سەمەت ئەسرا تۇرا (قومۇل ۋىلايەتلىك غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش مەركىزىدە)
ئۇيغۇرلار، جۈملىدىن قومۇلدىكى ئۇيغۇرلارنىڭ توي مۇراسىملىرىدا بىر يۈرۈش قېلىپلاشقان ئۆزگىچە توي قىلىش مۇراسىم-ئادەتلىرى بولۇپ، باشقا جايلاردىن ئالاھىدە پەرقلىنىدۇ.قومۇل ئۇيغۇرلىرىنىڭ توي ئادەتلىرىدە ئالاھىدە جەلپ قىلىدىغىنى يىگىت تەرەپتىكى يىگىتنىڭ چاچ چۈشۈرگىلىك مۇراسىمى بىلەن قىزنىڭ يۈز ئاچقۇلۇق مۇراسىمىدۇر. چاچ چۈشۈرگىلىك دېسە ھازىر بىزنىڭ ياشلىرىمىز ئۇنىڭ مەزمۇنىنى ئاساسەن بىلمەيدۇ. تويلاردا بۇنداق پائالىيەتلەرنىڭ نېمە ئۈچۈن ئېلىپ بېرىلىدىغانلىقىنى تېخىمۇ بىلمەيدۇ. ئۇنىڭ جەمئىيەتتىكى رېئال ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ بىلمەيدۇ. بۇنداق ئېسىل ئادەتلەرنىڭ كىشىلەر نەزەرىدىن چۈشۈپ قېلىۋاتقانلىقى، ئېتىبارسىز قارىلىۋاتقانلىقى، كىشىلەر ئارىسىدىن يىراقلاپ بارغانچە ئۆز مەزمۇنىنى يوقىتىۋاتقانلىقى كىشىنى بەكمۇ ئەپسۇسلاندۇرىدۇ. مەن ئالدى بىلەن چاچ چۈشۈرگىلىكنىڭ رېئال ئەھمىيىتىنى سۆزلەشتىن ئاۋۋال مۇراسىمنىڭ بىر پۈتۈن جەريانىنى بايان قىلىمەن. قومۇل شەھەر ئىچىنى ئاساس قىلغان يېزا-كويلاردىن تارتىپ تاكى بەش شەھەر، ئون ئىككى تاغقىچە توي-تۆكۈنلەردە چاچ چۈشۈرگىلىك ئادەتلىرى ئومۇملاشقان بولۇپ، ھەر قايسى جايلاردا ئانچە-مۇنچە پەرق بولسىمۇ، ئومۇمىي جەھەتتىن چوڭ پەرق يوق. چاچ چۈشۈرگىلىك دېسە ئادەتتە نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ ئېڭىدا ئادەتتىكى تويى بولغان يىگىتنىڭ چېچىنى چۈشۈرۈش پائالىيىتى دەپ تونۇيدۇ، لېكىن بۇنىڭ ئىچكى ماھىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈپ كۆرسەك، بۇ مۇراسىم ئادەتتىكى چاچ چۈشۈرۈش مۇراسىمى بولۇپلا قالماي، بۇنىڭ چوڭقۇر تارىخ ۋە مەدەنىيەت ئامىلىنى ئۆز ئىچىگە مۇجەسسەم قىلغانلىقىنى بايقايمىز. بىزدە «ئادەت يوقالمايدۇ» دېگەن ھېكمەت بار. قومۇل ئۇيغۇرلىرى ناھايىتى ئۇزاق زامانلار ئىلگىرىلا بۇ ئېسىل ئادەتنى شەكىللەندۈرگەن. بۇ تويلارنىڭ ئالاھىدە كۆركى بولۇپ قالغان. ئادەتتە يىگىتنىڭ يىگىت بېشى چاچ چۈشۈرگىلىكنى مەھەللىدە كىمنىڭكىدە ئۆتكۈزۈلىدىغانلىقىنى جاكارلايدۇ. بۇ مۇراسىم ئومۇمەن يىگىتنىڭ قېرىنداشلىرىنىڭكىدە ئۆتكۈزۈلىدۇ. قېرىندىشى بولمىسا ئۇرۇق-تۇغقانلىرى ئۆتكۈزىدۇ. ئۇرۇق-تۇغقانلىرى بولمىسا، يېقىن ئاغىنە-بۇرادەرلىرى ئۈستىگە ئېلىپ ئۆتكۈزۈپ بېرىدۇ.
|