تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 171|ئىنكاس: 3

ئايشەم ئەخمەت بىلەن تونۇشۇش - پەروزان

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

107

تېما

11

ئەگەشكۈچى

2245

جۇغلانما

تەكلىپلىك باشقۇرغۇچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
250
مۇنبەر پۇلى
1412
ئىشەنىچ
250
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايشەم ئەخمەت بىلەن تونۇشۇش

ئابلا ئىسھاق پەروزان

      پېرسوناژلىرىنىڭ قەلب دۇنياسىغا چوڭقۇرلاپ كىرىپ ، ئۆزىنىڭ رەڭدار قەلىمى ۋە چوڭقۇر بەدىئىي ئىستىداتىبىلەن ئۆزىگە خاس خاراكتېرگە ئىگە بىر يۈرۈش پېرسوناژلار توپىنى يارىتىپ ، ئۇلارنىڭ ۋۇجۇدىدىكى نازۇك پسىخىك ۋە ھېسسىيئۆزگىرىشلەرنى توغرا ئىگىلەپ بېرىشكە تىرىشىپ كەلگەن ، بولۇپمۇ قۇمۇل رايوندىكىيېزا - بازارلار ، قارلىق تاغلار ، گۈزەل يايلاقلارنىڭ جۇغراپىيىلىك مۇھىتى ، ھاۋا كىلىماتى قاتارلىق تەبىئەت مەنزىرىلىرىنى تەسۋىرلىگەن ھەمدە شەھەر- يېزىلارنىڭ كوچا رەستىلىرى ھەتتا قۇمۇل كىشىلىرىنىڭ  تۇرالغۇلىرى ، ھويلا - ئاراملىرى ، ئۆي بىزەشلىرىگىچە بولغان ئادەتلىرىنى ئىنچىكىلىك بىلەن قەلەمگە ئالغان ھۆرمەتكە سازاۋەر بىر ئايال يازغۇچى بار .
     يازغۇچىنىڭ تېماتىك خاسلىقنى تاللىشى يازغۇچىدىن ھەقىقى قان - تەر تەلەپ قىلىدىغان ئەمگەك . ھەربىر جۇلا ، ھەربىر تىۋىش ، ھەربىر ۋەقە ، ھەربىر قەدەم ، ھەر بىر رىۋايەت ، ھەربىر يېڭىلىق ھەتتا ھەربىر مۇزىكىغىچە يازغۇچىنىڭ ئىخلاسمەن چىن يۈرۈگى بىلەن قەلەم ئارقىلىق قايتا سۈرەتكە ئېلىنىدۇ ، شۇ ئارقىلىق يازغۇچىنىڭ مۇھەببىتى ئۆزى  ياشاۋاتقان شۇ زىمىندىكى خەلقنىڭ خوشاللىق ۋە ئازابلىرىغا سىڭىپ كەتكەن بولىدۇ. مانا بۇ « ئاياللار ئىچىدىن چىققان ئەڭ مول –ھوسۇللۇق يازغۇچى » ، « ئاياللار ئىچىدىن چىققان تۇنجى رومان يازغۇچى » ،« ئاياللار ئىچىدىن چىققان تۇنجى باش مۇھەررىر » ، « ئاياللار ئىچىدىن چىققان ئۇنۋېرساللىققا ئىگە ئايال يازغۇچى » دېگەندەك يارىشىملىق ناملارغا يارىشا ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب ياراتقان ھۆرمەتكە سازاۋەر ئايال يازغۇچى ئايشەم ئەخمەت قامىلىدۇر . يازغۇچى ئايشەم ئەخمەت قامىلىنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇپ باققان ئوقۇرمەنلەر يۇقۇرقى نۇقتىلارنى چوڭقۇر ھېس قىلىپ يېتەلەيدۇ . بولۇپمۇ ئۇنىڭ رومانلىرىنىڭ تىل ئىپادىسى، جۈملە قۇرۇلمىسى، ئىپادىلەش ئۇسۇلى تولىمۇ ئۆزگىچە بولۇپ، ئۇنىڭ ئەسەرلىرىدىن ئاياللىق ھېس-تۇيغۇ ئوخچوپ تۇرىدۇ.
    ئۇ ئىپادىلەشتىكى ئۇسۇللىرىنىڭ ئۆزگىچىلىكى ، ھايات ۋە تۇرمۇشنى ئەستايىدىل كۈزىتىشى، تىلىنىڭ خەلق تىلىغا يېقىن ۋە ئوبرازلىقلىقى ، تاللىغان تېمىلىرىنىڭ خاسلىقى ، بايان قىلغان ۋەقەلىكلىرىنىڭ رەڭدارلىقى بىلەن ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 70 – 80- يىللىرىدا ئوقۇرمەنلىرى ئارىسىدا خېلى زور غۇلغۇلا قوزغاپ ، تونۇلۇشقا باشلىغان ئايال قەلەمكەشلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ . ئۇ ئۇيغۇر يېڭى دەۋىر پىروزا ساھەسىدە ئۆزىگە خاس نوپۇز تىكلەپ ، ئۆزىنىڭ ئىستېتىك زوق قوزغايدىغان تېتىملىق ئەسەرلىرى بىلەن ئوقۇرمەنلەر قەلبىگە سىڭىپ كىرگەن ئىستىداتلىق ئايال قەلەمكەشكە ئايلىنىپ، ئۇيغۇر ئايال ئەدىبلىرىنىڭ ئالدى سانىلىدىغان بولدى .
1942 – يىلى قۇمۇل شەھرىدە تۇغۇلۇپ ،1955 –يىلى قۇمۇل سىفەن مەكتىپىنى ، 1958 – يىلى شىنجاڭ ئىنىستىتوتىنىڭ تىل – ئەدەبىيات كەسپىنى پۈتتۈرۈپ ، ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن ، ئۈرۈمچى 2-دارىلمۇئەللىمىندە ۋە قۇمۇل ۋىلايەتلىك 1- ئوتتۇرا مەكتەپتە بىر مەزگىل ئوقۇتقۇچىلىق قىلغان ، كېيىنچە ئەدەبىيات ئىشقىدا پەرۋانە بولۇپ ، 1980 – يىلدىن باشلاپ تاكى 1995- يىلى دەم ئېلىشقا چىققانغا قەدەر « قۇمۇل ئەدەبىياتى » ژۇرنىلىدا مۇھەررىر ھەم باش مۇھەررىر بولۇپ ئىشلىگەن بۇ مۆھتىرەم يازغۇچىمىزنىڭ ھايات ھەم ئىجادىيەت مۇساپىسىگە نەزەر سالىدىغان بولساق ، ئۇنىڭ بىر ئومۇر ئۆزىنى مۇشۇ ساھەگە بىراقلا ئاتىۋەتكەنلىكىنى كۆرۈپ يېتىمىز .
شۇنداق ، ئۇ ئوقۇتقۇچىلىق ھەم تەھرىرلىك خىزمىتىنى بېرىلىپ ئىشلىدى . «قۇمۇل ئەدەبىياتى » ژۈرنىلىنى يوقلۇقتىن بارلىققا كەلتۈرۈپ ، ئۇنى راۋاجلاندۇردى  ھەم ئوقۇرمەنلەر ياقتۇرۇپ ئوقۇيدىغان تېتىملىق ھەم سەھىپىلىرى جۇلالىق ژۇرنالغا ئايلاندۇردى .
ئوقۇۋاتقان چاغلىرىدىن باشلاپلا شەرق ، غەرب ئەدەبىياتىدىكى مەشھۇر يازغۇچىلارنىڭ ئەدەبىي ئىجادىيىتى بىلەن تونۇشۇپ ، ئۆزىمۇ ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا باشلىغان بۇ يازغۇچى ۋاقىت ئىچىدىن ۋاقىت چىقىرىپ ، پۈتۈن زېھنىن – قۇۋۋىتىنى ئۇيغۇر ئەدەبىياتىغا تەغدىم قىلدى . ئۆزگىلەرگە ئەجىرىدىن شىرىن مىۋىلىرنى سۇندى . چەكلىك ھاياتىدا ئۆزىنى چېنىقتۇرۇپ ، چەكسىز ھۆرمەت لىباسلىرىغا ئورالدى .
ئىجادىي ھاياتى باشلانغان 1957  –يىلدىن بۇيانقى ، يېرىم ئەسىرلىك ئىجادىيەت داۋامىدا ، ئۇ يۈز پارچىدىن ئارتۇق ھېكايە ، دراما ، نەسىر ۋە ئىلمىي ماقالە يازدى . « ئۆچمەس ئىزلار »، « مۇھەممەت بىشىر چىڭۋاڭ » قاتارلىق ئىككى رومانى ، « باغداش چېچىكى » ، « مەلىكىنىڭ مەڭزىدىكى داغ » قاتارلىق پوۋېست – ھېكايىلەر توپلاملىرى ، « مېھرىبانۇ ۋاڭ » ناملىق درامىسى ، « قارا چامادان » ، « بۇلۇت يېرىپ چىققان ئاي » قاتارلىق پوۋېستلىرى ، « چاتئەلدە توقۇلغان ھېكايىلەر » ناملىق بىر يۈرۈش ھېكايىلىرى ئېلان قىلىنىپ ، كىتابخانلىرىمىزنىڭ مەڭگۈلۈك مەنىۋى بايلىقىغا ئايلاندى .
ئايشەم ئەخمەت قامىلى بىر ئايال ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇ يۇرت ئالاھىدىلىكى گەۋدىلىك بولغان قومۇلدا يېرىم ئۆمرىنى ئۆتكۈزگەن قەلەمكەش بولغاچقا، ئۇنىڭ كۆپ قىسىم ئەسەرلىرىگە يۇرت تامغىسى بېسىلغان . بولۇپمۇ بىر قىسىم ھېكايە ، پوۋېستلىرىدا ۋە رومانلىرىدا قۇمۇل كىشىلىرىنىڭ ئۆرۈپ – ئادىتى ، ئەنئەنىسى ، روھىي ھالىتى ، پىسخىكىسى ھەم ئۈمىد – ئارزۇلىرىنى ئەينەن قەلەمگە ئالسا ، يەنە بىر قىسىم ئەسەرلىرىدە ، ئۇلارنىڭ تۇرمۇش ئۇسۇلىدىن تارتىپ ، يېمەك - ئىچمەك ئادىتىگىچە ، دىنىي ئېتىقادتىن تارتىپ قائىدە - يوسۇنلىرىغىچە ، توي - تۆكۈن ئادەتلىرىدىنتارتىپ ، كىيىم - كېچەك ياسىنىشقىچە ، سۆزلىشىش ، شىۋە ، ھەرىكەت ۋە چىراي ئىپادىسى قاتارلىقلارغىچە چوڭقۇر ۋە ئىنچىكە قەلەم تەۋرەتتى . شۇڭا ئۇ ياراتقان تۈرلۈك پېرسوناژلار جانلىق ، تەبىئىي بولۇپ كىتابخانلارنىڭ يۈرەك تارىنى چېكەلىدى . بۇنى ئۇنىڭ تۇرمۇشىنى قانداق ئىپادىلەش ، پېرسوناژلىرىنى قانداق يارىتىشجەھەتلەردىكى تىنىمسىز ئىزدىنىشلىرىدىن ئايرىپ قاراشقا بولمايدۇ .
قۇمۇل بوستانلىقى – ئېلىمىز تارىخىدا مۇھىم ئورۇن تۇتۇپ كەلگەن قەدىمى يۇرتلارنىڭ بىرى بولۇپ ، ئۇ تارىختا مەشھۇر يىپەك يولىنىڭ قاتناش تۈگۈنىگە جايلاشقانلىقىدەك ئەۋزەل ئالاھىدىلىكى بىلەن ئېلىمىز مەدەنىيىتىنىڭ جۈملىدىن ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ راۋاجلىنىشىغا ئالەمشۇمۇل تۆھپىلەرنى قۇشۇپ ، ئۆزىنىڭ ئۇزۇن يىللىق تارىخىدا قۇمۇلغا خاس يۇرت مەدەنىيتىنى ياراتقان . مۇشۇ نۇقتىنى نەزەردە تۇتقان يازغۇچى ئايشەم ئەخمەت قامىلى ئەدەبىي ئىجادىيەت قىلىش بىلەنلا بولدى قىلىپ قالماي ، ئۆز يۇرتى قۇمۇلنىڭ تارىخى ، مەدەنىيىتى ، تۇرمۇش ئۆرۈپ – ئادەتلىرى تونۇشتۇرۇلغان « قۇمۇل » ناملىق بىئوگرافىيىلىك كىتابى ئارقىلىق ، قۇمۇل  بوستانلىقىنى ، قۇمۇل دىيارىنىڭ ئەدەبىيات –سەنئىتىنى تەشۋىق قىلدى ۋە تونۇشتۇردى .
مەزكۇر كىتابنىڭ چېتىلىدىغان تېما دائىرىسى كەڭ ، مەزمۇنى يىغىنچاق ، سۆز – ئىبارىلىرى قىسقا ، تىلى چۈشىنىشلىك بولۇپ ، كىتابقا قۇمۇل تارىخى ۋە ئۇنىڭ تارىختا تۇتقان ئورنى ؛ « قۇمۇل » نامىنىڭ كېلىپ چىقىشىدىكى تۈرلۈك قاراشلار ؛ قۇمۇلنىڭ يىپەك يولىدىكى تارىخى ھەم جۇراپىيەلىك ئورنى ؛ مەدەنىي يادىكارلىق مىراسلىرى ؛ ئەل ئەدەبىياتى ۋە قۇمۇلدا تۆرەلگەن « باياز » ناملىق شېئارلار توپلىمى ھەققىدىكى بايانلار ؛ قۇمۇلنىڭ  ناخشا ، ئۇسۇل ، مۇزىكىسى ؛ قۇمۇل ۋاڭلىرى ۋە قۇمۇلدىن چىققان مەشھۇر كىشىلەر ؛ قۇمۇل كىشىلىرىنىڭ تىل ئادىتى ۋە ئۆزىگە خاس تۇرمۇش ئالاھىدىلىكى ؛ دىنى ئەقىدىلىرى ؛ ھۈنەر – سەنئىتى ؛ بۇ يۇرتنىڭ تەبىئىي شارائىتىدىكى گۈزەل مەنزىرىلىك جايلار ؛ مەسچىد ، مەدرىسە ، ھېيتكاھ ، مازار – ماشايىقلار ۋە تۇرالار ...توغۇرسىدىكى مەزمۇنلار كىرگۈزۈلدى ، تونۇشتۇرۇلدى  ۋە شەرھىلەندى.
خانىم – قىزلارنىڭ ھەسرەت – ئەلىمى ، دىل تەبەسسۈملىرى ، كۆز – يېشى ۋە ئارمانلىرى ، تەربىيىلىنىشى ، نىكاھ ۋە ئائىلە تۇرمۇشى قاتارلىق رىئالنى مەسىلىلەرنى ئالدىن چۈشىنىپ يەتكەن بۇ يازغۇچى خانىم – قىزلارغا بولغان چەكسىز مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن ، ھازىرقى زامان خانىم – قىزلىرى دۇچ كېلىۋاتقان بىر قىسىم قىيىن ۋە نازۇق مەسىلىلەر ئۈستىدە ئىزدىنىپ ، ئۇلارنىڭ جەمئىيەت ھەم ئائىلىدىكى ئورنىنى يۇقۇرى كۆتۈرۈش ، ئاياللىق ئارزۇ ، ئاياللىق گۈزەللىكلەرنى ئۇلارنىڭ ئۆزلىرىگە ھېس قىلدۇرۇش ئىستىگىدە ، خانىم – قىزلارنى تەربىيەلەش جەھەتتىكى مۇھىم  قوللانما  « خانىم – قىزلار دەستۇرى » نى تۈزۈپ ، يېزىپ چىقتى ۋە بۇ كىتابىنى كەڭ ئوقۇرمەنلىرىگە تەغدىم قىلدى . شۇنىڭغا ئۇلاپلا « قىزلار دەستۇرى » ۋە « ئاياللار سىردىشى » ناملىق ئىككى كىتاپنى ئارقا – ئارقىدىن تۈزۈپ نەشىر قىلدۇرۇپ ، بۇ ساھەدىكى  چوڭ بىر بوشلۇقنى تولدۇردى  .
ئۇندىن باشقا ، قەلبىدە چەكسىز يۇرت سۆيگۈسى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان ، كەلگۈسى ئەۋلاتلارغا بولغان يۈكسەك بىر مەسئۇلىيەتنى ھېس قىلىپ يەتكەن بۇ ئانا يازغۇچى قۇمۇلدا تۇغۇلۇپ قۇمۇلدا ياشاپ ئۆتكەن خەلق قىزىقچىسى قاسىم قىزىق ۋە ئۇنىڭ ھاياتى توغۇرلۇق ئىزدىنىپ « قاسىم قىزىق لەتىپىلىرى » نى ،  قۇمۇلنىڭ قويۇق يەرلىك پۇراققا ئىگە بولغان خەلق قوشاقلىرىنى توپلاپ ، رەتلەپ  « قۇمۇل خەلق قوشاقلىرى » ناملىق خەلق ئېغىز ئەدەبىياتىغا دائىر ئىككى كىتابنى نەشىر قىلدۇرۇپ ، خەلقىمىزنىڭ قىممەتلىك مەدەنىي مىراسلىرىنىڭ يورۇقلۇققا چىقىشىغا ئالاھىدە ئەجىر سىڭدۈردى . بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ مەسئۇلىيەتچان بىر ژۇرنالىسقا خاس بۇرچىنى نامايەن قىلىدى .
ئۇنىڭ يۇقۇرقى تىنىمسىز ئەجىرلىرىگە قارىتا 2002 - يىلى 29 – نۇيابىر ۋە 2013-تىلى 11-ماي ئاپتۇنۇم رايونلۇق يازغۇچىلار جەمىيىتى بىلەن ئۈرۈمچىدىكى قەلەمكەشلەر « يازغۇچى ئايشەم ئەخمەت ئەدەبىي ئىجادىيىتى ئىلمىي مۇھاكىمە يىغىنى » ئۆتكۈزۈپ ، ئاياللار ئەدەبىي  ئىجادىيەت قوشۇنىنىڭ بۇ ۋەكىلىنى قۇتلۇقلىدى ۋە ئۇنىڭ ئىجادىي ئەمگەكلىرىنى مۇئەييەنلەشتۈردى. مىجىت ناسىر قاتارلىق يىغىن ئەھلى ئۇنىڭ يېرىم ئەسىرلىك ئىجادىي ئەمگەكلىرىگە ئىلمىي باھالارنى بېرىپ، ئۆز ھۆرمىتىنى ۋە كۆڭۈل ئىزھارىنى بىلدۈردى ۋە ئىزگۈ تىلەكلىرىنى تىلەشتى .
ئۇ ھازىرمۇ ياشىنىپ قالغانىغا قارىماي ، تىنىمسىز ئىزدىنىشلىرى بىلەن « ياچىبەگ » كە ( پوۋېست ) ئوخشاش يېڭى تېمىلار ئۈستىدە تىنىمسىز ئىزدىنىپ ، تېخىمۇ يۇقۇرى پەللە يارىتىش ، سادىق ئوقۇرمەنلىرىنىڭ مەنىۋىي زوقىغا خۇشپۇراق گۈلدەستىلەرنى سۇنۇش ئۈچۈن داۋاملىق ئىزدەنمەكتە . ئۇنىڭ بىز ئۈچۈن قىلىۋاتقان بۇ تىنىمسىز ئەجىرى ھۆرمەت رەيھانلىرىغا ئورۇنۇپ ، ئەدەبىيات دالاسىنى  ئۆزىگە خاس ئۇتۇق گۈللىرى بىلەن داۋاملىق پۈركەپ ،خۇشپۇراق چېچىپ تۇرغۇسى .

مەنبە: كۈسەن مەدەنىيىتى

0

تېما

9

ئەگەشكۈچى

835

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

真实姓名
مارىگۈل . تۇداخۇن
تۆھپە
71
مۇنبەر پۇلى
688
ئىشەنىچ
71
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت ئۇستاز ، بۇيۈك ئۈلگىلەر بىلەن تۇنۇشتۇرغىنىڭىزغا !

35

تېما

45

ئەگەشكۈچى

4840

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

真实姓名
مەخپى
تۆھپە
2368
مۇنبەر پۇلى
2248
ئىشەنىچ
2368
يوللىغان ۋاقتى تۈنۈگۈن 12:06|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايشەم ئەخمەت ھەدىمىزنىڭ تېنى ساق ئۆمرې ئۇزۇن بولسۇن!!!!  مۇراد- مەخسەتلېرى، ئارزۇ- ئارمانلېرى رۇياتقا چىقسۇن !!!!!!

0

تېما

2

ئەگەشكۈچى

1596

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
438
مۇنبەر پۇلى
1076
ئىشەنىچ
438
يوللىغان ۋاقتى 16 سائەت ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئايشەم خانىم ھەدىنىڭ تارىخىي تېمىدىكى ئەسەرلىرى ئۈستىدە تەتقىقاتلار ئېلىپ بېرىش كېرەك ئىدى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2013-12-9 22:57, Processed in 0.112617 second(s), 23 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش