تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 581|ئىنكاس: 4

ئۇيغۇر قىزى ئاسىيا بويىچە ئەڭ ياخشى تەنھەرىكەتچى بولۇپ باھالاندى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا
ئۇيغۇر قىزى ئاسىيا بويىچە ئەڭ ياخشى تەنھەرىكەتچى بولۇپ باھالاندى


  ۋاڭيى تەنتەربىيە تورىنىڭ 4-دىكابىر بەرگەن خەۋىرى، « ئاسىيا ۋاسكىتبول تورى » يىقىندا ئۆتكۈزۈلگەن 3- نۆۋەتلىك ئاسىيا 16 ياشلىقلار  ئاياللار ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىىگە قاتناشقان تەنھەركەتچىلەرنىڭ ئىپادىسىگە قارىتا باھالاش ئىلىپ باردى، باھالاشتا جۇڭگۇ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايۇنىدىن كەلگەن ئۇيغۇر تەنھەركەتچى  دىلارە دىلشات ئەڭ ياخشى تەنھەركەتچى شەرىپىگە ئىرىشتى، جاڭ مەن مەن ئەڭ ياخشى ئارقا مەيدان مۇداپىيەچى بۇلۇپ باھالاندى. ئۇنىڭدىن سىرىت، بۇ ئىككى نەپەر تەنھەركەتچى ئۇڭۇشلۇق ھالدا ئەڭ ياخشى بىرىنچى سەپ شەكلى بۇلۇپ تاللاندى.  
  بۇ  نۆۋەتلىك ئاسىيا 16 ياشلىقلار  ئاياللار ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى سرىلانكا پايتەختى كولومبو شەھرىدە ئىلىپ بىرىلدى، جۇڭگۇ كوماندىسى گۇرپا مۇسابىقىسىدە ، تۆت مەيدان غەلبە قىلىش بىر مەيدان مەغلۇپ بۇلۇشتەك نەتىجە بىلەن ئىككىنچى بۇلۇپ گۇرپىدىن چىقىپ شاللاش مۇسابىقىسىگە كىردى.   يىرىم ھەل قىلغۇچ ۋە ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە باسقۇچىدا ئايرىم-ئايرىم   كورىيە كوماندىسى ۋە ئالدىنقى نۆۋەتلىك چىمپىيۇن ياپۇنيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ قايتىدىن چىممپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۈردى.
  شۇنىڭ بىلەن جۇڭگۇ، ياپۇنيە، كورىيە قاتارلىق ئۈچ كوماندا  2014-يىلى 6-ئاينىڭ 28-كۈنىدىن 7-ئاينىڭ 6-كۈنىگىچە ئۆتكۈزىلىدىغان17 ياشلىقلار  دۇنيا ياشلار ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش سالاھىيىتىگە ئىرىشتى. ئۇنىڭدىن باشقا ئامىرىكا، ئاۋىستىرالىيە، مالى جۇمھۇرىيىتى، مىسىر، چېخىيە، ۋېنگرىيە، سلوۋاكىيە ۋە مېكسىكا قاتارلىق 12 كوماندا  بۇ نۆۋەتلىك 17 ياشلىقلار  دۇنيا ياشلار ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدۇ.
بۇ نۆۋەتلىك ئاسىيا ياشلار مۇسابىقىسىدە ، جۇڭگۇ كوماندىسى ئەڭ چوڭ نەپ ئالغۇچى بۇلۇپ قالدى. بۇنىڭ ئىچىدە دىلارە دىلشات ئەڭ ياخشى تەنھەركەتچى، جاڭ مەن مەن ئەڭ ياخشى ئارقا مەيدان مۇداپىيەچى شەرىپىگە ئىرىشتى،  بۇ ئىككى نەپەر تەنھەركەتچى بىرلا ۋاقىتدا ئەڭ ياخشى بىرىنچى سەپ شەكلى بۇلۇپ تاللاندى،  ۋاڭ خەيمىي ئەڭ ياخشى ئىككىنچى سەپ شەكلى بۇلۇپ تاللاندى، خا ۋېن چىئەن قاتارلىقلار ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتىغا ئىرىشتى.   
   2013-يىللىق ئاسىيا 16 ياشلىقلار  ئاياللار ۋاسكىتبول مۇسابىقىسى ھەر قايسى تۈرلەر بۇيىچە باھالاش ئەھۋالى تۈۋەندىكىچە؛
   ئەڭ ياخشى تەنھەركەتچى ؛ دىلارە دىلشات  ( جۇڭگو )
   ئەڭ ياخشى ئارقا مەيدان مۇداپىيەچى؛  جاڭ مەن مەن ( جۇڭگو )
   ئەڭ ياخشى ئالدى ھۇجۇمچى؛ ئەن پاۋا ( تايلاند )
   ئەڭ ياخشى ئوتتۇرا مەيدان ھۇجۇمچى؛ يالى شەندىلا( قازاقىستان )
   ئەڭ ياخشى بىرىنچى سەپ شەكلى ؛ دىلارە دىلشات  ( جۇڭگو )، جاڭ مەن مەن ( جۇڭگۇ )، Heji An ( كورىيە ) ، ئەن پاۋا (تايلاند)،  يالى شەندىلا( قازاقىستان ).
   ئەڭ ياخشى ئىككىنچى سەپ شەكلى ؛ ۋاڭ خەيمىي  ( جۇڭگو )، Wa Sin Cheung ( شىياڭگاڭ )، Yu-Lien Hsu ( تايلاند )، Rujiwan Bunsinprom ( تايلاند )، ساشى گاڭ ( ياپۇنيە ).
   ئىسمىنى ئاتاش مۇكاپاتى؛  خا ۋېن چىئەن  ( جۇڭگو )، Akari Ikemoto ( ياپۇنيە )، Tala Michael ( ئىئوردانىيە )، ۋاڭ چاڭ تېڭ  ( شىياڭگاڭ )،  ئەن پاۋا (تايلاند) قاتارلىق 12 نەپەر تەنھەركەتچى تاللاندى.
  بىز ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مەستانىلىرى پەخىرلىك ئۇيغۇر قىزى  دىلارە دىلشاتنىڭ دۇنيا مۇسابىقىسىدىمۇ ياخشى نەتىجە ئىلىشىغا تىلەكداشمىز.

مەنبە؛ ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛ http://waskitbol.com/forum.php

بۇ يازمىدا كۆپ مەنبەرلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش

23

تېما

30

ئەگەشكۈچى

6113

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
3012
مۇنبەر پۇلى
2515
ئىشەنىچ
3012
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مىللىتىمىز ئارىسىدىن يەنىمۇ كۆپ دىلارەلەرنىڭ چىقىشىغا تېلەكداشمىز !

  ئاپىرىن دېلارە ، مىللىتىمىزنىڭ ئوت يۈرەك قىزى !

0

تېما

2

ئەگەشكۈچى

630

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

真实姓名
سايرام
تۆھپە
32
مۇنبەر پۇلى
578
ئىشەنىچ
32
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
رەھمەت دىلارە قىز، تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى قازانغايسىز.

6

تېما

14

ئەگەشكۈچى

2408

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
787
مۇنبەر پۇلى
1442
ئىشەنىچ
787
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلارە دىلشاتنىڭ مۇۋاپىققىيىتىگە ئاپرىن.
قۇملۇقتەك جىمجىت تۇرماي دېڭىزدەك ئۆركەشلەپ تۇرساق بولاتتى.

1

تېما

0

ئەگەشكۈچى

407

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
55
مۇنبەر پۇلى
349
ئىشەنىچ
55
يوللىغان ۋاقتى ئۈلۈشكۈن 12:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قىزىمىز دىلارەنىڭ مۇاپىقىيتىنى ئاڭلاپ چىن قەلبىمدىن سۈيۈندۈم!بىزنىڭ ياشلىرىمىزدىن ھەقىقىتەن ئۈمىت بار!
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2013-12-9 22:59, Processed in 0.116485 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش