تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 122|ئىنكاس: 1

قانۇنلار باراۋەرلىك تارازىسى

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

86

تېما

2

ئەگەشكۈچى

875

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

真实姓名
ئازادجان ئىبراھىم
تۆھپە
128
مۇنبەر پۇلى
491
ئىشەنىچ
128
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قانۇنلار باراۋەرلىك تارازىسى

ئازادجان ئىبراھىم


يېقىن بول ياخشى ھەركەت ،ياخشى ئىشقا،
راۋاج تاپار ئىشلىرىڭ توغرى بولساڭ.
قانۇن سېنى بوش قويماي جازالايدۇ،
خىيانەتچى،پارىخور ئوغرى بولساڭ.


بىلمىسەڭگەر قانۇنلۇق،قانۇنسىزنى،
ياماندۇر  ھەممىدىن ئۇنىڭ خەتىرى.
قانۇنغا يۈكۈنسىلا ھەممە ئادەم ،
ئۇڭۇشلۇق بولىدۇ ھايات سەپىرى.


ھەسرەت بىلەن ئۆتەركەن ئۆمۈر ۋايەت،
ئۆزيولىنى ئۆزى تېپىپ يۈرمىگەنلەر.
قانۇننىڭ جازاسىغا  ئۇچىرار ھامان،
قانۇن ۋە قانۇنلارنى بىلمىگەنلەر.


قانۇن دېگەن غوغدايدۇتوغرا ئىشنى،
ھەرقاچان تورا ئىشنى قىلىپ يۈرسەڭ
قانۇن ئېڭىڭ ئۆسىدۇ كۈندىن-كۈنگە،
دايىم گېزىت-ژورناللار كۆرۈپ يۈرسەڭ.


ھەممە ئادەم قانۇننى بىلىش كېرەك،
شۇنداق بولسا بىخەتەر يۈرەلەيدۇ.
قانۇن بىلەن ئۆزىنى قوغدىغانلار،
شۇندا ھوزۇر ھالاۋەت كۆرەلەيدۇ.


زىيانتارتىپ ئۆتىدۇ ئۆمۈر ۋايەت،
دانالارنىڭ سۆزىگە كىرمىگەنلەر.
قانۇننىڭ تورىغا چۈشەر بىركۈن،
قانۇننى ھەرگىز كۆزگە ئىلمىگەنلەر.


ھەممە ئادەم باراۋەر بولۇش ئۈچۈن،
ساقلاش كېرەك ئۆزىنىڭ  ئىززىتىنى.
ئۆگىنىپ  قانۇننى كۆڭۈل قويۇپ.
ئاشۇرايلى قانۇننىڭ قىممىتىنى.


قانۇن ئۇ تەلەپ  قىلار ئادەملەردىن،
توغرا ئىش،توغرا ھەركەت،دادىللىقنى.
قانۇنلار باراۋەرلىك تارازىسى،
ياقلايدۇ ھەرقاچان ئادىللىقنى .

6

تېما

14

ئەگەشكۈچى

2408

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
787
مۇنبەر پۇلى
1442
ئىشەنىچ
787
يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز .
ھەممىمىزنىڭ ئۈمد قىلىدىغىنىمىز قانۇننىڭ ئادىللىقى، باراۋەرلىگى ۋە ئىجراسىنىڭ راۋانلىغى.
مەن قاتناش قانۇنى بىلەن ئەمگەك قانۇنىڭ ئىجراسىدىكى پەرىقتىن دائىم ھەيران.
قۇملۇقتەك جىمجىت تۇرماي دېڭىزدەك ئۆركەشلەپ تۇرساق بولاتتى.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2013-12-10 03:38, Processed in 0.104161 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش