ئايرىلغاندا
ئازادجان ئىبراھىم
كۆڭلۈڭ يېرىم بولىدىكەن ئايرىلغاندا. دوستۇڭ يىغلاپ بارىدىكەن ئايرىلغاندا. قاناتلىرىڭ سۇنىدىكەن ئايرىلغاندا. دۈشمەنلىرىڭ كۈلىدىكەن ئايرىلغاندا.
دۈشمىنىڭنىڭ چەتكە قېقىپ قوغلىغىنى، ياخشى كۈنلەر ساڭا نىسىپ بولمىغىنى، پىشانەڭگە بەخىت قۇشى قونمىغىنى، ساڭا ئەلەم قىلىدىكەن ئايرىلغاندا.
سەپەرقىلىپ يىراقلارغاكەتكەنلىرىڭ، دوست يارەننىڭ ئىشىكىدىن ئۆتكەنلىرىڭ ياخشى كۈننى ئىنتىزار بوپ كۈتكەنلىرىڭ، كۆزئالدىڭدا تۇرىدىكەن ئايرىلغاندا.
بىللە ئوقۇپ چوڭ بولغان ساۋاقداشلار، بىربىرىگە ھەمنەپەس تىلەكداشلار، يۇرتۇڭدىكى مىھرىبان قېرى ياشلار، خىيالىڭغا كېلىدىكەن ئايرىلغاندا.
يۇرتىڭغا ھۆسۈن قوشقان ئاشۇ باغلار، ئاسمان بىلەن بوي تالاشقان ئىگىزتاغلار، بىر چاغدىكى بەختىيار گۈزل چاغلار، ساڭا ئىلھام بېرىدىكەن ئايرىلغاندا،
دائىم سېنى سەپدىشىم دەپ يۆلىگەنلەر، ئۆزگىلەرگە سېنى يامان دېمىگەنلەر، ئۆمۈر بويى ساڭا بەخىت تىلىگەنلەر يىغلاپ قاخشاپ قالىدىكەن ئايرىلغاندا،
بىرنان تاپسا تەڭ بۆلۈپ يىيىشكەنلەر، سەن يوق يەردە سېنى ياخشى دىيىشكەنلەر، ئايرىلماسقا ساڭا ۋەدە بىرشكەنلەر، سېنى ئەسكە ئالىدىكەن ئايرىلغاندا.
ياخشىلارنىڭ گىپىگە كىرمىگەنلەر، يامان كۆرۈپ كۆزىگە ئىلمىگەنلەر، سېنىڭ قەدىر قىممىتىڭنى بىلمىگەنلەر، خىسلىتىڭنى بىلىدىكەن ئايرىلغاندا. |