«قۇملۇقتىكى كۆرەش» فىلىمى توغرىسىدا
( بۇ فىلىمنى شاڭخەي كىنو سىتودىيىسى 1956-يىلى ئىشلىگەن) سىنارىس-ۋاڭ يۈخۇ.رىژىسۇر-ياڭ شاۋدەن.ئاساسلىق روللاردا: جاڭ يۇەن، گاۋ جىڭ،ۋىن تىباۋ،توختى موللاتاجى قاتارلىقلار فىلىمنىڭ ئاساسلىق مەزمۇنى: «قۇملۇقتىكى كۆرەش»دېگەن بۇ فىلىم ۋاڭ يۈخۇنىڭ يەنە بىر ئىجادىيىتى. شۇنداقلا ئۇيغۇرلارنىڭ ئەڭ بۇرۇنقى سۇ قۇرلۇشى خىزمىتىنى ئەكىس ئەتتۈرگەن فىلىم. يېڭى جوڭگۇ قۇرۇلغان دەسلەپكى مەزگىللەردە ئاز سانلىق مىللەتلەرنىڭ كىنولىرىنىڭ تىمىسى كۆپۈنچە باندىتلارغا قارشى تۇرۇش، ئىشپىيۇنلارغا قارشى تۇرۇش ئىدى. بۇ فىلىمدە ئاساسلىقى شىنجاڭ تەڭرى تېغىنىڭ ھەيۋەتلىك گۈزەل مەنزىرسى ۋە شىنجاڭ خەلقىنىڭ ئۆز يۇرۇت-ماكانىنى قۇرۇپ چىقىش ئەھۋالىنى پۈتۈن مەمىلكەت تاماشىبىنلىرىغا تونۇشتۇرغان. رىژىسۇر-ياڭ شاۋدەن فىلىمدە ئاساسلىق قىلىپ، ئۇيغۇر مىللىتىنىڭ جاپا-مۇشەققەتكە چىداپ، يېڭى ماكان قۇرۇش جەھەتتىكى ئىزدىنىشلىرىنى ئىپادىلىگەن. جەڭچى تەڭرىتاغ باغرىدا پايانسىز كۆز يەتكۈسىز قۇملۇققا قاراپ تۇراتتى. سۇ مەنبەسى ئىزدەش، قۇملۇقنى مۇنبەت تۇپراققا ئايلاندۇرۇشتەك، ئۇلۇغ غايىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلار نەچچە مىڭ قۇملۇقلارنى كىسىپ ئۆتتى. تەڭرى تېغىدىكى جىلغىلارغا كىرىپ،قار-يامغۇر ۋە ئىسسىقلارنى باشتىن كۆچۈرۈپ، تاغ قاپتىللىرىنىڭ يېرىلىشى، تاغ كەلكۈنى، قاتارلىق قاتمۇقات قېيىنچىلىقلارنى يېڭىپ، ئاخىرى ئاپپاق قار بىلەن قاپلانغان ئاسمانغا تاقاشقىدەك، ئىگىز تاغ چوققىسىدا سۇ مەنبەسىنى تاپىدۇ. ئاخىرى كىشىلەر قۇملۇققا سۇ باشلايدۇ. يېڭى سۇ مەنبەسىگە ئېرىشكەندىن كىيىن بۇ يەر ياپيېشىللىق بوستتانلىققا ئايلىنىدۇ. بۇ فىلىم خەتەرلىك كۆرنۈشلەرنى ئاساس قىلغان ئەگرى-توقايلىق ئىچىدىن ئەگرى-توقايلىق، خەتەرلىك ھەركەت ئىچىدىن خەتەرلىك ھەركەتلەرنى كۈزۈتۈپ، فىلىمدىكى پىرسۇناژلار ئوبرازى بىلەن زىچ بىرلەشتۈرگەن. مەسىلەن: لى خۇي ئىسىملىك ئىنژىنىر قۇملۇقتا قار-بورانغا يولۇققاندا ئۆلۈمدىن قورقۇپ، ئۆزىنى قوغداش ئۈچۈن، خەرىتىنى يوقۇتۇپ قويىدۇ. بۇ ئارقىلىق ئۇنىڭ شەخسىيەتچى ۋە جاھىللىقىنى بايان قىلغان. تىخنىك خادىم جاڭجىن بولسا،كۆكرەك كىرىپ ئوتتۇرىغا چىقىپ، جان تىكىپ خەرىتىنى قوغدايدۇ. بۇ چاغدا قاتتىق بوران ئۇنى ئۇچۇرۇپ، قۇم دۆۋىللىرى ئىچىگە يىقىتىۋىتىدۇ. ياڭفا يېتىپ كەلگەندە جاڭجىن بىلەن خەرىتىنىڭ يوقاپ كەتكەنلىكىنى بايقاپ، قىلچە ئىككىلەنمەستىن شاۋجۇ بىلەن جاۋدايوڭنى باشلاپ، قاتتىق بورانغا قارىماي، ئۇنى ئىزدەيدۇ. ھەمدە ناھايىتى تەستە جاڭجىننى تاپىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بەدىنىنىڭ يېرىمى قۇملۇققا كۆمۈلۈپ كېتىدۇ. ئۆزى بولسا ھۇشىدىن كىتىدۇ. ئۇ قولىدا خەرىتىنى چىڭ تۇتقان پىتى ياتاتتى. ئۇلار دەرھال ئۇنى قۇتقۇزىدۇ. بۇ سىلىشتۇرما ئارقىلىق ھەر قايسى ئوبرازلارنىڭ ئېسىل پەزىلىتى ۋە چاكىنىلىقى ئىپادىلەنگەن. «قۇملۇقتىكى كۆرەش» فىلىمىگە مۇناسىۋەتلىك ئوبرازلارنىڭ ئىچىدە ياڭفا ئوبرازى ئەينى چاغدا نۇرغۇن بەس-مۇنازىرە قوزغىغان. «نۇر» گېزىتى ئەدىبىيات-سەنئەت تەتقىقاتى تىمىسىدىكى ماقالىسىدا بۇنىڭغا نىسبىتەن يەكۈن چىقارغان. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرىۋىلىشقا بولىدۇكى، بۇ فىلىم ئەينى ۋاقىتتا مەمىلكەت بويىچە خېلى چوڭقۇر تەسىر قوزغىغان نادىر فىلىم بولۇپ ھىساپلىنىدۇ. تەييارلىغۇچى- ئابدۇمىجىت مۇھەممەتئېلى
|