- تىزىملاتقان
- 2012-11-25
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-12-9
- ھوقۇقى
- 100
- جۇغلانما
- 6877
- نادىر
- 0
- يازما
- 1888
  
- تۆھپە
- 2470
- مۇنبەر پۇلى
- 2961
- ئىشەنىچ
- 2470
| خېجىڭ بازىرى شاربۇلاق كەنتىدىكى ئاتا كەسىپ چاچ ياساش ئۇستىسى – ئۆمەر جان ياسىن ئون نەچچە يىلدىن بۇيان ئۇستىرا، قايچىدىن ئىبارەت ئاددى سايمىنى، ھاجەتمەنلەرنىڭ ھاجىتىدىن چىقىشنى باش تارتىپ بولمايدىغان ئۆمۇرلۇك بۇرچۇم دەپ بىلىدىغان چوغدەك قەلبى بىلەن، ناھىيە بازىرىدىكى ھەرمىللەت ئاممىسىنىڭ يۇكسەك ھۆرمىتىگە ئىرىشىپ كېلىۋاتقان ياش ھۇنەرۋەنلەرنىڭ بېرى. ئۇ ھازىرغىچە ئاتا-ئانىسىدىن يېتىم قىلىپ، «تاغامدىن تاغا ياخشى، ھاممامدىن باداڭ ياخشى» دىگەندەك تاغىلىرىنىڭ ئۆيىگە پاتماي قىقىلىپ-سوقۇلۇپ يۇرگەن شېر ئەلى(قازاق) مەمتېلى، ئۆمەرجان قاتارلىق بەش يېتىم بالىغا ئاتىدارچىلىق قىلدى، ئۇلارنى ئائىلىسىنىڭ ئەزاسى قىلىپ، ئاش-تاماق بېرىپ ھالىدىن خەۋەر ئالدى، چاچ ياساش ھۇنىرىنى كۇنىنى ئالالىغىدەك دەرجىدە تولۇق ئۇگۇتۇپ، چاچ ياساشقا كېرەكلىك بىر يۇرۇش سايمانلار بىلەن دۇككان ئايرىپ بەردى، ئۆمەرجاننىڭ خېجىڭ ناھىيىلىك 3- باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇتقۇچىلىق قىلىدىغان ئاق-كۆڭۇل ئايالى زۆھرە خانىم يېتىملىك ۋە تۇرلۇك قىيىنچىلىق سەۋەبىدىن مەكتەپتە ئوقۇش پۇرسىتىگە ئىرىشەلمەي ساۋاتسز قالغان بۇ يېتىم بالىلارغا ئەتتىگىنى-ئاخشاملىرى ئېلىپبە ۋە ھىساپتىن ئىرىنمەي دەرىس ئۆتۇپ ساۋادىنى چىقاردى. بۇ بالىلار ھازىر ھۇنەرنىڭ خاسىيىتى بىلەن خاتىرجەم تۇرمۇش كۆچۇرمەكتە. ئۆمەرجاننىڭ تەربىيەسىدە ھۇنەرلىك بولغان بۇ بالىلار «سۇ ئىچكەندە قۇدۇق قازغۇچىنى ئۇنۇتما»دىگەندەك ھۇنەر ئۇگەتكەن ئۆمەرجاننى ئاتىسىدەك زۆھرە خانىمنى ئاپىسىدەك چوڭ بىلىدۇ.ھال-ئەھۋال سوراپ تۇرۇدۇ، ئۆمەرجان ياسىن ئۇستىرىنى قولغا ئالغان 10نەچچە يىلدىن بۇيان بازار، كەنت، مەھەللىدىكى قىرى، ئاجىز، مىيىپ ۋە ياشانغانلارنىڭ چاچ- ساقاللىرىنى دۇككاندا ۋە ئۆيلىرىگە كېرىپ خالىس ياساپ كەلمەكتە. ئۇ ھازىرغىچە ھەرمىللەتتىن بولۇپ 10نەچچىدەك شاگىرت تەربىيلەپ چىقتى. مەن ئۆمەرجاندىن « بۇ ياخشى ئىشنى 10 نەچچە يېلدىن بۇيان داۋاملاشتۇرۇپ كەپسىز، ئۆزەمگە بىېسىم بولۇپ قالدى دەپ ھىس قىلمىدىڭىزمۇ؟» دەپ سورىغاندا، ئۆمەرجان ئىككىلەنمەستىن «بۇ مەن ئۇچۇن خۇشاللىق ئىش، ئۆزۇم خالاپ قىلغان ئىش ماڭا ھەرگىز بىسىم تۇيۇلمايدۇ» دىدى ۋە يانا ئۇلاپلا « ئالىم خالىق بىزنىڭ خېجىڭلىق، مەن ئۇنىڭ بىلەن تەڭتۇش كىلىمەن، مەنمۇ يەتتە ئەزايىم ساق بىرئادەم، ئۇ قىلغان ياخشى ئىشنى مەن نىمىشقا قىلالمىغىدەكمەن؟ ئالىم خالىق كاۋاپچىلىق بىلەن شۇنچە كۆپ ياخشى ئىشلارنى قىلدى، مەنمۇ ئۇستىرا ۋە قايچا بىلەن ھاجەتمەنلەرگە بىر ئۆمۇر ئىللىقلىق يەتكۇزىمەن»دىدى. ئەپسۇس، يۇقىرقىدەك كىشىنى سۆيۇندۇرۇدىغان تەسىرلىك ئىش- ئىزلىرى بىلەن خېجىڭ ناھىيە بازىرىدىكى ھەرمىللەت ئاممىنىڭ ھۆرمىتىگە ئىرىشكەن، ئەمدىلا 38 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان بۇ ئېسىل خىسلەتلىك چاچ ياساش ئۇستىسى- ئۆمەرجان ياسىن 6- دىكابىر كۇنى تۇيۇقسىز كىسەل بىلەن بىز بىلەن مەڭگۇلۇك ۋىدالاشتى. ئۇنىڭ ياتقان يېرى جەننەتتە بولغاي.
خېجىڭ ناھىيىلىك 2-ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ پىنسىيۇنېرى تۇردى ئەبەيدۇللا خەۋىرى. ( 13899080671 )
|
|