تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 681|ئىنكاس: 12

پىشقەەم مائارىپچى، ئەدىب مۇھەممەتئىمىن نۇرىنىڭ ئىجادىيەت ئىلمى ...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

9

تېما

1

ئەگەشكۈچى

353

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
49
مۇنبەر پۇلى
277
ئىشەنىچ
49
يوللىغان ۋاقتى 2013-12-8 14:10:49|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قاراقاش ناھىيەسىدە پىشقەەم مائارىپچى، ئەدىب مۇھەممەتئىمىن نۇرىنىڭ ئىجادىيەت ئىلمى مۇھاكىمە يىغىنى ئىچىلدى




     12 – ئاينىڭ 7 – كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، «قارا قاشتېشى ماكانى»، «خوتەن قەغىزى ماكانى»، «ئۇيغۇر تېبابەت دورا ئۆسۈملۈكلىرى ماكانى»، «ئۇزۇن ئۆمۈر كۆرۈش ماكانى» بولغان قاراقاش دىيارىدا پىشقەدەم مائارىپچى، ئەدىب مۇھەممەتئىمىن نۇرىنىڭ ئىجادىيەت ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى ئىچىلدى.
     پىشقەدەم مائارىپچى، ئەدىب مۇھەممەتئىمىن نۇرى 1934 – يىلى قاراقاش ناھىيەسىنىڭ تىۋەت يېزىسىدا تۇغۇلغان، 1953 – يىلى خوتەن ۋىلايەتلىك 1 – ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ تولۇقسىز سىنىپىغا قوبۇل قىلىنغان. 1958 – يىلى 9 – ئايدا ممەكتەپ پۈتتۈرمەي تۇرۇپلا سولچىل سىياسەتنىڭ ناھەق ئەيىبلىشى بىلەن قولغا ئىلىنغان. پارتىيە مەركىزى كومىتېتى 11 – نۆۋەتلى 3 – ئومۇمىي يىغىندىن كېيىن ئاقلىنىپ، 1984  - يىلى كاۋاك يېزا تۇزلۇقئوتاغ ئوتتۇرا مەكتەپكە ئوقۇتقۇچىلىققا تەقسىم قىلىنغان. 1998 – يىلى شەرەپلىك ھالدا دەم ئېلىشقا چىققان.
     مۇھەممەتئىمىن نۇرى «خوتەن گېزىتى» نىڭ 1953 – يىلى 1 – ئىيۇن سانىدا ئېلان قىلىنغان «بالىلار ئالغا» ناملىق شېئىرى بىلەن ئىجادىيەت سىپىگە قەدەم قوتغان بولۇپ، جۇشقۇن ھېس – ھاياجانلىرىنى، يۈكسەك ۋەتەنپەرۋەرلىك ۋە مەرىپەتپەرەرلىك روھىنى شېئرلىرىدا ئىپادىلەپ، كەڭ ئەدەبىيات ساھەسىنىڭ ئېتراپ قىلىشىغا مۇشەررەپ بولغان. شۇنىڭدىن بۇيان 1957 – يىلغىچە ئۇنىڭ «خوتەن گېزىتى»، «تارىم» قاتارلىق گېزىت – ژۇرناللاردا 50 پارچىغا يېقىن شېئىرلىرى ئىلان قىلىنىپ ياخشى تەسىر قوزغىغان. ئۇ 1957 – يىلى 5 – ئايدا ئېچىلغان شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونۇم رايونلق يازغۇچىلار جەمىئىيتىنىڭ تۇنجى نۆۋەتلىك قۇرۇلتىيىغا خوتەن ۋىلايىتىدىن بىردىن - بىر ۋەكىل بولۇپ قاتناشقان. شۇنىڭىدىن بىرى مۇھەممەتئىمىن نۇرى يۈكسەك بىر ئالىي تىلەكنىڭ تۈرتكىسىدە توختىماي قەلم تەۋرىتىپ كەلگەن، قەلەم ئۇنىڭغا ھەم ئەلەم، ھەم ھەشەم بېغىشلاپ كەلگەن، ئەلەملەردىن مەردانە قەدەملەر بىلەن ھالقىپ ئىجادىيەتنىڭ مۈشكۈل داۋانلىرىدا، تىكەنلىك باياۋانلىرىدا مەڭدەپ بوشاپ قالماي ئەدەبىيات گۈلۈستانىمىزنىڭ خۇش ئاۋازلىق قۇشى بولۇپ، پۈتكۈل يۇرۇڭقاش، قاراقاش ۋادىلىرىدا خەلقىمىزنىڭ ھۆرمىتىگە ئېرىشىپ كەلگەن. 1984 – يىلىنىڭ مابەينىدە ئەدىب ئۆزىنىڭ ھېكىمەتكە باي پىكىر دۇردانىلىرى مۇجەسسەملەنگەن كۆپلىگەن شېئىر، رۇبائىيلارنى، شۇنىڭدەك قىممەتلىك تارىخىي ئەسلىمىلەرنى يېزىپ ئېلان قىلدۇردى. 2013 – يىلى 11 – ئايدا «شىنجاڭ خەلق سەھىيە نەشرىياتى» تەرپىدىن «ئۇنتۇلماس يىللار» ناملىق تارىخىي ئەسلىمىلەر توپلىمى نەشىر قىلىندى.
     مۇھاكىمە يىغىندا ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم مەمتىمىن ئابدۇللا، ناھىيەلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقى ئەخمەتجان مەمتىمىن، ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى دولقۇن ھوشۇر، ناھىيەلىك مەدەنىيەت – تەتنەربىيە، رادىيو، كىنو-تېلېۋىزىيە ئىدارىسىنىڭ باشلىقى غۇجىئابدۇللا ناسىر، ناھىيەلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى تۇرسۇنباقى توختقۇربان، پىشقەدەم ئەدىب مۇھەممەتئىمىن نۇرى قاتارلىقلار رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.
    يۇقارقىلاردىن باشقا «شىنجاڭ مەدەنىيتى» ژرۇنىلىنىڭ سابىق باش مۇھەررىرى قۇربان مامۇت، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ پەخىرلىك ئوغلى، ئاتاقلىق ناخشىچى ئابدۇرېھىم ھىيىت قاتارلىق تەڭرىتېغىنىڭ جەنۇب ۋە شىمالىدىن، خوتەن ۋىلايىتىنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن تەكلىپ قىلىنغان ئىلىمسۆيەر ھەر ساھە زاتلار، يازغۇچى – شائىرلار، «شىنجاڭ ياشلىرى» ۋە «تارىم غۇنچىلىرى» تەھرىر بۆلۈمى، «خوتەن گېزىتى» ئىدارىسى، ۋىلايەتلىك يازغۇچلار جەمىئىيتى، «يېڭى قاشتېشى» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمى، قېرىنداش ناھىيە، شەھەرلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسى قاتارلىق ئورۇنلارنىڭ مۇناسىۋەتلىك مەسئۇللىرى ۋە خادىملىرى، ناھىيە تەۋەسىدىكى يازغۇچى – شائىر، ئاپتورلار، ۋىلايەت، ناھىيە تەۋەسىدىكى بىر بۆلۈك مەرىپەتپەرۋەر كارخانىچىلار، مۇھەممەتئىمىن نۇرىنىڭ خىزمەتداش، دوسىت – بۇرادەر، ئائىلە ئەزالىرى بولۇپ 200 دىن ئارتۇق كىشى مۇھاكىمە يىغىنىغا قاتناشتى.
    ناھىيەلىك پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ھاكىم مەمتىمىن ئابدۇللا، ۋىلايەتلىك ئەدەبىيات سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى دولقۇن ھوشۇر، ناھىيەلىك ئەدەبىيات – سەنئەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى تۇرسۇنباقى توختقۇربان قاتارلىقلار تەبرىك سۆزى قىلدى.
      «تارىم» ژۇرنىلى نەشرىياتى، «بۇلاق» ژۇرنىلىنىڭ باش مۇھەررىرى مۇھەممەتۇردى مىرزىئەخمەت، شىنجاڭ مائارىپ نەشرىياتىنىڭ مۇھەررىرى، تالانىتلىق ئوبزورچى يالقۇن روزى قاتارلىق ئورۇن ۋە شەخسلەرنىڭ تەبرىك تېلىگرامملىرى ئوقۇپ ئۆتۈلدى.
    ئۇنىڭدىن كېيىن ئەدىب مۇھەممەتئىمىن نۇرىغا تون كىيدۈرۈش، كۆڭۈل سوۋغىسى تەقدىم قىلىش پائالىيتى ئېلىپ بېرىلدى.
      تەتقىقاتچى مەتتۇرسۇن سىدىق، «شىنجاڭ ياشلىرى» ژۇرنىلىنىڭ تەھرىرى، «تارىم غۇنچىلىرى» ژۇرنىلى تەھرىر بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى، يازغۇچى، شائىر رۇزىمەمەت مۇتەللىپ مۇھەممەتئىمىن نۇرىغا ئاتالغان ماقالىسىنى ئوقۇپ ئۆتتى.
يىغىن ئاخىرىدا ناھىيەلىك پارتكومنىڭ دائىمىي ھەيئىتى، تەشۋىقات بۆلۈم باشلىقى ئەخمەتجان مەمتىمىن خۇلاسە سۆزى قىلدى.
يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ناھىيە تەۋەسىدىكى يازغۇچى، شائىر، تەتقىقاتچىلارنىڭ بۈگۈنكى يىغىننىڭ ئىلھامىنى تۈرتكە قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئەدەبىيات – سەنئىتىنى خەلق ئۈچۈن، سوتسىيالىزىم ئۈچۈن خىزمەت قىلدۇرۇش يۆلىنىشىدە، «بارچە گۈللەر تەكشى ئېچىلىش، ھەممە ئېقىملار بەس – بەستە سايراش» فاڭجىنىدا چىڭ تۇرۇپ، ئىلغار ئىدىيە ئارقىلىق كىشلەرنى قۇراللاندۇرۇپ، توغرا جامائەت پىكىرى ئارقىلىق كىشلەرنى يېتەكلەپ، ئالىيجاناپ روھ ئارقىلىق كىشلەرنى يېتىلدۈرۈپ، نادىر ئەسەرلەر ئارقىلىق كىشلەرگە ئىلھام بېرىپ، ناھىيەنىڭ تەشۋىقات، مەدەنىيەت، ئەدەبىيات – سەنئەت، ئەدەبىي ئىجادىيەت ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېگىشلىك تۆھپە قوشۇشقا تېرىشىش لازىم.










بۇ يازمىدا كۆپ مەنبەرلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش

ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن

6

تېما

17

ئەگەشكۈچى

1025

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
مەلىكە مەتتوختى
تۆھپە
331
مۇنبەر پۇلى
559
ئىشەنىچ
331
يوللىغان ۋاقتى 2014-1-5 00:21:57|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھورمەتلىك ئاپتۇر ياخشىمۇ سىز  ، مەنمۇ نەخ مەيداندا  بار ئىدىم سىزنى ئىسىمگە ئالالمىدىم ،،،،،
سۈرەتتىكى دۇنيا ئەڭ گۈزەل دۇنيا...
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-8-13 06:24, Processed in 0.112049 second(s), 27 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش