تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 345|ئىنكاس: 6

يۈسۈپ خاس ھاجىپنىڭ نەسىھەتلىرى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

94

تېما

14

ئەگەشكۈچى

3940

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

真实姓名
ئا.كامال
تۆھپە
1299
مۇنبەر پۇلى
1770
ئىشەنىچ
1299
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ھېكىمەتلەر

(1)
ئاتا باللىرىغا قاتتىق قول بولۇپ، ئۇنى ئوقۇتسا، ئوغۇل- قىزى يېتىلىپ چوڭ بولغاندا سۆيۈنىدۇ.
(2)
ئاتا پەندىنى بەكمۇ چىڭ تۇت، كۈنۈڭ قۇتلۇق بولغاي ۋە كۈنلىرىڭ ھالاۋەتلىك ئۆتكەي. ئاتا- ئاناڭنى خوش قىلىپ ئۇلارغا خىزمەت قىل، بۇ خىزمىتىڭنىڭ بەدىلىگە تۈمەنمىڭ پايدا كەلگەي.
(3)
ئاتا بالىنى كىچىكىدىنلا بوش قويۇۋەتكەن بولسا، ئوغۇلدا گۇناھ يوق، ئەيىپ ئاتىدا.

(4)
ئاتىنىڭ ئالقىشى ئوغۇلغا تەگسە، ئۇنىڭغا شادلىق ھەمراھ بولىدۇ.

(5)
ئاچكۆزلەر پۈتۈن دۇنيا زمېلىغا ئىگە بولسىمۇ تويمايدۇ.

(6)
ئاچ كۆزلۈك شۇنداق بىر كېسەلكى، ئۇنىڭغا ھېچ داۋا يوق. ئۇنى بۇ دۇنيانىڭ قامانلىرىمۇ داۋالىيالمايدۇ.

(7)
ئاچ كۆزلۈك كىمنى كەمبەغەل قىلغان بولسا، بۇ دۇنيانىڭ بارلىق نېمىتى ئۇنى بېيىتالمايدۇ.

(8)
ئاچ كۆز ئادەم ئۆزىگە ھاكىم بولالمايدۇ.

(9)
ئاچ كۆز (كىشى) گە پۈتۈن دۇنيامۇ ئازلىق قىلىدۇ، بارىغا قانائەت قىلغۇچى بەخت (ئىچىدە) ياشايدۇ.

(10)
ئادالەتلىك بەگ ئېنىقنكى سائادەتلىك كىشىدۇر، سائادىتى ئارقىلىق ھەممىگە (ئۆز) ئۈلۈشىنى بېرەلەيدۇ.

(11)
ئادالەت ۋە قانۇن ئاسماننىڭ تۈۋۈكىدۇر. تۈۋرۈك قىڭغايسا ئاسمان ئۆرە تۇرالمايدۇ.

(12)
ئادەمدە زېرەكلىك بىلەن بىلىممۇ بولسا، شۇ بىلىم (بىلەن) ھەممە ئىشقا قول ئۇزىتالايدۇ.

(13)
ئادەمگە ئادەمگەرچىلىك قىلىش ئادىمىيلىكنىڭ بەلگىسىدۇر.

(14)
ئادەمگە كېسەلىك ۋە بىئاراملىق گالدىن كېلىدۇ، ئۇنىڭ دورىسى، داۋاسىمۇ گالدىن بولىدۇ.

(15)
ئادەمنىڭ كۆڭلى نازۇك، ئۇ بىر ئەينەككە ئوخشىشىدۇ، بەك ئېھتىيات قىل، ئۇنى قوزغىما، سۇنۇپ كەتمىسۇن.

(16)
ئادەمنى ھايۋاندىن ئايرىيدىغان پەرق شۇكى، مىزاجىغا يارىشا يېيىش كېرەك. كىشى يىل ياشاپ ئۆز مىزاجىنى بىلمىسە، نېمە دېسە دېسۇن، ئۇ تامامەن ھايۋاندۇر.

(17)
ئادەم ئۆلسىمۇ نامىنىڭ ياخشىلىقى ئۆلمەيدۇ.

(18)
ئادەم ئىشىنى بىلىم بىلەن باشلىسا، ھەممە ئىشىدا تىلىكىگە يېتىدۇ.

(19)
ئادەم بالىسىنى بىچارە دېيىشكە توغرا كېلىدۇ، كۈن بويى دۇنيا يىغىدۇ، يېيىشكە نىسىپ بولمايدۇ. بەزىسى تىنماي يۈگۈرۈپ دۇنيا كېزىدۇ، بەزىسى جېنىنى تىكىپ دېڭىزغا كىرىدۇ. بەزىسى تاغ قېزىپ، قىيالار تۈۋىگە بارىدۇ، بەزىلىرى يەر غۇلاچلاپ يالاڭئاياغ يۈگۈرەيدۇ. بەزىسى داۋان ئېشىپ، دەريالار كېچىدۇ، يەنە بەزىلىرى يەر قېزىپ قۇدۇقتىن سۇ ئىچىدۇ. بەزىسى جەڭگى- جىدەللەردە قېلىچ، پالتا يەپ (ھالاك بولىدۇ). بەزىسى قەلئە- تۇرا (لار) دا ئىشلەپ قېرىيدۇ. بەزىسى ئوغرى، ئالدامچى، قاراقچى، ھىيلىگەر؛ بەزىسى باسمىچى، قاتىل، قىرغىنچى بولىدۇ. بۇ مۇشەققەتلەرنىڭ ھەممسى نەپسى، كىيىم- كېچىكى ئۈچۈندۈر، مال- دۇنيا توپلايدۇيۇ، يېمەيدۇ، ئۆلگەندە پۇشايمان قىلىدۇ. بۇلار ھەممىسى بىلىمىسىز كىشلەرنىڭ ئىشىدۇر.

(20)
ئادەم بالىسى كارۋانغا ئوخشىشىدۇ، قۇنالغۇدا (ئۇزاق) تۇرالماس.

(21)
ئادەم تەمەخۇر بولسا، (نەپسىگە) قۇل بولىدۇ.

(22)
ئادەم تۇغۇلىدۇ، ئۆلىدۇ، باققىنكى ئۇنىڭ سۆزى قالىدۇ، ئىنسان ئۆزى كەتسىمۇ، نامى قالىدۇ.

(23)
ئادەم قىس- نادىر ئەمەس، (بەلكى) كىشلىك قىستۇر، ئىنسانلار ئاز ئەمەس، (بەلكى) توغىرلىق ئازدۇر.

(24)
ئادەم گويا تۈندەك قاراڭغۇ ئۆي بولسا، ئىدراك ئۇنى يۇرۇتقۇچى مەشئەلدۇر.

(25)
ئارتۇق تەكەببۇر بولما، تېتىقسىز بولىسەن، ئاتۇقچە پىخسىق بولما، نەپرەتكە قالىسەن.
مەنبە: شۇ ناملىق كىتابتىن ئېلىندى..

3

تېما

21

ئەگەشكۈچى

3472

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1092
مۇنبەر پۇلى
1900
ئىشەنىچ
1092
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنلا ئۆزمىزنىڭ ئالىملىرمىزنىڭ سۆزلىرى ئادەمگە باشقىچە ياقدۇ.
تەكبۇر ئەيلىمە ھەرگىز، سىنىڭدەكتىن كۇر مىڭى ئۆتكەن. سىنىڭدەكلە تۆرەلمەيمۇ، پەلەكنىڭ چەرقى چۆگىلەپ ئۆت...

23

تېما

30

ئەگەشكۈچى

6113

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
3012
مۇنبەر پۇلى
2515
ئىشەنىچ
3012
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل ھېكمەتلەر !

  تەشەككۈر .

94

تېما

14

ئەگەشكۈچى

3940

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

真实姓名
ئا.كامال
تۆھپە
1299
مۇنبەر پۇلى
1770
ئىشەنىچ
1299
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sarwi يوللىغان ۋاقتى  2013-12-5 16:33
ئېسىل ھېكمەتلەر !

  تەشەككۈر .

رەھمەت سىزگە

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

446

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
224
مۇنبەر پۇلى
226
ئىشەنىچ
224
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  مەشھۇر سەخسلىرىمىزنىڭ، مەشھۇر ھېكمەتلىرى بىلەن ئۇچۇراشتۇرغىنىڭىزگە تەشەككۈر!

21

تېما

32

ئەگەشكۈچى

7084

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
2903
مۇنبەر پۇلى
3004
ئىشەنىچ
2903
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئېسىل ھېكمەتلەر ئىكەن رەھمەت سىزگە!!  ئىرپان شىركىتى ئاۋازغا ئالغان ‹‹ قۇتادغۇبىلىك››نىڭ ئاۋازلىق نۇسخسى چۈشىنىشلىك بەكلا قالتىس چىقىپتۇ.

7

تېما

20

ئەگەشكۈچى

4382

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
2539
مۇنبەر پۇلى
1974
ئىشەنىچ
2539
يوللىغان ۋاقتى 3 سائەت ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەشەككۈر سىزگە ، بولسا مۇشۇنداق مەرۋايىتتەك سۆزلەرنى يوللاپ تۇرغايسىز .
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2013-12-9 22:56, Processed in 0.113233 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش