تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 355|ئىنكاس: 11

مەمتىمىن ھوشۇرغا ئوچۇق خەت

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

2

تېما

0

ئەگەشكۈچى

233

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
102
مۇنبەر پۇلى
125
ئىشەنىچ
102
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
      ئەسسالامۇئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك يازغۇچى تاغا:
   ئەزىز تېنىڭز ئامانمۇ؟رەڭگى روھىڭىز سامانمۇ؟يېزىقچىلىق ئىشلىرىڭىز ياخشىمۇ يا يامانمۇ؟
يېزىقچىلىق ئىشلىرىڭىزغا بەرىكەت تىلەش بىلەن بىرگە يېقىندا نەشىردىن چىققان ‹سالچىلار›رومانىڭزنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن.گەرچەبۇ رومانىڭىزنى ئوقۇش ماڭا ۋاقتىنچە نىسىپ بولمىغان بولسىمۇبىراق بۇ رومانىڭىزنىڭ ئىلگىرىكى ھېكايە رومانلىرىڭىزغا ئوخشاش جانلىق ھەم ئۆزگىچە ئىكەنلىكىگە ئىشىنىمەن.
   ئەمدى گەپنى قەيەردىن باشلىسام بولار؟ھە يەنىلا ئۆزۈمنى تونۇشتۇرۇشتىن باشلاي،مەن ئىقتىسادى ئوتتۇرا ھال ئائىلىدە تۇغۇلغان بىر دېھقان قىزى،ئۈچ ئوغۇلنىڭ ئىچىدە بىر قىز بولغانلىقىم ئۈچۈنمىكىن سەل ئوغۇل بالا مىجەزرەك چوڭ بولدۇم،دائىملا چوڭ چوڭ ئىشلارنى تەۋرەتسەم باشقىلارغا يۆلەك بولسام دەپلا ئويلايتتىم،بىراق ئەتراپىمدىكى دوستلىرىم مېنى سەل ساراڭراق،كاللىسىنىڭ بىرەر ۋېنتىسى كەمرەك دەپ بىلىدۇ،نېمىشقا دېسىڭىز دائىما كۈلۈپلا يۈرىمەن،ئۆزۈمدىن بەكرەك باشقىلارنى ئويلايمەن ،بەلكىم دەل مۇشۇ ئاقكۆڭۈل مىجەزىم مېنى شۇلارغا ساراڭ كۆرسەتسە كېرەك.ئىشقىلىپ بۇ ساراڭ مىجەزىم تاكى ھازىرغىچە ئۆزگەرمىدى،ئۆيدىكىلەرمۇ مېنىڭ زىيادە ئاقكۆڭۈللۈكىمدىن قاقشىسا دوستلىرىم مېنى دائىم  ئۆزۈڭنىمۇ ئويلاپ قويغىن دەپ ئاگاھلاندۇرۇپ تۇراتتى...........
   تۇنجى قېتىم سىزنىڭ ئەسىرىڭىز بىلەن ئۇچراشقان چېغىمدا ئەسەرنى ئوقۇۋېتىپ ئىختىيارسىز كۈلۈپ كەتكەنىدىم.چۈنكى ئەسىرىڭىزدىكى ئۇ ئاقكۆڭۈل ساراڭلارنىڭ بەزى گەپ-سۆز ھەم مىجەزلىرى ماڭا بەكمۇ ئوخشايتتى ھەتتا بىر مەزگىلگىچە سىزنى دائىم شۇنداق ئازمۇس گەپلەرنىلا يازىدىكەن، كاللىسىدا ئازراق چاتاق بار ئوخشايدۇ،يېزىۋېرىپ چېلىنىپ قالغان ئوخشايدۇ دەپمۇ يۈرگەنىدىم.‹قۇم باسقان شەھەر›رومانىڭىزدىكى سۈرىتىڭىزنى كۆرگەندىن كېيىن ئاندىن ئۆزۈمنىڭ قىلغان ئەخمىقانە خىياللىرىمنى ئويلاپ كۈلۈپ كەتكەنىدىم......
   ھېلىمۇ ئېسىمدە تۇللۇق ئوتتۇرىدىكى ۋاقتىمدا‹ئالتۇن چىشلىق ئىت›ناملىق ھېكايىڭىزنى ئۆتكەندە ئوقۇتقۇچىمىز ئەسەرنى ئۆزى شۇنچىلىك ھېسىياتلىق ئوقۇپ بەردىكى ھېكايىنى ئوقۇپ بولغۇچە سىنىپتىكى ساۋاقداشلار كۈلۈپ تىيەپ قالغان ئىدۇق.مەكتەپ ھاياتىمدىكى ئەڭ كۆڭۈللۈك ئۆتۈلگەن بىر سائەتلىك دەرىسمۇ شۇ بولغانىدى،دەرس ئاياغلىشىپ مۇئەللىمدىن ئەسەرنىڭ مەركىزى ئىدىيىسىنى يىغىنچاقلاپ بېرىشنى سورىغىنىمىزدا ئەدەيىيات ئوقۇتقۇچىمىز بىزگە قاراپ كۈلگىنىچە مەمتىمىن ھۇشۇرنىڭ ئەسەرلىرىدە تەسۋىرلەنگەن تىل ۋە قىياپەت تەسۋىرىنىڭ ئۆزىلا مەركىزى ئىدىيىسىگە يېتىپ ئاشىدۇ،ئەگەر بىلسەڭلار ئاپتور ئەسەردە ‹ساراڭ›لارنى تەسۋىرلەش ئارقىلق ئاتالمىش‹ساق›لارنىڭ ئەپتى-بەشىرىسىنى ئېچىپ بېرىدۇ،يازغۇچىنىڭ ھەممە ئەسەرلىرى شۇنداق، بىرقېتىم ئوقۇلىشىدا قىزىق تۇيۇلىدۇ بىراق قايتا-قايتا ئوقۇسا ئادەم كۈلكىنى قويۇپ چوڭقۇر خىيالغا پاتىدۇ دېگەنىدى.بەلكىم مۇئەللىمىمنىڭ شۇ گەپلىرىنىڭ تەسىرىدىنمىكىن سىزنىڭ ئەسەرلىرىڭىزنى ئوقۇشقا تولىمۇ ھېرىسمەن بولۇپ قالغانىدىم،شۇنىڭدىن ئېتىبارەن ھەتتا كوچىدىكى ساراڭلارنى كۆرسەممۇ گەپكە سېلىپ باققۇم كېلەتتى،ئەسىرىڭىزدىكى ساراڭلارنى دوراپ پات-پات ساراڭ توغىرلىق شېئىرمۇ يېزىپ قوياتتىم.
                                ساراڭ ساراڭ دېمە ساراڭ،
                                ساراڭ بولمىساڭ ساراڭ دەمتىم ساراڭ.
                                ساراڭ بولغاچقا ساراڭ دەيمەن ساراڭ،
                                ساراڭ سەندىن ياخشىراق ساراڭ.
ھەتتاكى دۆلەتلىك ئىمتىھانىمنىڭ ماقال-تەمسىل تەييارلىقىدىمۇ مەخسۇس ساراڭ توغىرلىق بىر نېمىلەرنى كۆپ يادلايتتىم.بىر قېتىم بىزگە مۇئەللىم ماقال-تەمسىل تاپشۇرىقى بۇيرىغاندا‹ھارۋىدا خوت يوق،ساراڭغا سوت يوق.باغلاقلىق ئىت ئوۋغا يارىماس،ساراڭ خوتۇن چېچىنى تارىماس.كاجنى بازار ئوڭشار،ساراڭنى مازار›دېگەندەك ماقىلىلارنى ئوقۇپ سىنىپتىكى ساۋاقداشلىرىمنى كۈلدۈرۈپ يىقىتىپ قويغانىدىم،شۇنداق ئازمۇس سۆزلەپ يۈرۈپ ئالىي مەكتەپ دەرىۋازىسىدىن ئاتلاپ ئاران بىر يىل بولغاندا ئائىلىدىكى ئىقتىساد تۈپەيلى ئوقۇشتىن چېكىندىم،شۇنداقتىمۇ يەنىلا شۇ ساراڭ مىجەزىمنى تاشلىمىغانىدىم،ھەمىشە باشقىلارنىلا ئويلايتتىم كىشى مېنىڭ دىلىمغا ئازار بەرسىمۇ مەن يەنە قارشى تەرەپ نېمە بولۇپ كەتكەندۇ دەپ ئۆزۈمنى قايرىپ قوياتتىم.تۇرمۇشلۇق بولۇپ بىر بالىغا ئانا بولغان ھازىرىقى ۋاقىتتىمۇ شۇ چاغلاردا دوستلىرىمنڭ مازاق قىلىشلىرى يەتمىگەندەك يولدىشىممۇ مېنى ساراڭ دەپ مەسخىرە قىلاتتى.چۈنكى ئۇنىڭ دېيىشىچە مەن زىيادە ئاقكۆڭۈل ئىكەنمەن ئۇنداق قىلسام ھازىرىقى رىقابەت دەۋىرىدە كىشىنىڭ ئالدام خالتىسىغا چۈشۈپ قالارمىشمەن............
     توۋا بۇلارنىڭ ھەممىسى ئىنسانغا خاس تۇيغۇغۇ ؟ئەجىبا يولدىشىم ئېيتقاندەك ئاقكۆڭۈللۈكنىڭ بازىرى راستىنلا كاساتمىدۇ؟.........
      بەزىدە ‹قىرلىق ئىستاكان›غا لىققىدە قارا چاي دەملەپ،‹ساراڭ›نىڭ خىيالىنى قىلىپ كۆزلىرىم ئۇيقۇغا بارىدۇ-دە،كاللام ھايت-ھۇيت دېگۈچە ‹بىغەملەر شەھىرى›دە سەيلە قىلىپ يۈرگەن بولىدۇ......‹چا خوراز›نىڭ سەت قىچقىرىشلىرى بىلەن تەڭ يەنە ئويغىنىپ كېتىمەن ئىچىمدە توختىماي چوقان سالىمەنۇ بىراق تېشىمغا چىقىرالمايمەن،بەزىدە ھەتتا ئىچىمدە ئويلىغان مونولوگلىرىممۇ دىئالوگ بولۇپ سىرتقا چىقىپ كېتىدۇ.......
     ئەسلىدى مەن بۇنداق ئەمەس ئىدىم تاغا،بىراق ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ ‹چىرايلىق› سۆزلىرى مېنى مۇشۇنداق ھاڭۋاقتى قىلىپ قويدى.قاقشىماڭ دەمسىز؟نېمىشقا قاقشىمىغۇدەكمەن؟نېمىشقا چېچىلمىغۇدەكمەن؟......نۇمۇس كۈچۈمنى يېڭىش ئۈچۈن كوچىلاردا بۇتۇلكا تېرىپ ئۆزۈمنى چېنىقتۇراي دەپ ئەمدى بىر قەدەم ئالغىنىمدا چوڭلارنىڭ يۈزىنى چۈشۈرگەن بولدۇم،كىچىك بىر ئۇكاشنى قۇتقۇزىمەن دەپ بېشىمنى يېرىۋالغىنىمدا بولسا نېمە كارىڭ ،ساراڭ بولدۇڭمۇ؟دېگەن ئېلھام سۆزلىرىگە ئېرىشتىم،مەھەللىمىزدىكى نېرىۋىسى ئاجىز كىشىلەرنى كۆرگىنىمدە سالام قىلىپ گەپ سورىغىنىم ئۈچۈن ساراڭ بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولغان بولدۇم،ماتماتىكا نەتىجەمنىڭ ئۆلچەمگە توشماسلىقىدىن ئەنسىرەپ پۈتۈن زېھنىم بىلەن ماتىماتىكا ئۆگەنگىنىم ئۈچۈن ساۋاقداشلىرىم ئارىسىدا‹ماتىماتىكا سارىڭى›دېگەن لەقەملەرگە ئېرىشتىم،ئالىي مەكتەپتە ئوقۇغان ۋاقتىمدا تۇرمۇش پۇلۇمنى يۈتتۈرۈپ قويۇپ ئۆز خىراجىتىمنى غەملەش ئۈچۈن مەكتەپ ئاشخنىسىدا بىر ئاي قاچا يۇيغىنىم ئۈچۈن نېمىنى كۆرسە قىلغۇسى كېلىدىغان ساراڭ دېگەن تاپا-تەنىلەرگە ھەمراھ بولدۇم،ئانىسى ئۆلۈپ قالغان قوزا بىلەن تەڭ يىغلىغىنىمدا بولسا ئىشەك ئۆلسىمۇ ھازا ئاچىدىغان ساراڭ بۇ دېگەندەك مەسخىرە سۆزلىرىگە مۇيەسسەر بولدۇم.........
     ئەمدى سىزگە ئىلتىماس يازغۇچى تاغا:
       مېنىمۇ ئاشۇ جاھانكەزدى سۈپۈرگە بىلەن بىغەملەر شەھىرىدىكى بىر توپ ساراڭلارنىڭ قېشىغا ئېلىپ كېتىڭ.نېمىشقا دەمسىز؟ ئاقكۆڭۈللۈك ساراڭلىق ئىكەن،كۆيۈمچانلىق ۋە مېھرىبانلىق ساراڭلىقكەن تاغا،بۇنداق ‹ئەقىللىق›كىشىلەرنىڭ ئاتالمىش ‹ساق›لىق سەپسەتىلىرى توغرا دېيىلىدىغان بولسا مەن بۇ بىر توپ ‹ساق›لار ياشاۋاتقان مەدەنىي جەمىيەتتە تۇرمىغۇدەكمەن،بۇ سەپسەتىلەر ماڭا ماس كەلمىگۈدەك.بىزلەر ساراڭلارنى كۆزگە ئىلمايدىكەنمىز،ئۇلارنى بىنورمال دەپ ياراتمايدىكەنمىز بىراق دەل بىز ‹چىرايلىق› ناملار بەرگەن ئاشۇ ئاتالمىش ‹ساراڭ›لارلا ھەقنى سۆزلەيدىكەن،ھەقنى كۆرىدىكەن،ئۇلاردا سوقۇۋاتقان،ئالغا ئىنتىلىۋاتقان يۈرەكلەرلا ئەسلى ھەقىقىي بىر ئىنسانغا خاس ئوتلۇق يۈرەك ئىكەن ئەمەسمۇ؟
    بۇنداق دېسەم بەلكىم مۇنبەرداشلىرىم ساراڭنى ماختىماقچىمۇ سىز دېيىشىڭلار مۇمكىن ؟نېمىشقا دەمسىز؟ساراڭلار بولسا بىلمەي قىلىدۇ،بىراق ئارىمىزدىكى ئاتالمىش ساقلار بولسا بىلىپ تۇرۇپ قىلىدۇ،ساراڭلار كىشىگە ئاداۋەت تۇتمايدۇ، بىراق ساقلار بولسا تېشىدا كۈلۈپ يۈرگىنى بىلەن ئىچىدە ئات يىلىدىن ئىشەك يىلىغىچە ئاداۋەت تۇتىدۇ،ساراڭلار شۈكرى قىلىشنى بىلىدۇ بىراق ساقلار خۇددى ئۆلمەيدىغاندەك ماق-دۇنيا يىغىدۇ......
    ئىلگىرى سىزنى نېمىشقا دائىم ساراڭ توغىرلىق بىر نېمىلەرنى كۆپ يازىدىغاندۇ دەپ ھەيران قالاتتىم،سەۋەبىنى ئەمدى بىلدىم،ئاتالمىش ‹ساق›لارغا قارىغاندا‹ساراڭ›لارنىڭ ئىچكى دۇنياسى سەل ‹ئاددى› بولىدىكەن ئەمەسمۇ؟!!
    نېمە كالۋادەك بىر نېمىلەرنى يېزىپ كەتتىم،بىلىپ تۇرىۋاتىمەن،بۇ ئەسىرىممۇ ئۆزۈمگە ئوخشاشلا ساراڭدەك يېزىلىپ قالدى،بىراق ئاساسى مەقسىدىم، مەنمۇ قولىڭىزدىكى قەلەمنىڭ سايىسىدە شۇ ئەسەرلىرىڭىزدىكى بىر توپ ساراڭلارنىڭ ئارىسىدا ياشىغۇم بار،كىشىلەر ئارىسىدىكى مېھىر-مۇھەببەت،ئىنسانىي پەزىلەت،ئۆزتىرىشچانلىقى بىلەن ھالاللاپ ياشاش،كۆيۈمچانلىق ۋە تەمەسىز ياردەم ئەتراپىمدىكىلەرنىڭ نەزىرىدە ساراڭلىق دەپ قارىلىدىغان بولسا ،بولدى ساراڭلا بولۇپ كېتەي .چۈنكى ساراڭ ئادەملەرلا ئەركىن دۇنيانىڭ ھەقىقى قەھرىمانى بولالايدىكەن،نېمە ئىش قىلغۇسى كەلسە خاتىرجەم قىلالايدىكەن،ھېچكىم ئىشلىرىغا ئارلىشىۋالمايدىكەن،ئاتالمىش غورور،ۋىجدان،ئابرويپەرەسلىكتىن خالىي ئىكەن ئەڭ مۇھىمى ساراڭغا سوت يوق ئىكەن ئەمەسمۇ؟!......تاغا دېسىڭىزچۇ؟ئەجىبا ئويلىغىنىم خاتامۇ؟قەلەملىرىڭىز بىلەن بىرگە  غەيۋەت-شىكايەتمۇ، ئاداۋەتمۇ بولمىغان،پەقەت سەمىمىي ياردەم ۋە ئىللىق كۈلۈمسىرەشلەرگىلا تولغان ‹ساراڭ›لار دۇنياسىغا كەتسەم  ئاشۇلار بىلەن بىرگە تىنىچ ياشىسام دەيمەن،ۋاراڭ-چۇرۇڭغا ،رەزىللىككە تولغان بۇ مەدەنىي جەمىيەتتىن تولىمۇ،تولىمۇ....زېرىكتىم،مېنىڭ راستىنلا ساراڭ بولغۇم بار تاغا؟!..............

يېزىقچىلىق ئىشلىرىڭىزغا مول ھوسۇل ھەم بەرىكەت تىلەپ ھۆرمەت بىلەن:
                           ‹قۇم باسقان شەھەر›ئەتراپىدىكى تارىم ۋادىلىرىدا ياشاۋاتقان توپا چىراي سەھرا قىزىدىن

                                       ھىجىرىيە 1435-يىلىدىكى مىلادى 12-ئاينىڭ 3-كۈنى.
                                                                                                                   شەھىرى ئاۋات
      مەنبە:ساراڭ كاللام.

7

تېما

0

ئەگەشكۈچى

306

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
104
مۇنبەر پۇلى
188
ئىشەنىچ
104
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
سالچىلار رومانى مەنمۇ ئوقودۇم  بىراق مەمتىمن ھوشور ئاكىمىزنڭ قەلىمى قېرىپ قاپتۇ...   بۇ مىنڭ ھېس قىلغانلىرىم

35

تېما

45

ئەگەشكۈچى

4840

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

真实姓名
مەخپى
تۆھپە
2368
مۇنبەر پۇلى
2248
ئىشەنىچ
2368
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مۇكاپاتقا ئىرېشكەن ئەسەر قايتا قايتا ئوقۇڭلار !!!!!!!!!!!!!!

3

تېما

21

ئەگەشكۈچى

3472

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

تۆھپە
1092
مۇنبەر پۇلى
1900
ئىشەنىچ
1092
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بايا مىسرانىمدا كۆرگەنتىم، ئادەمنى خېلى ئويغا سالدىكەن،
تەكبۇر ئەيلىمە ھەرگىز، سىنىڭدەكتىن كۇر مىڭى ئۆتكەن. سىنىڭدەكلە تۆرەلمەيمۇ، پەلەكنىڭ چەرقى چۆگىلەپ ئۆت...

4

تېما

0

ئەگەشكۈچى

360

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
124
مۇنبەر پۇلى
230
ئىشەنىچ
124
يوللىغان ۋاقتى 7 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش


     saq disem saqtek emes,
     saqiyim saq-saq   miding.
      eyitqili kongil sirimni sirdixim yoq
       sarangmu  we yaki eHmeh midim ....
       ras sozlep netche yerde,
       dil herej tartmapmidim...?


    el katipni yuttirip qoydim. set boldi .yerdem  qilidighanlar barmidu...

0

تېما

9

ئەگەشكۈچى

835

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

真实姓名
مارىگۈل . تۇداخۇن
تۆھپە
71
مۇنبەر پۇلى
688
ئىشەنىچ
71
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئلىخو يوللىغان ۋاقتى  2013-12-3 18:54
سالچىلار رومانى مەنمۇ ئوقودۇم  بىراق مەمتىمن ھوشور ئاك ...

يەنە بىر قېتىم ئوقۇڭ ! شۇندىلا ئۇنىڭ تارىخي قىممىتىگە قول قويىسىز ، ئاپتور بۇ ئەسەرنى يېزىش ئۈچۈن ئات بىلەن ئىلى دەريا ۋادىلىرىنى نەچچە كۈندە ئايلىنىپ چىققان ، مۇز داۋانغا بارغان ، نۇرغۇن ھايات سالچىلارنىڭ شاھىدلىرى بىلەن ئەسرالاشقان . ھازىرقى باللىرىمىز سالنىڭ نىمە ئىكەنلىكىنى بىلەمدۇ ؟ سالچىلارنىڭ باتۇر ، قارام ئەركەكلەردىن ئىكەنلىكىنى بىلەمدۇ ؟ ئەلۋەتتە بىلمەيدۇ ، بۇندىن كىيىنكىلەر تېخىمۇ بىلمەيدۇ ......ئارتۇق كەتكەن بولسا ئۆزىرلىكمەن .

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

143

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
64
مۇنبەر پۇلى
79
ئىشەنىچ
64
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
     راس دەيسىز maysa، مەنمۇ بەزىدە ئاشۇ ساراڭلاردىن باشقىلارغا ھىچ قانداق يامانلىق كەلمەيدۇ دەپ ئويلاپ  قالىمەن .   چۇنكى ئۇلار چىقىمچىلىقنى ،خوشەمەتنى،ئاداۋەتنى ،ئالدامچىلىقنى،دۇنيادىكى بارلىق رەزىلىكنى بىلمەيدۇ.ئەمما ياخشىلىقنىمۇ بىلمەيدۇ شۇڭا ساراڭ ئاتىلىپ قالغان. ماقالىنى بەك  ياىشى  يىزىپسىز.
     ماقالىڭىزغا مەمتىمىن ئاكىمىز جاۋاپ خەت يىزىپ  قالسا تورداشلارنىمۇ خەۋەرلەندۇرۇپ  قويارسىز - ھە!

7

تېما

0

ئەگەشكۈچى

306

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
104
مۇنبەر پۇلى
188
ئىشەنىچ
104
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
sapdel يوللىغان ۋاقتى  2013-12-4 11:20
يەنە بىر قېتىم ئوقۇڭ ! شۇندىلا ئۇنىڭ تارىخي قىممىتىگە  ...

مەنمۇ ئىلى دەرياسدا ئويناپ چوڭ بولغان دەريا بويدىكى سالچىنڭ ھەيكىلدكى بوۋاي مېنىڭ تاغام بولىدۇ .... بۇ كىتاپقا يازغان بىر ئەسەر بار يالقۇن روزۇنىڭ ...

0

تېما

9

ئەگەشكۈچى

835

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

真实姓名
مارىگۈل . تۇداخۇن
تۆھپە
71
مۇنبەر پۇلى
688
ئىشەنىچ
71
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئلىخو يوللىغان ۋاقتى  2013-12-4 15:50
مەنمۇ ئىلى دەرياسدا ئويناپ چوڭ بولغان دەريا بويدىكى س ...

بىر يۇرۇتلۇق ئىكەنمىز ، يالقۇن روزىنىڭ ئۇ ماقالىسنى مەن ئوقىغان . بەلكىم ئوخشىمىغان كىشلەرنىڭ بىر ئەسەردىن زوق ئېلىشى ئوخشاش بولماسلىقى مۈمكىن !

0

تېما

1

ئەگەشكۈچى

632

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
246
مۇنبەر پۇلى
396
ئىشەنىچ
246
يوللىغان ۋاقتى 6 كۈن ئالدىدا|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
مەنىسى چوڭقۇر تېما ئىكەن ! داۋاملىق مۇشۇندا ياخشى ئەسەرلەرنى يوللاپ يۇراسىز
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2013-12-10 03:47, Processed in 0.258386 second(s), 24 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش