ئۆي ئالماڭلار خالايىق
شەھەر دەپلا بىنادىن ئۆي ئالماڭلار خالايىق، «قولاي»دېسە قىزىقىپ كەپ قالماڭلار خالايىق، مەندىن ساۋاق،نەسىھەت:گەپ ئاڭلاڭلار خالايىق، بېشىڭلارغا مەن كەبىي پىت سالماڭلار خالايىق.
مودىللىرى ئۆلچەملىك سىزىلىپتۇ، «ۋاھ!»دەيسىز، خېنىم-قىزلار چىرايلىق تىزىلىپتۇ ، «ۋاھ!»دەيسىز، بۇ ئۆي-مۈلۈك شىركىتى بىزىلىپتۇ ، «ۋاھ!»دەيسىز، ئەھدىنامە،ۋەدىسى يېزىلىپتۇ ، «ۋاھ!»دەيسىز،
كەپ قالسىڭىز مۇلازىم قىزلار كۈتەر خۇشچىراي، سۆيۈنىدۇ دىلىڭىز نۇر چاچقاندەك خۇددى ئاي، ئۆي ئالغىڭىز كېلىدۇ بولسىڭىزمۇ بىر گاداي، شىرىن ئارزۇ –خىيالغا قىلار سىزنى شۇنچە باي.
ئۆينى ماختاپ خېنىملار،قاش ئوينىتار توختىماي، تەشۋىقاتنى ئوقۇيسىز،كېچە-كۈندۈز ئۇخلىماي، كېڭەش قىلسام بالىلار قالار بەلكىم ئۇنىماي، دەپ ئالىسىز داچا ئۆي ئاقىۋەتنى ئويلىماي.
توختام تۈزۈپ «دەيكەن»گە سىزنى باغلاپ قويىدۇ، ماس كەلگۈدەك ھەركىمگە ئۆينى چاغلاپ قويىدۇ، قىستاپ بىردىن يانچۇقنى سىزنى ئاقلاپ قويىدۇ، ئاستا-ئاستا يۈرەكنى ئېزىپ،داغلاپ قويىدۇ.
بۇ ئولتۇراق رايۇندا يىگىرمە بەش كۇرپۇس بار، مىڭ ئىككى يۈز ئائىلە،ئۈچ مىڭدىن كۆپ نوپۇس بار، كۆچكەنلەرنىڭ دىلىدا مىڭ پۇشايمان ،نۇمۇس بار، ئۆي ئالغانغا جاق تويدۇم ئۆيدە كۈندە ئۇرۇش بار.
ئوتتۇز پېرسەن بەرسىڭىز، ئالدىن ئالغان پۇل دەيدۇ، ئىسسىتىشقا بىز نۇرغۇن دەسمىي قىلغان پۇل دەيدۇ، بەرسەم ساناپ يۈز مىڭلاپ،كۆچەت سالغان پۇل دەيدۇ. كۈندە يۈز ۋاخ تېلىفۇن چالا قالغان پۇل دەيدۇ،
ئۆي ئالدىم دەپ چارچىدىم ئېغىر جاپا چەككەندەك، ئازاپلاندىم ئۆز پۇلۇم قورسىقىمنى ئەسكەندەك، گال پىچاقتا جىسمىمنى خۇددىي غىداپ كەسكەندەك، تۇتتى بۈگۈن پەيمانىم ھەق-دادىغا يەتكەندەك.
ئۆي مېنىڭغۇ دەپ يۈرسەم قويماس مېنى بىردەم شۈك، ئېچىۋەتتى ھەر يەردىن ھەرتەرەپكە مىڭ تۆشۈك، شۇنداق تۇرسا نەگىدۇ يامانلىدى شۇ مۆشۇك، ئۆي ئالدىم دەپ ئۆزۈمگە ئارتىپتىمەن ئوشۇق يۈك.
سۇنى تاپسام توكى يوق،ئۇنىڭغا يۈز چاپارمەن، يالۋۇرۇپلا كۈن ئۆتتى،خىزمەت تاشلاپ ياتارمەن، مەن راھەتتە قاچانمۇ بىردەم ئارام تاپارمەن، بۇ ئۆي بولدى بىر دۇزاق ،ئەمدى تاشلاپ قاچارمەن.
بالىلىرىم بەك تاتلىق شىرىن خىيال تامادا، ئۇيقۇسىدا چۈش كۆرگەن ئۇچۇپ ئەركىن ھاۋادا، تېخى نىسىپ بولمىدى ئولتۇرشقا خالادا، قىش ئۆتسىمۇ يۈرىمىز دۈگدۈيۈشۈپ تالادا.
ئالار چاغدا تاغارنى چوڭ ئاچىدۇ خۇجايىن، بېرەر چاغدا ئاغزىنى چىڭ ياپىدۇ خۇجايىن، مەن توڭلىسام كارى يوق جىم ياتىدۇ خوجايىن، ئېيتىپ كىرسەم دەرت-ئەھۋال كوم قاچىدۇ خوجايىن.
غەزىپىمنى باسالماي سەكرەپ قالدىم گاھىدا، ئەپلەشمىدى ھېچ بىر ئىش قالدى يەنە جايىدا، ئاتالدىمغۇ مەن «ساراڭ»شۇنچە ئەلنىڭ ئالدىدا، ماختاپ قويدى بەزىلەر قۇلاق يېقىپ دالدىدا.
ماڭا باقماس ھېچكىشى كۆپ يالۋۇرۇپ باقساممۇ، خىيالىغا كەلمىدى چالما-كېسەك ئاتساممۇ، بوشىمىدى يا ئىچىم ھەجۋىي شېئېر يازساممۇ، ئەرز قىلىپ ئورگانغا ئابرويۇمنى ساتساممۇ.
خۇجايىننىڭ قەلبىدە«مېنزۇ تۇەن جى»يوقمۇ يا؟ مەندەك قارا سەھرالىق ئەرزىمەس بىر «پوق»مۇ يا؟ ئۆي ئالغانلار«چىدىماس»،خوجايىنلار «توق»مۇ يا؟ ئىتىچىلىك غوجامنىڭ ئىززىتىمىز يوقمۇ يا؟
بولدۇم ئەسكى،جىلىكەش،كەلمەس زادى بىر ئۇيقۇم، مىڭ پۇشايمان بىنادىن ئۆي ئالغانغا جاق تويدۇم، مەنلا تارتاي بۇ دەرتنى دېسەم قويماي بۇ تۇيغۇم، كەلدى كۆرگەن-بىلگەننى خالايىققا دەپ قويغۇم.
سەۋرى قىلسام بىر كۈنى ھالۋا پىشار دەپتىمەن، شىرىن خىيال –ئارزۇلار ئىشقا ئاشار دەپتىمەن، مەن چىدىسام بىر ئامەت كۈلۈپ باقار دەپتىمەن، تۈگەپ ئاخىر غەملىرىم ھاردۇق چىقار دەپتىمەن.
ئويلاپ باقسام ھەر يازنىڭ قىشى باركەن ئەمەسمۇ؟ «لاھىيە»نىڭ خېلى كام ئىشى باركەن ئەمەسمۇ؟ غالجىرلاشسا توشقاننىڭ چىشى باركەن ئەمەسمۇ؟ «ھام»دەيدىكەن ئېچىقتا كىشى باركەن ئەمەسمۇ؟
ئاچقۇسى بار ئۆيۈمنىڭ نەچچە كىرىپ چىقىمەن، ئىچىم شۇنداق تىتىلداپ كۆك تاماكا چېكىمەن، توڭلاپ ھەتتا يازدىمۇ ئاچچىق ھاراق ئىچىمەن، توشتى سەۋرى –تاقىتىم ئۆينى تاشلاپ كېتىمەن.
يازدا توڭۇپ تۇرالماي «دىشاسى»غا قاچىسىز، قىشتا قىزىپ چىدالماي ئۆگزىدىلا ياتىسىز، ئۆي ئالدىم دەپ ساق باشقا ئارتۇق بالا تاپىسىز، ئانىڭىزنىڭ باغرىغا ئۆزىڭىزنى ئاتىسىز.
«قۇرۇلمىسى ياخشى»مىش بىراق ئۆيگە ئوخشىماس، «ئەسلىھە»دە چاتاق چوڭ، ئۇنى ھېچكىم ئوڭشىماس، ھەر «چاتاق»قا پۇل خەجلەپ قولدا موچەن توختىماس، بەلكىم،ئوغرى-قاراقچى بولسا بۇنداق بۇلىماس.
مەن ئوخشايتىم كىمگە دەپ دوراپ باقتىم ئۆزۈمنى، ئالمىساممۇ بىر شەھەر سوراپ باقتىم ئۆزۈمنى، مەرت قاتارى ياشاي دەپ زورلاپ باقتىم ئۆزۈمنى، كوچىسىدا «ئەركەك»نىڭ سىناپ باقتىم ئۆزۈمنى.
بۇ مەرتلىگىم ھەمىشە نامەرتلەرنى خوش قىلدى، كىم بىلىدۇ بىر مەرتنى بىر نامەرتكە دوست قىلدى، زەرداپ ئاخىر يۈرەكنى خۇددىي سېسىق گۆش قىلدى، ئېچىشتۇرۇپ ئىچىمنى ئاچچىق زەھەر بۇس قىلدى.
ئۆي ئالمىسام بوپتىكەن دىدىم ئەقىل تاپقاندا، ياتار بەلكىم خاتىرجەم خوجايىنلار يوتقاندا، ئويغىنامۇ چۈشىدىن ئەلنىڭ زارى تۇتقاندا، ئەل قىساسى مىنەلھەق كانىيىدىن بوغقاندا.
بىر مېنۇتمۇ تاقەت يوق چىدام قاچام يېرىلدى، ھەيۋە قىلسام ئاز-تولا پۈتمەس بالا تېرىلدى، نامەرتلەرنىڭ بارغانچە مەيدىسى بەك كېرىلدى، پۇل سانىغان مەرتلەرنىڭ ئىچى بەكمۇ سىرىلدى.
ھەق يولىدا ئەزۋەيلەپ سۆزلەپ باقتى جىق كىشى، خاپىلىقنى مەن تارتسام خەخنىڭ ئاڭا نېمە ئىشى، شۇنداق تۇرسا ئەسلىدىن سۇنىڭ تەتۈر ئېقىشى، ھاجىتى يوق ھەركىمنىڭ يەنە ھەجۋىي يېزىشى.
خەخ قىلمىسا مېيلىغۇ ئۆزۈم قىلاي قەدرىمنىى، ھەق گەپ قىلىپ مەيداندا ئالاي ئازراق دەردىمنى، ئۈزەلمەيمەن ھەقىچان قانچە قىلسام قەرزىمنى، ئادا قىلاي ئاز-تولا ئادىمىيلىك پەرزىمنى.
راست گېپىمگە ئاز-تولا ئىشىنىڭلار خالايىق، ھېچ بولمىسا قەلبىمنى چۈشىنىڭلار خالايىق، ئۆي ئالساڭلار ئويلۇنۇپ كېڭىشىڭلار خالايىق، ئالدامچىغا قويۇلماي ئېلىشىڭلار خالايىق.
ئۆي ئالغانغا جاق تويدۇم
كۆزلەپ يىراق مەنزىلنى،ئۆي ئېلىشنى كۆپ ئويلاپ، يېڭى ئارزۇ-قەسىرنى تاللاپتىمەن ئەمەسمۇ. قىممەت بولسا نېم بوپتۇ كىرگۈدەكمەن ھازىرلا، قەرز قىلىپ بولسىمۇ ئۆي ئاپتىمەن ئەمەسمۇ
. نەخ تاپشۇردۇم ئاتمىش مىڭ،دەيكەن قىلدىم يۈزمىڭلاپ، لېكىن ئىشنى بەك خاتا ئويلاپتىمەن ئەمەسمۇ، ئامەت كەلدى دەپ ماڭا بۈگۈن ئۈچۈن پۇل خەجلەپ، ئىمكانىيەت كېيىنگە قويماپتىمەن ئەمەسمۇ.
ئۆينى ئاچسام تام قارا بۇنىڭغىمۇ بوپتۇ دەپ، چالا قويماي ھېچيەرنى خۇيلاپتىمەن ئەمەسمۇ. بىرى پۈتسە كەينىدىن يەنە بىر ئىش چىقىدۇ، ھېرىپ قالدىم پېتر نان چايناپتىمەن ئەمەسمۇ
. ئامەت باركەن ھەر ھالدا نېسىپ بولدى ئۆي ماڭا، دەپ بېشىمغا بىر بالا-پىت ساپتىمەن ئەمەسمۇ. جاپاسى يوق ئىش نەدە كېيىن راھەت بولۇر دەپ، كۈز كەلمەستىن چۆجىنى ساناپتىمەن ئەمەسمۇ
. قىشمۇ كىردى يېڭى يىل بايرىمغا ئاز قالدى، پار يوللىرى نەدە دەپ سوراپتىمەن ئەمەسمۇ. مانا ئەتە،ئۆگۈن دەپ گوللاپ قويسا خوجايىن، تاما قىلىپ يۈرۈشكە ئۇناپتىمەن ئەمەسمۇ
. نان كۆرمىگەن قەلەندەر دۈم چۈشكەندەك قاسقانغا، بىر نان تېپېپ ئالدىراپ داپ چاپتىمەن ئەمەسمۇ. پۇشايماننى ئالارغا تېپىلمىدى بىر قاچا، ئەلەمگە ھېچ چىدىماي يىغلاپتىمەن ئەمەسمۇ
. شۇنچە ئەلەم بولسىمۇ چىداپ باقتىم زورىغا، چىدىمىسا بەزىلەر چىداپتىمەن ئەمەسمۇ. كېتىپ قاپتۇ نەگىدۇ مېنى قويۇپ خوشنىلار، توڭۇپ تىترەپ قەسىردە مەن قاپتىمەن ئەمەسمۇ
. قېرىغاندا ئەقلىمدىن ئازغىنىممۇ بۇ مېنىڭ، «ھام»قۇينىغا ئۆزۈمنى تاشلاپتىمەن ئەمەسمۇ. ئادەم تولا دوستلۇق يوق،مېھېر-ۋاپا ،خوشلۇق يوق،، مەن ئەشۇنداق موھىتتا ياشاپتىمەن ئەمەسمۇ.
لەقەم قويسا چىدىماس،ھەتتا ئوغرى يالغان دەپ، ئىت ئۆلۈمى كۆرەردەپ قاغاپتىمەن ئەمەسمۇ. ئېشىپ كەتتى قىلىقى ئىزدەپ بارسام شىركەتكە، «ساراڭ»بولۇپ بېھۇدە قايناپتىمەن ئەمەسمۇ
. كۆپچىلىككە ئەگىشىپ،دەرت ئېيتىشقا بارغاندا، خوجايىننىڭ ئۈستىدىن داتلاپتىمەن ئەمەسمۇ. بىلدىم قاغا قاغىنىڭ چوقۇماسكەن كۆزىنى، كۆز يەتكۈسىز ئېرىقتىن ئاتلاپتىمەن ئەمەسمۇ
. ھەر ئېچىقتا بار ئىكەن بىردىن-بىردىن خوجايىن، پۇل تاپاركەن ئۆز يولى ئۇقماپتىمەن ئەمەسمۇ. نېمە ئۈچۈن دەپتىمەن ھېچ بىر ئىشىم ئاقمىسا، غاجاش ئۈچۈن بىر لوقما تۇتماپتىمەن ئەمەسمۇ
. ئىزدەپ تولا ئۇلارنى بولدۇم بەكمۇ ئاۋارە، ھەر بارغاندا قۇرۇقلا يوقلاپتىمەن ئەمەسمۇ. مانا ھازىر بارىمىز،دەيدۇ ئۆيگە ماڭغاچ تۇر، شۇيۇسۇندا نەچچە ئاي ساقلاپتىمەن ئەمەسمۇ.
ئەمدى بەرسەم ئالمىدى،ئاز كۆردىمۇ يىبەينى، مەنمۇ باشتا چوتنى چوڭ سوقماپتىمەن ئەمەسمۇ. ياراتمىدى ئۇ بەلكىم چاغلاپ مېنى سەھرالىق، يالۋۇرساممۇ دىتىغا ياقماپتىمەن ئەمەسمۇ.
دەرتنى يۇتتۇم ئىچىمگە ،كەلمەمدۇ يا ئاچچىقىم، بولقىنى شۇ بېشىغا ئاتماپتىمەن ئەمەسمۇ، بۇرۇختۇملۇق ئىچىدە بىلمەي قالدىم خۇدۇمنى، ھەق يولىدا ۋىژداننى ساتماپتىمەن ئەمەسمۇ.
ھاي دېگەنگە قارىماي ئۇرۇق-تۇققان دوستۇرۇم، ئۆزۈم خالاپ بىنادىن ئۆي ئاپتىمەن ئەمەسمۇ. ئۆي ئالغانغا جاق تويدۇم،قىش كىرسىمۇ تالادا، راھەت ئىزدەپ خېلىلا خۇراپتىمەن ئەمەسمۇ
. چىدىغانغا يارالغان كوچا تۇرسا ئالەم دەپ، ئۆز-ئۆزۈمنى چىداشقا زورلاپتىمەن ئەمەسمۇ. مەن چىدىسام غۇرۇرۇم يول قويمىدى ئاقىۋەت، ئۆز-ئۆزۈمنى ئارتۇقچە خورلاپتىمەن ئەمەسمۇ. .
، ئۆي ئالمىساق بوپتىكەن
ھەر تەرەپكە چوڭ خەتلىك پىلاكاتلار ئېسىلىپ،تەشۋىق قىلسا كانايدا ھە دەپ قۇلاق ساپتىمىز، ۋەرەقىنى تۇتقۇزۇپ،ماختاپ بەرسە خېنىملار ئۆزىچە بەك قىزىقىپ،راستمىكىن دەپ قاپتىمىز. «بولىدىكەن ھەر ھالدا ماس كەلگۈدەك بىزگىمۇ»دەپ ئويلۇشۇپ كۆڭۈلگە تاتلىق خىيال ساپتىمىز، «جاپا تارتساق ھېچ گەپ يوق راھىتى بار كېيىنچە»دەپ «ھازىر»نى كۆزلىمەي بىنادىن ئۆي ئاپتىمىز.
تايىنىمىز بەك تۇتتى ئەينى چاغدا گۇياكى،قىستاپ بىزنى بىرەرسى كۆتىمىزگە تەپكەندەك، ئۆينى ئالدۇق ۋە لېكىن،بولساقمۇ بىر «قاق سەنەم»،قىينار تېخى بىر ئاچچىق قوساقنى مىڭ ئەسكەندەك، مىندى قەرز پاتاڭغا ئۇمۇ تۈگەر بىر كۈنى،قالدۇق بىراق ئۇۋالغا بىراۋ مازاق ئەتكەندەك، ھەممىمىزدە بار شۇنداق ئاچچىق قورساق كۆپۈگى چاي ئورنىدا ھاراقنى شۇنچە زولاپ ئىچكەندەك.
پۇل بولمىسا مېيلىغۇ ،خەجلىمىسەك يېتەركەن،سەۋرى بىلەن ئىشلىسەك تېپىلىدۇ بىر كۈنى، مەس بولساقمۇ راست ئىچىپ،ئۇمۇ بوپتۇ كېرەك يوق،ئۆلمىسەكلا مەستلىكمۇ يېشىلىدۇ بىر كۈنى، ئىشى يوقنىڭ دەردى يوق،بوينىدا ھەم قەرزى يوق،غەملەر تۈگەپ پارلاق يول ئېچىلىدۇ بىر كۈنى، مىڭ پۇشايمان قىلساقمۇ، بولماس ئەمدى ئامال يوق،ئادەم شۇنداق تاۋلىنىپ يېتىلىدۇ بىر كۈنى.
بىز جاپادا قالساقمۇ،ئاۋاز قوشۇپ بىر ھەسسە،چەكسىز ئىشەنچ،ئۈمىتتە بۇ شىركەتنى قوللىدۇق، ئولتۇرامىز قىشىچە،باللا بىلەن راھەتتە دەپ بىنانىڭ كام قالغان يەرلىرىنى ئوڭلىدۇق، «بىنا دېگەن مۇشۇنداق بولىدىغان ئوخشايدۇ» دەپ ،بولسىمۇ چاتىغى ئەيپ-نوقسان قويمۇدۇق، «تاپا-تەنە ئېيتىشىپ،غەلۋە-غەۋغا قىلمايلى!خاتىرجەملىك ھەممىدىن بەك موھىم »دەپ ئويلىدۇق.
ئەپسۇس ،مانا قىش كىرىپ ئۆتۈپ كەتتى يېرىمى،توڭلاپ كەتتۇق خېلىلا،پەقەت ئامال بولمىدى، يا توكى يوق يا سۈيى،پارمۇ تېخى ئۇلاقسىز،«مانا،ھازىر،ئەتە...»دەپ شىركەت بىزنى گوللىدى، تامدىن چىقماس يا بىر ئوت،ئەپلەشمىدى توك پارمۇ،ئەخمەق قىلىپ «خوجايىن»ۋەدىسىدە تۇرمىدى، بىمەنىلىك بولسىمۇ ،قۇراشتۇرساق كۆمۇر مەش،«بولغىما ئاق تامنى»دەپ بۇنىڭغا يول قويمىدى.
شارائىتى بەك ياخشى»دېگەن گەپمۇ يوق بولدى،ئەپلەپ –سەپلەپ بىنانى سېتىۋالسا بولامدۇ؟ توختام تۈزۈپ شۇنچە تېز،تامغا باستى ،قول قويدۇق،ئەمدىلىكتە ئۇنىڭدىن يېنىۋالسا بولامدۇ؟ پۇلمۇ بەردۇق تولۇقلاپ ،خۇددىي كۈرۈك توخۇدەك بېسىۋېلىپ چېتىغا يېتىۋالسا بولامدۇ؟ ئېيتىپ كىرسەك دەرت –ئەھۋال ئاڭلىماستىن خوجايىن كۆزنى غەلەت قىلىپلا قېچىۋالسا بولامدۇ؟
قاچانغىچە يۈرەرمىز ئىچىمىزدە غۇم ساقلاپ،بۇ دەرتلەرنى ئاڭلاغا بىرەر ئادەم تاپالماي، بولغاچقىمۇ ھەممىمىز مائاشى بار بىر كادىر قورقۇپ ياكى بىرەر قۇر شىكايەتمۇ يازالماي، ئىچىمىزدە ئاجايىپ باردۇر شۇنداق بىر تاشقىن،تاشتۇق بىراق، ئاۋارە تېخى قىردىن ئاشالماي، ئەلەم قىلدى بەك ئېغىر، ئەمدى قىلچە تاقەت يوق،بولۇپ كەتتۇق جىلىكەش ئۆيدە بىر كۈن ياتالماي.
خۇجۇندا بىر پۇل خەجلەپ تېخى راھەت كۆرمىسەك،قالساقمۇ بىز تالادا ئۆي ئالمىساق بوپتىكەن، ئۆي ئالدۇق دەپ ساق باشنى ئاغرىق قىلىپ بىكادىن قالدۇقمۇ بىز بالادا ئۆي ئالمىساق بوپتىكەن، خوجايىننىڭ ۋەدىسى يالغان ئىكەن ئەمەسمۇ،ئىش پۈتمىدى قارادا ئۆي ئالمىساق بوپتىكەن، ئارزۇيىمىز كۆپۈككە ئايلانغاندەك بىردەمدە،لەيلەپ قالدى ھاۋادا ئۆي ئالمىساق بوپتىكەن.
ئۆي ئالمىسام بولمىدى
پۇلنى بۇزۇپ بىكادىن ئۆي ئالمىسام بولمىدى، قالماي مەنمۇ «قاتا»دىن ئۆي ئالمىسام بولمىدى، قېچىش ئۈچۈن «جاپا»دىن ئۆي ئالمىسام بولمىدى، قۇتۇلاي دەپ «سەھرا»دىن ئۆي ئالمىسام بولمىدى، تولا ئويلاپ بىنادىن ئۆي ئالمىسام بولمىدى.
سەھرادىكى شۇ ئۆينى بەك جاپادا سالغانتۇق، پۈتكەن چاغدا رازى بوپ شۇنچە خۇشال بولغانتۇق، ھويلا-ئارام بىر باغچا،تال –باراڭمۇ قىلغانتۇق، ساپ ھاۋالىق ھەممە يەر ئەركىن نەپەس ئالغانتۇق. ئۇنى تاشلاپ بىنادىن ئۆي ئالمىسام بولمىدى.
خۇددىي بىزنى ئانىلار ئاسمانغىلا تۇغقاندەك،
شۇ توخۇلار ھەر كۈنى قوندىقىغا قونغاندەك، گويا توققۇز خوتۇننىڭ تولغىقى تەڭ تۇتقاندەك، ئالدى قىيىن قىستاققا بالىلىرىم شۇنچە بەك، مەن ئالدىراپ بىنادىن ئۆي ئالمىسام بولمىدى.
ئەۋزەل ئىمىش بىنانىڭ خالاسى ھەم مۇنچىسى،
ئۆتمەس ئىمىش ئۈستىدىن زادى يامغۇر تامچىسى، دائىم پاكىز تۇرارمىش پالاز،گېلەم –زىلچىسى، گاز قالىسا كۆمۈردەك چىقماس ئىمىش ھېچ ئىسى، مەنمۇ «دوراپ» بىنادىن ئۆي ئالمىسام بولمىدى.
باردىم نەچچە شەھەرگە ئۆي ئالغىلى شاپاشلاپ،
«مۇلازىم»لار ئاق يەرگە ئېلىپ چىقتى يول باشلاپ، ئۇل سالمىغان بۇ تامنىڭ قەۋىتىگە چەك تاشلاپ، ئالدىن مۇنچە پۇل تۆلەڭ دېدى يېىنىش-يېىنىشلاپ، قەۋەت ساناپ بىنادىن ئۆي ئالمىسام بولىدى.
ئەرزان چاغدا ئۆي ئېلىش خىيالىمغا كەلمىدى،
بۈگۈن قىممەت بولۇشنى ھېچكىم ئالدىن بىلمىدى، مەن دەپتىمەن:«ۋاقتى بار ،تېخى ئۆتۈپ كەتمىدى» ئەمدى ئالاي دېگەندە پۇلۇم ئازكەن يەتمىدى. پۇلغا زولاپ بىنادىن ئۆي ئالمىسام بولمىدى.
سېلىپ باقسام كارتامنى ئوتتۇز مىڭ كوي پۇل چىقتى، تاپشۇراي دەپ ئاجراتسام،يەنە يېڭى ئىش چىقتى، خىياللىرىم بۇزۇلۇپ،نەلەرگىدۇ ھەم ئۇچتى، بېشىم قاتتى ئاجايىپ،كاللامغا مىڭ غەم چۈشتى، قەرز سوراپ بىنادىن ئۆي ئالمىسام بولمىدى.
ئون مىڭ دېگەن قانچىلىك كەتتى يەنە يۈز مىڭلاپ،
بېزەش قالدى نىسىگە،تامنى ئۆزەم ھەم ئاقلاپ، بولدۇم ئۆزۈم «ھۈنەرۋەن» چالىسىنى كۆپ ئوڭلاپ، يانچۇقۇمدا موچەن يوق،قەرز تۆلەپ قوش-قوشلاپ، لېۋىم يالاپ بىنادىن ئۆي ئالمىسام بولمىدى.
شۇنچە قىلسام بۇ «ئۆي»نىڭ ئىشلىرى ھېچ پۈتمىدى،
قەرز سۈيلەپ ھۈنەرۋەن مەھەللەمدىن كەتمىدى، شۇ يوسۇندا بۇ كۆڭلۈم بىر كۈن خۇشال ئۆتمىدى، ھالىم خاراپ ھېچكىشى دەردىمگە بىر يەتمىدى، مەن كۈن ساناپ بىنادىن ئۆي ئالمىسام بولمىدى.
جاپا تارتسام بىر كۈنى بۇ غەملەرمۇ تۈگەر دەپ، بالىلىرىم كېيىنچە خۇشال ياشاپ ئۆتەر دەپ، بولسا خەژلەپ تۈگەركەن،بولمىسىمۇ يېتەر دەپ، قالساممۇ گەر جاپادا بۇ كۈن ئۆتۈپ كېتەر دەپ، شۇنداق ياشاپ بىنادىن ئۆي ئالمىسام بولمىدى.
بىر كۈنى سۇ بولمىسا،بىر كۈنى توك توختايدۇ، يولىمۇ يوق تۈزۈكرەك،يا ماڭغىلى بولمايدۇ، شاۋقۇنى بەك ئازاپلىق،زادى توختاپ قالمايدۇ، نىمانچە تار ئۆيلىرى كاتەككىلا ئوخشايدۇ، مەن ھەم چىداپ بىنادىن ئۆي ئالمىسام بولمىدى.
ھەممە ئادەم ئالدىراپ ھەر تەرەپكە چاپىدۇ،
سالام قىلىپ «ئەسسالام »دەپ بولغىچە قاچىدۇ، كۈندۈز ماڭا كېچىدەك بۇ تاڭ قانداق ئاتىدۇ، خاتىرجەملىك بىز ئۈچۈن قاچان قۇچاق ئاچىدۇ، مەن ياتسىراپ بىنادىن ئۆي ئالمىسام بولمىدى.
ئۆي بولسىلا بولدى دەپ ئېگىز قەۋەت ئاپتىمەن،
بېزەش ئۈچۈن بىكادىن ئارتۇق مەبلەغ ساپتىمەن، كۈندە چىقىش –چۈشۈشنى زادى ئويلىماپتىمەن، قولايسىزلىق تۇغۇلۇپ،ئەرزان سېتىپ ساپتىمەن، مەن قايتىلاپ بىنادىن ئۆي ئالمىسام بولمىدى.
پار بولمىسا ،مەش قويۇپ ئوت ياققىلى بولمىسا، يارىمىسا تۈزەي دەپ يا چاققىلى بولمىسا، ئازراق قوشۇپ كەڭلىككە يا تارتقىلى بولمىسا، دەرت ئۈستىگە دەرت بولدى يا ياتقىلى بولمىسا، بولدى ئازاپ بىنادىن ئۆي ئالمىسام بولمىدى.
قىش كەلدى بۇ ئۆيۈم شۇنچە راھەت بىلىندى،
يامانلىغان تۇققانلار كەلدى قارشى ئېلىندى، كۆرۈپ بۇنى دوستلىرىم« ئۆي ئەپ بەر» دەپ يىلىندى، رازى بولدۇم شۇندىلا،دىلىم بىرئاز سۆيۈندى، ئۆزۈم خالاپ بىنادىن ئۆي ئالمىسام بولمىدى.
ئۆي ئالمىسام بىر كۈنى قىستۇغۇدەك بۇزامان، «سەھرا»دىكى «داچا»مۇ ئەسقاتقۇدەك ئۇ ھامان، ئولتۇراي مەن بىنادا قىشنىڭ پەيلى بەك يامان، مەن بولدۇمغۇ« ئۇرۇشتىن كېيىنكى بىر قەھرىمان» دىلىم يايراپ بىنادىن ئۆي ئالمىسام بولمىدى
مەنبە : ئۆز قەلەم |