- تىزىملاتقان
- 2013-11-21
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-12-9
- ھوقۇقى
- 20
- جۇغلانما
- 80
- نادىر
- 0
- يازما
- 9

- تۆھپە
- 17
- مۇنبەر پۇلى
- 60
- ئىشەنىچ
- 17
| 4
مېنىڭ ئانام ئانام ناھايىتى جاپاكەش ئىدى، ئۇ 2007-يىلى 3-ئايدا ئۆلۈپ كەتتى. ئەينى چاغدا بىر تۇققان قېرىنداشلار يىغا-زارە قىلىشىپ ئۇنى يەرلىكىدە قويدۇق. ئاللا ئانامنىڭ ياتقان يېرىنى جەننەتتە قىلغاي، ئەلەكمۇللا. ئەمما شۇ كۈندىن بېرى مەن ئاناسىزلىق يولىدا كېتىۋاتىمەن، ئانام بولغان بولسا ئۇنداق بولار ئىدى، ئانام بولغان بولسا بۇنداق بولار ئىدى، دىگەن خىياللار كاللامدىن بىر مىنۇتمۇ نېرى بولمىدى، باشقىلارنىڭ ”ئانا“ دەپ چاقىرغىنى ئاڭلىسام يۈرۈكۈم يىغلايىتتى. ئوقوغۇچىلىرىمغا دەرس ئۆتىۋېتىپ جۈملە تۈزگەندە دائىم ”ئانا، سېنى سېغىندىم! “ دىگەن جۈملە كاللانغا كىرىۋېلىپ، جىسمىم سېغىنىش ئىچىدە ئوت بولۇپ يېنىپ، ئۆزەمنى قويىدىغان جاي تاپالماي قالاتتىم. مەن فرانسىيەلىك بىر يازغۇچىنىڭ ” مېنى سېغىنساڭلار پويىزغا ئولتۇرۇپ ۋېغسايغا كېلىپ قەۋرەمنى يوقلاڭلار! “ دىگەن سۆزىنى ئوقۇغان ئىدىم. ۋېغساي پارىژغا يىراق ئىدى. مەن ياقا يۇرۇتتا ياشاۋاتقان بولغاچقا، ئالدىنقى يىلى يۇرتۇمغا باردىم، يۇرۇتقا يېقىن قالغاندا يىراقتىن ئانامنىڭ ھېدى كېلىشكە باشلىدى، كۆزۈمدىن تاراملاپ ياش تۆكۈلدى، ”ئانا، مەن كەلدىم! “ ، ئانام ھايات ۋاختىدا، مېنىڭ يۇرۇتقا كېلىدىغانلىقىمدىن خەۋەر تېپىپ، نەچچە كۈن بۇرۇن ئىشىك ئالدىغا چىقىپ يولۇمغا قاراپ ئولتۇراتتى، خوشنىلارغا: ”ئوغلۇم كېلەتتى، يولىغا قاراپ ئولتۇردۇم“ دەيىتتى، خوشنىلارغا بۇ گەپنى قىلغان چاغدىكى ئۇنىڭ خوشاللىقىنى پۈتۈن دۇنيانىڭ خوشاللىقىغا تەڭ قىلغىلى بولمايىتتى. مەن ئولتۇرغان ئاپتوبۇس قاش قارايغان چاغدا شەھەرگە كىردى، توساتتىن ۋۇجۇدۇمنى غېرىپلىق باستى، چۈنكى بۇ شەھەردە ئەمدى يولۇمغا ئىنتىزار بولۇپ مېنى كۈتۈپ ئولتۇرىدىغان ئانام يوق. نىمە دىگەن مىسكىن شەھەر-بۇ! ـــ تىنچ كەپسەن ئاكا! ـــ بۇ بېكەتكە ئالدىمغا چىققان ئىنىمنىڭ ئاۋازى ئىدى، ـــ جۈر ماڭايلى، ـــ دېدى ئۇ. مەن ئۇ نىمە دەۋاتقاندۇ دەپ، ئۇنىڭغا ھاڭۋېقىپ قارىدىم. چۈنكى مەن ھەر قېتىم يۇرتۇمغا كەلگەندە چوڭ ئۆيگە چۈشەتتىم، ئەمدى چوڭ ئۆي يوق، ئۆز يۇرتۇمغا مۇساپىر ئادەممەن. شۇ كۈنى كۆڭلۈم پاراكەندە ھالدا ئىنىمنىڭ ئۆيىدە يېتىپ قالدىم. كېچە ئۇيان ئۆرۈلۈپ، بۇيان ئۆرۈلۈپ ئۇيقۇم كەلمىدى، ئاخىرى تاڭ ئاتماستىنلا ئاستا ئورنۇمدىن تۇرۇپ، كېچىدە ئانامنىڭ قەۋرىسى تەرەپكە قاراپ يول ئالدىم. بۇ كېچە بەكمۇ قاراڭغۇ ئىدى، مەن شەھەرنىڭ پاسىلىدىن ئۆتۈپ يېزا يولىغا چۈشۈپ ماڭدىم، ئەتراپ قازاننى دۈم كۆمتۈرۈپ قويغاندەك ئىدى، مەن بالىلىق چاغلىرىمدا بۇ يېزا يولىنى تالاي قېتىم ماڭغان، ھەر قېتىم مەكتەپكە مېڭىش ئۈچۈن ئىشىكتىن چىققىنىمدا ئانام خاتىرجەم بوللالماي، ئىشىككىچە بىللە چىقىپ كىيىملىرىنى تۈزەشتۈرەتتى ھەم: ـــ يولدا قاراپ ماڭ! بالام، يول قاراڭغۇ، ئالدىڭدىن كەلگەن ئېشەك ھارۋىسىغا دىققەت قىل، خۇدايىمغا تاپشۇردۇم، خوش بالام! ـــ دەيىتتى. ئانامنىڭ بۇ سۆزى ماڭا كۈچ-قۇۋەت ئاتا قىلاتتى، تاكى مەكتەپكە يېتىپ كەلگۈچە تاڭ يۇرۇمايدىغان بولسىمۇ، ئەمما يولدا قورىقمايىتتىم. مانا بۈگۈن مېنىڭ كەينىمدىن ماڭا ئامانلىق تىلەيدىغان ئادەم يوق، قاراڭغۇ سەھرا يولىدا قورقۇپ كېتىۋاتىمەن، ئالدىمدىن موتسىكلىت مىنگەن بىر ئادەم چاڭ-توزاڭ توزۇتۇپ تېز سۈرئەت بىلەن ئۆتۈپ كەتتى، شۇنداق قورقۇپ كەتتىم، شۇنداقتىمۇ ئالدىمغا قاراپ مېڭىۋەردىم، بەلكىم پاختەك بولسا كېرەك، يول بويىدىكى ساسلىقتىن بىر نەرسە پالاقشىپ ئۈچۈت كەتتى، بەلكىم ئۇمۇ قورقۇپ كەتكەندۇ، مەن يەنە يولۇمنى داۋام قىلدىم ،چۈنكى مەن بىر قەدەم ئالدىغا ماڭسام، ئانامغا بىر قەدەم يېقىنلىشاتتىم. ئۇپۇق تەرەپ ئاستا-ئاستا ئاقىرىشقا باشلىدى، كۆڭلۈم توساتتىن شاتلىققا چۆمدى، بايىقى قاراڭغۇلۇق يوقاپ كەتكەندەك بىلىندى، مەن ئاقىرىشقا باشلىغان ئاشۇ توچكىدىن كۆزۈمنى ئۈزمەي ئالدىمغا قاراپ مېڭىۋەردىم. ھېلىقى توچكا ئاستا-ئاستا نۇرلىنىپ يورىدى، كۆڭلۈم بىر نەرسىنى تۇيغاندەك شۇنداق خۇشال بولدۇم، كېيىن ئۆزەمنى بۇ نۇرغا يېقىن جايدا ھېس قىلدىم، مانا ئەمدى پەقەت قورقمۇدۇم. بۇ نۇر ماڭا تېخىمۇ يېقىنلاشتى، مەن كۆزۈمنى يوغان ئېچىپ داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالدىم، ئانام نۇر ئىچىدە ماڭا قاراپ كۈلۈمسىرەپ تۇرۇپتۇ، ئۇ بىر نەرسىلەرنى دىمەكچى بولدى، بىراق گەپ قىلالمىدى، شۇنداق مەن ئانامنى كۆردۈم، كۆزۈمدىن تارملاپ ياش تۆكۈلدى. ”ئانا، ئەمدى مەن قورقمايمەن، باتۇرلۇق بىلەن ياشايمەن، مەن ئانىسىز ئەمەس، سەن ھەر ۋاقىت مەن بىلەن بىللە“ دېدىم مەن ئۇنىڭغا قاراپ. مەزىننىڭ ئەزان ئاۋازى ئاڭلاندى، بامدات ۋاختى بولغانتى. قەۋرە بېشىدا ئولتۇرۇپ ئانامغا دۇئا قىلدىم. كېيىن يېقىن ئەتراپتا بىر تۇققۇنىمىزنىڭ ئۆيى بار ئىدى، شۇ يەرگە باردىم، ئۇلار تېخى ئۇخلاۋاتقان بولۇپ، ھويلىسىنىڭ يوغان دەرۋازىسى تېخى تاقاقلىق تۇراتتى. دەرۋازىنى قېقىپ ئۇلارنى ئويغۇتۇشنى كۆڭلۈم تارىتماي، يېزا يولىدا ساسلىققا قاراپ ماڭدىم، نەگە بېرىشىمنى بىلمەيمەن، نۇرغۇن شال ئېتىزلىرىنى بېسىپ ئۆتتۈم، گايى يەردە تىزىمغىچە پاتقاققا پېتىپ كەتتىم، مەن مېڭىۋەردىم، گايى چىغىر يولدا ماڭسام، گايى ئالدىمدا ماڭىدىغانغا يول يوق ئېتىزلىقتا ماڭدىم، گايى بېلىمگىچە سۇ كېچىپ زەيكەشتىن ئۆتتۈم. ئۆمرۈمدە پەقەت مېڭىپ باقمىغان يوللاردىن ماڭدىم. مۇشۇ تەرىقىدە ئالاھەزەل يېرىم كۈن ئۆتتى كېيىن ئاخىرى دىگەندە تاش يولغا چىقتىم. ـــ كىملىكلىرىنى چىقارسىلا، ـــ كىملىك تەكشۈرىۋاتقان بىرسى ئالدىمنى توساپ دېدى. ـــ ئانام ئۆلۈپ كەتكەندىن كېيىن كىملىكىنى بىلمەيمەن، ـــ دەپ جاۋاب بەردىم. ـــ ھېلى بارىدىغان يەرگە بارغاندا بىلىلا، قېنى بولسىلا، ـــ دېدى ھېلىقى كىشى ھۆرپىيىپ. ـــ ھەي بولدى قىل، ئۇنىڭ ئەپتىنى كۆرمىدىڭمۇ، كاللىسىنىڭ دەردى بار ئوخشايدۇ، ئۇنى ئۆتكۈزىۋەت! ـــ دېدى باشلىق چىراي يەنە بىرى. مەن كېيىم كېچىكىم ۋەيرانە پېتى تاش يولدا يەنە يېرىم كۈن يول يۈرۈپ، ئاخىرى دىگەندە بىر ناھىيە بازىرىغا يېتىپ كەلدىم. بۇ يەردە بىر تۇققىنىمىز بار ئىدى. ئۇنىڭغا تېلېفون قىلغانتىم، ئۇ دەررۇ مەن بار يەرگە كەلدى. مەن ئۇنىڭغا بۇ يەرگە مېڭىپ كەلگنىمىنى ئېيىتتم. ـــ ۋاي-ۋۇي مۇشۇنداقمۇ قاراملىق قىلغان بارمۇ، بۇ ئاز يولمۇ، كىراغا 10 سوم يوقمىتتى-يە! ـــ دېدى ئۇ چاقچاق ئارىلاش كۈلۈپ تۇرۇپ.
2013-يىلى 12-ئاينى 7-كۈنى
|
|