تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 359|ئىنكاس: 3

ئۆتۈكنى ئۇيغۇرلار ئىجاد قىلغان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

107

تېما

11

ئەگەشكۈچى

2245

جۇغلانما

تەكلىپلىك باشقۇرغۇچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
250
مۇنبەر پۇلى
1412
ئىشەنىچ
250
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئۆتۈكنى ئۇيغۇرلار ئىجاد قىلغان

ھازىرقى ئارخىلوگىيىلىك ماددى .ئىسپاتلارغا ئاساسلانغاندا،ئەجدادلىرىمىز بۇنىڭدىن نەچچە مىڭ يىللار ئىلگىرىلا ئۆتۈك دېگەن بۇ ئاياغ كىيىمىنى ئىجاد قىلىپ،ئىنسانىيەت مەدەنىيەت تارىخىغا تېگىشلىك ھەسسىسىنى قوشقان ۋە بۇ ھۆنىرىنى شەرىقى ئاسىيا ۋە جەنۇبى ياۋرۇپا ئەللىرىگىچەتارقاتقان.
مىكوېنىڭ<<ئوتتورا ئاسىيادىكى قەدىمكى دۆلەتلەر تارىخى>>دېگەن كىتابىدا:<<نېل،ھىندى،دېكرىس-يۇخاراپىس دەرياۋادىسى،شۇنداقلا خۇاڭخې دەريا ۋادىسىدىكى رايونلارداياشايدىغان قەدىمكى كىشىلەر ياغاچ كەش كىيەتتى،تېرە ئۆتۈك ئوتتورا ئاسىيانىڭ بولۇشى مۇمكىن>>دەپ خۇلاسە چىقارغان.بۇ خۇلاسە شىنجاڭ ئارخىلوگىيىسىدە ئىسپاتلىنىپ،سىناقتىن ئۆتتى.بۇنىڭدىن خېلى يىللار ئىلگىرى تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبى،شىمالىدىكى ئىپتىدائىي قەبىلىلەر دەرياۋادىلىرى ۋە شەھەر قەلئە خارابىلىرىدىن تېپىلغان6400،6000،4000،2500،2000يىللىق تارىخقا ئىگە مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرى ئىچىدە بەزىسى ئىپتىدائي چەم،كۆن،خۇرۇملاردىن تىكىلگەن ئۆتۈك ئەۋرىشكىلىرى بار.ھەتتا 4000يىل بۇرۇنقى زامانلاردا مۇشۇ زىمىندا تىرىكچىلىك قىلىپ ئۆتكەن ئەجداتلىرىمىزنىڭ كىيگەن ئۆتۈكلىرى ناھايتى سىپتا تىكىلگەن بۇلۇپ،ئۇنىڭغا ئىشلىتىلگەن خام تېرە،ئاشلانغان تېرە،چەم،كۆن،خۇرۇملارنىڭ پۇختىلىقى،ئۆتۈكنىڭ چەمى،باشلىقى،قونچى ۋە پاشنىلىرىنىڭ مەزمۇتلىقى،بوياقلىرىنىڭ ھېلىمۇ ئۆڭمىگەنلىكى بىلەن ئارخىلوگلارنى ھەيران قالدۇرغان.
ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆتۈكنى ئىجاد قىلغانلىقى توغرىسىدا ئەينى دەۋىردىكى خەنزۇلارنىڭ بىر قىسىم ئەسەرلىرىدىمۇ<<ئۆتۈك غەرىبى دىياردا تىكىلىدۇ،ئۇ،چۈنچىيۇ دەۋىرىدە ئوتتورا تۈزلەڭلىككە تارقالغان.ئۇنى غەرىبى دىياردىكى كىشىلەر ئىككى پۇتىغا بىردىن كىيىپ ماڭىدۇ،ئات مىنىدۇ>> دەپ خاتىرىلەنگەن.
ئەينى دەۋىردە ئۆتۈكمۇ ھەربى قۇرال ھېساپلىناتتى.ئۆتۈكنى تەرەققى قىلدۇرۇش ئارقىلىق قارشى تەرەپنىڭ يائوقى،نەيزەقاتاركىق ئۇرۇش قۇراللىرىدىن مۇداپىئەلىنەلەيدىغان بولغان.
ھەربى يۈرۈش ۋە ئۇرۇش جەڭلەرنىڭ كۈچىيىشىگە ئەگىشىپ،ئۆتۈكلەرنىڭ باھاسىمۇ ھەسسىلەپ ئاشقان.بۇنىڭ بىلەن ئەجداتلىرىمىز ئۆتۈك سودىسى ئارقىلىق ھەريىلى نۇرغۇنلىغان ئالتۇن ۋە كۈمۈش ۋە باشقا تاۋارلارغا ئىگە بولغان.بۇنداق ئۆتۈك سودىسى خەن سۇلالىسىدىن تارتىپ تاكى چىڭ سۇلالىسىغىچە داۋام قىلغان. مانا بۇ بىز ئۇيغۇرلارنىڭ دۇنيا مەدەنىيىتىگە قوشقان تۆھپىمىز!!!
     مەنبە: ئابلىز مۇھەممەد سايرامىنىڭ<<شىنجاڭ ياشلىرى>>ژورنىلىنىڭ1990يىلىدىكى4-سانىدىكى<<قەدىمكى ئۇيغۇر ئۆتۈكچىلىكى>>دېگەن ئىلمى ماقالىسىدىن قىسقارتىلدى


21

تېما

0

ئەگەشكۈچى

1067

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
320
مۇنبەر پۇلى
685
ئىشەنىچ
320
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق مىللىتىمىز ئەقىلىق مىللەت،ئۇزۇندىن بىرى ياۋروپادىن كىرگەن دەپ كىلۋاتقان كاستىيۇم-بۇرۇلكا،ئەسلى ئۇيغۇرلار ئىجاد قىلغان دەپ يەكۇن چىقاردىغۇ،چۇنكى ئەجدادىمىز كاساتون(كىشلەرنىڭ ساغرىسغا كىلىدىغان تون)نى بۇرۇنلا تىكىپ،كىيىپ يۇرگەن ئىكەن ۋە يىپەك يولى ئارقىلىق دۇنياننىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقالغان ئىكەن .

3

تېما

21

ئەگەشكۈچى

2527

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
749
مۇنبەر پۇلى
1383
ئىشەنىچ
749
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
كىيىم كىچەكلەرنىڭ كۆپىنچىسىنى ئەجداتلىرىمىز ئىجات قىلىپتىكەن

7

تېما

2

ئەگەشكۈچى

193

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
53
مۇنبەر پۇلى
117
ئىشەنىچ
53
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 20:11|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
   جۇڭگو دېموكراتىك ئەدەبىياتىنىڭ پىشىۋاسى لۇشۇن ئەپەندىم ئۆزىنىڭ 20-يىللارنىڭ ئاخرىلىرى يازغان بىر قىسىم تەتقىقات ئەسەرلىرىدە بۇ ھەقتە توختالغان، يەنى خەنزۇچە 靴子دېگەن خەتنىڭ ئەسلى قەدىمىي ئۇيغۇر تىلىدىكى «ھۆرتۈكلۈك» دېگەن سۆزنىڭ ئاھاڭ تەرجىمىسى ئىكەنلىكى قەيت قىلغان. بۇ ھەقتە يەنىمۇ ئىلگىرىلەپ تەتقىقات ئېلىپ بېرىشقا ئەرزىيدۇ.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2013-12-9 23:00, Processed in 0.106660 second(s), 23 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش