يۈرەك يىغلايدۇ ئەدىب ، ئۇستاز ، يازغۇچى مۇھەممەت باغراشقا مەرسىيە
ئۇيغۇر ئاسمىنىدىن ئۆچتى بىر چولپان ،
ئانا زىمىن سىلكىندى ئاھ تولغۇنۇپ . قالدى ئىز ، قالدى مەنزىل ، يېشىل ئارمان ، چېچىلماقتا پۈتكۈل ئالەم ياش بولۇپ .
باغراش دەيدۇ تارىم ، جۇڭغار جار سېلىپ ، تەكلىماكان ئېغىر تىندى مۇڭ بىلەن . ئالتاي ، پامىر شۇم تەقدىردىن زارلىنىپ ، ئەگدى باشنى قۇشلار ، باغلار گۈل - چىمەن .
ئەدەبىيات پايانىدىن ئۇزىدى ،
ساپ ھاۋاغا تولغان گۈلگۈن بىر باھار . ئۇيغۇرۇمنىڭ تۇپرىغىدىن توزىدى ، تەڭرى ئېچىلدۇرغان خۇشبۇي لالىزار .
دەۋرىمەكتە ئىلى ، قەشقەر ، قاراماي ،
يۈرەكلەر ياش ئۆرتىنىدۇ ، قاينايدۇ . قايدۇ ، قىران ئۆكسىنىدۇ توختىماي ، بۇغدا ، سايرام باشلىرىنى چايقايدۇ .
ئالىم كەتتى ئالەم كەتتى گوياكى ، قىيامەتتەك بىلىندى زەپ تۇيۇقسىز . ئىنسان بىلەن تەبىئەتنىڭ رىشتىسى ، سېلىپ قويدى كۆڭۈللەرگە ئۆچمەس ئىز .
2013-يىلى 12-ئاي 5-كۈنى ئاتۇش |