- تىزىملاتقان
- 2013-2-20
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-20
- ھوقۇقى
- 30
- جۇغلانما
- 305
- نادىر
- 0
- يازما
- 63
 
- تۆھپە
- 118
- مۇنبەر پۇلى
- 163
- ئىشەنىچ
- 118
| پاشا چاقسا ئەيدىز يۇقمايدۇ ، بۇ نۇقتا ئىككى تۈرلۈك تەتقىقات نەتىجىسى ئارقىلىق ئىسپاتلانغان. بىرىنچىسى، تەجرىبىخانىدىكى ئىلمىي تەتقىقات نەتىجىسى: ئەيدىز ۋىرۇسى پاشا تېنىدە ياشىيالمايدۇ ، چۈنكى ئەيدىز ۋىرۇسى ئۇلارنىڭ تېنىدە ئوزۇقلۇق قاتارىدا ھەزىم بولۇنۇپ كېتىدۇ. پاشىنىڭ ئاغزى ئارقىلىق ئادەم بەدىنىگە كىرگەن ئەيدىز ۋىرۇسىنىڭ مىقدارى ئادەمنى يۇقۇملاندۇرۇشقا قەتئىي يەتمەيدۇ. پاشىنىڭ قان شورىشى بىلەن شۆلگەي چىقىرىشى ئايرىم- ئايرىم ئىككى نەيچە ئارقىلىق ماڭىدۇ، شورالغان قان تاق يۆنىلىشلىك بولۇپ، ھەرگىز قوشۇپ چىقارمايدۇ، بۇنىسى شىپرىسنى تومۇرغا ئۇرغانغا ئوخشىمايدۇ. شۇڭا پاشا ئادەمنى چاققاندا، قورسىقىغا سۈمۈرۈپ بولغان قاننى ھەرگىزمۇ قايتىدىن قۇسۇپ چىقىرىپ ئادەم بەدىنىگە كىرگۈزمەيدۇ. ئىككىنچىسى، ئەيدىزنىڭ ئېپىدىمىلوگىيىلىك تەتقىقات نەتىجىسى: ئەيدىز يۇقۇمى باشلانغاندىن تارتىپ تا ھازىرغىچە، يۇقۇش يولى پەقەت ئۈچ خىللا، يەنى قاندىن، جىنسىيەتتىن ۋە ئانىدىن بالىغىلا بولۇپ كەلدى. گەرچە يۇقۇملانغۇچىلار ئاتا- ئانىسى ۋە قېرىنداشلىرى بىلەن ئۇزۇن يىل بىللە ياشىسىمۇ، لېكىن پاشا چېقىش ئارقىلىق بۇ تۇققانلىرىغا يۇقۇپ قالىدىغان ئەھۋال كۆرۈلۈپ باقمىدى.
|
|