تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 271|ئىنكاس: 4

دىنىي زاتلار ئەيدىز بىلىملىرى بىلەن تەربىيەلەندى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

0

ئەگەشكۈچى

246

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
38
مۇنبەر پۇلى
150
ئىشەنىچ
38
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاۋات ناھىيەسىدە دىنىي زاتلار ئەيدىز بىلىملىرى بىلەن تەربىيەلەندى

    ئاۋات ناھىيەلىك پارتكوم بىرلىكسەپ بۆلۈمى، ئىسلام دىنىي جەمئىيتى، ناھىيەلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنىي ئېلىش كونتىرول قىلىش مەركىزى بىرلىكتە 2013-يىلى 12-ئاينىڭ 4-كۈنى بىر بازار، ئۈچ يېزىدىكى بىر قىسىم بەش ۋاق ناماز تولۇق ئۆتەيدىغان ۋە جۈمە نامىزى ئۆتۈلىدىغان 57 مەسچىتنىڭ خاتىپ، ئىماملىرىنى ئەيدىز بىلىملىرى بىلەن تەربىيەلىدى.
    ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ دۇنيا مىقياسىدا كەڭىيشىگە ئەگىشىپ، ئاپتونۇم رايۇن، ۋىلايەت، جۈملىدىن ناھىيەدىمۇ كەڭىيىپ ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغانلار 396 گە بارغانلىقى، مۇشۇ ئەھۋالغا ئاساسەن ناھىيەلىك پارتكوم بىرلىكسەپ بۆلۈمى، ئىسلام دىنىي جەمئىيتى ۋە ناھىيەلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونتىرول قىلىش مەركىزى مۇزاكىرە قىلىش ئارقىلىق كەڭ ئېيتىقاتچى ئاممىنى ۋە ئېيتىقاتچى ئامما ئارقىلىق ئەتىراپتىكىلەرنى بۇ نىجىز ۋىروستىن يىراق تۇرۇشقا يىتەكلەش، بامدات ناماز ۋە جۈمە نامازدىكى ۋەز-تەبلىختىن پايدىلىنىپ، كەڭ ئېيتىقاتچى ئاممىغا تەشۋىق-تەربىيە ئېلىپ بېرىشقا ئۈچۈن ناھىيە تەۋەسىدىكى ئاۋات بازىرى، دولان يېزىسى، باغتوغراق يېزىسى، ئايباغ يېزىسى قاتارلىق بىر بازار، ئۈچ يېزىدىكى جۈمە نامىزى ئۆتۈلدىغان ۋە بىرقىسىم بەش ۋاق ناماز تولۇق ئۆتۈلدىغان 57 مەسچىتنىڭ 71 نەپەر خاتىپ، ئىماملىرى ئەيدىز بىلىملىرى بويىچە تەربىيەلەندى. بۇ تەربىيەلەشتە يىراق مۇساپىلىك ئوقۇتۇش ئۈسكىنىسىدىن پايدىلنىپ، ئەيدىز ۋىرۇسى ۋە ئۇنىڭ تارقىلىشى، ئەيدىز ۋىرۇسى بىلەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ ئەمىلى كۆرۈنۈشى ھەققىدىكى ھۆججەتلىك پىلىم قويۇپ بىرىلدى ۋە ناھىيەلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كونتىرول قىلىش مەركىزى ئەيدىز بۆلۈمىنىڭ باشلىقى قۇربانجان ھەمدۇللانىڭ «ئەيدىزنىڭ تارقىلىشى ۋە ئۇنى تىزگىنلەش» توغرىسىدىكى لىكسىيەسىنى ئاڭلىدى، «ئەيدىز كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى ئۆزىمىزدىن باشلايلى» دېگەن مەزمۇندىكى 700 پارچىدىن ئارتۇق تەشۋىقات كىتاچىسى ۋە تەشۋىقات ۋاراقچىسى تارقىتىلدى، ئاخىردا دىنىي زاتلار لىكسىيە، پىلىم ۋە تەشۋىقات ۋاراقچىسىدىن چىقىرىلغان سۇئاللارغا ئەتىراپلىق قايىل قىلارلىق دەرىجىدە ئۇستازلارغا جاۋاپ بىرىپ، مۇئايەنلەشتۈرشىگە ئىرىشىپ، كەڭ ئېيتىقاتچى ئاممىغا بۇ ھەقتە تەشۋىق تەربىيەنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
ئاۋات ناھىيەلىك 3-ئوتتۇرا مەكتەپتىن: تۇرغۇن مىجىت

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

70

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
6
مۇنبەر پۇلى
60
ئىشەنىچ
6
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
توۋا!!!   تەربىيلىگىسى بولسا اق چىكىدىغان تىنىنى ساتىدىغان ادەملەرگە قىلماي تەربىينى دىننى زاتلارغا قىلغىنى قىززىق بوپـتۇ دىسە

2

تېما

1

ئەگەشكۈچى

98

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
16
مۇنبەر پۇلى
76
ئىشەنىچ
16
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
چالىقۇشى يوللىغان ۋاقتى  2013-12-7 20:10
توۋا!!!   تەربىيلىگىسى بولسا اق چىكىدىغان تىنىنى ساتىدى ...

بۇنىمۇ خاتا دىيىشكە بولمايدۇ ، مۇشۇلارنى تەربىيلىۋەتسە مەسجىتكە كىرگەنلەرگىمۇ مۇشۇلار دەيدۇ ئەمەسمۇ ، پارتىيە شۇجىلىرى مەسچىتكە كىرىپ بامداتقا يىغىن ئاچالمىغاندىكىن بۇمۇ ياخشى چارە ...

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

51

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
16
مۇنبەر پۇلى
35
ئىشەنىچ
16
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىنىڭ دوستۇم ئەيدىس مەن ئۇنىڭدىن قاچمايمەن مۇڭدۇشۇپ سىردىشىپ بۇرۇنقىدەكلا ئۇتۇۋەۋدۇق  ھېچ كىمنىڭ ئەيدىس بولغسى يوق ئۇلاردىن قاچمايلى كۇينەيلى
ئىناۋەتسىز قەۋەت،بۇ تېما ئۆچۈرۈلگەن
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2013-12-11 11:13, Processed in 0.108787 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش