تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 2812|ئىنكاس: 64

مېنى كەچۈرەلەمسەن؟(ھېكايە)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

1

تېما

4

ئەگەشكۈچى

130

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
0
مۇنبەر پۇلى
86
ئىشەنىچ
0
يوللىغان ۋاقتى 2012-12-31 13:21:38|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                         
-قىزىم ناشتىلىقىڭىزنى يەپ ئاندىن مېڭىڭ !!!
-بولدى ئاپا ،كېچىكىپ قالىمەن ...)
-بالدۇرراق تۇرسىڭىز مۇشۇ ئىش يوق ، قىز بالا بۇنداق ۋاقچە قوپسا بولمايدۇ ...بەخىتسىز بولۇپ قالىدۇ،
, rئاپامنىڭ گېپىنىڭ ئاخىرنى ئاڭلىمايلا ماشىنىنى قوزغىتىپ كېتىپ قالدىم .
-ئۇھ !!ھەنېم بولسا دادام يوق، بولمىسا كۆزى بىلەنلا بىر تەرەپ قىلىۋېتەتتى مېنى ،،،ئاللاغا چەكسىز شۈكرى ،،،خەپ بۈگۈندىن باشلاپ بالدۇر ئۇخلىمايدىغان بولسام ، يا روزا تۇتالمىدىم ،مەنمۇ ئادەممۇ ئەمدى ...# + y8 N
    شۇ خىياللار بىلەن دۇكانغا قانداق كېلىپ قالغىنىنىمنى بىلمەي قاپتىمەن، قورسىقىمنىڭ ئاچقىنىغىمۇ پەرۋا قىلماي ماللارنى ساناپ ئۆتكۈزۈشكە باشلىدىم . ئاندىن دۇكاندىكى قىزغا رەتلەپ ئېسۋېتىشنى تاپشۇرۇپ قويۇپ بىر نەرسە يېۋىلىش ئۈچۈن سىرىتقا ماڭدىم .تۇيۇقسىز كاللامغا ‹روزا ›دېگەن ئۇقۇم كەلدىدە قەدىمىمنى توختاتتىم
-روزا تۇتماڭ بىر ، يەنە قانداق خىجىل بولماي سىرىتتا نەرسە يەيمەن ، تويە مانا ھۇرۇنلۇق قىلغانغا يۈر ئەمدى مۇشۇنداق يا روزا ئەمەس يا كوزا ئەمەس ...0 }, Y( K
    شۇنداق جاپا مۇشەققەتتە كەچ قىلدىم . كەچلىك تاماقنى قىزارماي ئولتۇرۇپ يېدىمدە ئاپامنى خاتىرجەم قىلىپ ماشىننى توختىتىش ئورنىغا ئەكىرىۋېتىپ كومپىيوتېر ئالدىغا كېلىپ ئولتۇردۇم.
,
    نېمە قىلشىمنى بىلمەي كوت - كوتۇمنى ئېچىپ ئۇنى - بۇنى كۆرۈپ ئولتۇرسام تۇيۇقسىز بىرسىنىڭ قوشۇۋېلىش توغرىسىدىكى ئۇچۇرى كەلدى .
    ئىسمىنى غەلىتە ھەرپلەر بىلەن يېزۋالغان بۇ كىشىنىڭ ئارخىپىنى كۆرسەم نەلىكلىكىنىمۇ يازماپتۇ،
‹بوپتۇلا قاچىلاپ قوياي ،قارغاندا ماڭا ئوخشاش زېرىكىپ ئولتۇرغان بىرسى ئوخشايدۇ ~~› ئۇنى قاچىلىدىمدە چىشلىرنى چىقرىپ تۇرغان چىراي ئىپادىسدىن بىرنى ئەۋەتتىم.  
-سەن كىمۇ ؟  سالام-سائەتسىز ھەم قوپال قايىتقان بۇ جاۋاپتىن بەك ھەيران قالدىم ھەم ئاچچىقىم كەلدى ..
-سەن كىمۇ ؟ئۆزۈڭ مېنى قاچىلاپتىكەنسەن ؟يەنە كىمۇ دەيسەنغۇ ؟ئادەممۇ سەن نېمە ؟
.
بۇنداق يەرلەردە ھەرگىز بوش كەلمەيتىم *
---ئۇنىڭدىن ھىچقانداق جاۋاپ قايىتمىدى ..
‹ھالىنى بۇنىڭ ...نېمە نېرۋامغا تېگىدۇ ،ساراڭ ..› ئۇنى يۇيۇپ چىقىرىۋەتمەكچى بولدۇم ،لېكىن تۇيۇقسىز ئۆچۈپ قالغان توك مېنى ئۇ ئارزۇيۇمغا يەتكۈزمىدى ..
    ئامالسىز يېتىشقا مەجبۇر بولدۇم ، "كۈنلىرىمنىڭ ئالدىراشچىلىقى بىلەن ئۇ كۈنكى ئىشلارنى ئۇنتۇپ كېتىپتىمەن ..يەنە زېرىكلىشلىك مېنۇتلىرىم باشلاندى .كوت-كوتۇمنى ئاچتىم .تۇيۇقسىز ئەۋەتىلگەن بىر تال قىزىل گۈل دىققىتىمنى تارتتى ..قارىسام ئۆتكەنكى توڭ مۇز ساراڭكەن ..
    -كىمۇ سەن ؟  ئەلۋەتتە ئېسىمدە ئۆتكەنكى تاپشۇرۇپ ئالغان ئېچىنىشلىق جاۋابىم ،شۇنىڭ بىلەن مەنمۇ ئۇنىڭغا بۇ تېگىشلىك جاۋابنى قايتۇردۇم ..
-دىلزات مەن ...سىزچۇ ؟
قايىتقان بۇ جاۋاپتىن سەل خىجىل بولدۇم ...
-ھە ؟؟؟؟
-كەچۈرۈڭ ، ئۆتكەندە قوپاللىق قىلىپ قويدۇم ...سەت بولدى ، كەچۈرۈم سورايمەن ..
    ھەي ، شۇنداق ئاق كۆڭۈل قىز تۇرسام مەن . شۇ زامات ھېلىقى ئاچچىقلىرىم نەلەرگىدۇر غايىپ بولدى ..ئۆچكە يېغىدەك ئېرىدىم شۇ ھامان..
-ھېچقىسى يوق ...
-ئۇخلىماپسىزغۇ ،،مۇشۇ چاققىچە ...
-شۇ ،،زوھورلۇق تاماقنى يەپلا ئۇخلاي دېگەن، سىزچۇ ؟  
-مەنمۇ شۇ ، ئۇنىڭ ئۈستىگە مەن ئىچكىرىدە تۇرىمەن . بۇ يەر 2 سائەت ئىلگىرى .
-ھە ...ئوقۇمسىزما؟؟
-ياق ..بۇ يەردە تىجارەت قىلمەن ...رەختچىلىق قىلىمەن ...
‹رەختچىلىق ..ئىچكىرىدە ~~~ئەجىبا ئاتۇشلۇقمىدۇ ؟؟؟›كاللامغا كەلگەن بۇ خىيالدىن ئۆزۈم بىر خىجىل بولۇپ كەتتىم .
-بارمۇ..سىز  گەپ قىلىڭ .."
-ھە ...بار مەن ...قەيەردىن بولسىز سىز ..؟
-ئاتۇشتىن ...
    كاللام چاقماق چاققاندەك بولدى ، يۈرىكىمدىكى كونا دەرتلىرىم قاتقېتىدىن بۆسۈپ چىقىپ مېنى ئازاپلاشقا باشلىدى ..
-كەچۈرۈڭ ،،مەن چۈشۈپ كەتتىم ، كۆرۈشەرمىز .
-نېمانداق بالدۇر ئەمدى .نېمە بولدى سىزگە ...
    ئۇنىڭ ئاخىرقى گەپلىرنى ئوقۇشقا ئامالسىز قالدىم .خۇددى بىرەرسى كۆرۈپ قېلىشتىن قورققاندەك كومپىيوتېرنى ئالمان –تالمان ئۆچۈردۈمدە ئورنۇمغا كېلىپ ياتتىم ...ئاسىي كۆز ياشلىرىم بۇيرۇقۇمغا بوي سۇنمىغان ھالەتتە ئېقىپ چۈشتى ،كۆڭۈل ئېكرانىمدا مەن يۈرىكىمنىڭ چوڭقۇر يەرلىرگە مەڭگۈلۈك دەپنە قىلۋەتكەن ئۇنىڭ سىماسى قايتىدىن پەيدا بولدى .
‹بۇنداق قىلما دىلناز ، يەنە نېمىلەرنى ئويلاپ بۇنچە قايغۇرۋاتىسەن ، نېمىشقا ھەممە ئىشنى بىلىپ تۇرۇپ ،ئابدۇللا بىلەن بولغان مۇھەببىتىڭنىڭ ئاللىبۇرۇن ئاخىرلاشقانلىقىنى بىلىپ تۇرۇپ يەنە نېمگە يىغلايسەن ، بەلكىم ئۇ سېنى ئاللىقاچان ئۇنتۇپ كەتكەندۇ ؟؟
    شۇ خىياللار بىلەن قانداق ئۇخلاپ قالغىنىمنى بىلمەيمەن .سەھەردە قوپسام بېشىم تاش ئېسىپ قويغاندەك ئېغىرلىشىپ كېتىپتۇ ..
-دادىڭىز بۈگۈن قايتىدىكەن قىزىم ...
-ھە ...بىلىمەن .تۆنۈگۈن تېلېفون قىپتىكەن ، مەن ئايروپىلان ئىستانىسىغا چىقىمەن ..كېتىپ بارىمەن ..يەنىلا ئاخشامقى بىئارامچىلىقتىن مۇستەسنا ئەمەسمەن ..
    ‹مەيلى ئۇنى سېغنىپ تۇرۇپ ئۇنتامدىم ، تىللاپ تۇرۇپ ئۇنتامدىم ۋە ياكى قان ياش يىغلاپ تۇرۇپ ئۇنتامدىم قىسقىسى ئۇ ئۇنتۇشقا تېگىشلىك بولغان ئادەم ، چوقۇم ئۇنتۇپ كېتىشىم كېرەك ..
    شۇنداق قىلىپ دادام كېلىشى بىلەن تۇرمۇشۇم تېخىمۇ ئالدىراشچىلىققا تولدى ، كوت-كوتۇمنىمۇ ئاچمايدىغان بولدۇم ..
بۈگۈن نېمىشقىدۇر ئىچىم سىقىلىپ قالدى ، يەنە شۇ كوت-كوتۇمنى ئېچىپ ۋاقىت ئۆتكۈزمەكچى بولدۇم ..
    ئېچىشىمغىلا دىلزاتتىن كەلگەن ئۇچۇرلار كۆزلىرىمنى ئالا چەكمەن قىلۋەتتى ..
    -سالام سىزگە ، ئەتىۋا قىز . بەك يوقاپ كەتتىڭىز ، مېنىڭ ئاتۇشلۇق ئىكەنلىكىمنى بىلىپلا نېمە بولدى سىزگە ؟؟ بولمىسا بۇ ئۆمرۈمدە سىزگە يامانلىق قىلغىنىم ھېچ ئېسىمدە يوق .. مەن چەتئەلگە ماڭدىم ، خېتىمنى كۆرسىڭىز ئەمدى ئادىمىگەرچىلىك يۈزىسىدىن بولسىمۇ جاۋاپ قالدۇرۇپ قويۇڭ ، ئامان بولۇڭ ..
     -كەچۈرۈڭ ،ئۇ كۈنى سەت بولدى ،تۇيۇقسىز توك ئۆچۈپ قالدى ،شۇڭا تۇيۇقسىز چۈشۈپ كەتتىم،تولىمۇ خىجىل مەن ..
    -ھاھا،،باركەنسىز ھە ،،ئەتىۋا ...
    ئو ..باكەنغۇ بۇ ئاداش ، چالغان دېپىغا ئۇسۇلنى ھەجەپ كەلتۈرۈپ ئويناپتىمەن ،خەپ ..
    -نېمە يالغان سۆزلەيسىز ئەمدى ...
    -مۇشۇنداق دېمىسەم پەقەت گەپ قىلمايدىكەنسىز .ئەمەسمۇ ،،ھە راسىت ئىسمىڭىز نېمە ؟  
    -دىلناز ...ئۆزۈممۇ سەزمىگەن ھالدا ئىسمىمنى دەپ سالدىم ..
    -ھەجەپ چىرايلىقكەن ..خۇددى ئۆزىڭىزدەك ، ئۈرۈمچىدىنما سىز ..
    -ھە .مېنىڭ چىرايلىق سەتلىكىمنى قانداق بىلدىڭىز ئەمدى ..-
    -كوڭجىيەندە رەسمىڭىز باركەن ، قۇلۇپلاپ قويماپتىكەنسىز شۇنىڭدىن كۆردۈم . بەك چىرايلىقكەنسىز ..
    -رەھمەت ...
    -خالىسىڭىز دوسىت بولۇپ قالايلى ،، -ئەلۋەتتە بولىدۇ ،،شۇنىسى سىزنى كۆرۈپ باقسام بولامدۇ ..
    -ھى ھى ..سەتمىكىن دەپ ئەنسىرەۋاتامسىز ...
    -ياق ..شۇ كۆرگۈم كېلىپ ..
    ئۇ بىر پارچە رەسمىنى ئەۋەتتى ،،رەسىمنى ئاچتىميۇ قاراپلا قالدىم ، ئېكراندا شۇنچىلىك چىرايلىق .كىينىشى تۇرقى مەن مەن دېگەن قىزلارنى بىر قىسىم قىلدىغان، يۈزلىرى قىز بالىدەك ئاق ئىشقىلىپ كەم ئۇچرايدىغان بىر يىگىتنىڭ رەسىمى تۇراتتى . قانچىلىك قاراپ تۇرۇپ قالدىم بىلمەيمەن ، بىر چاغدا ئۇنىڭدىن كەلگەن خەت مېنى ئەسلىمگە كەلتۈردى ..
    -بارمۇسىز ھەي ، ئاتۇشلۇقلىقىمنى ئاڭلاپ بىر يوقاپ كېتىپ ئاران تاپقان ..ئەمدى ئۆزۈمنى كۆرۈپ يەنە يوقاپ كەتسىڭىز قانداق تاپىمەن سىزنى ..
    -مەن بار ..بەك قاملاشقانكەنسىز ...ئەزەلدىن ھېچكىمنى بولۇپمۇ ئەر زاتىنى ماختىمايدىغان مەن نېمىشقىدۇر ئۆزۈممۇ بىلمىگەن ئاساستا شۇنداق دەپ سالدىم .."
    -ھا ھا ھا  توۋۋا دەڭە ..
    تۇيۇقسىز ئۆزىنىڭ رەسىمى ئەمەس بولسىچۇ دېگەن خىيال كاللامغا كەلدىدە ئۇنىڭغا ئېكرانلىق پاراڭلىشىشنى ئېتتىم ...ئۇمۇ دەرھاللا قوشۇلدى ..
    ئېكراننى ئېچىپلا ئۇنى كۆردۈم . خاتا ئەمەس ، رەسىمدىكى دەل شۇ يىگىت ، شۇنداق ئېغىر بېسىق ھەم يېقىملىق كۈلۈپ ئولتۇراتتى ..
    تۇيۇقسىز ئالدىراپ قىلغان قىلىقىمدىن سەل خىجىل بولدۇم . ئۇ ئېكراندا قۇلاق تىڭشىغۇچنى تاقىشىمنى شەرەت قىلدى ..
-ھە ..گەپ قىلىڭە ..
    ئۇنىڭ ئاۋازى مېنىڭ تۇنجى مۇھەببىتىم يۈرىكىمگە ئاللىقانداق دەرتلەرنى تاشلاپ كەتكەن ئابدۇللانىڭ ئاۋازىغا شۇنچىلىك بەك ئوخشايتتى ..يۈرىكىم ئاغرىدى .
-ئاللا ،گەپ قىلىڭ دەيمەن ...
-نېمە دەيمەن ،،سىز گەپ قىلىڭە ..
-نېمانداق چىرايلىق ھەم ئوماق سىز ، ئاللا چىراينى ئايىماي بېرىپتىكەن .
-بەك ئاشۇرىۋەتتىڭىز .شۇنداق بولسىمۇ رەھمەت .ئاڭلىغىنىمدەك بەك ئوماقكەنسىز دىلناز ،-دېگەن بۇ گەپتىن ھەيران قالدىم ..
-نېمە دېدىڭىز ،،نېمە ئاڭلىغىنىڭىزدەك ...
-كەچۈرۈڭ ،دەپ سالدىم ،مەن سىزنىڭ ئابدۇللانىڭ مۇھەببىتى ئىكەنلىكىڭىزنى بىلىمەن، رەسمىڭىزنى كۆرۈپ بىر ئاغىينەم دەپ بەردى، مەنمۇ ئۇنىڭ بىلەن بىر مەھەلىلىك ، بىر چاغدا ئانامدىن ئابدۇللا تېگى غۇلجىلىق ئۆزى ئۈرۈمچىدە تۇرىدىغان بىر قىز بىلەن يۈرۈپتىكەن ئانىسى ئۇنىماي ئايرىۋېتىپتۇ دېگەن، شۇ سىزكەنسىز .
    كۆز ئالدىمدا شۇ ۋاقىتتىكى كۆرنىشلەر تارتقان ئازاپلىرىم ،،تۆككەن كۆز ياشلىرىم پەيدابولدى ..
    -ھەي ھەي ،،يىغلىماڭ ..مەن شۇ بىلدىغىنىمنى دېدىم ..بىلسىز ئاتۇش كىچىك يۇرت ،ھەممىمىز تونۇشىمىز ...خاپا بولماڭ بولامدۇ ...
    -ياقەي ،،نېمىگە خاپا بولىمەن ،،بۇ يا يالغان بولمىسا ، رەنجىمىسىڭىز بۇ گەپلەرنى دېيىشمىسەك قانداق ...
-بولىدۇ ،بولىدۇ ...;
    ‹بايۋەتچە ،يۈرە تاماققا چىقىمىز، زوھورسىز قالىسەن بولمىسا › تۇيۇقسىز ئۇنى بىر ئاغىينىسى چاقىرىپ قالدى ..
قارسام سائەتمۇ بىر يەگە بېرىپتۇ .
    -دىلناز ،،مەن تاماق يەۋالاي ، بولامدۇ ؟؟
    -بولىدۇ ، بايۋەتچە ،ئامان بولۇڭ ...
    -ئاللا بىلىۋاپسىز ھە قوشۇمچە ئىسمىمنى ، ھە راسىت تېلېفون نومۇرىڭىزنى دەۋېتىڭە كەچكىچە تورغا چىقىپ ئولتۇرمايمىز ئىككىلىمىز تايىنلىق ..
    -13********    نېمە كارامەت ئەمدى بۇ ...مۇنۇ قوللىرىم كاللامنىڭ بۇيرۇقى بىلەن بېسۋاتامدۇ ياكى ..
     -ئەمسە خوش تېلېفون قىلىمەن ...جىق ئويلىماي ئۇخلاڭ ھە ..زوھورلۇقنى يەپ بولۇپ ...
    -ماقۇل ،خۇداغا ئامانەت ...
    نېمە بولدۇڭ دىلناز .ئەزەلدىن كۆرۈپ باقمىغان ئىشلار كۆرۈلۈۋاتىدۇ سېنىڭدا...كاللاڭنى سىلكىۋەت، ئېشەكمۇ بىر قېتىم پۇتى چۈشكەن يەرگە دەسسىمەيدۇ، ھەر قانچە بولسا ئېشەكچىلىك بولارسەن..بۇ بالا ئاتۇشلۇق ، يەنە كېلىپ ئابدۇللا بىلەن بىر مەھەللىدىن ، قانچىلىك ئاتۇشلۇققا ئۆزۈڭنى تونۇشتۇرماقچى سەن ..
  (داۋامى بار )

بۇ يازمىدا كۆپ مەنبەرلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش

باھا سۆز

ئىسىل: 4.0 ئالامەت: 3.0
تەڭرىتاغ ئىسىل: 4 ئالامەت: 3
  يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 16:37

1

تېما

4

ئەگەشكۈچى

130

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
0
مۇنبەر پۇلى
86
ئىشەنىچ
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 11:47:50|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
شۇنداق قىلىپ دىلزات ئىككىمىزنىڭ ئالاقىسى باشلاندى ..كۈنلىرىم دۇكانغا بېرىش ،كەچلىكى دىلزات بىلەن پاراڭلىشىش ،قاتارلىق ئىشلار بىلەن ئۆتمەكتە ئىدى.
ئىككىلىمىز بىر بىرىمىزنى ياخشى كۆرۈپ قىلشىمىزنىڭ بىر چوڭ خاتالىق ئىكەنلىكىنى بىلىپ تۇرساقمۇ لېكىن نېمىشقىدۇر يۈرەكلىرمىز بۇيرۇقلىرمىزغا بويسۇنمىغان ھالدا بىر-بىرىمىزنى ئىزدەيتى..
بۈگۈن ئۇلۇغ روزا ھېيىت ،ئەتىگەندىلا دىلزات تېلفۇن قىلىپ ھېيتىمنى موبارەكلىدى ،
كەيپىياتىم شۇنداق ياخشى ،چۈنكى دىلزات بىلەن پاراڭلىشىپ بولۇپ ئەڭ چوڭ سوغا خوشاللىق تاپشۇرۇپ ئالغاندەك بولدۇم ..چۈشكە يېقىن ئۇنىڭدىن ئۇچۇر كەلدى ..
‹دىلناز ،ماڭا ئۆيىڭىزنىڭ ئادرىسىنى دەپ بېرىگە ،،؟›
‹نىمە بولدى ؟دىلزات ›
‹شۇ بىلۋالاي دەيمەن ،،بولمامدۇ ؟مېنىڭمۇ ئۈرۈمچىدە ئۆيۈم بار ،،بىر يەردە ئەمەستۇ ؟›
ئۇنىڭغا ھىىچ ئويلانمايلا ئادرىسنى ئېنىق قىلىپ دەپ بەردىم ،،
مېھمانلار بىردىن كېلىشكە باشلىدى ،،كەلگەنلەرنى ئۇزۇتۇپ ھېرىپ ھالىم قالمىىدى ..
-‹دىڭ دوڭ ›ئىشىڭ قوڭغۇرقى ،،،ۋايجان كىمدۇ بۇ ؟
شۇنداق خوشياقمىغان ھالەتتە ئىشىكنى ئاچتىم ،،
-ياخشىمۇسىز ،،دىلناز خېنىمنىڭ ئۆيى مۇشۇمۇ ؟
ئىشىك ئالدىدا يوغان بىردەستە ھال ھەم كەم ئۇچرايدىغان كۆك رەڭلىك ئەتتىرگۈل كۆتۈرۋالغان بىر يىگىت تۇراتتى ..
-مەن شۇ ،،بۇ  ،،سىز كىم ؟
-مەن ‹ئاينۇرى ›گۈل دۇكىندىن بۇنى سىزگە بىر ئەپەندىم ئەۋەتكەن ،،ئىمزا قويۇپ بىرەمسىز ؟
ئاللا كىمدۇ بۇ ،،ۋاي توۋۋا ماڭىمۇ گۈل سوۋغا قىلدىغانلار بولدىكىنە ؟؟
تىڭىرقاش ھەم ھەيرانلىق ئىچىدە گۈلنى ئالدىم ..
ئۆيگە كىرسەم سىڭلىم دادام ئاپام بىر خىل نەزەردە قاراپ ئولتۇردۇ ..
-ۋوي  كىمدىن كەپتۇ بۇ گۈل ئەمدى ،،ھەدە ..
-بىلمىدىم ،،خاتا كەپ قالدىمۇ ،،دادامنىڭ سوئال نەزىرىدە قارشىدىن يەرگە كىرىپ كېتەي دىدىم ،مۇشۇ تاپ ‹يەرگە كىرەي دىسەم يەر قاتتىق ،ئاسمانغا چىقاي دىسەم ئاسمان يىراق ›بولۋاتاتتى
تۇيۇقسىز تېلفۇنۇم سايرىدى ..
دىلزاتكەن ،،-ۋەي ،،بىر خىل پەس ئاۋازدا تېلفۇننى ئالدىم ..
-ئەتىۋارىم ،،نىمە قىلۋاتسىز ؟‹يېقىندىن بىرى دىلزات مېنى شۇنداق دەپ ئاتايدىغان بولۋالدى ›
-شۇ ،ئۆيدە ...
-نېمە رەنجىپ قالدىڭىزمۇ ..گۈل يارىمىدىمۇ يە ؟
-ھە ..نېمە گۈل ،ئەسلى سىز؟؟
-شۇنداق ،،مېنىڭ ھېيتلىق سوۋغام ،،چىرايلىقمىكەن ،،ئۆتكەندە سىز مەن ھال ھەم كۆك رەڭلىك ئەتتىرگۈلنى ياخشى كۆرمەن دېگەن ..
-رەخمەت سىزگە ..
تېلفۇننى قويۋەتتىم ،،توغانسىز كۆز ياشلىرىم يەنە ئېقىپ چۈشۈشكە باشلىدى ،،بۇنداق خوش بولۇپ باقمىغىنىمغا بەك ئۇزۇن بوپتىكەن ،،شۇنداق مۇشۇ تاپ مەن ئەڭ بەخىتلىك ئادەم ..
بۈگۈندىن باشلاپ دىلزات تۇرمۇشۇمغا روخسەتلىك ھەم روخسەتسىز ھالەتتە كىرىشكە باشلىدى ..
ئاتۇشتىكى يېقىن دوستۇم رازىيەدىن ئۇنىڭ ناھايىتى باينىڭ بالىسى ئىكەنلىكىنى ئاتۇشتا ھەممە كىشىنىڭ ئۇنى ‹بايۋەتچە ›دەپ ئاتايدىغانلىقىنى ،ئۇنىڭ ھالى بەك چوڭ بولۇپ ئادەتتە قىزلار بىلەن ئالاقە قىلىپ كەتمەيدىغانلىقىنى شۇنداق بولسىمۇ خېلى كۆپ قىزلارنىڭ ئۇنىڭغا ئىشتەي ساقلاپ يۈرگەنلىكىنى ئاڭلىدىم ..راسىت دېمىسىمۇ ئۇنىڭ مىجەزى بەك ئېغىر ئېدى ..ئادەتتە بىرەر ئىشقا ئالدىراپ خاپا بولغىننى بىلمەيتىم .ئەگەردە مەن تېلفۇن قىلمىسام ماڭا تېلفۇن قىلىپ قاقشايتى،،لېكىن يەنە چىدىماي ئۆزى قىلاتتى ..مەن بولسام ئۇنىڭغا زادى نىمە ئۈچۈن ئامراقلىق قىلمەن ،،ئۇنى خاپا قىلىپ قويماسلىق ئۈچۈن نىمە ئۈچۈن ئۇ ياقتۇرمىغان ئىشلارنى قىلىشتىن ساقلىنمەن ..نىمە ئۈچۈن ئۇنىڭ تېلفۇنىنى ساقلايمەن ،،ئۇنى سىغىنمەن ..مانا مۇشۇ نىمە ئۈچۈنلەرنىڭ تېگىگە يېتەلمەي ئاۋارە ئېدىم .
ئۆز ئۆزۈمگە ئۇنى ياخشى كۆرۈپ قالسام بولمايدۇ ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇنىڭ بىلەن بىرەر قىتىممۇ يۈز-تۇرانە كۆرشۈپ باقمىسام دەپ ئاگاھلاندۇرۇش بىرەتتىميۇ لېكىن يەنىلا يۈركۈمنىڭ نىدالىرغا ئۈنسىز بوي سۇنغان ھالدا ئۇنىڭغا ئىنتىلاتتىم ..
يازلار كەتتى ،،كۈزلەرمۇ ئاخىرلىشىپ سايە تاشلىغان دەرەخلەرنىڭ شاخلىرى قۇرىدى ،،، تۇيۇقسىز ئۆزۈمدىكى بىنورماللىقنى سەزدىم ..بۇرنۇم تولا قانايدىغان ،،بىشىم ھەتتا ياتساممۇ قايىدىغان بولۋالدى ،،ئىشتىھايىم تۇتۇلۇپ بارا-بارا تاماقمۇ يىمەيدىغان بولدۇم ..
بۈگۈنمۇ شۇنداق روھسىز قوپتۇم ..دادام تۈركىيەدىن كەلمەكچى ئېدى ..دادامنى ئالغىلى ئايرۇپىلان ئىستانىسىغا مېڭىشقا تەييارلاندىم ..مېھمانخانا ئۆيىگە چىقىپ كۆڭلۈم ئاينىغاندەك بولدى ..
بۇرنۇم يەنە قانىدى ..بىشىمنىڭ بىر نەرسىگە قاتتىق تەگكەنلىكى ئاپامنىڭ ‹ۋاي بالام ‹ دېگەن ئاۋازى ئىسىمدە ..كۆزۈمنى ئاچسام دوختۇرخاندا يىتىپتىمەن ..
-ئاپا ،،نىمە بولدۇم ..
-بالام بۇنداق بولغانغا قانچىلىك بولدى ؟
-بىر ئايچە ئاپا ..
-جىنىم بالام ،،نېمىگە ۋاقىتىدا دىمەيسىز ،،بىزنى نىمە بولسۇن دېدېڭىز ،،مېنىڭ 10بالام بارمىتى ،،قىزىم    .... ئاپامنىڭ يىغىسى مېنى ھەيران قالدۇردى ...
-سەن دېگىنە ،،نىمە بولدى ساقام ...سىڭلىمدىن سورىدىم ...
ئۇمۇ ئوخشاشلا يىغلاپ تۇردى ..
-دىمەمسىلەر ،،زادى نىمە بوپتىمەن ..ھامىنى بىلمەنغۇ ئاپا ...
تۇيۇقسىز دوختۇر كىردى ،ھەم ئاپاملارنى چىقىرۋەتتى ..
-قىزىم ..سىزدە ئاققان كىسلىنىڭ ئالامەتلىرى كۆرۈلدى ..داۋالانمىسىڭىز بولمايدۇ ،،ئەڭ ياخشىسى يىلىك تەكشۈرۈپ ئامال بار تىز سۈرئەتتە يىلىك ئالماشتۇرشىمىز كىرەك ..سىزگە دېيشىمىزدىكى سەۋەپ بىزگە ماسلىشىشىڭىز كىرەك ..
يەنە نىملەرنى دىدى بىلمىدىم ...كۆز ئالدىم قاراڭغۇلاشتى ..‹ئۇلۇغ خۇدا ..نىمە كۈن بۇ ،،نىمە دەۋاتىدۇ بۇ ئادەم ،،تۈنۈگۈنلا ساق ئادەم بىردەمدە راك بولدۇممۇ مەن ،،نىمە دەي ،،نىمنى قوبۇل قىلاي ‹
بۇ ھەقىقەت ئىدى ..ئاللاھدىن كەلسە ئامال يوق دەپ بەندە ھەرقانداق سىناقلارغا بەرداشلىق بىردىكەن ..ئۇلۇغ خۇدا دەرتنى بىردىكەنۇ يەنە ئۇنىڭغا چۈشلۇق سەۋىرنىمۇ ئاتا قىلدىكەن ..
دوختۇرخاندا بىر ئايچە ياتتىم ..ھىچ بىر يىلىك تىپلدىغاندەك ئەمەس ،،ئاۋال خۇدا ئاندىن بەندە دەپ ياتتىم ..دىلزاتتىن ئۆزۈمنى قاچۇردۇم ..چۈنكى ئۇنى ئازاپلاشقا ھەقلىق ئەمەسمەن ،،لېكىن ئۇ ئازاپلاندى ،،بۈگۈنمۇ تەكشۈرەشتىن چىقىپ تۇرساملا دىلزات تېلفۇن قىلدى ...
-ۋەي ..دىلناز بامۇ سەن ،،نىمانداق يوقاپ كېتىسەن ،،تېلفۇننى ئېلىپلا ئۇنىڭ قاقشىشىنى ئاڭلىدىم ..
-ياخشىمۇ ..شۇ سەل ئالدىراش بولۇپ قالدىم ،،خاپا بولماڭ  ھە ..
-بۇرۇن ھەرقانچە ئالدىراش بولساڭمۇ نەچچە قېتىم تېلفۇن قىلاتتىڭ ،،ئۇچۇر بولسىمۇ قايتۇراتتىڭ ھازىرچۇ ،،تېلفۇن قىلىش ئەمەس مەن ئۇرساممۇ ئالمايسەن ...نىمە بولدۇڭ ،،،مەن ئۈرۈمچىگە چىقىمەن ،،،
ئۇنىڭ كېلشىنى قانچىلىك كۈتكەنمەن ،،ئەمدى كېلمەن دىسە خوش بولۇش ئەمەس بەلكى ئازاپلاندىم ،،چۈنكى ئۇنىڭغا قانداقمۇ ‹مەن دوختۇرخاندا ،،ئاققان راكى بولۇپ قاپتىمەن ›دىيەلەيمەن ..
-دىلزات ..بىز ئەمدى ئىزدەشمەيلى ..قىز بالا بىلەن ئوغۇل بالا دوسىت بولالمايدۇ ،،بۇ ئەزەلدىن مۈمكىن ئەمەس ..ئىككىمىزنىڭ باشقىچە مۇناسىۋەتتە بولىشىمىز مۇمكىن ئەمەسقۇ ...
-نىمە دەۋەتسەن ھەي ،،ساقسەن ،،،مېنى نىمە قىلسۇن دەيسەن ..مېنىڭ سەن بىلەن شۇنداق ئاسان يوقاپ كېتىش نىيتىم بولسا نىمە قىلمەن ساڭابۇنچە قىلىپ ،،مېنى قانداق بالا كۆرۈپ قالدىڭ ،،
-ياق ،دىلزات خاتا چۈشنىپ قالدىڭىز ،،سىز بەرىبىر مېنى ياخشى كۆرمەيسىز ،،،ماڭا ئامراق خالاس ..  سىز تۇرمۇش قۇرشىڭىز كىرەكقۇ ئاخىر ..
-ساڭا كىم دىدى ھە ..سېنى قانچىلىك ياخشى كۆرمەن بىلەمسەن ..مەن سىنى گەرچە كۆرمىسەممۇ بەك ياخشى كۆرمەن دىلناز ،،
-بەلكىم قىزىقىشىڭىز مۈمكىن ،،مەن سىزنىڭ مەھەللىلىكىڭىز بىلەن يۈرگەن بۇنى ئۇنتۇپ قالماڭ ..
-ۋاي خۇدا ..تاپقان بانارىڭنى قانداق قىلاي ئەمدى ..ھېلىغۇ يۈرۈپسەن ئابدۇللا سېنى ئېلىپ قويۋەتكەن بولسىمۇ ئاللا ئىشقىڭنى يۈركۈمگە سالسا ئالىمەن سېنى ..بىلەمسەن دىلناز ،،
-ئاتۇشلۇق سىرىتتىن قىز ئالمايدۇ ،،،بۇنى بىلمەن دىلزات ..
-ئابۇللا ئالمايدۇ ،،ھەممىسىنى بىر تاياقتا ھەيدىمە ،،بولدى بەس ،،دىلناز ئېشىپ كەتتى ...مەن كىمنى ياخشى كۆرمەن  ،،كىمنى ئالىمەن ئوبدان بىلمەن ..ساڭا دەپ قوياي سېنى ياخشى كۆرمەن تونۇشۇپ تا مۇشۇ كۈنگىچە سېنى ئالىمەن قىز دوستۇم دەپ بىلىپ كەلدىم ..ئۇلۇغ ئاللاھ ئاسانلىق بەرسە سېنى ئالغىنىم ئالغان ..چۈشەنمەيسەن مېنى ئېسىڭدە چىڭ تۇت مەن ئابدۇللا ئەمەس بەلكى بايۋەتچە ،،،
تېلفۇننى قويۋەتتى ..يۈركۈم پىچاق تىققاندەك ئاغرىدى ..ئىتراپ قىلمەن دىلزاتنى مەن بەك ياخشى كۆرمەن ..شۇ تاپ ئازاپلىرىمنى بىر ئۆزەم بىر ياراتقان ئىگەم بىلىدۇ ...لېكىن ئامالسىزمەن ،،دۇنيادا سۆيۈپ سۆيۈلۈپ تۇرۇپ ئايرىلىشتىن ئارتۇق ئازاپ بولمىسا كىرەك ..
مانا ئۇنىڭ بىلەن ئالاقە قىلمىغىنىمغا 20 كۈن بولدى ...قىينالدىم تىلفۇنلىرنى ئالمىدىم ..ئازاپلاندىم ئۇچۇرلىرنى جاۋاپسىز قالدۇردۇم ..سېغىندىم ئاۋازىنى ئاڭلىيالمىدىم .. بۇ ئارلىقتا ئۇ كەلدى ..ماڭا كۈندە نەچچە قېتىم ›جېنىم دىلناز بۇنداق قىلما ..مەن سېنى ئىزدەپ ساراڭ بولاي دىدىم ..مەن كېتىمەن پەقەت بىر قېتىم كۆرۈشكىن ،،سېنى ياخشى كۆرۈش ئەگەردە گۇناھ بولغان بولسا ئاللاھ جازالىسۇن ،،سەن جازالىما ...‹
ئۇھ ..جېنىم قىينالدى ...ئۆزۈم جېنىمدىن ياخشى كۆرگەن كىشىمنى ھەجەپ ئازاپلىدىم ،،،
مېنى كەچۈرەمسىز دىلزات ...سىز بىلەن بىر قېتىملا كۆرشۈپ قېلىشنى خالىمايمەن ،،مەڭگۈلۈك كۆرشسەم دەيمەن ...لېكىن قىلالمايمەن ...تەغدىرىم بۇنىڭغا يول قويمىدى ،،،
ئۇ كەتتى ،،ئۇ كەتكەن بۈگۈن مەن يىلىك ئالماشتۇرۇش ئوپراتسىيەسىدىن چىقتىم ..
كەچكە يېقىن ناركۇز قايتىپ ئەسلىمگە كەلدىم ..
دىلزاتقا شۇنچىلىك تېلفۇن قىلغۇم كەلدى ..لېكىن خىجىل بولدۇم ..
ئۇرايمۇ ئۇرمايمۇ دەپ ئولتۇرسام سىڭلىم يېنىمغا كەلدى ،،
-ھەدە ..ئىككىلەنمە ..دىلزات ئاكام ساراڭ بولاي دېدى ..سەن بىلمەيسەن ..سەن ئېغىر ياتقان كۈنلەردە مەن سېنىڭ كوت-كوتۇڭنى ئاچقان ..ئۇنىڭدىن بەك جىق خەت كەپتۇ ،،سېنى بەك ياخشى كۆردىكەن ..
-مېنىڭ دوختۇردا ئىكەنلىكىمنى دېمىگەنسەن ھە ؟؟
-ياق دېمىدىم ..لېكىن ئەمدى ئۇنى ئازاپلىما ،،ئوپراتسىيەمۇ مۇۋاپىقىيەتلىك بولدى ...ئۇنىڭدىن كەچۈرۈم سورا ..
توغرا ،،قەرىزدارمەن ئۇنىڭغا ئاللاھ خالىسا يىلىكنىڭ ماس كىلىپ يەكلىمىگەنلىكىگە جەزىم قىلغاندىلا ئۇنى ئىزدەيمەن ..
پۈتۈن كۈچۈم بىلەن ئەسلىمگە كېلىشكە ئۇرۇنۋاتىمەن ...
مانا بۈگۈن رەسمىي ئورنۇمدىن قوپۇپ سىرىتقا چىقتىم ..قەھىرتان قىشلار كېتىپ چىرايلىق ياز كېلىشكە باشلاپتۇ ..شۇنچە ئۇزۇن يېتىپتىمەن ..بۇ جەرياندا قانچىلىك ئازاپلاندىم ..مەندىن بەكەرەك دىلزاتچۇ ..ئۇ مېنى ئۇنتۇپ كەتكەنمىدۇ ..تېلفۇن قىلسام قانداق مۇئامىلدە بولار ...
نەچچە خىل خىيال بىلەن ئۇنىڭغا تېلفۇن قىلىش ئۈچۈن يانفۇنۇمنى قولۇمغا ئالدىم ...
                                      (داۋامى بار )
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 12:15:46
داۋامى كېنې
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 12:38:13
داۋامىنى قاچان يوللايسىز؟
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 12:38:45
داۋامى يوقكەنغۇ
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 12:40:52
تاتلىق920 يوللىغان ۋاقتى  2013-1-4 11:47
شۇنداق قىلىپ دىلزات ئىككىمىزنىڭ ئالاقىسى باشلاندى ..كۈ ...

بەك ياخشى يېزىلپتۇ  لىكىن داۋامى يوقكەنغۇ

1

تېما

4

ئەگەشكۈچى

130

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
0
مۇنبەر پۇلى
86
ئىشەنىچ
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 12:51:36|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
بۇ مۇنبەردە ئەسكەرتىش يىزىش چەكلەندىمۇ ياكى يازغىڭلار كەلمىدىمۇ تورداشلار ؟؟؟مەسلىھەتلرىڭلارغا رىغبەتلەشلىرىڭلارغا موھتاجمەن

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

38

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
0
مۇنبەر پۇلى
34
ئىشەنىچ
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 13:49:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاتلىق 920 قىزچاق, سىز ھېكايىنى شۇنداق ياخشى يازىسىز, ئادەمنىڭ ئوقۇغانسېرى ئوقۇغۇسى كېلىدۇ.«شاتۇت قىز» ھېكايىسىنى شۇنداق ياخشى كۆرۈپ ئوقۇدۇم، ھېكاينىڭ بەزى يەرلىرىگە كەلگەندە ھەتتا كۆز يېشىمۇ قىلدىم، خۇددى مەن ھېكايىدىكى شاتۇت قىزغا ئايلىنىپ قالغاندەك ياكى سىز مېنىڭ ھسىياتىمنى،  ئارزۇ - ئارمانلىرىمنى ئىپادىلىگەندەك ھېسىياتتا قانماسلىق ئىچىدە ئوقۇپ تۈگەتتىم، مەن ئەسەرلىرىڭىزدىكى پېرسوناژلارنى، ۋەقەلىكنى، ئىپادىلەش ئۇسۇلىڭىزنى شۇنداق ياقتۇردۇم،  «چالىقۇشى» رومانىدىكى پەرىدەگە ئوخشايدىغان شاتۇت قىزنىڭ ئازاپلىرى مېنىڭمۇ ئىچىمنى ئېچىشتۇردى. ئۇنىڭ مىجەز - خاراكتىرىنى مەن شۇنداق ياخشى كۆرىمەن.
    ئەسەرلىرىڭىزنى ساقلىۋالدىم، بولسا مۇشۇنداق ئەسەرلەرنى كۆپرەك يېزىپ يوللاپ تۇرارسىز. رەھمەت سىزگە .

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

11

جۇغلانما

يېڭى ئەزا

Rank: 1

تۆھپە
0
مۇنبەر پۇلى
9
ئىشەنىچ
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 16:03:52|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئاخىرنى بەك ئوقۇغۇم بار، قاچان يوللايسىز. ياخشى يىزىپسىز، مەن تولىمۇ ياقتۇردۇم.

30

تېما

25

ئەگەشكۈچى

489

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

真实姓名
نىجات نىياز ئېھسان
تۆھپە
0
مۇنبەر پۇلى
274
ئىشەنىچ
0
يوللىغان ۋاقتى 2013-1-4 16:37:01|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تاتلىق920 يوللىغان ۋاقتى  2013-1-4 12:51
بۇ مۇنبەردە ئەسكەرتىش يىزىش چەكلەندىمۇ ياكى يازغىڭلار ...

تاتلىق 920 ئەسىرىڭىز ياخشى چىقىپتۇ، ھارمىغايسىز.
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2013-1-19 19:27, Processed in 0.116920 second(s), 26 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش