لەپ- لەپ قار
<<پاختىدەك چۈشتى>> دېدى ئايالىم، كۆكتىكى قارغا قاراپ ھەۋەسلىنىپ. بۇ يۈرەك شاتلىق بىلەن كۈلدى ئەجەپ، كەلگۈسى تاتلىق ھاياتتىن ئۈمىتلىنىپ.
ئوغلىمىز قارنى كۈرەپ ئۇھ دىمىدى ، قەلبىمىز قاردەك ئاقارغاچ روھلىنىپ. قول تۇتۇپ ماڭدۇق سەپەرگە ئەر ئايال، يېڭى توي قىلغان ئاشىقتەك جابدۇنۇپ.
ياغدى قار لەپ لەپ قىلىپ توختىماي ، ئۈستىمىزگە قوندۇرۇپ قاردىن لىباس . بىر ئائىلە بەختىنىڭ شاھىدى ئۇ، مېھرىدىن بىزگە سۇنۇپ بىر ئىلتىماس .
ياققىنا ئاپپاق قېرىم سەن توختىماي، غەلدە غەشلەر كۆمىلىپ قالسۇن تامام. تەلپۈنۈپ تۇرغان ئىدۇق كۆپتىن بېرى، سىرتقا چىقسام سەن يېغىپسەن ، ئەسسالام!!! |