تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 58|ئىنكاس: 2

سۆزى مەڭگۈ ئۆلمەيدىكەن شائىرنىڭ

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

86

تېما

2

ئەگەشكۈچى

872

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

真实姓名
ئازادجان ئىبراھىم
تۆھپە
128
مۇنبەر پۇلى
488
ئىشەنىچ
128
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سۆزى مەڭگۈ ئۆلمەيدىكەن شائىرنىڭ


ئازادجان ئىبراھىم


ئۆزلىكىدىن ئەجىر قىلىپ ئىزدىنىپ،
تەر تۆكىدۇ ھەممە  شائىر مىننەتسىز،
خالىسانە تەلىم بېرىپ ئاۋامغا،
ياشا دەيدۇ بۇ دۇنيادا ئىللەتسىز.

يامانلارغا زەربە بىرىپ  ئەجەللىك،
ياخشىلارنىڭ ئىش ئىزىنىسۆزلەيدۇ.
ھەممە ئىشتا ئۆزىنىلا ئويلىماي،
كۆپچىلىكنىڭ مەنپىئەتىنى كۆزلەيدۇ.

ھەق سۆزلەيدۇ ئىككىلەنمەي شائىرلار  ،
ئۇلۇغ بىلىپ ھەقىقەت،  ئادالەتنى.
ھەربىرئىشقا ھەقىقىي ھۈكۈم قىلىپ،
يوقۇتۇشقا ئۈندەيدۇ ئاداۋەتنى.

ھەق-ناھەقنى كۆرىدۇ شۇنچە رۇشەن،
شائىرنىڭ ئاشۇ بىر جۈپ ئۆتكۈر كۆزى.
ھەقىقىي زوھ ئاتا قىلار ئادەمگە ،
شائىرنىڭ پاساھەتلىك ھەربىر سۆزى.

ئەھمىيەتلىك ئىشلارنى كۆپلەپ يېزىپ،
بىرىدىكەن ئاۋامغا ئىلھام مەدەت.
يۈرىكىدىن ئۇرغۇپ چىققان مىسرالاردا،
تەكىتلىنەرئۇلۇغ روھ  ياخشى ئادەت.

گۈزەللىك ،رەزىللىكنى پەرىق ئىتىپ،
گۈزەللىككە ھەرقاچان ئىنتىلىدۇ.
ئۆزىنىمۇ ئۆزگىنىمۇ تەربىيىلەپ،
رەزىللىكتىن ھەممە ۋاخ  يىركىنىدۇ .

يامانلارغا ھەرقاچان  زەربە بېرىپ،
ياخشىلارنى شۇقەدەر ئۇلۇقلايدۇ.
لىللا سۆزلەپ ھەممىنى  قايىل قىلىپ ،
پۇقتا قىلىپ ئىشلارنى ھۇلۇقمايدۇ.

قەھرىمان ، باتۇرلارنى داستان قىلىپ،
تونۇتىدۇ  شۇلارنى كەڭ جاھانغا.
ھەق-ناھەق ئىشنى ئېنىق ئايرىپ،
ئادىل باھا بىرىدۇ ھەرزامانغا.



يۈرىكىدىن سۆزلەيدىكەن  شائىرلار،
ئۈلگە ئال دەپ   پەزىلەتلىك ياخشىدىن.
شائىرلارنىڭ ئاشۇ ئېسىل خىسلىتى،
ئۇلۇقلايدۇ ئۇنى يەنە باشقىدىن.

بولساق ئەگەر شائىر بىلەن ھەم سۆھبەت،
كۆڭۈل يايراپ خوشال-خۇرام يۈرىمىز.
شۇلار يازغان ھەربىر شېئىر داستاندىن،
ئاشۇلارنىڭ ئەمگىكىنى كۆرىمىز.

ئادەملەرنى ھاياجانغا سالىدۇ،
شائىردىكى ئاشۇ ئىلھام، تەپەككۈر.
ئاتا قىلغان ھەممىمىزگە خوشاللىق،
شائىرلارنىڭ ئەمگىكىگە تەشەككۈر.

تۆھپىسىنى  يازىدىكەن كۆپ شائىر،
كۆپكە ماھىر بىرگە يەنە قادىرنىڭ.
رىسقى تۈگەپ ئۆتسىمۇ گەر ئالەمدىن،
سۆزى مەڭگۈ ئۆلمەيدىكەن شائىرنىڭ.

23

تېما

30

ئەگەشكۈچى

6113

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
3012
مۇنبەر پۇلى
2515
ئىشەنىچ
3012
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                   ئويىدىكەن نەقىش قىلىپ دىللارغا ،
                   سۆزى مەڭگۈ ئۆلمەيدىكەن شائىرنىڭ .
                  ۋەتەن ئۈچۈن كۆيگەن ئوتتەك يۈرىكى ،
                  ئەل بەختىسىز كۈلمەيدىكەن شائىرنىڭ .
                  

2

تېما

1

ئەگەشكۈچى

291

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
116
مۇنبەر پۇلى
163
ئىشەنىچ
116
يوللىغان ۋاقتى 4 سائەت ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش

شائىر سۆزى  بەرھەق چىن نىڭ ئىزناسى،
شائىر سۆزى ھەق ئىنساننىڭ ساداسى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2013-12-9 22:59, Processed in 0.109025 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش