تەڭرىتاغ مۇنبىرى بارلىق مۇنبەرداشلارنىڭ يېڭى يىلىنى قىزغىن تەبرىكلەيدۇ
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم ھۆرمەتلىك مۇنبەرداشلار، ياخشىمۇسىلەر، مەن تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى، تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى شۇنداقلا تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مىكروبىلوگىدا سىلەر ئۈچۈن جان كۆيدۈرۈپ خىزمەت قىلىۋاتقان بارلىق مۇخبىر، مۇھەررىر، تەرجىمان، تېخنىكلارغا ۋاكالىتەن سىلەرنىڭ يېڭى يىلىڭلارنى چىن كۆڭلۈمدىن تەبرىكلەيمەن، يېڭى يىلىڭلارغا مۇبارەك بولسۇن! كونا يىلنى ئۇزىتىپ، يېڭى يىلنى كۈتۈۋېلىۋاتقان پەيتتە ھەممەيلەن ئوتلۇق ھاياجان ئىلكىدە بۇ بىر يىللىق تۇرمۇش، ئۆگىنىش، خىزمەتلىرىمىز ئۈستىدە ئەستايىدىل ئويلىشىپ، يېڭى يىللىق تۈرلۈك پىلان، نىشانلارنى تۈزمەكتىمىز. 2012-يىلى تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى جۈملىدىن تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى ئۈچۈن ئېلىپ ئېيتقاندا نۇرغۇن پۇرسەتلەرگە، رىقابەتكە تولغان بىر يىل بولدى، مۇنبەرنىڭ يوقلۇقتىن بارلىققا كېلىپ، كىچىكلىكتىن چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، مۇنبەردىكى ئەزالارمۇ بارغانسېرى كۆپەيدى، بۇ خىل ئەھۋال ھەممىمىزنى خۇشال قىلماي تۇرالمايدۇ ئەلۋەتتە. مۇنبەرداشلارنىڭ ئورتاق تىرىشىشى، تۈرلۈك سەرخىل، نادىر تېمىلارنى يوللىشى، تەڭرىتاغ مۇنبىرىنى كۆرگەنلا جايىدا تەشۋىق قىلىپ، ئۆزىنىڭ تور دۇنياسىدىكى باغچىسى دەپ تەرىپلىشى بىزدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى، ھەممىمىز ھاياجانلاندۇق، تەڭرىتاغدىكى مۇنبەرداشلاردىن ئالەمچە سۆيۈنۈپ، ئۇلارغا مانا مۇشۇنداق ئۆز ئىقتىدارىنى جارى قىلدۇرىدىغان، ئۆز-ئارا پىكىر ئالماشتۇرىدىغان بىلىم سورۇنى ھازىرلاپ بەرگەنلىكىمىزدىن پەخىرلەندۇق. بۇ يەردە مۇنبەرداشلارنىڭ بىزنى يەنە بىر قېتىم قوللىغانلىقىغا، بىزگە يېقىندىن ياردەمدە بولۇپ، مۇنبەرنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن كۈچ چىقارغانلىقىغا چىن كۆڭلىمىزدىن رەھمەت ئېيتىمىز. 2012-يىلى بىز بىلەن مەڭگۈلۈك خوشلىشىش ئالدىدا تۇرماقتا، يېڭى يىلنى قانداق كۈتۈۋالىمىز، قايسى ھەرىكىتىمىز، قايسى مەنىلىك ئىشىمىز بىلەن كۈتۈۋالىمىز بۇ بىزنىڭ ھەممىمىزنىڭ ئويلىشىدىغان مۇھىم مەسلىلىرىنىڭ بىرى. شۇڭا مەن يەنە بىر قېتىم تەڭرىتاغ تورىدىكى بارلىق ئىشچى-خىزمەتچىلەرگە ۋاكالىتەن مۇنبەرداشلارنىڭ يېڭى يىلدا قىلىدىغان ئىشلىرىنى ياخشى پىلانلىشىنى، 2013-يىللىق خىزمەت، ئۆگىنىش پىلانلىرىنى ياخشى تۈزۈشىنى، يېڭى يىلنى يېڭىچە قىياپەت، يېڭىچە ئوبراز بىلەن باشلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى بىر ياش ئۈچ ئايلىق بولدى، مەن داۋاملىق مۇنبەرلەرنىڭ قۇرۇلۇشىنى يېڭى تۇغۇلغان بوۋاققا ئوخشىتىمەن، مۇنداقچە قىلىپ ئېيتقاندا، تەڭرىتاغ مۇنبىرى دەسلەپكى قۇرۇلغان ۋاقىتتىكى ئانىسى سۈت بەرمىسە قورسىقى ئاچ قالغان بالىغا ئوخشاش باشقۇرغۇچىلارنىڭ كۈندە دېگۈدەك مەزمۇن تولۇقلاپ، ئەزا جەلىپ قىلىپ، ئەزالارنى تېما يوللاشقا يېتەكلىشىگە ئېھتىياجلىق بولدى. مانا مۇنبەر بۈگۈنكى كۈنىدە بىر ياش ئۈچ ئايلىق بوۋاققا ئايلىنىپ، ئاتا-ئانىسىنىڭ ياردىمىسىزمۇ تەمتىلەپ مېڭىپ كېتىپ بارماقتا. مەن نېمە ئۈچۈن بۇ يەردە بۇ گەپنى قىلىمەن دېسەڭلەر، تەڭرىتاغ مۇنبىرىدىكى ھەر بىر ئەزا مۇشۇ بوۋاقنىڭ ھۈجەيرىسى، بوۋاقنىڭ ساغلام، تېمەن ئۆسۈپ يېتىلىشى بولسا، ھەر بىر ئەزا يەنى ھەر بىر ھۈجەيرىنىڭ ئاكتىپ رول ئوينىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك. بىر يىلدىن ئارتۇق ۋاقىت ئىچىدە بىز ۋە سىزگە ئوخشاش نۇرغۇنلىغان ئاكتىپ ھۈجەيرىلەر بوۋاقنى ئورنىدىن تۇرۇپ ماڭالايدىغان قىلدى، شۇنىڭغا ئىشىنىشىمىز كېرەككى، ئەزالارنىڭ تىرىشچانلىقى نەتىجىسىدە بۇ بوۋاق كەلگۈسىدە ئۇچقاندەك يۈگۈرگۈسى! تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرىنىڭ بۇ بىر يىللىق قىسقىچە ئەھۋالىنى چۈشەندۈرمىسەممۇ مۇنبەرگە ئىزچىل كۆڭۈل بۆلۈپ كېلىۋاتقان مۇنبەرداشلار ئوبدان بىلىدۇ، مۇنبەرنىڭ ئەھۋالىنى كۈنسايىن ياخشىلىنىۋاتىدۇ دېيىشكە بولىدۇ. ئەمدى تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى 2013-يىلنى زادى قانداق ئۆتكۈزۈشى كېرەك؟ زادى قايسى يولدا مېڭىپ، ۋە ياكى بىر ياش ئۈچ ئايلىق بوۋاقنى زادى قانداق تەربىيەلەش كېرەك دېگەن مەسىلە ئوتتۇرىغا چىقىدۇ، چۈنكى تور دۇنياسىدىمۇ رىقابەت ۋە خىرىس بارغانسېرى چوڭلاۋاتىدۇ، چوڭ تور بېكەتلىرى كىچىك تور بېكەتلىرىنى قوشۇۋېلىش، ئىقتىساد ئارقىلىق تورداشلارنى جەلىپ قىلىش ئەھۋاللىرى كۆپىيىپ، ھەر قايسى تور بېكەتلىرى ۋە مۇنبەرلەر ئوتتۇرىسىدىكى رىقابەتمۇ كەسكىن بولۇۋاتىدۇ. مەن ھايۋاناتلار دۇنياسى پېروگراممىسىنى كۆرۈشنى ناھايىتى ياقتۇرىمەن، چۈنكى ئۇنىڭدا كۆپىنچە ۋاقىتتا ئاجىزلارنىڭ كۈچلۈكلەر تەرىپىدىن ھالاك قىلىدىغانلىقى سۆزلىنىدۇ، دېمىسىمۇ بۇ ناھايىتى تەبىئىي ئەھۋال. شۇڭا مۇنبىرىمىز ئۈچۈن 2013-يىلدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش، مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇشلا ئەمەس بەلكى ئۇيغۇر تور مۇنبەرلىرى ئارىسىدىكى نوپۇزلۇق ئىناۋىتىنى ساقلاش، تېمىلارنىڭ سۈپىتىنى ياخشىلاش، ئىقتىدارلىق ئۇيغۇر زىيالىيلىرىنى مۇنبەرگە باشلاپ كىرىش... قاتارلىقلار بىزنىڭ خىزمەت نىشانىمىزدۇر. ئەڭ ئاخىرىدا ھەممىڭلارنىڭ يېڭى يىلىغا مۇبارەك بولسۇن، تېنىڭلار سالامەت، ئىشلىرىڭلار ئوڭۇشلۇق بولسۇن! يېڭى يىلدا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، مۇنبىرىمىزدىكى ئەزالىرىمىزغا يەتكۈزۈشنى ئۇنتۇپ قالمىغايسىز، شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، تەڭرىتاغ مۇنبىرى 2013-يىلىمۇ سىز بىلەن بىللە !!!
|