تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 163|ئىنكاس: 5

خۇرجۇن

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

107

تېما

11

ئەگەشكۈچى

2245

جۇغلانما

تەكلىپلىك باشقۇرغۇچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
250
مۇنبەر پۇلى
1412
ئىشەنىچ
250
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
          خۇرجۇن - ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىدا ئىشلىتىش تارىخى ئۇزۇن بولغان، شۇنداقلا ئۇيغۇر مىللىتىگىلا خاس بولغان مۇھىم تۇرمۇش ۋاستىسىدىن بىرىدۇر.
  خۇرجۇن ئۇيغۇر خالۋاپچىلىقىنىڭ مۇھىم بىر تۈرى بولۇپ، ئۇنى مەخسۇس تەربىيىلەنگەن خالۋاپچى ئۇستىلارلا تۇقۇيالايدىكەن. خۇرجۇن قىزىل، كۆك، يېشىل، سېرىق، سۆسۈن قاتارلىق رەڭلىك يىپلارنى گىرەلەشتۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق ھەرخىل گۈل نۇسخىلىرى چىقىرىلىپ توقۇلىدىكەن. خۇرجۇن تۈز توقۇلۇپ، ئىككى تەرىپى كەينىگە ياندۇرۇلۇپ، يان تەرىپى تىكىلىپ ئاندىن شەكىلگە كەلتۈرۈلىدىكەن. ئاندىن خۇرجۇننىڭ ئېغىزىغا چىرايلىق گىرۋەك چىقىرىلىپ ئىزما بېكىتىلىدىكەن. ئىزما خۇرجۇندىكى نەرسىلەرنىڭ بىخەتەرلىكىنى ساقلاش رولىغا ئىگە ئىكەن. خۇرجۇن ئىككى پاي بولۇپ، نەرسە - كېرەك يۆتكەشتە تەڭپۇڭلۇقنى ساقلايدىغان بولغاچقا، ئۇنىڭدىن قاچىلانغان نەرسىلەرنى مەيلى ئادەم دولىسىغا ئارتىپ ماڭسۇن ياكى ئېشەككە ئارتىپ ماڭسۇن، ئوخشاشلا تەڭپۇڭلۇقنى ساقلاپ كۈچنى تېجەپ قالغىلى بولىدۇ. ئۇ نەرسە - كېرەك قاچىلاپ يۆتكەشتە، بولۇپمۇ ئۇزۇن سەپەر جەريانىدا ئىشلىتىشكە ناھايىتى ئەپلىك. ئۇنىڭدىن ھاۋا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان بولغاچقا، ئىچىگە سېلىنىدىغان نەرسە - كېرەكلەر ئاسان بۇزۇلۇپ قالمايدۇ ھەم ئۇنىڭدا نەرسە - كېرەكلەرنى پاكىز ساقلىغىلى بولىدۇ.
  ئۇ يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا ئەگەشىپ كۈندىلىك تۇرمۇش ۋاستىسى ئورنىدىن ھالقىپ، سەنئەت بۇيۇمى قاتارىدا ساقلانماقتا. خۇرجۇن ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇش، مەدەنىيە ئۆرپ - ئادەت، جۇغراپىيلىك شارائىت قاتارلىقلارنى تەتقىق قىلىشتىمۇ مۇھىم تەتقىقات تېمىسى بۇلالايدۇ.

مەنبە: ئۆزۈم ساقلىۋالغان ماتىرىيال ئىدى

23

تېما

30

ئەگەشكۈچى

6113

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
3012
مۇنبەر پۇلى
2515
ئىشەنىچ
3012
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   sarwi تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-12-6 16:47  

راست ، ماتىريالدا ئېيتىلغاندەك ، ئۆتكەندە بىر ئارامگاھقا غىزالانغىلى كىرسەك . قەدىمىي ئۇسلۇپتا بېزەلگەن بۇ ئارامگاھتىكى جاھازىلارغا خۇرجۇن ، كوزا ، ئىۋرىق دېگەندەك تۇرمۇش بۇيۇملىرى تىزىپ قويۇلغان ئىكەن ، كۆزۈمگە تولىمۇ ئىسسىق كۆرۈنگەن ئىدى ،  كۈنلەرنىڭ ئۆتۈشى بىلەن يەنە قايسى زۆرۈر تۇرمۇش بۇيۇملىرى سەپتىن چۈشۈپ سەنئەت بۇيۇمى قاتارىدىن ئورۇن ئالىدىكىن ؟

3

تېما

21

ئەگەشكۈچى

2527

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
749
مۇنبەر پۇلى
1383
ئىشەنىچ
749
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sarwi يوللىغان ۋاقتى  2013-12-6 16:26
راست ، ماتىريالدا ئېيتىلغاندەك ، ئۆتكەندە بىر ئارامگا ...

شۇنى دىمەمسىز بىزنىڭ مىللى خاسلىققا ئىگە بۇيۇملىرىمىز ئاساسەن ئاسارە -ئەتىقىلەرگە ئايلىنىپ قالغىلى تۇردى.

5

تېما

25

ئەگەشكۈچى

4773

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1905
مۇنبەر پۇلى
2322
ئىشەنىچ
1905
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   خۇرجۇن تارىختىن بۇيان ئۇيغۇرلارنىڭ تۇرمۇشىدا مۇھىم رول ئويناپ كەلگەن،
دەۋر تەرەققىياتىغا ئەگىشىپ ھازىر ئۇ ئىستىمالدىن چۈشۈپ قالدى. خۇرجۇن
توقۇيدىغان خالۋاپچىلىق ھۈنىرىنىڭ ۋارىسلىرى ئۈزۈلۈپ قالمىسا بۇلاتتى.

7

تېما

2

ئەگەشكۈچى

193

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
53
مۇنبەر پۇلى
117
ئىشەنىچ
53
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 20:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   ئەمەلىيەتتە راسا ئويلىنىپ باقساق خۇرجۇننىڭ ھازىرمۇ ئىشلىتىش قىممىتى يوقالمىدى. مەسىلەن : موتسىكىلىت، توكسىكىلىت قاتارلىقلارنى مىنىپ بازارغا نەرسە-كېرەك سېتىۋالغىلى چىققاندا تازا ئەسقاتىدۇ ئەمەسمۇ؟

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

51

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
16
مۇنبەر پۇلى
35
ئىشەنىچ
16
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 00:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بىزلەنى ئۇياقتا چارخۇجۇنلا دىسە خۇرجۇن بىز قەشقەر لىكنىڭ ئوخشايدۇ دەپتىكەنمە چارخۇرجۇنغا  كاۋا قاچلاپ يۇرسىمۇ بۇلدىكنا
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2013-12-9 22:58, Processed in 0.111449 second(s), 23 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش