خىيال قىلغان ئوخشايمەن مەخمۇت سەلەي(مەيپۇرۇچ)
(بۇ سۈرەت، ئېلى مۇھەممەتنىڭ)
چۇچۇپ ئويغاندىم شۇندا،-خىيال قىلغان ئوخشايمەن، تالدەك تولغاندىم بۇندا،- خىيال قىلغان ئوخشايمەن. باشقىلار ئايدىڭ دەيدۇ،-ماڭا ئاي بىلىنمەيدۇ، يۇلتۇزلار يانغان تۈندە،-خىيال قىلغان ئوخشايمەن. يار مەندىن ئايرىلغاندا، ئىشىك يېپىپ خوش دەيدۇ،
مەن مۇشتاق شۇ سۆيگۈگە،-خىيال قىلغان ئوخشايمەن. خوراز قىچقارغان دەمدە، ئىتلار قاۋىشار يەنە، كۆزۈم كۆرمەي گۇگۇمدا،-خىيال قىلغان ئوخشايمەن. قايتىپ كەلسەم شۇ ئۆيگە،دەرىزىدە گۈلتەشتەك،
دەم ئۆگزىدە-بالكۇندا،-خىيال قىلغان ئوخشايمەن. ئۇيان مېڭىپ ئايلاندىم،بۇيان مېڭىپ ئايلاندىم، تاڭمۇ ئاتتى تۇيغۇمدا،-خىيال قىلغان ئوخشايمەن. ھېچ قايتالماي ئۆزۈمگە،ياشلار كەلدى كۆزۈمگە،
قولۇمدا شۇ ئۈزۈندە،-خىيال قىلغان ئوخشايمەن. ياشلىقىڭدا ئوينىۋال،قېرىغاندا نىمە بار؟ كۈلكە ئويناپتۇ يۈزدە،-خىيال قىلغان ئوخشايمەن.. 2013-12-3 مەنبەيى مەن <<ياشلىقىڭدا ئوينىۋال،قېرىغاندا نىمە بار؟>>بۇ مىسرا ،ئۆزبىكچە(ئەتلەسلىرى بولمىسا)دىگەن شېئىردىن ئوغۇرلاندى.. |