- تىزىملاتقان
- 2013-9-20
- ئاخىرقى قېتىم
- 2013-12-10
- ھوقۇقى
- 20
- جۇغلانما
- 148
- نادىر
- 1
- يازما
- 16

- 真实姓名
- ئىمام مىجىت خەنجىرى
- تۆھپە
- 26
- مۇنبەر پۇلى
- 95
- ئىشەنىچ
- 26
| جىن(ھىكايە)
خەنجىرى
غېنىجان ئائىلىسى ھال-ئەھۋالى يامان ئەمەس ئائىلە بولۇپ، ئاتا-ئانىسى ساۋاتسىز قارا دىھقان ئىدى. ئۇلار ئۇزۇن مەزگىل دىھقانچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان، ئاقكۆڭۈل، ساددا، كۆڭلىدە باشقىلارغا يامانلىقى يوق، ھەم يامانلىق قىلىشنىمۇ ئۇقمايدىغان، بىر ئۆمۈر يېزىدىن تۈزۈكرەك سىرتقا چىقىپ باقمىغان دىھقانلاردىن ئىدى. ئۇلار ئەتراپىدىكى قوشنىلار بىلەن ئىناق ئۆتەتتى. بىچارە جاپاكەش ئاتا-ئانا ئۆزىنىڭ بىلىمسىزلىكىنىڭ پۇشايمىنىنى، خارلىقىنى قاتتىق تارتقان بولغاچقا، تۇنجى بالىسى تۇغۇلىشىغىلا ئىسىم قۇيۇپ، ئۇنى ياخشى تەربىيىلەشنى، يىمىسىمۇ، ئىچمىسىمۇ، ياكى يېرىم يارتا يىسىمۇ بالىسىنى كەلگۈسىدە ئەلگە ياراملىق بىر ئادەم قىلىپ چىقىشنى، بالىسى ئوقۇيمەن دىگەن يەرگىچە ئوقۇتۇشنى نىيەت قىلىپ تەربىيىلىگەن ئىدى. ئارىدىن يىل ئاتلاپ يەنە بىر بالىسى تۇغۇلدى. دىمەك بۇ ئۆيدىكى ئەسلىدىكى ئىككى جان تۆت بولدى. بۇ ئائىلىنىڭ بىر ھىساپتا تېخىمۇ خۇشاللىقى ئاشتى. چۈنكى ئالدىنقى قېتىم تۇغۇلغىنى قىز بۇلۇپ، دادىسىنىڭ سەل كۆڭلىگە كەلگەن ئىدى. قىز بالا دىگەن بەرىبىر تالانىڭ ئادىمى بولغاچقا، بالىلارنىڭ دادىسى كەلگۈسىدە ئۆز ئىزىنى باسقۇچى ئوغلىنىڭ بولۇشىنى ئويلايتتى. شۇڭا بۇ ئوغۇلنىڭ تۇغۇلۇشى دادىنىڭ بىر غېمىنى يوق قىلىپ يەنە بىر غەمنى قوشتى. ئەمدى بۇ ئىككى جاننى بېقىش ئۈچۈن تېخىمۇ تىرىشمىسا، جاپا چىكىپ ئىشلىمىسە بولمايتتى. دادا بىچارە بىلەن ئانا بىچارە ئەمدى قەتئىي نىيەتكە كىلىپ، تېخىمۇ تىرىشىپ دىھقانچىلىق قىلىشقا، قوي بېقىشقا باشلىدى. پۇل يوق چاغلىرىدا باشقىلاردىن قەرز سورىدى. يەنە ئارىدىن ئىككى يىل ئۆتكەندە يەنە بىر ئوغۇل توغۇلۇپ، ئىسمى غېنىجان قۇيۇلدى. بۇ بالىنىڭ تۇغۇلۇشى جاپا-مۇشەققەتنى تېخىمۇ ئاشۇرۋەتتى. شۇنداقتىمۇ ئۇلار چىشىنى چىڭ چىشلەپ ئىشلەشكە باشلىدى. ئۇزۇنغا قالماي ئۇلارنىڭ ھال-كۈنىمۇ ياخشىلاندى. كۈنلەرنىڭ ئاستا-ئاستا ئۆتۈشىگە ئەگىشىپ بالىلار چوڭ بولۇپ مەكتەپكە كىردى.بالىلارنىڭ ئوقۇشى بولسا كۈندىن- كۈنگە ياخشىلىنىشقا باشلىدى. بالىلارنىڭ ياخشى ئوقۇۋاتقىنىنى كۆرگەن ئاتا-ئانا تېخىمۇ خۇشال بولدى. ئۇلار ھەر قانچە جاپا چەكسىمۇ ئۈچ بالىسىنى ئۆزلىرى ۋە بالىلىرى تاكى مۇرات-مەقسىتىگە يەتكۈچە ئوقۇتۇشنى نىيەت قىلدى. ئۇلار ھازىرمۇ قانچىلىك جاپا تارتتى-ھە؟! بالىلىرىنىڭ ئوقۇشى ئۈچۈن ھېلى ئېتىز بېشىغا بارسا، ھېلى تونۇر بېشىغا باردى؛ ھېلى ئۇ ئىشنى قىلسا، ھېلى بۇ ئىشنى قىلدى؛ قىسقىسى ئۇلار نىمە كۈنلەرنى كۆرمىدى؟! بۇنداق جاپا تارتىشى پەقەت بالا بېقىش ئۈچۈن ئەمەسمۇ؟! بالىلىرىنىڭ كەلگۈسىدە ئەلگە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشى ئۈچۈن ئەمەسمۇ؟! بالىلىرىنىڭ كەلگۈسىدە ياخشىراق تۇرمۇشقا ئىگە بولۇشى ئۈچۈن ئەمەسمۇ؟! ئاتا-ئانا بۇنىڭدىن باشقا يەنە بالىلىرىغا نىمە قىلىپ بىرەلەيدۇ؟ ئاتا-ئانىنىڭ بالىغا قىلىنىدىغان بۇنداق ياخشىلىقتىن ئۆتە يەنە قانداق ياخشىلىق بار؟! شۇنداق قىلىپ بالىلار بارغانسېرى ياخشى ئوقۇدى. قىزى ئەلا نەتىجە بىلەن ئالىي مەكتەپكە، ئوتتۇرانجى ئوغلى ئوتتۇرا تېخنىكومغا ئۆتتى. غېنىجان بۇ چاغدا تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 3-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان بولۇپ، مەكتەپ پۈتتۈرۈشكە يېرىم يىلچە ۋاقىت قالغان ئىدى. غېنىجان ئۈچ بالىنىڭ ئىچىدە ئەڭ كىچىكى بولغاچقا ئۆيدىكىلىرىنىڭ ھېچقايسىسى ئۇنىڭغا پەقەت چىدىمايتتى. چوپچوڭ ئادەم بۇلۇپ قالغىنىغا قارىماي ئەركىلىتەتتى. ئاتا-ئانىلىرى، ئاكا-ئاكىلىرى ئۇنىڭ دىگىنىنى قىلىپ بەرمەي قويمايتتى؛ قانداق نەرسە ئالىمەن دىسە چۇقۇم ئېلىپ بىرەتتى؛ ھەممە ئىشتا ئۇنىڭ رايىغا باقاتتى؛ ئامال بولسىلا دىلىنى رەنجىتمەيتتى. قىسقىسى غېنىجان بۇ ئائىلىنىڭ «شاھزادە» سى ئىدى. غېنىجانغا ئائىلىسىدىكىلەر ئىچىدە ئاچىسى پەقەت چىدىمايتتى. داۋاملىك ھەر خىل نەرسە-كىرەكلەرنى ئېلىپ بىرەتتى؛ ھەر خىل سوۋغاتلارنى پوچتا ئارقىلىق ئەۋەتەتتى. بۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى ئانا بىلەن بالىنىڭ مۇناسىۋىتىگە ئوخشايتتى. - ئارىدىن يېرىم يىل ئەنە شۇنداق ئۆتتى. نەتىجىدە غېنىجان تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە ئىمتىھان بىرىپ، ياخشى نەتىجە بىلەن ئۆتتىن غېنىجاننىڭ ئۆتكەنلىك خەۋىرى تارقالغاندىن كىيىن ئۆيدىكىلىرى ئىنتايىن خۇشال بولدى. تۇلۇق ئوتتۇرا مەكتەپكە قۇبۇل قىلىنغان غېنىجان مەكتەپكە كىرگەندىن باشلاپ ياخشى ئۆگەندى، ھەمدە ئۆيىدىكىلىرى بىلەن، جۈملىدىن ئۆزىنىڭ ئامراق ئاچىسى بىلەن تىلىفۇن ۋە خەت ئارقىلىق كۈرۈشۈپ تۇردى. (2) شۇ تەرىقىدە ئارىدىن ئىككى ئاي ئۆتكەندە ئاچىسى مەكتەپتىن بىر ھەپتىلىك رۇخسەت سوراپ ئىنىسىنى كۆرگىلى باردى. ئاچىسى ئىنىسى تۇرۇشلۇق شەھەرگە بارغاندىن كىيىن، بىر ئاشخانىدا قورسىقىنى تويغۇزۇپ، ئاندىن يەنە ئېلىشقا تىگىشلىك نەرسە كېرەكلەردىن بىر ئاز ئالغاندىن كىيىن ئىنىسى ئوقۇۋاتقان مەكتەپكە باردى. ئۇ باشقىلاردىن ئىنىسىنىڭ ياتىقىنى، ئوقۇيدىغان سىنىپىنى سورىۋالغاندىن كىيىن، ئاۋۋال بىر پەس ئارام ئېلىۋېلىپ ئىنىسىنىڭ ياتىقىغا قاراپ ماڭدى. بۇ ۋاقىت چۈشتىن كىيىن سائەت ئىككىدىن ئاشقان چاغ بۇلۇپ، كارىدوردا ئۆزىدىن باشقا ھېچقانداق ئادەم كۆرۈنمەيتتى. ئەتراپ جىمجىت بۇلۇپ، ۋاراڭ-چۇرۇڭمۇ ئاڭلانمايتتى. ئۇ ئاستا-ئاستا ئىنىسىنىڭ ياتىقىغا قاراپ مېڭىۋاتقاندا تۇيۇقسىز كۆز ئالدىدا بىر ئاق نەرسە غىل-پاللا پەيدا بولۇپ، بىر-ئىككى سىكۇنتلا كۆرۈنۈپ يوقاپ كەتتى. ئۇنى تۇيۇقسىز سۈر بېسىشقا باشلاپ، ئىچىگە قاتتىق قورقۇنچ كىرىۋالدى. ۋاقىت بولسا بىر سىكۇنت-ئىككى سىكۇنتلاپ ئاستا-ئاستا ئۆتمەكتە ئىدى. ئارقىغا قايتاي دېسە قورقۇيتتى، ئالدىغا ماڭاي دېسە تېخى بولمايتتى. ئۇ ئامالسىز ئۇ يەرگە كەلگىنىگە جاق تويۇپ، يىغلىغۇدەك بۇلۇپ، قاتتىق قورقۇنچ ئىچىدە قەدەملىرىنى تەستە يۆتكەپ ماڭماقتا ئىدى. ئۇ ئون،ئون- بەش قەدەم ئالدىغا مېڭىشىغا تۇيۇقسىز «ئالدىڭغا قارا» دىگەن ئاۋاز ئاڭلانغاندەك بولۇپ، ئالدىغا قاراپ داڭ قېتىپلا تۇرۇپ قالدى. ئۇنىڭ ئالدىغا ئاغزىدىن قان تېمىپ تۇرغان ھالدا بىر ئادەمنىڭ باش سۆڭىكىنى غاجىلاۋاتقان، كۆزلىرىدىن ۋەھشىيلىك يېغىپ تۇرغان ئىنتايىن بىر قورقۇنۇشلۇق ۋە بەتبەشرە بىر جىن ئۇنىڭغا قاراپ تۇراتتى. ئارقا تەرىپىدە بولسا بىر ئادەمنىڭ باشسىز يېرىم تېنى ئۈچەي-باغرىلىرى چىقىپ قالغان ھالدا تۇراتتى. ئۇنىڭدىن چىققان قىپقىزىل قان ئەتراپنى بويىۋەتكەنىدى. ئۇنىڭدىن سەل نېرىراقتا بولسا ئۈزۈپ تاشلانغان پۇت-قول ۋە سۆڭەكلەر قالايمىقان چېچىلىپ تۇراتتى. بۇنى كۆرگەن ئادەمنىڭ ئىچىگە تېخىمۇ قاتتىق قورقۇنچ كىرەتتى. بۇ ئەھۋالدىن زادى نىمە قىلارىنى بىلمىگەن ئاچىسى شىرىنئاي ۋارقىراي دىدىيۇ، لىكىن نىمە بولدىكىن –تاڭ، شۇنچە كۈچىسىمۇ ۋارقىرىيالمىدى. قارىماققا ۋارقىرىغاندەك قىلسىمۇ، ئەمما ۋارقىرىغان ئاۋاز پەقەت ئۆزىگىلا ئاڭلىنىپ باشقىلارغا ئاڭلانمىغان ئىدى. ئۇ ئەنە شۇنداق ۋارقىراش بىلەن قالغاندا ھېلىقى جىن ئۇ تەرەپكە قاراپ ئاستا-ئاستا يېقىنلاپ كەلمەكتە ئىدى. ئۇ قاچاي دەپ شۇنچە تىرىشسىمۇ پۇت-قوللىرى بوغۇچلىنىپ قالغاندەك ھېچ مىدىرلاي دىمىدى. ئۇ يەنە ئالدىغا قاراپ قورقۇپ كەتتى؛ ئارلىق پەقەت ئىككى قەدەملا قالغان بۇلۇپ، ھاياتىدىن ئۈمىد ئۈزگەن ھالدا كۆزلىرى لىق ياشقا تولۇپ، ئالدىغا قاراپلا تۇراتتى. باشلىرىنى ئۇيان بۇيان مىدىرلىتىشقا مۇمكىن بولمايۋاتاتتى. جىن بىچارە قىزغا قولىنى سۇزۇپ قاماللىدى-دە، قىزنىڭ تېنى ئىچىگەكىردى. غېنىجاننىڭ ئاچىسى بۇ ئەھۋاللارنى ئۇقۇپ تۇرسىمۇ، لىكىن قېچىشقا، ۋارقىراشقا پەقەت ئامال قىلالماي قالدى. شۇنداق قىلىپ، جىن ئۇنىڭ تىنىگە كىرىپ بولغاندىن كىيىن، ئۇنىڭ بارلىق ئەزالىرى ۋە ۋۇجۇدىنى كونتىرول قىلىپ باشقۇرۇشقا باشلىدى. قىز بولۇۋاتقان ئىشلارنى بىلىپ تۇراتتى، ئۆزىنى باشقۇرۇشقا تىرىشاتتى، لىكىن بۇنىڭغا يەنىلا ئامالسىز ئىدى. ئاچىسى سىياقىدىكى بۇ جىن چېچىلىپ كەتكەن ئادەمنىڭ يېرىم باشسىز تېنىنى ۋە قالدۇق ئەزالىرىنى ماچىلدىتىپ يىيىشكە باشلىدى. بۇ ئىشلارنى بۇ ئىشلارنى ئۇقۇپ تۇرغان شىرىنئاينىڭ كۆڭلى ئېلىشىپ كەتتى. بىراق يەنىلا ئۆزىنى باشقۇرۇشقا پۈتۈنلەي ئامالسىز قېلىۋاتاتتى. جىن يەيدىغان سۆڭەك ۋە گۆشلەرنى ماچىلدىتىپ يەپ، قانلارنى پاك-پاكىز يالىۋەتكەندىن كىيىن ئاستا بىر تەرەپكە ماڭغاندەك قىلدى. باشتا ھەممە ئىشنى بىلىپ تۇرغان ئاچىسى بۇ قېتىم ھېچقانداق ئىشنى بىلمىدى. ئارىدىن بىرەر سائەت ئۆتكەندىن كىيىن غېنىجاننىڭ ئاچىسى سىياقىغا كىرىپ ئىنىسىنىڭ ياتىقى تەرەپكە قاراپ مېڭىشقا باشلىدى. بۇ قېتىم جىننىڭ قانداق غەرىزى بارلىقىنى، نىمە ئىش قىلىدىغانلىقىنى بىلگىلى بولمايتتى. بۇ چاغدا ئىنىسى ياتاققا كىرىپ ئۆزى يالغۇز كىتاپ ئوقۇۋاتاتتى. ياتاقتا باشقا ئادەم يوق ئىدى. «ئاچىسى» سىياقىدىكى جىن كىلىپ ئاستا ئىشىكنى چەكتى. ئىنىسى: -«كىم؟» دىۋىدى، ئاچىسى سىياقىدىكى جىن غېنىجاننىڭ ئاچىسىنىڭ ئاۋازىدا: -ئۇكام، مەن ئاچاڭ، سىنى كۆرگۈم كىلىپ يوقلاپ كەلدىم»، دىدى. جىننىڭ قولىدا ئاچىسى ئېلىپ كەلگەن ھېلىقى نەرسە-كېرەكلەر ھېلىمۇ بار ئىدى. غېنىجان ئىشىكنى ئېچىپ ئۆز ئاچىسى سىياقىدىكى جىن بىلەن قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈپ، قىسقىچە ئۆز-ئارا ھال-ئەھۋاللاشقاندىن كىيىن، ئاچىسى سىياقىدىكى جىن <<ئەكەلگەن>> نەرسىلەرنى كارىۋاتقا قويۇپ قويدى.ئاندىن غېنىجان سورىدى: -ئاچا قانداق ئەھۋالىڭ، نىمە ئىشلارنى قىلىۋاتىسەن، يوقاپ كەتتىڭغۇ؟ مىنى ئۇنتۇپ قالدىڭمۇ-يە؟ ئاتا-ئانامنىڭ ئەھۋالى قانداقراق،ئۇلار ئوبدان تۇرۇۋاتامدۇ؟ ئۆي ئىچى تىنچ-ئامانمۇ؟ - ئۇكام مەن دىمىسەممۇ ئۆزۈڭمۇ بىلىسەن، مەكتەپتىكى ئىشلار بەك ئالدىراش. بولمىسا سىنى ئاللىبۇرۇن كۆرگىلى كەلمەمتىم؟ سەن دىگەن مىنىڭ تاتلىق ئۇكام تۇرساڭ.ئاتا-ئانامنى ئۇنتۇپ قالساممۇ، سەندەك ئوماق ۋە تاتلىق ئۇكامنى قانداق ئۇنتۇپ قالاي؟ ھە راست، ئۇلارمۇ ساق-سالامەت تۇرۇۋاتىدۇ، ئۆي ئىچىمۇ تىنچ- ئامان. ئۇلار ساڭا سالام ئېيتتى.قارىغىنە، ئۇلار ساڭا نىمە ئەۋەتتى، مەن ساڭا نىمە ئەكەلدىم؟ جىن سىياقىدىكى ئاچا ئاستا بوغچىنى يىشىپ ئۇنىڭدىن غېنىجان ياخشى كۆرىدىغان تاتلىق-تۇرۇملەرنى ۋە ئۆيدە يېقىلغان ياغلىق توقاچلارنى ئېلىپ شىرە ئۈستىگە رەتلىك تىزدى. ئاندىن كىيىن ئۇ سومكىسىدىن << گۈل بەرگىدىكى چىچەكلەر>> ناملىق بىر پارچە كىتابنى ئېلىپ غېنىجانغا سۇندى.چۈنكى بۇ كىتابنى غېنىجان بەك ياخشى كۆرەتتى.بۇ كىتاب خېلى بۇرۇن بىرلا قېتىم نەشر قىلىنغان بولۇپ، قايتا نەشر قىلىنىپ بېسىلمىغان ئىدى.غېنىجان باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئۈچىنچى يىللىقىدا ئوقۇۋاتقىنىدا ئاچىسى بۇ كىتابنى ئەكىلىپ بەرگەن بولۇپ، كىيىن غېنىجان بۇ كىتابنى يوقىتىپ قويۇپ، كىتابخانىنى شۇنچە ئىزدىسىمۇ تاپالمىغان بولۇپ.ئاچىسى مەكتەپنىڭ كۇتۇپخانىسىدا بۇ كىتابنى تاساددىپىي كۆرۈپ قېلىپ ئاتايىن ئۈچ ھەپتىلىك ئارىيەت ئېلىپ، ئىنىسىنىڭ قېشىغا ئەكەلگەن ئىدى. غېنىجان بۇلارنى كۆرگەندىن كىيىن قاتتىق خۇش بولۇپ<<ئاچىسى>>غا دىدى: - ئاچا، بۇنچە كۆپ نەرسىلەرنى مىنى دەپ تەييارلاپسىلەر.ھەممىڭلار قانچە جاپا چەككەنسىلەر-ھە؟ سەن قىز بالا تۇرۇپ بۇنچە كۆپ نەرسىلەرنى شۇنچە يىراقتىن ئەكەپسەن،يولدا قانچە قىينالغانسەن؟ ئاتايىن مىنى دەپ بۇ كىتابنى ئېلىپ كەپسەن.سەن بەك ياخشى جۇمۇ! <<ئاچىسى>> دىدى: -ئوماق ، تاتلىق ئۇكام،سەن ئۈچۈن قىينالساقمۇ ئەرزىيدۇ.سەن دىگەن ئۆيىمىزنىڭ ئەڭ كىچىكى، مىنىڭ ئەڭ ئامراق ئۇكام تۇرساڭ.بۇ تېخى ھېچقانچە ئىش ئەمەس! غېنىجاننىڭ ئاچىسى بۇ ئەھۋالنى ئېنىق كۆرۈپ، ئېنىق بىلىپ تۇرىۋاتاتتى. بىراق گەپ قىلىشقا، ئۆزىنى باشقۇرۇشقا يەنىلا پۈتۈنلەي ئامالسىز ئىدى. بۇ چاغدا سائەت يەتتىدىن سەل ئاشقان بۇلۇپ، غېنىجاننىڭ ئاچىسى سىياقىدىكى جىن ياتاق ئالغىلى ماڭدى. غېنىجان شۇنچە توسىسىمۇ «ئاچىسى» پەقەت ئۇنىمىدى. غېنىجان ئاخىرى ئامالسىز قېلىپ، ئاچىسى سىياقىدىكى جىن بىلەن بىللە چىقىپ، مەكتەپكە يېقىن يەردىن ياتاق ئېلىپ، ئاندىن ئاچىسى سىياقىدىكى جىن بىلەن بىر ۋاق ئوبدان غىزالىنىپ ياتىقىغا قايتتى. ئەتىسى كۈنىگە شەنبە بۇلۇپ غېنىجاندىن باشقىلارنىڭ ئۆيى شەھەردە بولۇپ،ھەممەيلەن ئۆيلىرىگە كىتىپ بولغان، پەقەت غېنىجان ا ياقا-يۇرتتىن كەلگەن بولغاچقا، ئۆيىگە قايتماي ياتاقتا يالغۇز قالغان ئىدى. ئۆيى بولغان ئارىلىقى ماشىنا بىلەن ماڭسا سەككىز سائەتلىك يول ئىدى. بۇ كىچە جىمجىتلىق ئىچىدە ئۆتتى، ھېچقانداق غەيرى ئەھۋال سىزىلمىدى. ئاچىسى سىياقىدىكى جىن بولسا ياتاققا قىزنىڭ تىنىدىن چىقىپ كىتىپ، ئەتىسى ئەتتىگەندە بىچارە قىزنىڭ تىنىگە يەنە قايتا كىرىپ ئىنىسى تۇرۇشلۇق مەكتەپكە قاراپ ماڭدى. (3) ئاچا سىياقىدىكى جىن مەكتەپ دەرۋازىسىغا كەلدى. «ئاچا» سىياقىدىكى جىن مەكتەپكە كىرىپ تەكشۈرۈشتىن ئۆتكەندىن كىيىن، ئۇدۇل غېنىجاننىڭ ياتىقىغا قاراپ ئۇدۇل ماڭدى. بۇ چاغدا يىراقتىن ئانچە- مۇنچە ۋاراڭ-چۇرۇڭ ئاڭلىناتتى. بىراق بىرەر ئادەمنىمۇ كۆرگىلى بولمايتتى. «ئاچا» سىياقىدىكى جىن مېڭىپ غېنىجاننىڭ ياتىقىغا كىلىپ ئىشىكنى چەكتى: -تاك-تاك... -كىم؟ - دىدى غېنىجان - مەن ئامراق ئاچاڭ، ئىشىكنى ئاچ ئۇكام، دىدى جىن غېنىجان ئاستا ئورنىدىن تۇرۇپ ئىشىكنىڭ ئازراق پۇچۇلۇپ كەتكەن يېرىقىدىن قاراپ، ئاچىسىنىڭ خۇشمۇ ئەمەس، خاپىمۇ ئەمەس بىر خىل ھالەتتە تۇرغانلىقىنى كۆرۈپ، دەرھال ئىشىكنى ئېچىپ <<ئاچىسىنى>> ياتاققا باشلىدى. <<ئاچىسى>> ياتاققا كىرىپلا ئىنىسىنى قۇچاقلىدى. غېنىجان بولسا قۇچاقلىشىپ كۆرۈشۈشتىن كىيىن <<تاغدىن-باغدىن>>بىردەم پاراڭلاشتى.شۇنداق<<تاغدىن-باغدىن>> پاراڭلىشىشلار بىر پەس داۋاملاشقاندىن كىيىن <<ئاچىسى>> غېنىجاننىڭ قولىغا قاراپ ئەتەي مۇنداق دىدى: -ئۇكام، قولۇڭنى ئەكىلە، ئالقىنىغا قاراپ باقاي! ئالقىنىڭ يېرىلىپ كەتكەن ئوخشايدۇ. غېنىجان سەل نومۇس قىلىپ بۇنىڭدىن بىخەۋەر ھالدا <<ئاچىسىغا>>قولىنى ئۇزاتتى. - غېنىجان قولىنى ‹‹ئاچىسىغا ›› سۇنىۋىدى، ‹‹ئاچىسى ››نازۇك ھەم يۇمران قوللىرى بىلەن ئۇنىڭ قولىنى بىردەم دۈم، بىردەم ئوڭ قىلىپ سىلاشقا باشلىدى.ئارىدىن تەخمىنەن ئون-ئون بەش سىكۇنت ۋاقىت شۇنداق ئۆتتى.غېنىجان بولسا نومۇس قىلغىنىدىن دەرىزە تەرەپكە قارىۋالدى. ئۇشتۇمتۇت قولىنىڭ غىدىقلىنىۋاتقانلىقىنى سەزگەن غېنىجان «ئاچىسى» غا قاراپ داڭ قېتىپلا تۇرۇپ قالدى- ۋە چىرقىراپ كەتتى. ئۇنىڭ كۆز ئالدىدا ئاچىسى ئەمەس، بەلكى ئىنتايىن قورقۇنۇچلۇق، چىرايىدىن ۋەھشىيلىك يېغىپ تۇرغان بىر جىن ئادەمنىڭ بىر ئۈچەي-باغرىلىرىنى يەۋاتقان، قان تېمىپ تۇرغان ھالدا قاراپ تۇراتتى. چىرايىنى كۆرگەن ئادەمنى قاتتىق قورقۇنۇچ ۋە سۈر باساتتى.جىن شۇ ۋاقىتتا تۇيۇقسىز ئۇنىڭغا قاراپ كىلىشكە باشلىدى. غېنىجان جىندىن شۇنچە قاچسىمۇ، لىكىن پۇت قوللىرى ئۇنىڭغا پەقەت بويسۇنمايۋاتاتتى. خۇددى ئاچىسى دۇچ كەلگەن ئەھۋالغا دۇچ كىلىپ قالغان ئىدى. ئۇ: «جىن...ئاچا...» دەپ يەنە ۋارقىراپ قېچىشقا ئۇرۇندى. يۈرىكى ئاغزىغا تىقىلىپ كۆزىگە ياش تولدى. ئۆزىنى ئەزرائىلنىڭ چاڭگىلىدا تۇرغاندەك ھىس قىلىپ، كۆز-ئالدىغا ئاتا-ئانىسى، ئاچىسى ۋە باشقا ئۇرۇق-تۇغقانلىرى كىلىۋېلىپ پۈتۈن بەدىنى بوشىشىپ كەتتى. ئاخىرى مىڭ تەسلىكتە ياتاقتىن قېچىپ چىقىپ سەل نېرىغا بېرىپ بۇقۇلداپ يىغلىدى ۋە بىردەم شۇ تەرىقىدە يىغلىغاندىن كىيىن ياتاققا كىرەي دەپ ئويلىدى. بىراق كىرەي دىسە تېخى قورقۇيتتى.كىرمەي دىسە كەچ بولۇپ قېلىۋاتاتتى. ئامالسىز ئىككى-ئۈچ سائەتنى قاتتىق قورقۇنچ ئىچىدە ئۆتكۈزۈپ ياتاققا تەۋەككۈل قىلىپ كىردى. جىن بولسا غېنىجان يىغلاۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ چىقىپ كەتكەن ۋە قىز تىنىدىن ئاجراپ نەلەرگىدۇر غايىپ بولغان ئىدى. غېنىجان ئامالسىزياتاققا كىرىپ بىر قۇر كۆز يۈگۈرۈتتى، ياتاق بولسا جىمجىت ئىدى. ئۇ كارۋاتقا كىلىپلا بېشىنى يوتقانغا چۈمكەپ بېشىدىن ئتۆەن بۇ ئىشلارنى ئويلاپ قاتتىق يىغلاپ كەتتى.دەل بۇ چاغدا ئىشىك يەنە قايتا چىكىلدى. غېنىجاننىڭ يوتقاندىن چىقارغۇدەك جۈرئىتى قالمىغاچقا، ھېلىقى جىننى يەنە كەلگەن ئوخشايدۇ،دەپ تېخىمۇ قورقۇنۇچ ئىچىدە : -كىم،كىم دەپ ئارانلا دىيەلىدى. ئاچىسى غېنىجانغا يالۋۇرۇپ يىغلاپ تۇرۇپ: -جېنىم ئۇكام! ئىشكنى ئاچ، مەن سىنىڭ ئاچاڭ، دىدى غېنىجان ۋاقىراپ تۇرۇپ دىدى : -يوقال! سەن مىنىڭ ئاچام ئەمەس! سەن مىنىڭ ئاچام ئەمەس! سەن دىگەن جىن...، سەن دىگەن جىن...! ئاچىسى يىغلاپ تۇرۇپ دىدى: ئىشىكنى ئاچ ئۇكام ئەمما غېنىجان ئىشىكنى يەنە ئاچمىدى. ئاچىسى يەنە يىغلاپ تۇرۇپ دىدى: -جېنىم ئۇكام! ئىشىكنى ئاچ، مەن تۈنۈگۈن يۈز بەرگەن بارلىق ئىشنى ساڭا ئېنىق چۈشەندۈرۈپ قوياي! ئۇ شۇنداق يىغلاپ يالۋۇرۇپ يۈرۈپ ئىشىكنى ئاخىرى مىڭ تەسلىكتە ئاچقۇزدى. غېنىجان ئاچىسىنى كۆرۈپلا ، ئۇنى يەنە جىن دەپ ئويلاپ قالغاچقا ،يوتقان-كۆرپىلەرنى ئۇنىڭغا قارىتىپ ئاتتى. ئاچىسىنىڭ بۇ ئىشلاردىن خەۋىرى بولغاچقا، خاتا چۈشەنمەي يىغلاپ تۇرۇپ بۇ يەرگە كەلگەندىن بۇيانقى يۈز بەرگەن بارلىق ئەھۋاللارنى سۆزلەپ بەردى. دىمەك ئەمدى ئاچا-ئىنى ئىككەيلەنگە ھەقىقى ئەھۋال مەلۇم بولغان ئىدى. ئۇلار شۇنىڭدىن كىيىن تاماق يىيىشىپ ئەركىن –ئازادە پاراڭلىشىپ ئىككى-ئۈچ سائەتنى ئۆتكۈزدى.ئاڭغىچە سائەت بەش بولدى. غېنىجاننىڭ ئاچىسى ئادەم كۆپرەك يەردىن ياتاق ئالماقچى بۇلۇپ ماڭدى. بىراق ھېلىقى جىننىڭ ئۆزىنى ھەم ئىنىسىنى يەنە قورقۇتۇشىدىن ئەنسىرەپ سەل ئىككىلىنىپ تۇرۇپ قالدى. غېنىجانمۇ ئاچىسىدىن ئەنسىرەپ قالغاچقا ئۇنىڭ ئۈستىگە ياتاقتا ئۆزىدىن باشقا ئادەم بولمىغاچقا، ئاچىسىنىڭ ياتاقتا قونۇپ قېلىشىنى ئېيتتى. ئاچىسى سەل خىجىل بولغان بولسىمۇ، ئاخىرىدا يەنىلا ماقۇل بولدى. بۇ ئاچا-ئىنى كەچلىك تاماقنى ياتاقتا يەپ، ياتاقتىكى ئىككى كارۋاتقا چىقىپ، شەپىلەرگە قۇلاق سالغاچ قورقۇنچ ئىچىدە پاراڭلىشىپ چىقتى ۋە بۇ قېتىمقى ئىشلارنى ئاتا-ئانىسىغا دىمەسلىكنى مەسلىھەتلەشتى. چۈنكى ئاتا-ئانىسى بۇ ئىشلارنى ئۇقسا قاتتىق ئەنسىرەيتتى. بەلكىم شۇ سەۋەبلىك غېنىجاننى مەكتەپتىن قايتۇرۇپ كىلىشىمۇ مۇمكىن ئىدى. يېرىم كىچە بولغاندا ئۇلار ھاۋا يەپ كىرگىلى سىرتقا چىقتى. ئۇلار سىرتقا چىققان شۇ ۋاقىتتا غېنىجاننىڭ تۇيۇقسىز كىچىك تەرىتى قىستاپ كەتتى-دە، ئاچىسىغا دەپ قويۇپ يىراقتىكى دەرەخزارلىق يېنىغا تەرەت قىلغىلى كىتىپ، بىر تۈپ يۇلغۇننىڭ تۈۋىگە ئۇقماي تەرەت قىلىپ سالدى. بۇ يۇلغۇنلۇق بولسا بىر جىننىڭ ماكانى ئىدى. ئەمما غېنىجان بىلەن ئاچىسى بولسا بۇ يەردىكى يۇلغۇنلۇقنىڭ جىننىڭ ماكانى ئىكەنلىكىدىن تامامەن بىخەۋەر ئىدى. غېنىجان ۋە ئائىلسىدىكلەرمۇ ئىلگىرى ئانچە-مۇنچە يۇلغۇنلۇق تۈۋىگە ، مەھەللە ئەتراپلىرىغا بەزىدە چوڭ، بەزىدە كىچىك تەرەت قىلىپ قويغان ئىدى. ئۇلار خېلىدىن كىيىن ياتاققا قايتىپ كىرىپ پاراڭلىشىپ چىقتى. ئەتىسى تاڭ ئاتتى. غېنىجاننىڭ ئاچىسى كەتمەكچى بولۇپ، ياتاقتا ناشتا قىلىپ، ئالىدىغان نەرسە-كېرەكلىرىنى ئېلىپ يۇرتىغا كۆڭلى يېرىم ھالدا قايتتى. (3) غېنىجاننىڭ ئاچىسى كەتتى. ئاندىن غېنىجان سەل قورقۇنۇچ ئىچىدە ياتاقنىڭ ھەممە يېرىگە يەنە بىر قېتىم كۆز يۈگۈرۈتتى، ياتاق بولسا شۇ پېتى تۇراتتى. ياتاقتا يەنە ئاچىسى ئېلىپ كەلگەن يىمەكلىكلەر ۋە سوۋغاتلىق بۇيۇملار بار ئىدى. غېنىجان نەرسىلەرنى يەنە بىر كۈرۈپ چىققاندىن كىيىن كۆڭلى يېرىم بولۇپ ئۆيىدىكىلىرىنى ئەسلەپ قالدى. ئۇ يۈز- كۆزلىرىنى پاك-پاكىز يۇيىۋەتكەندىن كىيىن، نەرسە-كېرەكلەرنى جايلاشتۇرۇپ قۇيۇپ بازارغا چىقتى. شۇ چىققانچە كەچكىچە بازار ئايلاندى. تورخانىغا كىردى. كىيىن كىتاپخانىغا كىرىپ بىر-ئىككى كىتاپ ۋە ژۇرنال سېتىۋالغاندىن كىيىن يەنە بىردەم بازار ئايلاندى. ئىشقىلىپ بۈگۈننى شۇنداق خۇشال ئۆتكۈزدى. كەچ كىرگەندە ياتاققا قايتتى. تەتىل قىلىشقا يەنە ئىككى ئايدىن كۆپرەك ۋاقىت بار ئىدى. ھېلىقى جىن قايتا كۆرۈنمىدى. شۇنداقتىمۇ جىننى، ياتاقنىڭ كەينىدىكى ئورمانلىقنى، مەكتەپ مەيدانىنى ۋە كارىدورنى ئويلىسىلا، كۆرسىلا قاتتىق سۈر باساتتى، پۈتۈن ۋۇجۇدىنى قورقۇنچ قاپلايتتى. شۇڭا ئىمكان بار ئۆزى يالغۇز سىرىتقا، بولۇپمۇ ياتاقنىڭ كەينىدىكى ئورمانلىققا چىقمايتتى. ئەنە شۇ چاغدا ئانىسى، دادىسى، ئاكىسى ۋە ئۆزىگە گوياكى ئۆز ئانىسىدەك بولۇپ قالغان ئاچىسىنى ئويلاپ، سېغىنىپ كۆزىگە ياش ئالاتتى. ئۇ بۇ يۈز بەرگەن ئىشلارنى ساۋاقداشلىرىغا ئېيتىشنى ئويلىدى. بىراق بىر تۇرۇپ سەل ئىككىلىنىپ قالدى. چۈنكى غېنىجان گەرچە سىنىپ بويىچە ئالدىنقى قاتاردىكى ياخشى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالدى بولسىمۇ، بۇ ئىشلار ئاشكارىلىنىپ كەتسە:« غېنىجان ساراڭ بوپ قاپتۇ، ئېلىشىپ قاپتۇ، ئالجىپ قاپتۇ...» دىگەندەك قۇرۇق سۆز، قۇرۇق تۆھمەتلەرگە قېلىشى مۇمكىن ئىدى. بۇ ئىشنى باشقىلارغا دىمەي، ئۆزىنىڭ ئەڭ يېقىن دوستلىرىغا دىگەندىمۇ، ئۇلارنىڭ سىر ساقلىيالماسلىقىدىن، ۋاقتى كىلىپ كىچىككىنە نام-مەنپەئەت ئۈچۈن ئازارلىشىپ قالغاندا، بۇ ئىشلارنىڭ ئاشۇ «ئەڭ يېقىن دوستلىرى» تەرىپىدىن ئاشكارىلىنىپ كىتىشىدىن قورقاتتى.غېنىجان ۇنىڭدىن ئىلگىرى دوستلۇققا دائىر بىر ھىكايىنى ئوقۇغانىدى. ئۇنىڭدا ئىككى دوستنىڭ بارلىقىنى، بۇلارنىڭ دوستلىقى كۈندىن-كۈنگە چوڭقۇرلىشىپ، ئاخىرىدا قول بىرىشىپ قىيامەتلىك دوست بولغانلىقى، كۈنلەرنىڭ بىرىدە بۇ ئىككى دوستنىڭ بىرىنىڭ بېشىغا كۈن كىلىپ، دوستىغا سىر ئاشكارىغانلىقى، ئاخىرىدا بولسا كىچىككىنە ئىش سەۋەبىدىن ھېلىقى دوستىنىڭ سىر ئاشكارىلاپ، ئۆزىنىڭ قىيامەتلىك دوستىنى رەسۋا قىلغانلىقى سۆزلەنگەن بولۇپ. غېنىجان شۇ ھىكايىنى ئوقۇغان ۋاقىتتىن باشلاپ ھەقىقى ئىچ سىرىنى باشقىلارغا قەتئىي دىمەيدىغان، ئۇلارغا قارىماققىلا ئىشىنىپ، ئەمەلىيەتتە چىن دىلىدىن ئىشەنمەيدىغان بولغان ئىدى. غېنىجان شۇ ھىكايىدىكى دوستلارنىڭ ئارىسىدىكى يۈز بەرگەن ئىشىنى قايتىدىن ئويلاپ، ئۆزىنىڭ كەلگۈسىدە شۇنداق ئەھۋالغا قېلىشدىن ئەنسىرەپ ، بۇ ئىككى -ئۈچ كۈن ئىچىدە يۈز بەرگەن بارلىق ئىشلىرىنى دوستلىرىغا دىيىشتىن ئىبارەت ئويىدىن ياندى. باشقىلارغا دىمەسلىكىدىكى يەنە بىر سەۋەب شۇكى، چۈنكى ھەرقانداق يېقىن دوستتىن كۆپىنچە ۋاقىتتا ۋاپا كەلسىمۇ، لىكىن مەڭگۈ ۋاپا كەلمەيتتى.دوست دىگەننىڭ ئىچىگە كىرىپ چىققىلى ، ھەم ئۇنىڭ قانداق سەۋەب بىلەن قانداق ۋاقىتتا يۈز ئۆرۈشىنىمۇ ئالدىن بىلگىلى بولمايتتى.دوست دىگەن بەزىدە ئاغزىدا<<ھە >> دەيتتى،لىكىن ئويلىمغان ۋاقىتلاردا مال-دۇنيا، ھوقوق، ساھىپجامال قاتارلىقلار ئۈچۈن بولسىمۇ ئەڭ يېقىن دوستىدىنمۇ ۋاز كىچىپ، ئۇنى سېتىۋىتشى ،بالا-قازاغا يولۇقتۇرىشىمۇ مۇمكىن ئىدى.شۇڭا ئۇ بۇ ئويىدىن يانغان ئىدى شۇنىڭدىن كىيىن ئىشلارمۇ بارا-بارا ياخشىلىنىپ كىتىشكە باشلىدى. غېنىجان شۇنىڭدىن ئىتىبارەن ھەممە دەرسنى ياخشى ئۆگەندى؛ مەكتەپتە ئۆتكۈزۈلگەن تۈرلۈك پائالىيەتلەرگە قاتنىشىپ، ياخشى نەتىجىلەرگە ئىرىشىپ سىنىپىغا، جۈملىدىن ئۆزىگە شان-شەرەپ كەلتۈردى. ئۇ خوشلىقىنى باسالماي، بۇ خۇشاللىقنى ئۆيىدىكىلىرىگە يەتكۈزۈپ ئۆيىدىكىلىرىنى قاتتىق خۇشال قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىرگە ئۇ ئىرىشكەن نەتىجىلەردىن مەغرۇرلىنىپ قالماي، تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆگەندى. ئاڭغىچە ئىككى يېرىم ئايمۇ توشۇپ تەتىلگە قويۇپ بىرىلدى. غېنىجان ماڭىدىغان كۈنىنىڭ ئالدىنقى ئاخشىمى ساۋاقداشلىرى بىلەن ئولتۇرۇش قىلىپ،ئەتىسى ئەتتىگەندە نەرسە- كىرەكلىرىنى يىغىشتۇرۇپ ئۆيىدىكىلىرىگە لايىقىدا سوۋغا- سالام ئېلىپ ئاپتۇبۇسقا بىلەت ئالغاندىن كىيىن يۇرتىغا قاراپ يولغا چىقتى. (4) غېنىجان يولغا چىقىپ ئاپتۇبۇستا باشقىلار بىلەن پاراڭلاشقاچ مېڭىپ يولدىكى سەككىز سائەتلىك مۇساپىنى قانداق بېسىپ بولغانلىقىنىمۇ بىلمەيلا قالدى. يۇرتىغا يىتىپ كەلگەندە ، ماشىنىدىن چۈشۈپلا ئۆزىنى تۇتۇۋالالماي يىغلاپ سالدى.چۈنكى ھۈمەنجان يۇرتىدىن ئايرىلغاندىن بۇيان ئوقۇشنىڭ ئالدىراشلىقى تۈپەيلىدىن پەقەت بىر قېتىملا ئۆيىگە بارغان ئىدى. ئۇنىڭدىن باشقا ۋاقىتلاردا تا ھازىرغىچە ئۆيىگە بېرىپ باقمىغان ئىدى. ئۇ ئۆيىگە بارغاندىن كىيىن ئۆيىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ خۇشاللىققا چۆمدى ۋە ئالغان سوۋغا- سالاملارنى بەردى. شۇ تەرىقىدە ئارىدىن ئون كۈنچە ۋاقىت خۇشاللىق ئىچىدە ئۆتتى .غېنىجان كىلىپلا ئاچىسى بىلەن ھېلىقى ئىشنى باشقىلارغا دىمەسلىكىنى قايتا كىلىشىلىۋالغان بولغاچقا، بۇ ئىشلاردىن ئۆيىدىكلەر پۈتۈنلەي خەۋەرسىز ئىدى.بىر كۈنى ئەتتىگەندە غېنىجان ئۆيىدىكىلىرى بىلەن ئەتتىگەنلىك تاماق يىيىشىۋاتقاندا ئاچىسى بىر ئىش سەۋەبىدىن سىرتقا چىقىپ كەتتى. دەل شۇ چاغدا ئۇشتۇمتۇت مەكتەپتە كۈرۈنگەن ھېلىقى جىن بىر تۇرۇپ ئاچىسىنىڭ، بىر تۇرۇپ ئۆزىنىڭ ھەقىقى قىياپىتىدە غېنىجاننىڭ كۆزىگە بىر نەچچە قېتىم ئارقا- ئارقىدىن كۆرۈنۈشكە باشلىدى. غېنىجان پۈتۈن ئەزايىنى تىترەك باسقان ھالدا:‹‹جىن... جىن،مىنىڭ ئاچام جىن...››،دەپ توۋلاشقا باشلىدى. ئۇنىڭدىن كىيىن ئاچىسى كىرىۋىدى، غېنىجان يەنە قالايمىقان توۋلاپ ئالدىدىكى چىنىنى ۋە باشقا نەرسىلەرنى ئاچىسىغا قارىتىپ ئاتتى.ئاچىسى بولسا بۇئىشلاردىن خەۋىرى بولغاچقا يەنە باشقا گەپ قىلمىدى.ئاتا- ئانىسى :‹‹ ساراڭ بولدۇڭمۇ؟ نىمىشىقا ئاچاڭنى تىللاپ ئۇنىڭغا قالايمىقان بىر نەرسىلەرنى ئاتىسەن››، دەپ غېنىجاننى ئەيىبلىدى.بۇنداق ئەھۋال كىينىكى كۈنلەردە يەنە بىر- ئىككى قېتىم تەكرارلاندى. ئاتا- ئانىسى بۇ ئىشلارنى كۆرۈپ بۇ قېتىم غېنىجاندىن رەسمىي ئەنسىرەشكە باشلىدى. باشقىلاردىن :‹‹پالانى يەردە باخشى بارئىكەن، شۇ يەرگە ئاپىرىپ ئوقۇتۇپ باقساڭلار ساقىيىپ كىتىدۇ›› ،دىگەن گەپنى ئاڭلاپ،بالىمىزغا جىن چاپلاشقان ئوخشايدۇ، دەپ بىر يەردىن مىڭ تەسلىكتە سەككىز يۈز يۈەن قەرز ئېلىپ، ئۇنىڭ بەشيۈز ئەللىك كويىغا بىر قوي ۋە بىر توخۇ ئالغاندىن كىيىن بالىنى ئېلىپ باشقا بىر كەنتتىكى باخشىنىڭ قېشىغا باردى. باخشى بۇلاردىن بارلىق ئەھۋالنى ئۇققاندىن كىيىن ، بالىنى كىگىز ئۈستىگە سېلىنغان كۆرپە ئۈستىگە ياتقۇزۇپ سۆگەتنىڭ يالىڭاچلانغان چىقىۋىقىنى ئېلىپ:‹‹سۈف كۆچ›› قىلىپ بالىنىڭ پۈتۈن ئەزايىغا ئۇرۇپ چىقتى؛ كەتمەننى قىزىتىپ بالىنىڭ يۈزىگە تەڭلەپ تۇرۇپ پاژىلدىتىپ سۇ پۈركۈدى؛توخۇنى ئۆلتۈرۈپ قان قىلىپ بالىنىڭ بېشىدىن ئايلاندۇردى؛ ئوتلاق قاقتى،تۇمار پۈتتى، ئىشقىلىپ باخشىلىقتا قىلىدىغان بارلىق ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى قىلىپ، ئاندىن ئۇلار ئېلىپ كەلگەن قوينى ئېغىلىغا ئەكىرىپ قويغاندىن كىيىن، بالىغا ئۇزۇن ‹‹دۇئا›› قىلىپ ئۇلارنى يولغا سالدى. ئاتا- ئانا بولسا:‹‹ بالام ساقىيىدۇ››،دەپ ئۈمىد بىلەن قايتتى. بىراق ئارىدىن خېلى ۋاقىتلار ئۆتكەن بولسىمۇ بالا ساقىياي، دىمىدى.ھالبۇكى تەتىل توشۇشقا ئاز قېلىۋاتاتتى.ئەمما بالا بولسا يەنە شۇ پېتى تۇراتتى. ئاتا- ئانىنىڭ بېشى يەنە قېتىشقا باشلىدى. ئۇلار ئامالسىز تۇرغاندا بىرسىنىڭ: ‹‹پالانى يەردە كاتتا داخان بارئىكەن. كىسەللەر شۇ داخاننى يېرىم - يارتا كۆرسىمۇ ساقىيىپ كىتىدىكەن، دورىسى شۇ زامات پايدا قىلىدىكەن››، دەپ ئاغزى- ئاغزىغا تەگمەي سۆزلەپ بىرىشىنى ئاڭلاپ-‹‹تاز بولساڭ گەدەنگىچە››،دىگەن گەپ بويىچە ئاخىرقى ئۈمىدىنى شۇ يەرگە باغلاپ، بالىنى ئۇ يەرگە ئاپارغاندىن كىيىن داخاننىڭ گىپىنى ئاڭلاپ ھەيران قالدى. چۈنكى باخشى: بالا ئەمدىلەتتىن كۆكلىگەن تىرەكنىڭ يېنىدا كۈندۈزى ئولتۇرۇپ قاپتۇ›› دىگەن بولسا، داخان:‹‹ بالا ئەمدىلەتتىن كۆكلىگەن تىرەكنىڭ يېنىدا كىچىسى ئولتۇرۇپ قاپتۇ››، دىگەن ئىدى.ئۇلار ياقىلىرىنى چىشلىشىپ:‹‹ توۋا، توۋا قىلدۇق››، دىيشتى ئىچىدە.داخانمۇ ئۆزىگە يارىشا قىلىدىغان قىلىقلىرىنى قىلىپ بولۇپ، ئۇلاردىن ئالىدىغان ‹‹زەللە›› سىنى ئېلىپ بىر مۇنچە گەپلەرنى قىلغاندىن كىيىن ئۇلارنى يولغا سالدى. ئەمما بالا يەنە ساقايمىدى. ئۇلار قانداق قىلىشنى بىلەلمەي تۇرغاندا غېنىجاننىڭ مەكتەپكە بارىدىغان ۋاقتى توشۇپ قالدى.ئۆيىدىكىلىرى ئەنسىرىگەن ھالدا تەييارلىقىنى ياخشى قىلىپ كۆزلىرىگە ياش ئالغان پېتى يولغا سېلىپ قويدى.شۇنداق قىلىپ غېنىجان مەكتەپكە بارغان دەسلەپكى كۈنلەردە بىرەر ئىش سېزىلمىدى.بىراق ئارىدىن يەنە ئون بەش كۈنچە ۋاقىت ئۆتكەندە جىن داۋاملىق ھالدا بىردەم ئاچىسىنىڭ، بىردەم ئۆزىنىڭ ھەقىقىي قىياپىتىدە غېنىجاننىڭ كۆزىگە پات-پات كۆرۈنۈشكە باشلىدى.بىردەم سىنىپ ئالدىدا كۆرۈنسە، بىردەم ياتاق ئالدىدا ، بىردەم دېرىزە كەينىدە كۆرۈنۈشكە باشلىدى. غېنىجان يەنە قاتتىق قورقۇنۇچ ئىچىدە كۈن ئۆتكۈزۈشكە باشلىدى.قىسقىسى، تېشىدا كۈلۈپ يۈرگەندەك قىلسىمۇ، ئەمما ئېلىشىپ قالغىلى تاس قېلىۋاتاتتى.شۇنىڭ تەسىرىدە دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ بىر قېتىم ئېغىر كىسەلمۇ بوپ قالدى.دوختۇرلار كىسەلنىڭ سەۋەبىنى ئۇقالماي، ئۇنىڭغا ئامالسىز نىرۋىنى تىنچلاندۇرىدىغان ۋە بەدەننى قۇۋۋەتلەيدىغان ئاسما ئوكۇل سالدى. ئەمما كىسەلنىڭ ھەقىقى سەۋەبىنى پەقەت غېنىجانلا بىلەتتى. غېنىجان بولسا تىزرەك تەتىل بولۇپ ئۆيىگە كىتىشىنى ئويلايتتى.ئارىدىن ئۈچ ئاي شۇ تەرىقىدە زارىقىپ كۈتۈش بىلەن ئۆتكەندە تەتىل قويۇپ بىرىلدى. غېنىجان ئالىدىغان نەرسە-كىرەكلىرنى چالا-پۇلا ئېلىپ، ئالدى-ئارقىسىغا قارىماي ئۆيىگە ماڭدى .بىر نەچچە كۈن شۇنداق ئارامسىزلىق ئىچىدە ئۆتتى .ئۇ ئۆيىگە كىلىپ ئۈچ- تۆت كۈن ئارام ئېلىشىغا ھېلىقى جىن يەنە ئاچىسىنىڭ سىياقىدا كۆرۈنۈشكە باشلىدى. غېنىجاننىڭ پۇت-قولىدا ماغدۇر، چىرايىدا قان قالمىغان ھالدا قورقۇپ يەنە: ‹‹ئاچام جىن... ئاچام جىن››، دەپ قاتتىق ۋاقىراپ ھوشىدىن كەتتى. ئاتا- ئانىسى بۇ ئەھۋاللارنى كۆرۈپ ھەم باشتىكى ئىشلارنى ئويلاپ بۇ قېتىم قىزىدىن رەسمىي گۇمانلىنىشقا باشلىدى. بۇ چاغداغېنىجان ھوشىغا كەلدى. دەل شۇ چاغدا جىن غېنىجاننىڭ كۆزىگە قايتا كۆرۈنۈپ، ئاندىن ئاتا- ئانىسىنىڭ ۋە ئەتراپتا تۇرغانلارنىڭ كۆزىگە بىر قېتىم غېنىجاننىڭ ئاچىسىنىڭ ۋە ئۆزىنىڭ سىياقىدا غىل-پاللا ئوچۇق-ئاشكارا كۆرۈندى. غېنىجان بولسا قاتتىق چىقىراپ شۇ يەردىلا جان ئۈزدى.بىچارە ئاتا- ئانا ۋە باشقا ئۇرۇق- تۇغقانلار دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ بالىنى ئۇزاتتى.بۇ ئىشلار ئوڭۇشلۇق تۈگىگەندىن كىيىن ئاتا- ئانا قىزىنىڭ قان-ياش تۆكۈپ تۇرۇپ يىغلاپ تۇرۇپ چۈشەندۈرگەن سۆزلىرىنىمۇ ئاڭلىماستىن قىزىنى چەت بىر جاڭگالغا ئاپىرىپ تاشلىۋەتتى.بىچارە قىز جاڭگالدا يۈرۈپ ئەقلىدىن ئېزىپ ئېلىشىپ قېلىپ كۈن بويى قالايمىقان سۆزلەپ خېلى بىر كۈنلەرنى شۇ يەردە ئۆتكۈزدى. (5) بىر بالىنىڭ ئۆلۈپ كىتىشى ، يەنە بىر بالىنىڭ نامەلۇم سەۋەب بىلەن ئۆيدىن چىقىرىلىپ كىتىشىتەك رىئاللىقىنى قوبۇل قىلالمىغان ئاتا-ئانا يۈرەكلىرى ئىزىلگەن ،كۆزلىرىدىن ئادەمنىڭ ئىچىنى سىيرىلدۇرغىدەك ياشلارنى ئاققۇزۇپ، بىرەيلەننىڭ مەسلىھەت بىرىشى بىلەن باشقا بىر يېزىدىكى بىر ئۆلىمانىڭ قېشىغا بېرىپ يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئېيتتى.ئەسلى ئىشنىڭ باشلىنىشى مۇنداق بولغان ئىدى: غېنىجان تولۇقسىزنىڭ 3-يىللىقىدا ئوقۇۋاتقان كۈنلىرىنىڭ بىرىدە ئەل- ئاغىنە، دوست –بۇرادەرلىرى بىلەن مەكتەپتىن قويۇپ بىرىلىدىغان ئىككى كۈنلۈك دەم ئېلىش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ بىرەر يەردە ئويناپ كىلىشنى ئويلاپ، ئەل-ئاغىنە ، دوست-بۇرادەرلىرى ۋە سىنىپتا يېقىن ئۆتكەن ساۋاقداشلىرىدىن بىر نەچچەيلەنگە بۇ ئويىنى ئېيتتى.ئۇلار مەكتەپتىكى ۋاقتىنىڭ ئانچە كۆپ قالمىغانلىقىنى ، بۇ قېتىم مەكتەپتىن ئايرىلسا قايتا جەم بولۇش پۇرسىتىنىڭ كەلمەيدىغانلىقىنى، پۇرسەت كەلگەندىمۇ ھەممە دوست-بۇرادەرلىرى، ئەل-ئاغىنە ، ساۋاقداش ۋە مۇئەللىمنىڭ تولۇق يىغىلىپ بولالمالمايدىغانلىقىنى ھىس قىلىشىپ غېنىجاننىڭ بۇ ئويىنى قوللىدى. ئۇلار بۇ ئىشنى مەسلىھەتلىشىش ئۈچۈن ئاتايىن بىر ئاشخانىغا كىرىپ ئىسىل تاماقلارنى بۇيرۇتۇپ، ئاندىن تاماق يىگەچ بارىدىغان ئورۇننى، كىملەرنىڭ بېرىشىنى، قانداق نەرسىلەرنى ئېلىپ بېرىشىنى بارىدىغان كۈننى ئوبدان مەسلىھەتلىشىپ تارقىلىشتى. ئۇلارنىڭ تاللىغان كۈنى كىيىنكى ھەپتىنىڭ شەنبە-يەكشەنبە كۈنلىرى بولۇپ، مەكتەپ بۇ ئىككى كۈنى ئالاھىدە ئەھۋال بولمىسىلا چوقۇم دەم ئېلىشقا قويۇپ بىرەتتى. شۇڭا ئۇلار مۇشۇ ئىككى كۈننى تاللىغان ئىدى.بۇ كۈننىڭ كىلىشىگە يەنە تەخمىنەن ئون كۈنچە ۋاقىت بار بولۇپ، ئۇلار ئويناشنىڭ تەييارلىقىنى ياخشىراق قىلىش ئۈچۈن ۋاقىتنى شۇنداق ئۇزۇنراق بىكىتكەن ئىدى. شۇنداق قىلىپ ئۇلار مەكتەپتىكى ئوقۇشىنى داۋاملاشتۇرغاچ تەييارلىق قىلىشقا باشلىدى. ئارىدىن خېلى كۈنلەر ئۆتۈپ، ئاخىرى كۈتكەن كۈنمۇ يىتىپ كەلدى. ئۇلارنىڭ ھەممسى ئاتا- ئانىلىرىدىن رۇخسەت ئېلىشىپ، يانلىرىغا پۇل سېلىشىپ بىر يەرگە يىغىلىشتى-دە، ھەممەيلەن بار مەسلىھەت قىلىشىپ، ئالىدىغان نەرسە- كىرەكلەرنى ئالغاندىن كىيىن ئۈچ چاقلىق بىر موتسىكىلىتنى كىرا قىلىپ،يىراق بىر يېزىغا باردى.بۇ چاغ بەشىنچى ئاينىڭ ئاخىرى، ئالتىنچى ئاينىڭ باشلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئوينىشىغا تازا باب كىلەتتى. ئۇلار بارغاندىن كىيىن ئاۋۋال ئۆيلىرىدىن ئېلىپ كەلگەن ئەدىيالنى داستىخان ئورنىدا يەرگە سېلىپ، ئېلىپ بارغان نەرسىلەرنى رەتلىك تىزىشىپ، قوينى بوغۇزلاپ كاۋاپ قىلىپ، بالىلاردىن بىرسىنى قارىتىپ قويۇپ، سۇغا چۆمۈلۈشكىلى كىتىشتى. بۇ ئارىدا بىرەر سائەتچە ۋاقىت ئۆتكەندىن كىيىن بالىلار كىيملىرىنى كىيىشىپ قايتىپ كەلدى. بۇ ۋاقىتتا كاۋاپمۇ تەييار بولۇپ قالغان بولۇپ، مەززىلىك ھىدى ھە -دەپ دىماغقا ئۇرۇلاتتى.ئۇلارداستىخان ئورنىدا سېلىنغان ئەدىيالنى چۆرىدەپ ئولتۇرۇشۇپ ھەرخىل يىمەكلىكلەرگە ئېغىز تىگىشتى؛قاقاقلىشىپ كۈلۈشۈپ، داستىخان ئەتراپىنى تېخىمۇ ئاۋات قىلىۋەتتى.ئەلۋەتتە بۇ سورۇندا دەردمەننىڭ دەردىنى ۋاقىتلىق بولسىمۇ ئالىدىغان شىپالىق دورا- ھاراقمۇ بار ئىدى.ئۇلار ھاراقنى رومكىغا قۇيۇشۇپ :‹‹خوشە›› دىيىشىپ ،قەدەھ سۆزلىرىنى ئوقۇشىۋەتكەندىن كىيىن ، نۆۋەت بىلەن رومكىنى ئايلاندۇرۇپ ئىچىشتى. نۆۋەت ئۈچ بالىدىن كىيىن غېنىجانغا كەلدى. غېنىجان بولسا ئۇلارنىڭ تەكلىپىنى چىرايلىق رەت قىلدى. چۈنكى ئۇ ئاتا-ئانىسى، ئاكىسى ۋە شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئامراق ئاچىسىغا : قالايمىقان يەرگە بارماسلىق، ھاراق ئىچمەسلىك، قىمار ئوينىماسلىققا ۋەدە بەرگەن ئىدى. بالىلارمۇ غېنىجاننىڭ ئادەتتە پەقەت ھاراق ئىچمەيدىغانلىقىنى بىلگەچكە ئوشۇقچە زورلىمىدى. شۇنداق قىلىپ ئۈچ- تۆت سائەت شۇنداق كۆڭۈللۈك ئۆتۈپ سورۇن ئاياغلاشقاندىن كىيىن ئۇلار يېزا مەنزىرىسىنى تاماششا قىلىش بىر- بىردىن ئايرىلىپ، ئۆز- ئارا تارقاشتى. غېنىجان ئۆزى يالغۇز مېڭىۋىتىپ بىلىپ - بىلمەيلا بىر يۇلغۇنلۇق بىلەن جىگدىلىككە كەپ قالدى. بۇ يەردە قاغا جىگدىسى بىلەن يۇلغۇن كۆپ بولۇپ،ھەيۋەت بىلەن سۈرلۈك ھالدا قەد قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى؛مەنزىرىسى يېزىنىڭ باشقا يەرلىرىگە قارىغاندا گۈزەل ئىدى. غېنىجان بۇ يەرگە قىزىقىپ قېلىپ ئايلىنىۋاتقاندا تۇيۇقسىز چوڭ تەرىتى قىستاپ كەتتى.ئۇ ئامالسىز بايىقى چوڭ بىر تۈپ قاغا جىگدىسى بىلەن يۇلغۇنلۇق ئارىسىغا چوڭ تەرەت قىلدى.چۈنكى غېنىجان بۇ چاغدا بۇ قاغا جىگدىسى بىلەن يۇلغۇنلۇقتىن بىر ئاز يىراقلىشىپ بولغان ئىدى. بۇ قاغا جىگدىسى بىلەن يۇلغۇننىڭ ئارىسى ئالاھەزەل يېرىم مىتىرچە كىلەتتى. گەرچە باشقا يەردە قاغا جىگدىسى بىلەن يۇلغۇن كۆپرەك بولسىمۇ، لىكىن تەرەت قىلىشقا ماس كەلمەيتتى، شۇڭا غېنىجان بۇ يەرنى تاللىغان ئىدى.ئۇ چوڭ تەرەت قىلىپ بولۇپ، بىر قەدەم ئېلىشىغا ئۇشتۇمتۇت بېشى قاتتىق قايغاندەك بولۇپ،كۆزىگە بىر ئاق نەرسە غىل-پاللا كۆرۈنۈپ، جىگدىلىك بىلەن يۇلغۇنلۇق ئارىسىدىن ئۆتۈپ كەتكەندەك قىلدى. غېنىجان بۇ ئەھۋالنى كۆرۈپ: خاتا كۆرۈپ قالدىممۇ - نىمە؟، دەپ ئويلاپ كۆزىنى ئۇۋۇلىۋىتىپ ئەتراپقا قايتا قارىدى، ئەتراپ بولسا يەنە جىمجىت ئىدى. بىراق ئۇنىڭ بېشى يەنىلا قېيىشتىن توختىمىغان ئىدى.ئۇ سەل قورقۇنۇچ ئىچىدە بۇ يەردىن ئايرىلىپ يەنە بەش قەدەمچە مېڭىشىغا بېشى قېيىشتىن توختىدى. ئۇ سەل قورقۇنۇچ ئىچىدە يېزىنىڭ باشقا جايلىرىنى ئايلىنىشقا باشلىدى. ھۈمەنجان يېزىنىڭ باشقا جايلىرىنى ئايلىنىۋاتقاندا تۇيۇقسىز بىر مازارلىقنى كۆرۈپ قېلىپ، شۇ مازارلىق تەرەپكە ماڭدى. غېنىجانغا كۆرۈنگەن مازارلىق مۇشۇ يېزا بويىچە ئەڭ چوڭ مازارلىق بولۇپ،دۈمچەك-دۈمچەك قەبرىلەر ، قەبرىلەرگە سانچىلغان ئەلەملەر ئادەمنىڭ ئاخىرەتتىكى كۈنلىرىنى ،ئۇ دۇنيادىكى قاتتىق - سوئال –سوراقلارنى ۋە ھازىرقى كۈنلىرىنى ئەسلىتىپ ئادەمنىڭ قاتتىق يىغلىغۇسىنى، قورققۇسىنى كەلتۈرەتتى.بەزى قەبرىلەرنىڭ سېلىنغىنىغا ئۇزۇن بولغان بولسا كىرەك، بەزىلىرىنىڭ ئاغزى ئوچۇق، بەزىلىرىنىڭ سۇۋاقلىرى چۈشۈپ كەتكەن،بەزىلىرىنىڭ ئوتتۇرىسى يېرىم ئوچۇق، يەنە بەزىلىرىنىڭ بولسا پۈتۈنلەي ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ كەتكەن ھالەتتە ئىدى. بۇنى كۆرگەن ئادەمنىڭ تىنى شۈركىنەتتى.ئۇ قەبرىلەر ئارىسىدا مېڭىۋاتقىنىدا ئىسىدە يوق ھالدا بىر ئادەمنىڭ باش سۆڭىكىگە دەسسەپ سېلىپ يۈرىكى قارتتىدە قىلىپ قالدى. ئۇ ئارقىغا يېنىشنى ئويلىدى، بىراق ئارقىغا ياناي دىسە،قەبرىنىڭ ئوتتۇرسىغا بېرىپ بولغان ئىدى،ئالدىدىكى ئوچۇقچىلىقمۇ كۆزگە كۆرۈنگەن بولۇپ، يەنە ئازراق ماڭسا مازارلىقنىڭ بېشىغا چىقاتتى، شۇڭا ئۇ قاتتىق قورقۇنۇچ ئىچىدە ئالدىغا قاراپ ئاستا ماڭدى. بىر قەدەم،ئىككى قەدەم...ئۇشۇنداق قورقۇنۇچ ئىچىدە مېڭىپ ئاخىرى ئوچۇقچىلىققا چىقتى ۋە مازارلىققا قايتا بىر قارىۋەتكەندىن كىيىن دوستلىرىنىڭ قېشىغا ماڭدى. بۇ چاغدا باشقىلارمۇ كىلىپ بولغان ئىدى.شۇنىڭدىن كىيىن ھەممەيلەن ئۆيلىرىگە قايتىشتى. غېنىجان بۇ ئەھۋاللارنى ئۆيىدىكىلىرىنى ئەنسىرىتىپ قويۇشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن دىمىدى. ئارىدىن ئون بەش كۈن ئۆتكەندە نغېنىجاننىڭ تۇغۇلغان كۈنى بولدى. دىمەك ، بۇنىڭ بىلەن ساۋاقداشلار يەنە بىر قېتىم يىغىلىش پۇرسىتىگە ئىرىشتى.ئەلۋەتتە ئۆيىدىكىلىرى، بولۇپمۇ ئۆزىنىڭ ئامراق ئاچىسى بۇ تۇغۇلغان كۈننى ئاددىي ئۆتكۈزۈپ بىرەمدۇ؟ ياق، ئەلۋەتتە ياخشى ئۆتكۈزۈپ بىرىدۇ. چۈنكى غېنىجان ئۆيدىكىلەرنىڭ ئەتىۋارلىق بالىسى، ئاچىسىنىڭ ئەڭ ئامراق ئىنىسى ئەمەسمۇ؟ ئۇلار ئاتايىن بۇ تۇغۇلغان كۈننى ياخشى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن چوڭ تورتتىن بىرنى بۇيرۇتۇپ ، بۇ تۇغۇلغان كۈننى رىستۇراندا ئۆتكۈزدى. شىرە-ئۈستەللەرگە تىزىلغان يىمەكلىكلەر، ئىچىملىكلەر شۇنداق كۆپ ۋە مول ئىدى. ساۋاقداشلىرى، دوستلىرى،ئۇرۇق- تۇغقانلار كۆپ يىغىلغان بولۇپ، ئۆز- ئارا كۆڭۈللىرىنى بىلدۈرۈشتى. بۇ تۇغۇلغان كۈن زىياپىتى ئەمەلىيەتتە چوڭ تويدەكلا قىزىپ كەتتى. بىر كۈن شۇ تەرىقىدە ئالدىراش ئۆتتى. غېنىجاننىڭ ئاتا-ئانىسى بۇ ئىشلارنى ۋە ئوغلى بىلەن قىزىنىڭ تۇنجى قېتىم يولۇققان ئىشلىرىنى باشتىن -ئاياغ قالدۇرماي يىپىدىن يىڭنىسىغىچە تولۇق سۆزلەپ بىرىپ، نىمە ئۈچۈن بۇنداق بولۇشىنىڭ سەۋەبىنى سورىدى. ئۆلىما بۇ گەپلەرنى ئاڭلىغاندىن كىيىن مۇنداق دىدى: - بالىلىرىم، سىلەرنىڭ بۇ گىپىڭلاردىن قارىغاندا سىلەر بىرەرسى قەست قىلماپتۇ. ئۆزۈڭلارغا ئۆزۈڭلار قەست قىپسىلەر! ئەر-ئايال ئىككەيلەن بۇ گەپنى ئاڭلاپ ھەيران بولغىنىدىن بىر- بىرسىگە قاراپلا قالدى. ئۆلىما يەنە مۇنداق دىدى: -يەنە سىلەرنىڭ گىپىڭلاردىن قارىغاندا سىلەر مەينەترەك ئوخشايسىلەر.پاكىزلىققا ئانچە دىققەت قىلىپ ئەھمىيەت بەرمەيدىكەنسىلەر.مەھەللە ۋە ئۆينىڭ ئەتراپلىرىغا قالايمىقان ھاجەت قىلىدىكەنسىلەر، ئەخلەت ۋە يۈندىلەرنى تۆكىدىكەنسىلەر. قىزىڭلار ئىنسىنى تۇنجى قېتىم كۆرگىلى بارغاندا جىن كۆزىگە كۆرۈنۈپ قورقۇتقان ۋە كىيىن باشقا ئەھۋاللار يۈز بەرگەن.ئۇنىڭدىن كىيىن غېنىجان ياتاقنىڭ ئارقىسىدىكى دەرخزارلىققا ھاجەت قىلغان، ھەم تولۇقسىزدىكى ۋاقتىدا ئوينىغىلى بارغاندا، جىگدىلىك بىلەن يۇلغۇنلۇق ئارىسىغا چوڭ تەرەت قىلغان. ئەسلىدە ئۇ يەرلەر جىننىڭ ماكانى بولۇپ، غېنىجاننىڭ تەرەت قىلغىنىغا ئاچچىقى كىلىپ شۇنداق ئاقىۋەتلەر كىلىپ چىققان بولۇشى مۇمكىن.جىن گەرچە ئاسانلىقچە كۆزگە كۆرۈنمەيدىغان قورقۇنۇچلۇق مەخلۇق بولسىمۇ، لىكىن ئۇمۇ پاكىزلىقنى ياقتۇرىدۇ ۋە سۆيىدۇ. مەينەتچىلىكنى يالغۇز ئىنسانلارلا ئۆچ كۆرۈپلا قالماستىن ، بەلكى ئۇنىڭدىن باشقا پۈتۈن مەۋجۇداتلارمۇ ئۆچ كۆرىدۇ.بۇ ئىش بولغاندىن كىيىن سىلەر بۇ ئىشنى ۋاقتىدا بايقىيالماپسىلەر؛‹‹ئىسرىق ساپسىلەر، باخشىغا ، داخانغا ئوقۇتۇپسىلەر، تۇمار پۈتكۈزۈپسىلەر››،يەنە كىلىپ غېنىجاننىڭ تۇغۇلغان كۈنىنىمۇ ئۆتكۈزۈپسىلەر.بۇ ئىشمۇ بالىلارنىڭ كۆزىگە جىن كۆرۈنۈشىنىڭ يەنە بىر ئاساسلىق سەۋەبى. بۇنداق قىلىقلار پەقەت قارىماققىلا ياخشى ئىشتەك كۆرۈنسىمۇ، ئەمەلىيەتتە بۇنداق ئىشلار پاسكىنا قىلىقلاردىن بولۇپ، بۈيۈك دىنىمىز- ئىسلامغا يات كىلىدىغان،ھەم دىنىمىز تەرىپىدىن مەڭگۈ قاتتىق چەكلىنىدىغان ئىشلار ھىسابلىنىدۇ. يۇقىرىقى قىلىق ۋە ئىشلارنىڭ بىرسىنى قىلغان كىشى شەرتسىز ئىماندىن ئاجرايدۇ. سىلەر بۇنىڭدىن كىيىن بۇنداق قىلىقلار ۋە ئىشلاردىن قاتتىق يىراق تۇرساڭلار بۇنىڭدىن كىيىنىكى ئىشلىرىڭلار ئاللا خالىسا ياخشىلىنىپ كەتكۈسىدۇر. مەن قىزىڭلار ھەققىدە بىر دۇئا قىلىپ بىرەي. قىزىڭلار ساقىيىپ كەتسە ئەجەپ ئەمەس! شۇنداق قىلىپ ئۆلىما قىزغا ئاتاپ دۇئا قىلىپ بولغاندىن كىيىن ، ئۇلار ئۆلىماغا رەھمەت ئېيتىپ ئۆيىگە قايتىپ كەلدى ۋە كىلىپلا ئاۋۋال مەھەللە ئەتراپى ئاندىن پۈتۈن ھويلا-ئاراملارنى پاكىز سۈپۈرۈپ تازىلىدى. ئاتا-ئانا ئىككەيلەن قىزىنى ئىزدەپ ماڭدى. ئۇلار قىزىنى تاشلىۋەتكەن جايغا بېرىپ قارىسا، قىزى ئېلىشىپ قالغان، ئەمما سەل ئەقىل ھوشى جايىدا بار ھالەتتە ئادەم يېرىم چۈشىنىپ يېرىم چۈشىنەلمىگۈدەك بىر گەپلەرنى قىلىپ، چاچلىرى چۇۋۇق، يۈز-كۆزلىرى مەينەتلىشىپ قاسماق بېسىپ كەتكەن،كىيىملىرى يىرتىق ھالدا يەردىن بىر نىملەرنى تاياق بىلەن كوچىلاپ يۈرۈپتۇ. ئاتا-ئانا قىزىنىڭ يۇقىرى قىياپىتىنى كۆرۈپ يۈرەكلىرى ئىزىلىپ ئۆزلىرىنى ئۇرۇشۇپ، قىزىنى باغرىغا بېسىپ ئۆيىگە قايتىپ كىلىپ ياخشى داۋالاتتى.گۇناھلىرىغا قاتتىق توۋا قىلىپ ،ئۆلىما دىگەن ئىشلارنى قىلىشتىن قاتتىق ساقلاندى.ئۆلىمانىڭ يول،ئۇلارنىڭ ئەنە شۇنداق تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى نەتىجىسدە ،ئۇزۇنغا قالماي قىزى ساقىيىپ ئەسلىگە كەلدى.بۇنىڭ بىلەن ئۇلارنىڭ خاتىرجەمسىز تۇرمۇشى ئاخىرلىشىپ ئائىلىسى يەنە بەختكە چۆمدى.بىراق ھەممەيلەن قارىماققا كۈلۈپ يۈرگەندەك قىلسىمۇ ئۇلارنىڭ، بولۇپمۇ قەلبىدە گوياكى ئۆز بالسىدەك بوپ قالغان پاسكىنا ھەم بىھۇدە قىلىقلار تۈپەيلىدىن ئۆلۈپ كەتكەن ئىنسى غېنىجان ئۈچۈن قاتتىق يېرىم ئىدى ئاپتور: مارالبېشى ناھىيە سېرىقبۇيا يېڭى بازار ئىجتىمائى رايونى(3-ئاھالە كومىتىت)دىن
|
|