تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 44655|ئىنكاس: 78

ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى خىزمەت ئىستىلىنى ياخ...

 [ئۇلانما كۆچۈرۈش]

166

تېما

59

ئەگەشكۈچى

3481

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

真实姓名
نىجات نىياز ئېھسان
تۆھپە
709
مۇنبەر پۇلى
2225
ئىشەنىچ
709
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-5 15:06:32|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش توغرىسىدا ئون تۈرلۈك بەلگىلىمە چىقاردى

  
    چېڭ لىشىن خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم 25 – دېكابىر چۈشتىن كېيىن دائىمىي كومىتېت (كېڭەيتىلگەن) يىغىنى ئېچىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش، ئامما بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت باغلاش توغرىسىدىكى ئون تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم بەنگۇڭتىڭى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى بەنگۇڭتىڭىنىڭ دائىمىي كومىتېتنىڭ ئون تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇشنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنى قاراپ چىقىپ ماقۇللىدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنشيەن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
    يىغىن: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى پارتىيە 18 – قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، خىزمەت ئىستىلىنى يەنىمۇ ياخشىلاش، ئامما بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت باغلاش ئۈچۈن، ج ك پ 18 – نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ۋە يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىگە ئاساسەن، شىنجاڭنىڭ ئەمەلىيىتىگە بىرلەشتۈرۈپ چىقارغان ئون تۈرلۈك بەلگىلىمە ھەم يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىگە بىردەك قوشۇلدى.
    بۇ ئون تۈرلۈك بەلگىلىمە تۆۋەندىكىچە:
    1.ئۆگىنىشنى ئاڭلىق كۈچەيتىش
    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتى ئۆمۈرلۈك ئۆگىنىش ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، كوللېكتىپ ئۆگىنىش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشى كېرەك، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم مەركىزىي گۇرۇپپىسى ئادەتتە ھەر ئىككى ئايدا بىر قېتىم كوللېكتىپ ئۆگىنىش قىلىپ، ئۆگىنىش بىلەن ئىشلىتىشنى بىرلەشتۈرۈش، ئۆگەنگىنىنى ئىشلىتىشتە چىڭ تۇرۇشى كېرەك؛
    2.تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى ياخشىلاش
    دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى ئاساسىي قاتلامنىڭ 1 – سېپىگە ۋە ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ئارىسىغا چوڭقۇر چۆكۈپ، تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشى، ئاساسىي قاتلامغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ۋاقتى يىلدا 40 كۈندىن ئاز بولماسلىقى كېرەك. سەپەر تەييارلىقلىرى ئاددىي، ھەمراھلىرى ئاز بولۇشى، ئىلاج بار كوللېكتىپ ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ بېرىشى كېرەك؛ ھەمراھ بولۇپ بارىدىغانلارنى ئازايتىپ، قاتلاممۇ قاتلام ھەمراھ بولۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش كېرەك؛ كۈتۈۋېلىش ئاددىيلاشتۇرۇلۇشى، ھەرقانداق شەكىلدىكى قارشى ئېلىش مەزمۇنىدىكى پىلاكاتلار ئېسىلماسلىقى، ئامما قارشى ئېلىشقا، ئۇزىتىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلماسلىقى، مېھمانلارنى كۈتۈش ئۈچۈن پايانداز سېلىنماسلىقى، مەقسەتلىك گۈللەر تىزىلماسلىقى، مەخسۇس ئەدەبىيات – سەنئەت نومۇرلىرى تەشكىللەنمەسلىكى كېرەك. ئالدىن خەۋەردار قىلماسلىق، ئاساسىي قاتلامدىكى كادىرلار ۋە ئاممىنىڭ يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇۋەتمەسلىك كېرەك.
    3. يىغىن پائالىيەتلىرىنى ئاددىيلاشتۇرۇش
    يىغىن ئىستىلىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، يىغىن قېتىم سانىنى ئازايتىپ، يىغىن سۈپىتىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئاپتونوم رايون خاراكتېرلىك يىغىنلارنى ئاچقاندا ئىلاج بار تېلېۋىزىيە – تېلېفون شەكلىنى ياكى ۋىدىئو شەكلىنى قوللىنىش كېرەك. ئادەتتىكى خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇلما ۋە تەلەپ ئوتتۇرىغا قويۇلىدىغان يىغىنلارنى ئاچماسلىق كېرەك. ئاپتونوم رايوننىڭ نامىدا مەركىزىي شەھەردىن باشقا ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردە ئېچىلىدىغان ئاپتونوم رايونلۇق ياكى رايون خاراكتېرلىك يىغىنلارنى قاتتىق تىزگىنلەش كېرەك. يىغىننى قىسقا ئېچىش، سۆزنى قىسقا قىلىش، راست گەپ قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، قۇرۇق گەپ، قېلىپلىشىپ قالغان سۆزلەرنى قىلىشتىن ساقلىنىش كېرەك. تۈرلۈك لېنتا كېسىش، ئۇل سېلىش پائالىيەتلىرى ۋە تەبرىكلەش يىغىنى، خاتىرىلەش يىغىنى، تەقدىرلەش يىغىنى، كۆرگەزمە، مۇھاكىمە يىغىنى ھەم تۈرلۈك مۇنبەرلەرنى، ئاساسىي قاتلامغا يۈزلەنگەن تۈرلۈك تەكشۈرۈش، باھالاش، سېلىشتۈرۈش، ئۆلچەمگە يېتىش پائالىيەتلىرىنى ئەستايىدىل تەرتىپكە سېلىش ۋە قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك.
    4. ھۆججەت، قىسقا خەۋەرلەرنى ئىخچاملاش
    يېزىقچىلىق ئىستىلىنى ھەقىقىي ياخشىلاپ، ھۆججەت، قىسقا خەۋەرلەر سانىنى قاتتىق تىزگىنلەش كېرەك، قانۇن – نىزاملاردا ئېنىق بەلگىلەنگەن، تولۇق تېكىستى ئاشكارىلىنىپ گېزىتتە بېسىلغانلىرى، ماھىيەتلىك مەزمۇنى يوقلىرىنى، ئېلان قىلسىمۇ، قىلمىسىمۇ بولىدىغانلىرىنى بىردەك ئېلان قىلماسلىق، قىسقارتىشقا بولىدىغانلىرىنى چوقۇم قىسقارتىش كېرەك، تارماقلار ھۆججەت تارقىتىپ ھەل قىلالايدىغان بولسا بىرلىشىپ ھۆججەت تارقاتماسلىق كېرەك؛ تارماقلار بىرلىشىپ ھۆججەت تارقىتىپ ھەل قىلالايدىغانلىرىنى پارتكوم، ھۆكۈمەت قايتا ھۆججەت بېسىپ تارقاتماسلىقى كېرەك.
    5. زىيارەتكە چىقىش پائالىيەتلىرىنى قېلىپلاشتۇرۇش
    دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ چېگرادىن چىقىپ تەكشۈرۈش، زىيارەت قىلىش پائالىيەتلىرىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇش، قاتتىق تىزگىنلەش كېرەك. ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە بېرىپ تەكشۈرۈش پائالىيەتلىرىنى قاراتمىلىق ھالدا ئىنچىكە تەشكىللەش كېرەك. شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان ئۆلكە، شەھەرلەرگە بېرىپ خىزمەتلەرنى ئۇدۇللاشتۇرغاندا ئەمەلىي ئۈنۈمگە ئەھمىيەت بېرىش، ئادەم سانى ۋە قېتىم سانىنى قاتتىق تىزگىنلەش كېرەك. چەت ئەلگە زىيارەتكە چىقىش، رايون ئاتلاپ ئۆگىنىش، تەكشۈرۈشكە بارىدىغانلارنى كۈتۈۋېلىش، ئۇزىتىش مۇراسىمى ئۆتكۈزمەي، بىللە بارىدىغان خادىملارنى قاتتىق تىزگىنلەش كېرەك.
    6. مۇھاپىزەت خىزمىتىنى ياخشىلاش
    مەركەزنىڭ مۇھاپىزەت خىزمىتىگە ئائىت تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ساقچى كۈچلىرى ۋە ساقچى ئاپتوموبىللىرىنى ئىشلىتىشنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك. دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى سىرتقا چىققاندا قاتناشنى ئىدارە قىلماسلىق، يولنى قامال قىلماسلىق كېرەك. ھۆكۈمەت ئىشى پائالىيەتلىرىدە مۇھاپىزەت قىلىش ۋاقتىنى ئامال بار قىسقارتىش، ئادەملەرنى تارقاقلاشتۇرماسلىق، سارايلارنى تاقىماسلىق، نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت پائالىيەتلىرىنى توختاتماسلىق، چەكلىمەسلىك كېرەك.
    7. ئاخبارات خەۋەرلىرىنى ياخشىلاش
    خىزمەت ئېھتىياجى، ئاخبارات قىممىتى ۋە ئىجتىمائىي ئۈنۈمىگە ئاساسەن خەۋەر قىلىشقا بولىدىغان، بولمايدىغانلىقىنى قارار قىلغاندا، دائىمىي كومىتېت ئەزالىرىنىڭ ئادەتتىكى يىغىن ۋە پائالىيەتلەرگە قاتنىشىشىنى خەۋەر قىلماسلىق كېرەك. خەۋەر يازغاندا ئىخچام، ئەمەلىي بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، بەزىلىرىنى قىسقا خەۋەر قىلىپ بېرىش، بەزىلىرىنى ماۋزۇ خەۋەر قىلىپ بېرىش، ئۇنىۋېرسال خەۋەر قىلىپ بېرىشكە بولىدىغانلىرىنى ئايرىم خەۋەر قىلماسلىق كېرەك. ئاپتونوم رايون خاراكتېرلىك يىغىن خەۋەرلىرىنى ئىخچاملاش كېرەك. ئادەتتىكى خەۋەرلەرنى ئازايتىش كېرەك. مۇسىبەت پائالىيەتلىرى ۋە تۇغۇلغان كۈننى خاتىرىلەش توغرىسىدىكى خەۋەرلەرنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئىخچاملاش كېرەك. تور قاتارلىق يېڭى ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىش ئۈستىدە داۋاملىق ئىزدىنىپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومدىكى ئاساسلىق رەھبىرىي يولداشلارنىڭ ئامما بىلەن بولغان بىۋاسىتە ئالاقىسىنى كۈچەيتىش كېرەك.
    8.ماقالە ئورىگىنالىنى ئېلان قىلىشنى قاتتىق تۇتۇش
    ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشىدىن باشقا، دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى شەخسىي ئەسەرلىرىنى، نۇتۇق تېكىستلىرىنى ئاشكارا نەشر قىلدۇرماسلىقى، تەبرىك خېتى، تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتمەسلىكى، ماۋزۇ، بېغىشلىما، مۇقەددىمە يازماسلىقى، ئىجتىمائىي تەشكىلات ۋە ژۇرنال، مەتبۇئاتلارنىڭ پەخرىي خىزمىتىنى ئۈستىگە ئالماسلىقى كېرەك.
    9. ئىقتىسادچان – تېجەشلىك بولۇشنى قاتتىق يولغا قويۇش
    دائىمىي كومىتېت ئەزالىرى باشلامچىلىق بىلەن جاپا – مۇشەققەتكە چىداپ كۈرەش قىلىشى، ئىقتىسادچانلىق بىلەن ئىش بېجىرىپ ئىگىلىك تىكلىشى، ھەشەمەتچىلىك، سۆلەتۋازلىق، كۆپ يەپ، كۆپ ئىچىش، چېكىدىن ئاشقان ئىسراپچىلىققا قەتئىي قارشى تۇرۇشى كېرەك. مېھمانلارنى كۈتۈۋېلىش خىزمەت تامىقىنىڭ ۋاقتى 45 مىنۇتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك. جايلار، تارماقلار ئۇيۇشتۇرغان يىغىن پائالىيەتلىرى قىسقا، ئاددىي بولۇشى، زۆرۈر بولمىغان بۇيۇملارنى تارقاتماسلىق، خاتىرە بۇيۇم تارقىتىشنى قەتئىي چەكلەش كېرەك. رەھبەرلەرنىڭ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشى ۋە يىغىن پائالىيەتلىرىدىكى كۈتۈۋېلىش خىزمىتى بەلگىلىمىسىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، كۈتۈۋېلىش ئۆلچىمىنى ئۆستۈرمەسلىك، زىياپەت ئورۇنلاشتۇرماسلىق كېرەك. ئاپتونوم رايون تەۋەسىدىكى ھەرقايسى تارماقلار ھۆكۈمەت پۇلىغا ئۆزئارا زىياپەت بەرمەسلىكى كېرەك.
    10. پاك، تەلەپچان بولۇشتا چىڭ تۇرۇش
    رەھبىرىي كادىرلارنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى مەسئۇلىيەت تۈزۈمى ۋە ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتە پاك بولۇش توغرىسىدىكى بىر قانچە ئۆلچەمنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، بوشاڭلىق ۋە ئىسراپخورلۇق قىلىشتەك ناچار ئادەتلەرگە ئاڭلىق قارشى تۇرۇش كېرەك. باشلامچىلىق بىلەن ناچار ئۆرۈپ – ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش، توي – تۆكۈن، ئۆلۈم – يېتىم، تەبرىكلەش ئىشلىرىدا ئاپتونوم رايوننىڭ ئالاقىدار بەلگىلىمىلىرىنى قاتتىق ئىجرا قىلىش كېرەك. ئۆي، ئاپتوموبىل ئىشلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردە خىزمەت ۋە تۇرمۇش تەمىناتلىرىغا ئائىت بەلگىلىمىلەرگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ، ئىسراپچىلىق قىلماسلىق شەرتى ئاستىدا ئالماشتۇرۇش زۆرۈر بولغان ئاپتوموبىللارنى دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان داڭلىق ماركىلىق ئاپتوموبىللارغا تەدرىجىي ئالماشتۇرۇش كېرەك. تەشكىل ۋە ئاممىنىڭ نازارىتىنى ئاڭلىق قوبۇل قىلىپ، ياخشى ئىستىل ۋە غەيرەتلىك، تىرىشچان بولۇش روھىي ھالىتى ئارقىلىق ئۈلگە بولۇپ، خەلقنىڭ ئىشەنچىسىنى قولغا كەلتۈرۈش كېرەك.
    يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش، ئامما بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت باغلاش توغرىسىدىكى سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى يولداش شى جىنپىڭ باش شۇجىلىقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئۆزى ئۈلگە بولۇش ئارقىلىق خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاشقا باشلامچىلىق بىلەن ئىرادە باغلىغانلىقىنىڭ كونكرېت ئىپادىسى بولۇپ، پارتىيەمىزنىڭ پارتىيەنى قاتتىق باشقۇرۇش، خەلق ئۈچۈن ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئىرادىسى ۋە كۈچىنى تولۇق كۆرسىتىپ بەردى، خەلقنىڭ ئارزۇ – ئارمانلىرىنى ھۆرمەتلىگەنلىكى ۋە ئۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەردى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش، ئامما بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت باغلاش خىزمىتىگە باشتىن – ئاخىر يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، بۇ قېتىم چىقىرىلغان ئون تۈرلۈك بەلگىلىمە ۋە يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى پۇختا، كونكرېت بولۇپ، ئىستىل قۇرۇلۇشىنى قاتتىق تۇتۇشتىكى ئەمەلىي ھەرىكەتتۇر، ئۇ ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ھەرىكىتى چىن بولۇش، ئىستىلنى كۈچەپ ياخشىلاشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلىپ بەردى.
    يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: ئاپتونوم رايوندىكى ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ئومۇمىيەت ۋە ئىستراتېگىيەلىك يۈكسەكلىكتە تۇرۇپ، خىزمەت ئىستىلىنى ياخشىلاش، ئامما بىلەن قويۇق مۇناسىۋەت باغلاشنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇشى كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيەلىك رەھبىرىي كادىرلار بولۇپمۇ ئاپتونوم رايوندىكى رەھبىرىي يولداشلار ئۆزى ئۈلگە، ياخشى نەمۇنە بولۇپ، چىڭ تۇتۇپ، ئەمەلىيەلەشتۈرۈپ، ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئورنىتىشى كېرەك. نازارەت قىلىپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، شەكىلۋازلىقنىڭ ئالدىنى ئېلىپ، ئەمەلىي ئۈنۈمنى كۆزلەپ، ئامما ئەڭ ئېھتىياجلىق بولغان جايدىن باشلاپ ئىشلەپ، ئامما ئەڭ نارازى بولغان جايدىن باشلاپ ئۆزگەرتىپ، قاتتىق سىناقلارغا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان خىزمەت ئىستىلى ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ ھالقىما تەرەققىياتى ۋە ئۇزاق ئەمىنلىكىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تارىخىي ۋەزىپىنى تاماملاشنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىشى كېرەك.
    نۇر بەكرى، ئەركىن ئىمىرباقى، ئەسقەت كەرىمباي، چې جۈن، خۇاڭ ۋېي، شەۋكەت ئىمىن، نۇرلان ئابىلمەجىن، سۇڭ ئەيرۇڭ، جۇ خەيلۇن، بەي جىجيې، كۈرەش مەخسۇت، ئەركىنجان تۇراخۇن، خۇ ۋېي، شيۇڭ شۇەنگو قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.

21

تېما

37

ئەگەشكۈچى

7834

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

真实姓名
بۇغداي
تۆھپە
3068
مۇنبەر پۇلى
3602
ئىشەنىچ
3068
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-5 15:30:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ يازمىنى ئاخىرىدا   بۇغداي تەھرىرلىگەن. ۋاقتى  2013-1-5 16:12  

ياخشى بەلگىلىمىلەر ئىلان قىلىنپتۇ، بۇنىڭدىن خەلقمۇ خۇشال بولغۇسى!                                                                                                بەلگىلىمىلەرنىڭ تولۇق ئادىل ئىجرا قىلنىشى ئۈچۈن يۇقىرىدىكى رەھبەرلەرنىڭ،  كۆپرەك تەكشۈرۈپ كۆڭۈل بۆلۈپ تۇرشىنى ئۈمۈت قىلىمەن!!

باھا سۆز

korlayexamaktap بۇ ناھايتتى ياخشى بۇپتۇ ئاممنىڭ كۆڭلىدىكىدەكلا ئىش بۇپتۇ.  يوللىغان ۋاقتى 2014-7-22 01:14
پەزىلەتلىرىڭنىڭ قىممىتىگە تەمەننا قىلماي، ئۇنىڭ قىسمەتلىرىگە پەخەس بول.

18

تېما

8

ئەگەشكۈچى

1430

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
311
مۇنبەر پۇلى
856
ئىشەنىچ
311
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-5 15:49:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ بەلگۇلمە ئاساسى قاتلامغىمۇ ماس كىلىدىكەن بۇنى تۇۋەندىمۇ ئىجا قىلسا بۇلغۇدەك

باھا سۆز

korlayexamaktap مەن سابىجانغا ئەگەشتىم  يوللىغان ۋاقتى 2014-7-22 01:15

1

تېما

34

ئەگەشكۈچى

1706

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
0
مۇنبەر پۇلى
654
ئىشەنىچ
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-5 16:43:40|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يۇقرى رەكپىرى كادىرلار ياخشى ئۇگەنسىلا ئاساسى قاتلامدىكىلەر ياتلىۋالدۇ بۇنى.

باھا سۆز

korlayexamaktap دىگىنىڭىز ئەلۋەتتە راست مەنمۇ سىزدەك پىكىردە  يوللىغان ۋاقتى 2014-7-22 01:16
uqhun بۇ بەلگىلمە ياخشى تۇزۇلۇپتۇ،ئەمما تۆۋەندىكلەرگە قۇلىقىغا لابادا دىسىمۇ بىكار،  يوللىغان ۋاقتى 2013-7-20 00:07
ھاجىگۈل بۇ 8 تۈرلۈك بەلگىلىمە بەك ياخشى چىقىرىلىپتۇ. بىزنىڭ ئەقىللىق،دانە،خەلق پەرۋەر پارتىيەگە كۆپ رەخمەت.  يوللىغان ۋاقتى 2013-1-26 09:45

44

تېما

15

ئەگەشكۈچى

1538

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

真实姓名
ئىنكاس شاھى
تۆھپە
113
مۇنبەر پۇلى
660
ئىشەنىچ
113
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-5 16:53:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
3-4-10 قاتارلىقلار ماڭا بەك يارىدى .

باھا سۆز

korlayexamaktap نىفىت دگەندەك ماڭىمۇ 3 .4. 10 يارىدى  يوللىغان ۋاقتى 2014-7-22 01:17

0

تېما

3

ئەگەشكۈچى

320

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
65
مۇنبەر پۇلى
224
ئىشەنىچ
65
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-5 17:15:29|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خىزمەت ئېستىلى مۇشۇ بەلگىلمىگە ئاساسەن بولسا بەك ياخشى بۇلاتتى دەردىمىز بارلا چوڭ باشلىقلار بىلەن كۇرشۇپ تۇۋەندىكىدەك ئەرزىمىزنى ئۇقتىرالىساق ياخشى ئېدى ئەپسۇس كۇرەش تۇرمەيدۇ!!!!!
  بىزنى قۇتقاز!!!!!
«ھەققانىيەتچى ئادەم ۋە كادىرغا تەقەززا بولدۇم ئەپسۇس تاپالمىدىم»
بۇدىلو  9يىل ئىچىدە سورالمىدى قاتتىق ناھەقچلىقتا ئىختىزاتتىن ئايرىلدۇق، ھەي،     
دىلو مەزمۇنى :2004-يىلى1-ئاينىڭ27 -كۈنى دادۈي كادىرى ئايالىمنى ئاستىغا بېسىپ ئۇردى .......مىنىڭ باش قىسمىمغا ئېكى كالتەك ئۇرۇپ ئېغىر زەھمىلەندۈردى......بالامنى يۇشۇرۇپ ئۇرۇق تۇققانلارنى بالا ئىزدەشكە سالدى .....،رەقىپجان دوختۇر بىلەن تىل بىرىكتۈرۈپ تەكشۈرگەن« 1638-نۇمۇرلۇق سىتى رەسىمدە» مىڭەمگە قان چۈشۈش كىسەللىكلەر  ئىنىق كۈرۈنگەن بولسىمۇ، ساق دەپ دىئاگۇنۇز قويۇپ ،جىددى قۇتقۇزۇش  داۋالاشتىن مەھرۇم قويدى.........«ۋۇلايەتلىك سەھىيە ئىدارىسى» مۇشۇنداق .ئىشلارغا يول قويدى.... .«دادۈي كادىرلىرى »،بۇ يول قويغانلىقتىن پايدىلىنىپ   دوختۇرلۇق سالاھىتى يوق ئابلەتكە 12كۈن داۋالىغىلى سېلىپ ،تەكشۈرسەك ساق چىقتىڭىز .... تەدرىجى ئوڭشىلىپ كىتىسىز دەپ مىنى ئالدىدى....ئاقىۋىتى داۋاملىق داۋالىنىپ مۇشۇ مېيىپلىق ھالەتنى ساقلاپ قېلىشقا يەتتى....«ۋىلايەتلىك دختۇرخانا ،ئاپتۇنۇم ۋە بېيجىڭنىڭ مۇتخەسىسىسى جاۋاپكار  رېقىپجان دوختۇر» ئورتاقلىشىپ ،ئەينى ۋاقىتتا سول تەرەپ  مېڭىسىگە قان چۈشكەن ، سۇڭەك پارچە پارچە سۇنغان ، ئارقا مېڭەگە قان چۈشكەن ۋە ببېسىلىپ كەتكەن،داۋاملىق داۋالىنىپ مۇشۇ ھالەتنى ساقلپ  قالسۇن دەپ 2005- يىلى 4-ئاينىڭ 20 كۈنى يۇقاردا دىيىلگەن دىئاگۇنۇزنى قويدى.«شەھەرلىك ج خ ئىدارىسىنىڭ»  قانۇن دوختۇرى ئېغىر زەھمە دەپ باھالىدى،« شەھەرلىك سوت مەھكىمىسى »جاۋاپكارلاردىن مەتنىياز تۇرسۇننىيازنى ئېغىر زەھمىلەندۈرگەن دەپ  6يىللىق قاماق جازاسى بەردى ،«ۋىلايەتلىك سەھىيەئىدارىسى» ساق دەپ دىئاگۇنۇز قويغان رەقىپجان دوختۇرخانىسى  بىلەن مۇناسىۋىتى يوق دىدى،«قانۇننى» ئاياق دەپسەندە قىلدى ......« ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق سەھىيە نازارىتى» ئۇبۇلھەسەن ئابدۇكىرەمگە رەقىپجان دوختۇرنىڭ، دىئاگۇنۇز قويغان خىزمەتچى خادىمىنىڭ دوختۇرلۇق سالاھىيىتى يوق، ساق دەپ دىئاگۇنۇز  قويغان ،ئۇبۇلھەسەن ئابدۇكىرە منى12 كۈن داۋالىغان ئئابلەھەت مەمەتتوختىنىڭ دوختۇرلۇق سالاھىيىتى يوق ،سىلەر تەرەپ، كىلىشتۈرۈپ ھەل قىلىڭلار ،دەپ تەكشۈرۈش نەتىجىسىنى« ۋىلايەتلىك سەھىيە ئىدارىسىگە» چۈشۈردى، ئەپسۇس بىزنى كىلىشتۈرۈپمۇ ھەل قىلمىدى ...... ،«سەھىيە مىنىستىرى» رەقىپجان دوختۇر بىرلا سىتى رەسىمدە ئەينى ۋاقىتتا ساق دەپ دىئاگۇنۇز قويۇپ مېيىپ بولۇپ، بولغاندىن كىيىن، ئەينى ۋاقىتتىكى 1638-نۇمۇرلۇق سىتى رەسىمگە قاراپ ،مېڭىسىگە قان  چۈشۈش كېسەللىكلەرنى، جىددى قۇتقۇزۇش داۋالاشنى كىچىكتۈرۈپ ،ئۇقتۇرغانلىق ۋە دىئاگۇنۇز قويغانلىق ئۈچۈن، بىمارنىڭ قانداق تەلىپى بولسا ئورۇنداڭلار، قانۇننىڭ دىيىلگىنى بويىچە  سوراڭلار دەپ  ئۇقتۇرۇش چۈشۈردى «گوۋيەن بەنگۇڭتىڭى »مۇھىم قىزىل باشلىق 145 -نۇمۇرلۇق ھۆججىتىدە قانۇننىڭ دىيىلگىنى بويىچە سوراڭلار دەپ تۈۋەنگە ئۇقتۇرۇشنى چۈشۈردى ، « ۋىلايەتلىك سەھىيە ئىدارىسى» يۇقىرنىڭ  بۇ ئۇقتۇرۇش،ھۆججەتلىرىنى ، دۆلەتنىڭ تۈزۈم  قانۇنلىرىنى ئاياغ ئاستى  ۋە دەپسەندە قىلىپ ، بۇ چېتىلما جاۋاپكارلار بىلەن مۇناسىۋىتى يوق دەپ باھالاش چىقاردى.....« شەھەرلىك  سوت»« ۋىلايەتلىك سەھىيە ئىدارىسىنى» مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلمىغان  دەپ مەمۇرى داۋا قىلسۇن ،رەقىپ دوختۇرخانىسى ئۈستىدىن جاۋاپكارلىق بىكىتىلىپ بولغاندىن كىيىن ھەق تەلەپ داۋاسى قىلسۇن دەپ، بۇ دىلونىڭ راست يۇقىردا دىگەندەك،  راست ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈپ  424-نۇمۇرلۇق، ۋىلايەتلىك سەھىيە ئىدارىسىگە كۈچى يەتمىگەنلىك رەت قىلىش كىسىمى چىقاردى ،«ۋىلايەتلىك  ئوتتۇرا سوت »،شەھەرلىك سوتنىڭ تەپسىلى ئەمەلىيەتنى چىقارغان 424- نۇمۇرلۇق كىسمى كۈچكە ئىگە قىلىنسۇن ، دەپ  38-نۇمۇرلۇق رەت قىلىش كىسىمى چىقاردى ئاغزاكى بىز «ۋىلايەتلىك سەھىيە ئىدارىسى»بىلەن  تەڭ دەرىجىلىك ئورۇن كۈچىمىز يەتمەيدۇ شۇنىڭ ئۈچۈن رەت قىلدۇق دىدى ،«ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق يۇقۇرى سوت» تۈۋەن سوتنىڭ 424- 38 -نۇمۇرلۇق كىسىمى كۈچكە ئىگە قىلىنسۇن داۋاگەرنىڭ قانۇنى ھوقۇق  مەنپىئەتىنى قوغدىشى توغرا دەپ 167-نۇمۇرلۇق كىسىم بىلەن بۇ دىلونى رەت قىلدى .ئاغزاكى خەلىق ھۆكۈمىتىگە دەڭ دىدى ، «خەلىق ھۆكۈمىتى» ئەزىيەت خادىملىرى سوتقا چۈشكەن  ئەرىز گە بىز ئارلاشمايمىز دىدى ،«ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق رېندا»
2011-يىلى 7-ئايدا يۇقۇرى سوت قايتىدىن جاۋاپ بەرسۇن جاۋابىنى 2ئاي ئىچىدە  بىرىپ بولىشى  كېرەك  دەپ ھۆججەت يوللىغان ئىدى، ئەپسۇس جاۋابىنى بۈگۈنكى كۈنگە قەدەر يېزىقچە  بەرمىدى ،ئاغزاكى بۇ دېلو ئاخىرلاشتى تۈگىدى دىدى ،« ئاپتۇنۇم رايۇنلۇق رېندا »«سوت»جاۋاپ بەرمەي تۇرۇۋالسا يا ئۇرغىلى بولمايدىكەن ياكى تىللىغىلى بولمايدىكەن، بىز مۇ ساقلاپ  تۇردۇق سىلەرمۇ ساقلاپ تۇرۇڭلا دىدى ،
مەن شۇنداق پەرەز قىلدىمكى «خوتەن ۋىلايەتلىك سەھىيە ئىدارىسى»« رەقىپجان دوختۇر نىڭ ھوقۇقى»« يۇقىرى ئورۇنلارنىڭ ھۆججىتىدىنمۇ» «قانۇن تۈزۈمنىڭ ھۆرمەت ھوقۇقىدىنمۇ» «قانۇننى ۋەكىل سايلاپ  تۈزگەن ۋەكىللەرنىڭ »ھوقۇق ھۆرمىتىدىنمۇ چوڭ ئىكەنلىكىنى خىيالىمغىمۇ كەلتۈرۈپ باقماپتىكەنمەن ،ئەپسۇس  ئۇلارغا بۇ  دېلوغا ئاساسەن «مۇھىم ھۆججەت»  «قانۇننىڭمۇ»« باشلىقلارنىڭمۇ» كۈچى يەتمىدىغۇ !!!!!شۇڭا مەن بۇدۆ لەتتە
جىسمانى ھوقوقىمنى قوغدىيالمىدىم .....«دۆلەتنىڭ قانۇن تۈزۈمدىكى،پۈتۈن جاۋاپكارلىقنى داۋالاش ئاپراتى ئۈستىگە ئالسۇن  ۋە ،چىتىلما جاۋاپكارلانى چېتىپ    سوت ئېچىش كىرەك.دىگەن170-171-28-37-130-3-ماددا »قاتارلىق..... قانۇنى ھوقۇقىمنى ۋە ئەركىنلىكىمنى  قوغدىيالمىدىم !!!!!.«مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلاغا» «قانۇن »كۈچكە ئىگىمۇ؟ياكى قانۇنغا قارشى يەكۈنمۇ؟ دىگەن مەزمۇندا ئەرىز ئلتىماس بەرگەن ئىدىم ،جاۋاپ ئالالمىدىم ،،شۇڭا قانۇن تۈزگۈچى ۋەكىللەر نەدە،توغرىنى توغرا!خاتانى خاتا دەيدىغان« باشلىق كادىر» نەدە؟؟؟تاپالىغان  بولسام،
بىز خوتەن شەھەر لاسكۈي بازار ئاقتاش كەنىت 9-مەھەللە469-نۇمۇرلۇق ئۆيدە ئولتۇرۇشلۇق، ئۇبۇلەسەن ئابدۇكېرەمنىڭ قىيىنچىلىقتا قالغان ئائىلىسنىڭ بۇ داۋاسىنى سوراپ، قۇتقاز غان بۇلاتتى.ئەپسۇس تاپالمىدىم....
بۇ دېلونىڭ پۈتۈن دەلىل ئىسپاتلىرىنى يۇقاردا دىيىلگەن، سوت مەھكىمىسىنىڭ
  424-38-167- كىسىمىدە تەپسىلى راست ئىكەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ، دەلىل ئىسپاتنى تورغا   بىللە يوللاي دىگەن ئىدىم  ئەپسۇس نەدىن يوللاشنى بىلەلمىدىم ياردەم قىلىشىڭلارنى ئۈمىد   قىلىمەن .
بىز 9يىل جەريانىدا ھەر جەھەتتىن چىقىم تارتىپ ئىختىزاتتىن ئايرىلىپ ۋەيران   بولدۇق شۇڭا بىزگە ھەر جەھەتتىن ياردەم قىلىش بىلەن بىرگە توغرىنى توغرا خاتانى خاتا  دەپ  ئىنكاس قايتۇرۇپ بىرىشىڭلارنى چىن كۆڭلۈمدىن ئۈمىد قىلىمەن دەپ  بۇتىمىنى يازغۇچى داۋاملىق داۋالىنش ۋە مېيىپ بولۇپ قالغان داۋا قىلىپ ئۈرۈمچىدە سەرسانە يۈرگەن  ئۇبۇلھەسەن  ئابدۇكىرەم
تېلىفۇن :13150498983
QQ:1843064220

باھا سۆز

korlayexamaktap 10نۇمۇر  يوللىغان ۋاقتى 2014-7-22 01:18

4

تېما

26

ئەگەشكۈچى

5490

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
1549
مۇنبەر پۇلى
3474
ئىشەنىچ
1549
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-5 18:03:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بەلگىلمىغۇ ياخشىكەن، لىكىن تۆۋەندە ئىجرا بولمىغى تەسمىكى دەيمە.
تەكبۇر ئەيلىمە ھەرگىز، سىنىڭدەكتىن كۇر مىڭى ئۆتكەن. سىنىڭدەكلە تۆرەلمەيمۇ، پەلەكنىڭ چەرقى چۆگىلەپ ئۆت...

82

تېما

15

ئەگەشكۈچى

2029

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
337
مۇنبەر پۇلى
897
ئىشەنىچ
337
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-5 18:22:14|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى بەلگىلىمىلەر ئىلان قىلىنپتۇ، بۇنىڭدىن خەلقمۇ خۇشال بولغۇدەك ئەمدى.

باھا سۆز

korlayexamaktap ئاممىنىڭ كۆڭلىدىكىدەك ئىش بۇپتۇ  يوللىغان ۋاقتى 2014-7-22 01:18
ئالمىزاردىكى دوسلار ياخشىمۇ سىزلەر.مەن ھەممىڭلار بىلەن دوس بولماقچى.قىتىلىشىڭلارنى ئۈمۈت قىلىمەن.

25

تېما

28

ئەگەشكۈچى

6618

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
2336
مۇنبەر پۇلى
3687
ئىشەنىچ
2336
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-5 18:50:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
       بۇ بەلگىلىمە ناھايىتى ياخشى بوپتۇ ، بولۇپمۇ 2- ، 3- ، 6- ، 7- ، 9- ماددىلىرى ئىنتايىن ياخشىكەن ،
ئەمدىكى گەپ بۇ بەلگىلىمىلەرنىڭ ھەقىقى ھالدا ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇش-ئاشۇرۇلماسلىقىدا قالدى .

باھا سۆز

korlayexamaktap مەنمۇ سىز دىگەندەك 3..4 .9 .10 لەرنى ياقتۇردۇم.  يوللىغان ۋاقتى 2014-7-22 01:20

114

تېما

39

ئەگەشكۈچى

9919

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
3637
مۇنبەر پۇلى
4711
ئىشەنىچ
3637
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-5 21:08:19|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
خەلقنىڭ كۆڭلىگە ياقىدىغان  بەلگىلىمىلەركەن. گەپ ئىجرا قىلنىشتا قالدى.  

باھا سۆز

korlayexamaktap دېھقانلار مۇنداق دەيدىكەن :مەركەزنىڭ سىياسىتى ياخشى ناننى پۈتۈن ئەۋەتسە، بىز بار يەرگە كەلگىچە ئاز قال....  يوللىغان ۋاقتى 2014-7-22 01:23
korlayexamaktap تۇردى ئەبەيدۇللا توغرا ئېيتتىڭىز ئەمدىكى گەپ ئەمەل قىلىشتا قالدى  يوللىغان ۋاقتى 2014-7-22 01:21
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2015-3-19 02:30, Processed in 0.121405 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش