ئوغلۇم، سەن ناھايىتى يىراققا سەپەرگە چىقماقچى بولۋاتىسەن ، ئاتا – ئاناڭ چۈشىدىمۇ كۆرۈپ باقمىغان گۈزەل بىر يۇرىتقا ئىلىم تەھسىل قىلغىلى مېڭىش ئالدىدا بۇ گەپلىرىمنى ئېسىڭدە مەھكەم ساقلىشىڭنى ئۈمىت قىلىمەن . ئوغلۇم ، سەن ئىچكىرىدكى تولۇق ئوتتىرا مەكتەپكە قۇبۇل قىلىنغانلىق ئۇختۇرۇشىنى تاپشۇرۇپ ئالغىنڭدا سېنىڭ كۆپ يىللىق بۇ ئارزۇيىڭنىڭ روياپقا چىققىنىدىن ھەممىمىز تەڭ خوشاللىققا چۆمدۈق ، سەن - ئاپا ، بىزدىن بىر تىيىمۇ ئوقۇش پۇلى ئالمايدىكەن ھەممە خىراجەتنى ھۆكىمەت ئۆز ئۈستۈگە ئالدىدىكەن دېگىنڭدە ئېسىمگە ئىككى دېڭىز توغىرسىدىكى ھېكايە كەلدى . « بىر يۇرىتتا ئىككى دېڭىز بار ئىكەن ، بىرسى بېلىقلار پىلتىڭلاپ ئۈزۈپ يۈرىدىغان تىرىك دېڭىز بولۇپ ئۇنىڭ شوخ بۇژغۇنلىرى دېڭىز قىرغاقلىرىغا ئۇرۇلۇپ تۇرىدىكەن .دېڭىز ساھىلىدىكى قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان بۈك – باراقسان دەل – دەرەخلەرنىڭ ئۇسسۇغان يىلتىزلىرى دېڭىز باغرىغا سوزۇلۇپ ، دېڭىز سۈيىدىن قانغۇچە ئىچەلەيدىكەن . كىشلەر بۇ دېڭىز بويىغا ئۆي ، قۇشلار ئۇۋۋا سېلشىپ جىمى ھاياتلىق مۇشۇ دېڭىز بولغاچقىلا بەختىيار تۇرمۇش كەچۈردىكەن . يەنە بىر دېڭىزدا بولسا ئۈزۈدىغان بېلىقلار ، شامالدا لەرزان لەيلەپ ئۇسۇل ئوينايدىغان يۇپۇرماقلارمۇ يوق ئىكەن ، قۇشلارنىڭ سايراشلىرىنى ئەسلا ئاڭلىغىلى بولمايدىكەن . بالىلارنىڭ خۇشال كۈلكە ساداسى ئەسلا ياڭىراپ باقمىغان بولۇپ كىشلەر قانچە ئالدىراش بولسىمۇ ، دېڭىز بويىدا مېڭىشنى خالىماي يولنى ئۆزگەرتىپ باشقا يول بىلەن ماڭىدىكەن . دېڭىز ئۈستۈدىكى ھاۋا دىمىق ، سۈيى ئۆلۈك بولۇپ ، ئادەم تۇرماق ئۇچار قۇش ، جان – جانۋارلارنىڭ ھېچقايسىسىمۇ بۇ سۇنى ئىچمەيدىكەن . بۇ ئىككى دېڭىزنىڭ ئارلىقى يىراق بولمىسىمۇ لىكىن ئۇلارنىڭ ئوتتۇرسىدىكى پەرىقنىڭ نىمىشقا بۇنچۋالا چوڭ ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدىڭمۇ ئوغلۇم ؟ ئەسلىدە ئىككى دېڭىزغا ئىقىپ كىرىدىغان دەريانىڭ سۈيى ،دېڭىز تۇرغان تۇپراق ، دېڭىز بويىدىكى يېزىلارمۇ ئوپمۇ – ئوخشاش ئىكەن . پەرىق ئالدىنقى دېڭىز ئېقىپ كىرگەن دەريا سۈيىنىڭ ھەممىسىنى ئۆزىنىڭ قىلۋالمايدىكەن بەلكى دەريادىن بىر تامچە سۇ ئېقىپ كىرسە شۇ بىر تامچە سۇنى باشقىلارغا بېغىشلايدىكەن . قۇبۇل قىلىش بىلەن بېغىشلاشنى تەڭ نىسبەتتە ئېلىپ بارىدىكەن . يەنە بىر دېڭىز بولسا ئۇ دەريا سۈيىنى ئىنتايىن بېخىللىق بىلەن پۈتۈنلەي ساقلىۋالىدىكەن ،باشقىلار ئۇنىڭغا قانچىلىق تەسىر قىلسىمۇ ئۇ يەنىلا جىمجىت تۇرۋالىدىكەن . بىر تامچە سۈيىنىمۇ سىرتقا چىقارمايدىكەن . دىمەك ئالدىنقى دېڭىز بېغىشلاشنى بىلگەچكە سۈيى تىرىك تۇرالىغان يەنە بىر دېڭىز بولسا بېغىشلاشنى خالىمىغاشقا ، كىشلەر ئۇنى «ئۆلۈك دېڭىز »دەپ ئاتىغان ئىكەن . بۇ دۇنيادا ئاشۇ ئىككى خىل دېڭىزغا ئوخشاش ئىككى خىل ئىنسانلار مەۋجۇت ئوغلۇم ! ئىنسان جەميەت ۋە دۆلەتنىڭ كەڭ دائىرلىك مەنپەئەتلىرى ئۈچۈن قانچىلىك پايدا يەتكۈزسە ، ئۇ شۇنچىلىك كاپالەتكە ئېرىشىدۇ .ھايات – قۇربان بېرىش ، يوقىتىش ، ئېرىشىش ، تەغدىم قىلىش دىمەكتۈر . ۋەتەن بولسا قوينى كەڭ ، مۇنبەت ئۇلۇغ دەريا ! مەن سېنىڭ ۋەتەندىن ئىبارەت ئانا دەريادىن قۇۋۋەت ئېلىپ غەمخورلىقىنى قۇبۇل قىلالايدىغان ، تۇرمۇشنى سۆيىدىغان شۇنداقلا قەلبىدىكى مىننەتتارلىق سۆيگۈسىنى ئىپادىلەشنى بىلىدىغان ۋەتەننىڭ چىن ھەقىقىي پەرزەنتى - تىرىك دېڭىز بولۇشۇڭنى ئۈمىد قىلىمەن . |