- تىزىملاتقان
- 2012-12-20
- ئاخىرقى قېتىم
- 2014-3-4
- ھوقۇقى
- 200
- جۇغلانما
- 875
- نادىر
- 3
- يازما
- 81
  
- 真实姓名
- نىدائىي
- تۆھپە
- 106
- مۇنبەر پۇلى
- 622
- ئىشەنىچ
- 106
| بىز ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسلىرىنىڭ ھۇزۇرىدا
توخنىياز ئىسمائىل نىدائىي
دۆلەت ۋە ئاپتونوم رايوننىڭ مۇھىم رەھبەرلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ ئۇلار بىلەن ئاددىي تېمىلاردا پاراڭلىشىش تولىمۇ كۆڭۈللۈك ئىش. مانا مەن بۇ خىل شەرەپكە مۇيەسسەر بولغۇچىلارنىڭ بىرى. 11-ئاينىڭ 2-كۈنى مەن ئۈچۈن تولىمۇ ئەھمىيەتلىك بىر كۈن بولدى. بۇ كۈنى مەن، شىنجاڭ تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرى، ياش يازغۇچى ئەكبەر ئەخمەتجان سابىرى، شىنجاڭ قانۇنچىلىق گېزىتىنىڭ مۇخبىرى ئەسقەرجان ئەنۋەر ئەلسۆيەر، ياش شائىر، بېيجىڭ تىل مەدەنىيىتى ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئابدۇۋەلى ئابدۇشۈكۈر تۆتىمىز 2-نويابىر چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9:00 دا، فار-فۇر بۇيۇملار زاۋۇتىغا جايلاشقان رەئىسلەر قوروسى دەپ ئاتىلىدىغان ‹‹قىزىل قورو››نىڭ دەرۋازىسى ئالدىدا جەم بولدۇق ھەمدە كىتابخانىدىن ھەممىمىز بىرلىكتە ئۇلارغا سوۋغا قىلىش ئۈچۈن يېڭىدىن نەشردىن چىققان مەرھۇم رەھبىرىمىز، يازغۇچى سەيپىدىن ئەزىزىنىڭ ‹‹سۇتۇق بۇغراخان›› ناملىق رومانىنىڭ ئاۋازلىق نەشرىدىن بەش دانە سېتىۋالدۇق. بىز ‹‹قىزىل قورو››غا كىرىشىمىزگە مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ئەركىن ئىمىرباقى ئۇچراپ قالدى. بىز ئۇنىڭ بىلەنمۇ خۇددى كونا تونۇشلاردە قىزغىن سالاملىشىپ ئۆتۈپ كەتتۇق. سائەت 9:30 لاردا بىز ئالدى بىلەن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى، مۆھتەرەم جامائەت ئەربابى، قەلەم ساھىبى مىجىت ناسىر ئاكىغا تېلېفون بەردۇق، چۈنكى ھەممىمىز مىجىت ناسىر ئاكا بىلەن ئوبدان تونۇشاتتۇق، قالغان رەھبەرلەر بىلەن ئەكبەر ئەخمەتجان سابىرىدىن باشقىمىز تونۇشمايتتۇق. شۇ سەۋەبتىن ھەممىمىز تونۇشىدىغان مىجىت ناسىر ئاكىنى ئالدى يوقلاشنى لايىق تاپتۇق. مىجىت ناسىر ئاكا بىزنى خۇشاللىق بىلەن قارشى ئالدى. بىز مىجىت ناسىر ئاكا بىلەن تۈرلۈك تېمىلاردا، جۈملىدىن ئەدەبىيات، سەنئەت، پائالىيەت تەشكىللەش، ئادىمىيلىك قاتارلىق تېمىلاردا كەڭ-كۇشادە پاراڭلاشتۇق. مەن پاراڭ جەريانىدا مىجىت ناسىر ئاكىغا يىللاردىكىگە قارىغاندا خېلى قېرىلىق يەتكەنلىكىنى ھېس قىلدىم، لېكىن بۇ مۆھتەرەم كىشىمىز يەنىلا تەپەككۇرنى، قەلەمنى تاشلىمىغانىدى. بىز پارىڭىمىز ئاخىرلاشقاندا مىجىت ناسىر ئاكا بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتۇق. بىز بىرەر سائەتتىك پاراڭلاشقاندىن كېيىن مىجىت ناسىر ئاكا بىلەن خوشلىشىپ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق رەئىسى ئىسمائىل تىلىۋالدىنىڭ ئۆيىگە ماڭدۇق. ئارىمىزدا ئەكبەر ئەخمەتجان سابىرى قالغان رەھبەرلەر بىلەن ئاز-تولا تونۇشىدىغان بولغاچقا ئۇ بىزگە يول باشلاپ ماڭدى. ئىسمائىل تىلىۋالدى بىزنى تولىمۇ قىزغىن كۈتۈۋالدى، بىز قىلچە تارتىنماي ئۆزىمىز ئويلىغان تېمىلاردا ئەركىن-ئازادە پاراڭلاشتۇق. ئىسمائىل تىلىۋالدىمۇ خۇددى بىر قىممەتلىك مېھمان بىلەن پاراڭلىشىۋاتقاندەك بىز بىلەن تولىمۇ ئەستايىدىل، سەمىمىي ۋە قىزغىن زىكرى-سۆھبەتلەردە بولدى. ئىسمائىل تىلىۋالدىنىڭ ئۆزى ئوقۇغان نەرسىلەردىن خاتىرە قالدۇرۇپ ماڭىدىغان، يانچۇقىدا كىچىك خاتىرىنى ئايرىمايدىغان ئادىتى بىزنى ھەيران قالدۇردى. ئىسمائىل تىلىۋالدى مېنىڭ ئىسمىمنىڭ توخنىياز ئىسمائىل ئىكەنمىلىكىنى ئاڭلاپ ‹‹سىز مېنىڭ ئوغلۇمكەنسىزغۇ›› دەپ چاقچاق قىلىپمۇ ئۈلگۈردى. بىز رەئىسنىڭ ۋاقتىنى ئېلىپ قويماسلىق ئۈچۈن پارىڭىمىزنى قىسقارتىپ، ئۇنىڭ بىلەن تۈرلۈك قىياپەتلەردە سۈرەتكە چۈشتۇق. ئىسمائىل تىلىۋالدى ئاكا بىزنى ئىشىكىنىڭ ئالدىغىچە ئۇزىتىپ چىقتى. بىز ئىسمائىل تىلىۋالدى ئاكىنىڭ ئۆيىدىن چىقىپ، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ سابىق مۇئاۋىن رەئىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق رەئىسى ئابلەت ئابدۇرېشىتنىڭ ئۆيىگە كەلدۇق. ئابلەت ئابدۇرېشىت بىزنى تولىمۇ خۇشخۇيلۇق بىلەن كۈتۈۋالدى ھەمدە بىز بىلەن قىزغىن پاراڭلاشتى. ئابلەت ئابدۇرېشىت بىزگە ئۆزىنىڭ بىر دېھقان بالىسىدىن ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى بولغۇچە ئارىلىقتىكى بەزى قىزىقارلىق ئىشلارنى، ئۆزىنىڭ تەشەببۇسى بىلەن يېزىلغان ‹‹سالچىلار›› ناملىق روماننىڭ بارلىق كېلىپ جەريانىنى، شۇنداقلا ئۆزىنىڭ ئاپتونوم تۇنجى قېتىم رەئىس بولۇپ مەرھۇم رەھبەر سەيپىدىن ئەزىزى بىلەن كۆرۈشكەن چاغدىكى ئىشلارنى، ئادىل ھوشۇرنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىرى ھەققىدىكى ئىشلارنى سۆزلەپ بەردى. ئۇ بىزنىڭ پات-پات كېلىپ ھەمسۆھبەتتە بولۇشىمىزنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. بىز ئابلەت ئابدۇرېشىت بىلەنمۇ تۈرلۈك قىياپەتلەردە خاتىرە سۈرەتكە چۈشتۇق. بىز ئابلەت ئابدۇرېشىتنىڭ ئۆيىدىن چىقىپ، سابىق دۆلەت كومىسسارى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ سابىق مۇئاۋىن باشلىقى، دۆلەتلىك مىللەتلەر ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ سابىق مۇدىرى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ سابىق رەئىسى ئىسمائىل ئەھمەدنىڭ ئۆيىگە كەلدۇق. ئىسمائىل ئەھمەدمۇ خۇددى يۇقىرىدىكى رەھبەرلەرگە ئوخشاشلا بىزنى قىزغىن كۈتۈۋالدى. ئىسمائىل ئەھمەد بىزگە ئۆزىنىڭ بالىلىق، ياشلىق چاغلىرىدىكى ئوقۇش ھاياتى، جاپالىق شارائىتلار، خوتەنلىكلەرنىڭ ئىسىم قويۇش ئادىتى، ئۇيغۇر سەنئىتى، تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرى قاتارلىقلار ھەققىدە سۆزلەپ بەردى. بىز خۇددى قىممەتلىك دەرس ئاڭلىغاندەك دىققەت بىلەن ئاڭلىدۇق. بىز يەنە ئىسمائىل ئەھمەد بىلەن باشقا تېمىلاردىمۇ كەڭ-كۇشادە پاراڭلاشتۇق. بىز بۇ رەھبەر بىلەنمۇ خاتىرە سۈرەتكە چۈشۈپ خوشلاشتۇق. بىز تۆتىمىز يۇقىرىقى رەھبەرلەر بىلەن ھەمسۆھبەتتە بولۇپ ‹‹قىزىل قورو››دىن چىققاندا، سائەت 3:30 بولغانىدى. تۆتىمىز يەنە شۇ ئەتراپتىكى سائەت 4:00 لەردە جەمئىيەتشۇناسلىق دوكتۇرى زۇلپىقار بارات ئۆزباش ئەپەندىم بىلەن كۆرۈشتۇق ھەمدە ئۇنىڭ ئۆيىدە قىزغىن ھەم سۆھبەتتە بولغاچ بىللە غىزالاندۇق. سائەت 6:00 لەردە بىز زۇلپىقار بارات ئەپەندىم بىلەن خوشلىشىپ، دۆلەتلىك 2-دەرىجىلىك پىسخىك مەسلىھەتچى ئاسىيە ھېكىم مۇئەللىمنىڭ شىنجاڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا سۆزلىگەن لېكسىيەسىنى ئاڭلىدۇق. سائەت 8:00 لەردە لېكسىيە ئاخىرلاشتى. تۆتىمىز بىر كۈنىمىز ئەنە يۇقىرىقىدەك پائالىيەت ۋە سۆھبەتلەر بىلەن تولىمۇ ئالدىراش ۋە ئەھمىيەتلىك ئۆتكۈزدۇق.
|
|