىچىكىدىن چىچەن ھەم نازۈك قىز بولعاچقا باشقىلار ئۇنى«نازۈك» ياكى «نۇزۇگۇم» دەپ ئاتىۋالغان.نۇزۇگۇم 1825 -يىلىدىكى قەشقەر حەلقىنىڭ چىرىك چىڭ ئەمەلدارلىرىعا قارشى قوزعىلىڭعا قاتنىشىدۇ. قوزغىلاڭ مەغلۇپ بولغاندىن كىيىن ، چىڭ سۇلالىسى ئەمەلدارلىرى قەشقەر ئاھالىسىدىن ئون مىڭلىغان كىشنى ئىلىغا سۈرگۈن قىلىدۇ. پالانغانلار قاتارىدا ئىلىغا كەلگەن نۇزۇگۇمنى ئۆزلىرىگە بويسۇندۇرالمىغان چىڭ سۇلالىسى ھۆكۇمرانلىرى ئۇنى سۇلۇن ئەمەلدارىغا ستىۋىتىدۇ. ياتلارغا حوتۇن بولۇشنى نومۇس بىلگەن نۇزۇگۇم كىچىسى سۇلۇن ئەمەلدارىنى ئۆلتۇرۇپ قىچىپ كىتىدۇ. ئۇزۇن ئۆتمەي تۇتۇلۇپ قىلىپ دارغا ئىسىپ ئۆلتۇرۇلىدۇ.(1827-يىلى). بۇ ئوت يۈرەك شائىرەنىڭ زۇلۇمغا قارشى ئىسيانكارلىق، ۋەتەنپەرۋەلىك روھ بىلەن تولغان شىئىر- قوشاقلىرى خەلقىمىز ئارىسدا كەڭ تارقالغان.

24. ھەمراھ بۈبى. 19-ئەسىردە قەشقەرنىڭ ئاتۇش يىزىسدا ياشاپ ئۆتكەن. ئۇنىڭ بىر قىسم غەزەللىرى 1980-يىلى ژۇرناللاردا تونۇشتۇرۇلغان.

ئاپتۇر: شىنجاڭ سەنئەت ئىنىستىتۇتى ئاساسىي پەنلەر بۆلۈمىدىن(ماگىستىر ئاسپىرانت)

115

تېما

19

ئەگەشكۈچى

4624

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

真实姓名
ئا.كامال
تۆھپە
1480
مۇنبەر پۇلى
2212
ئىشەنىچ
1480
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-10 11:37:25|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇنى بىلۋالدۇق.

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

27

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

تۆھپە
6
مۇنبەر پۇلى
21
ئىشەنىچ
6
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-10 13:30:45|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنمۇ  بىلۋالدىم

10

تېما

23

ئەگەشكۈچى

4955

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
2741
مۇنبەر پۇلى
2359
ئىشەنىچ
2741
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-10 14:11:59|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئابلاجان ئىزدىنىش روھىڭىزغا ئاپرىن ! ...

0

تېما

1

ئەگەشكۈچى

788

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
290
مۇنبەر پۇلى
508
ئىشەنىچ
290
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-10 20:12:47|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ماگىستىر ئاسپىرانت گۆھەربان ئۆمەر ئىسىملىىك بۇ  ھەقىقەتەنمۇ جىق ئىزدىنىپتۇ ! كۆپ بىلىمگە ئىگە قىلدى بىزنى . رەھمەت !

0

تېما

1

ئەگەشكۈچى

788

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
290
مۇنبەر پۇلى
508
ئىشەنىچ
290
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-10 20:14:55|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەتلەرنىڭ ئورنى ئالمىشىپ كەتتى دىسە، بۇ گۆھەربان ئۆمەر ئىسىملىك ماگىستىر ئاسپىرانت

0

تېما

1

ئەگەشكۈچى

788

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
290
مۇنبەر پۇلى
508
ئىشەنىچ
290
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-10 20:17:39|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ گەپچە كومراجىۋا ئۇيغۇركەندە، مەن بۇلارنى راستىنلا بىلمەيدىكەنمەن. مۇشۇ تارىغ توغرىسىدا بىلىدىغانلىرىم بەك ئاز !

باھا سۆز

كاپىتان ئۈگىنىش شارائىتىڭىز ياخشىدۇ؟  يوللىغان ۋاقتى 2013-12-10 22:34

8

تېما

15

ئەگەشكۈچى

3401

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1033
مۇنبەر پۇلى
2183
ئىشەنىچ
1033
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-10 22:33:53|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كۆپ  بىلىملەرنى بىلىۋالدۇق  يازغۇچىغا ۋە يوللىغۇچىغا رەخمەت!!!

باھا سۆز

نۇرNRXT ئۈگۈنىدىغان نەرسىلەر بەك كۆپتى بولمىسا ، خۇدايىم بۇيرىسا تولۇقلاشقا تىرىشىمەن !  يوللىغان ۋاقتى 2013-12-10 23:11
نۇرNRXT ئۈگۈنۈش شاراتىنى ياراتسام بولىدۇ. لېكىن شۇ پەقەت ۋاقىت چىقمايۋاتىدۇ.  يوللىغان ۋاقتى 2013-12-10 23:10
قۇملۇقتەك جىمجىت تۇرماي دېڭىزدەك ئۆركەشلەپ تۇرساق بولاتتى.

23

تېما

36

ئەگەشكۈچى

6699

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

真实姓名
سەرۋى
تۆھپە
3266
مۇنبەر پۇلى
2865
ئىشەنىچ
3266
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-10 23:11:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۆھپىكار  ئانىلارنىڭ نامى دىللاردا يادلىنىپ تۇرغۇسى !

96

تېما

33

ئەگەشكۈچى

8767

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
3220
مۇنبەر پۇلى
4029
ئىشەنىچ
3220
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-10 23:28:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى تېمىنى يوللىغان ئابلاجانغا رەخمەت.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-8-14 15:01, Processed in 0.126122 second(s), 29 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش