- تىزىملاتقان
- 2012-12-7
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-12-9
- ھوقۇقى
- 50
- جۇغلانما
- 632
- نادىر
- 0
- يازما
- 118

- 真实姓名
- ئۇيغۇر ئوغلى
- تۆھپە
- 229
- مۇنبەر پۇلى
- 396
- ئىشەنىچ
- 229
| بۇ يازمىنى ئاخىرىدا hokumran تەھرىرلىگەن. ۋاقتى 2013-12-8 11:52
باھاردا يوللىغان ۋاقتى 2013-12-8 10:37  ساقالغا ئاق ئارلاشتى ، قېرىغاننى بىلمىدۇق ، ...
باھاردا خانقىز:
ئارتۇقچە ھاياجانلىنىپ كەتتىڭىزمۇ قانداق؟ ئەجەبا جاھاندىكى ناچار ئىللەتلەرنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىمىزگە مەجبۇرى ‹‹تېڭىۋېلىشىمىز›› كېرەكمۇ؟
شېئىردا تەسۋىرلەنگەن تۇرمۇش كارتىنىسى قايسى قىتئە، قايسى دۆلەت، قايسى مىللەت كىشىلىرى تۇرمۇشىدىكى ئومۇملۇققا ۋەكىللىك قىلالايدىكەن؟. شۇنداق ھادىسىلەر بىر مىللەتتە ئومۇميۈزلۈك ساقلاندى دېگەندىمۇ ئۇ ھەرگىزمۇ بىزنىڭ مىللىتىمىز ئەمەس. بىز نېمىشقا داۋاملىق ناچار ئىشلارنىلا كۆرۈپ ياخشى ئىشلارغا كۆزىمىزنى يۇمۇۋالىمىز؟ ‹‹ئاتالمىش›› يازغۇچى، شائىرلىرىمىز نېمىشقا قاۋاقخانا، پاھىشخانىلارنىڭ سىرتىغا چىقالمايدۇ؟ تۇرمۇشنىڭ ئېغىر يۈكىنى شىللىسىگە ئارتىپ، ئەۋلادلىرى ئۈچۈن قان-تەر ئاققۇزۇۋاتقان جاپاكەش ئاتىلار، ئۆمۈر بويى ئائىلە، بالا دەپلا ئۆتىدىغان مېھرىبان ئانىلار، مېھىر-مۇھەببەتلىك قەلبىدىن مېھىر ئۇرۇقى چېچىپ باشقىلارنىڭ قەلبىنى ئىللىتىۋاتقان ساخاۋەتچىلىرىمىز، تۇرمۇشتا باشقىلارغا ئۈلگە بولۇپ ياشاشنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى دۇنياغا جاكارلاۋاتقان ياشلىرىمىزنىڭ ئىش-ئىزلىرى نېمىشقا ئۇلارنىڭ نەزىرىگە چۈشمەيدۇ؟ شۇلارغا كەلگەندە قەلىمىنىڭ رېڭى تۈگەپ كېتىپ قالىدۇ؟ يازغۇچى، شائىرلار ئاۋال ئۆز روھىيىتىدىكى مەينەتچىلىكلەرنى سۈپۈرۈپ تاشلاشقا جۈرئەت قىلالىسا، ئاندىن خەلققە ياققۇدەك نادىر ئەسەرلەرنى ۋۇجۇدقا چىقىرالىشى مۇمكىن. بولمايدىكەن، ئۇلارنىڭ يازغانلىرى ئەل نەزىرىدىن چۈشۈپ قالىدۇ. |
|