تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 831|ئىنكاس: 5

ئۇيغۇر قىزى دىلارە دىلشات ھەققىدە پاراڭلار

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 5 كۈن ئالدىدا
   
16ياشلىق ئۇيغۇر قىزى دىلارە دىلشات  دۆلەت ياشلار  ئاياللار ۋاسكىتبول كوماندىسىغا باشچىلىق قىلىپ ئاسىيا ياشلار مۇسابىقىسىنىڭ چىمپىيۇنلىقىنى ئالدى



30-نويابىر كەچ،   سرىلانكا پايتەختى كولومبو شەھرىدە  ئىلىپ بىرىلغان 3- نۆۋەتلىك ئاسىيا 16 ياشلىقلار  ئاياللار ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە. جۇڭگۇ دۆلەت 16 ياشلىقلار  ئاياللار ۋاسكىتبول كوماندىسى 62-50 نەتىجە بىلەن ئالدىنقى نۆۋەتلىك چىمپىيۇن ياپۇنيە كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلدى.  جۇڭگۇ دۆلەت 16 ياشلىقلار  ئاياللار ۋاسكىتبول كوماندىسى گۇرپا مۇسابىقە باسقۇچىدا ياپۇنيە كوماندىسىغا ئۇتتۇرۇپ قويغاندىكى ئۆچىنى ئىلىش بىلەن بىرگە   3- نۆۋەتلىك ئاسىيا 16 ياشلىقلار  ئاياللار ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىنىڭ چىممپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۈردى. مۇسابىقىدە  بوي ئىگىزلىكى 1.93 مىتىر كىلىدىغان ئوتتۇرا ھۇجۇمچى شىنجاڭلىق ئۇيغۇر قىزى  دىلارە دىلشات 16 نۇمۇر، 6 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئىلىپ، ئۇ كوماندىدىكى ئەڭ كۆپ نۇمۇر ئالغان تەنھەركەتچى بۇلۇپ قالدى.

            دۆلەت ياشلار  ئاياللار ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ گار ئاستى ھۆكىمىرانى

  جۇڭگۇ كوماندىسى  ئاسىيا 16 ياشلىقلار  ئاياللار ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىنىڭ چىممپىيۇنلىقىنى قايتىدىن قولغا كەلتۈردى،  بۇ جۇڭگۇ كوماندىسىنىڭ تارىختا ئىككىنچى قىتىم بۇ مۇسابىقىنىڭ چىمپىيۇنلىقىنى قولغا كەلتۇرۇشى ھىساپلىنىدۇ، شۇنداقلا بۇ يىل دۆلەت ئاياللار ۋاسكىتبول كوماندىسى تۈرلۈك مۇسابىقىلىرىدە ياپۇنيەگە ئۇتتۇرۇپ قويغاندىن كىيىن، يولۋاسنىڭ چىشىنى يۇلۇشنى ئەمەلگە ئاشۇردى.  ئۇنىڭدىن ئىلگىرى جۇڭخۇا تەيبىي بىلەن كورىيە بىلەن بولغان ئىككى مەيدان شاللاش مۇسابىقىسىدە، دىلارە دىلشات ئايرىم-ئايرىم  26 نۇمۇر، 7قىتىم گاردىن قايتقان توپ ۋە 17 نۇمۇر، 7قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالدى.  خەلىقئارا مۇسابىقىدە، بۇنداق سانلىق مەلۇماتنى پەقەت ئەڭ ياخشى تەنھەركەتچىلا قولغا كەلتۈرەلەيدۇ،  كىسىپ ئىيتىشقا بۇلىدكى؛  دىلارە دىلشات  دۆلەت ياشلار  ئاياللار ۋاسكىتبول كوماندىسىنىڭ چىمپىيۇن بۇلۇشدىكى ئەڭ چوڭ تۆھپىكارى.
   

  بۇ نۆۋەتلىك دۆلەت 16 ياشلىقلار  ئاياللار ۋاسكىتبول كوماندىسىىدىكى كۆپ قىسىم تەنھەركەتچىلەر گۇاڭدۇڭ ئاياللار ياشلار كوماندىسىنىڭ تەنھەركەتچىلىرى، 16 ياشلىق ئۇيغۇر قىزى  دىلارە دىلشات دەل بۇ كوماندىنىڭ ئىچكى سىپىنىڭ يادروسى.  2008-يىلى 11 ياشقا كىرگەن دىلارە دىلشاتنىڭ بوي ئىگىزلىكى 1.82 مىتىردىن ئىشىپ كەتكەن، ئۇنىڭ ئىگىز بوي تۇرقى ۋە بەدەن ساپاسى گۇاڭدۇڭ كوماندىسى تىرىنىرىغا يېقىپ قالغان. نەچچە يىل جاپالىق مەشىق قىلىش ئارقىلىق،  ئۈرۈمچىدە تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بۇ قىزچاق ناھايىتى تىز ئالغا بىسىپ، دۆلەت ئىچىدىكى مۇسابىقىلەردە كىشىنى ھەيران قالدۇرغان.
  2011-يىللىق 7-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك شەھەرلەر ئارا تەنھەركەت يىغىنى قىزلار ۋاسكىتبول مۇسابىقىسىدە بىردىنلا دىلارە دىلشاتنىڭ نامى چىقىپ كەتكەن. ئۇ چاغدا ۋاسكىتبول مەشىق قىلغىنىغا پەقەت ئۈچ يىل بولغان دىلارە  گۇاڭجۇ كوماندىسىنىڭ چىمپىيۇن بۇلىشىغا ئاكتىپ ياردەم بەرگەن، ھەل قىلغۇچ باسقۇچتىكى مۇسابىقىدە  23 نومۇر، 10 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئالغان. ئۇ ئوتتۇرچە ھەر مەيداندا 22 نومۇر، 10.5 قىتىم گاردىن قايتقان توپ ئىلىپ، بۇ مۇسابىقىنىڭ نۇمۇر ئىلىش شاھى ۋە گاردىن قايتقان توپ ئىلىش شاھى بولغان. ئۇنىڭدىن سىرىت ئوتتۇرچە گارغا توپ ئىتىپ چۈشۈرۇش نىسپىتى %65 گە يەتكەن،  ئوتتۇرچە ھەر مەيداندا 3.5 قىتىم توپ تارتىۋالغان، ئۇ يۇقارقى سانلىق مەلۇماتلىرى بىلەن پۈتۈن كوماندا بۇيىچە ئەڭ ئالدىدا تۇرغان.
  گۇاڭجۇ كوماندىسى باش تىرىنىرىنىڭ دىلارە دىلشاتقا بەرگەن باھاسى ناھايىتى يۇقۇرى؛ « ئۇنىڭ قول سېزىمى سىلىق، يۆتكىلىشى چاققان، بەدىنى قاۋۇل، ئىچكى سەپتىكى كۈچى قالتىس، ھەم نۇمۇر ئالالايدۇ ھەم گاردىن قايتقان توپ ئالالايدۇ.   دۇفىڭدىن كىيىنكى يەنە بىر شىنجاڭلىق گۇاڭدۇڭ ۋاسكىتبول تەنھەركەتچىسى، دۆلەت كوماندىسىغا تاللانغان تەنھەركەتچى.  بۇ مۇسابىقە پەسلىدە،  دىلارە WCBA بىرلەشمىسىدىكى چىمپىيۇن شەنشى كوماندىسىغا يۆتكەلدى، يىقىندا كوماندىغا قوشۇلىدۇ، بۇنىڭ بىلەن ئۇ تۈنجى WCBA بىرلەشمىسىگە كىرگەن شىنجاڭلىق تەنھەركەتچى بۇلۇپ قالىدۇ ».
   

  1963-يىلى شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكىتبول كوماندىسى مەملىكەتلىك مۇسابىقىنىڭ چىمپىيۇنلىقىنى ئالغان، كىيىنكى ئون نەچچە يىلدىمۇ ئىزچىل دۆلەت ئىچىدە كۈچلۈك قوشۇن بۇلۇپ كەلگەن، كىيىن تەدىرىجى ئاجىزلىشىپ كەتكەن، بۇ ئەسىرنىڭ بىشىدا، نەتىجىسى ئانچە كۆڭۈلدىكىدەك بولمىغان شىنجاڭ ئاياللار ۋاسكىتبول كوماندىسى رەسمىي شىنجاڭ ئاياللار  قول توپى كوماندىسىغا ئۆزگەرتىلگەن، ئەمدىلىكتە شىنجاڭنىڭ ۋاسكىتبول تەنھەركىتى پەقەت پۈتۈن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپلىرىدە قانات يايدۇرلىۋاتىدۇ.  بىراق بەدەن ساپاسى ياخشى شىنجاڭ ۋاسكىتبول ئىختىساسلىقلىرى ئۈزلۈكسىز مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا نەزەر تاشلىدى. ئادىلجان سۇلايمان تۇرۇشلۇق 1-ئاۋغۇسىت كوماندىسى بىلەن دۇفىڭ تۇرۇشلۇق گۇاڭدۇڭ كوماندىسىدىن باشقا يەنە، چۇڭچىڭ، چاڭشا قاتارلىق جايلاردا گۈلمىھرە قاتارلىق شىنجاڭلىق ئايال ۋاسكىتبول تەنھەركەتچىلىرىنىڭ كۆلەڭگىسنى كۈرۈش مۇمكىن.   دىلارە دەل دۇفىڭدەك ۋاسكىتبول چولپىنىغا يولۇقۇپ، ئۇنىڭ تۈرتكىسىدە پۈتۈنلەي ۋاسكىتبول بىلەن ئۇچرىشىش باقمىغان كىچىك ئوقۇغۇچىدىن تەدىرىجى ئۆسۈپ يىتىلىپ جۇڭگۇ ئاياللار ۋاسكىتبولىنىڭ ئۈمۈت يۇلتۇزىغا ئايلاندى.

        دۇفىڭنىڭ  تەۋسىيە قىلىشى بىلەن ئاتا ئارزۇسىنى ئاقلاش

  دىلارە بىر ھەربىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان، ئۇنىڭ دادىسى ئىلگىرى بىر ۋاسكىتبول تەنھەركەتچىسى ئىدى، بىراق شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكىتبول كوماندىسىغا كىرەلمىگەن، كىيىن ھەربىي قىسىمغا كىرىپ خىزمەت قىلغان. ئۇنىڭ ئاپىسى بىلەن  دۇفىڭنىڭ ھەدىسى بىر ئورۇندا خىزمەت قىلىدىغان ياخشى دوسلاردىن بۇلۇپ شەخسىي شەخسىي مۇناسىۋىتى ياخشى ئىدى. شۇڭلاشقا دىلارە كىچىكىدىن باشلاپلا، دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئەزاسى  دۇفىڭنى تۇنۇيتتى، بۇ ئۇنىڭ « چوڭ ئۇستاز » سابىق  دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئەزاسى دۇفىڭنى ھۆرمەتلىشىگە كۇپايە قىلاتتى؛ « مەن كىچىكىمدىن باشلاپ دۇفىڭ ئاكامنى ھۆرمەتلەيتتىم، دائىم تىلۋۇزۇردىن ئۇنى كۈرەلەيتىم، شىنجاڭدا ئۇنى تۇنىمايدىغان ئادەم كۆپ بولمىسا كىرەك ».
   دىلارە 11 ياشقا كىرىپلا، بوي ئىگىزلىكى مەكتەپتىكى كۆپ قىسىم ئەر ئوقۇتقۇچىلاردىن ئېشىپ كىتىدۇ، ئۇنىڭ ئاتا-ئانىسى دۇفىڭنى ئىزلەپ تاپىدۇ. شۇ چاغدا دۇفىڭ دىلارەنىڭ بەدەن شارائىتىنى كۈرۇپ، ئۇنى ياخشى تەنھەركەتچى بۇلالايدۇ دەپ قارايدۇ، شىنجاڭدا كەسپىي ئاياللار ۋاسكىتبول كوماندىسى بولمىغاچقا، دۇفىڭنىڭ تەۋىسىيە قىلىشى بىلەن دىلارەنىڭ ئاتا-ئانىسى قىزىنى گۇاڭدۇڭغا ئىلىپ بىرىشنى قارار قىلىدۇ.
2008-يىلى، دىلارەنىڭ ئانىسى ئۇنىڭدىن گۇۋاڭدۇڭغا بىرىپ ۋاسكىتبول مەشىق قىلىشنى خالامسىز دەپ سورايدۇ، 11 ياشلىق دىلارە قىلچە ئىككىلەنمىگەن ھالدا ماقۇل بۇلىدۇ. ئۇ ئەينى ۋاختىدا بۇنىڭدىن كىيىن نۇرغۇن دىمەتلىكلىرىدىن كۆپ جاپالىق مەشىق قىلىدىغىنىنى  قىلچە خىيالغا كەلمەيدۇ. « ئۇ چاغدا مەن ئازراقمۇ توپ ئويناشنى بىلمەيتتىم، كۆپ ئىشلارنىمۇ ئويلىمىغان، مەن قىلالىساملا بولدى دەپ قارىغان، بىراق كۆپ ھاللاردا يەنىلا سىرتقى دۇنياغا قاراش كىرەككەن ».  دىلارە   ئېگىلمەس-سۇنماس روھى بىلەن ئۈچ يىل كەسپىي مەشىقنى قۇبۇل قىلىدۇ.
ھەربىي ئائىلىسىدە تۇغۇلغان دادىسىمۇ ۋاسكىتبول مەشىق قىلىپ باققان، دىلارەگە كىچىگىدىنلا  قىيىنچىلىقتىن قورقمايدىغان ئىدىيە سىڭدۈرۇلگەن، بۇ تەرەپتىمۇ  دىلارە شەھەردە چوڭ بولغان باشقا بالىلارغا ئوخشىمايدۇ.
  دۇفىڭ مۇخبىرنىڭ تىلفۇن  زىيارىتىنى قۇبۇل قىلىپ مۇنداق دەيدۇ؛  « مەشىقتە بەكمۇ جاپا تارتىدۇ، مۇسابىقىدە بەك  تىركىشىدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەدەن شارائىتىمۇ خىلى ياخشى، بىر ناھايىتى ياخشى مايسا، بۇنىڭدىن كىيىن ئەگەر قەتئىي بوشاشماي تىرىشسا، چۇقۇم بىر مۇنەۋەر ۋاسكىتبولچى بۇلىدۇ ».
  بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە  دىلارە دۇفىڭنى ھۆرمەتلەشدىن باشقا يەنە ئۇنىڭدىن كۆپ مىننەتدار؛ « ئۇنىڭ ماڭا بەرگەن ياردىمى ۋە ئىلھامى بەك كۆپ، بەك كۆپ، مەن ئىزچىل  ئۇنىڭغا تەشەككۈر ئېيتىمەن، ئۇنىڭ داۋاملىق تىخىمۇ كۆپ چىمپىيۇنلىقنى ئىلىشىنى ئۈمۈت قىلىمەن ».
  بىز ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مەستانىلىرى ئۇيغۇر قىزى دىلارە دىلشاتنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى كەسپىي ھاياتىنىڭ نەتىجىلىك بۇلىشىغا تىلەكداشمىز.

  مەنبە ئۇيغۇر ۋاسكىتبول مۇنبىرى؛
http://waskitbol.com/forum.php

بۇ يازمىدا كۆپ مەنبەرلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش

3

تېما

0

ئەگەشكۈچى

248

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

真实姓名
پەيدا
تۆھپە
41
مۇنبەر پۇلى
198
ئىشەنىچ
41
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بارىكاللا!!!كىشىنى ھەقىقەتەن ھاياجانغا سالىدۇ،مۇشۇنداق ئەزىمەتلىرىمىزنىڭ كۆپلەپ مەيدانغا كېلىشىنى ئۈمۈد قىلىمىز!!!
بۇندىن كېيىنكى ئىشلىرىغا ئامەت،ئاسانلىق ياربولسۇن!!!بۇ قىز توپ ئوينىغان بىرەر مەيدان مۇسابىقىنىڭ سىن كۆرۈنىشىنى بولغان بولسا،ھوزۇرلىنىپ بىر كۆرگەن بولساق!

70

تېما

27

ئەگەشكۈچى

6877

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
2470
مۇنبەر پۇلى
2961
ئىشەنىچ
2470
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
  ئۇيغۇرلارنىڭ سۇيۇملۇك قىزى- دىلارە دىلشات مىرادىغا يەتكەي.  دۆلەت ۋە  خەلقارالىق مۇسابىقىلەردە زور  شان-شەرەپ قۇچقاي.

3

تېما

21

ئەگەشكۈچى

2527

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
749
مۇنبەر پۇلى
1383
ئىشەنىچ
749
يوللىغان ۋاقتى 4 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئەجەپ زور قىزكىنا بۇ       ئۇتۇق تىلەيمەن!

7

تېما

0

ئەگەشكۈچى

300

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
102
مۇنبەر پۇلى
184
ئىشەنىچ
102
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يارايسىز  ساقام  تېخمۇ ئالغا ئلگىرلەڭ  

5

تېما

25

ئەگەشكۈچى

4773

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1905
مۇنبەر پۇلى
2322
ئىشەنىچ
1905
يوللىغان ۋاقتى 3 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
دىلارە ھەقىقەتەن بىر ئۈمىد يۇلتۇزى ئىكەن. ئۇنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئۆسۈپ
يىتىلىشىگە تىلەكداشمەن.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2013-12-9 22:59, Processed in 0.119572 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش