تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

ئىزدەش
ئاۋات ئىزدەش: قىزلاررەسىملەر
كۆرۈش: 4096|ئىنكاس: 30

بەختسىز قىزنىڭ كەچۈرمىشلىرى(پوۋىست)

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

8

تېما

0

ئەگەشكۈچى

157

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

真实姓名
ئىمام مىجىت خەنجىرى
تۆھپە
28
مۇنبەر پۇلى
102
ئىشەنىچ
28
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-18 12:27:09|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
                                                         (خەنجىرى)
                                                                بىرىنچى باب


                                            ناتونۇش قىزدىن كەلگەن ئۇچۇر
كىچىكىمدىن تارتىپ نامراتلىقتا چوڭ بولغان ئىدىم.باشلانغۇچ مەكتەپنى پۈتتۈرۈپ تولۇقسىزا چىققاندا،ئائىلە ئەزالىرىنىڭ جاپالىق تىرىشىشى نەتىجىسىدە ‹‹نامراتلىقتىن››ئىبارەت بۇ داۋاسى بار كىسەل بىلەن خوشلىشىپ ياخشى كۈنلەرگە ئىرىشكەنىدۇق.ئۇ چاغلاردا ئەھۋالىمىز بۇرۇنقىغا قارىغاندا ياخشىلانغان بولغاچقا، ئۆيدىكىلەرگە قاچان پۇل دىسەك شۇ چاغدا بىرەتتى.ئۇ چاغلاردا بىزنىڭ بىر كىچىك دۇكىنىمىز بار بولۇپ، كۈندە دىگۈدەك سودا بولۇپ  تۇراتتى.گاھىدا پۇل لازىم بوپ قېلىپ ئۆيىدىكىلىرىمىزگە دىيەلمەي قالساق ئۇلارغا ئۇقتۇرماي ئانچە-مۇنچە غەللىدىن‹‹قايرىيتۇق››. دۇكاننىڭ سودىسى ياخشى بولغان كۈنلىرى ‹‹قايرىساق›› ئانچە بىلىنىپمۇ كەتمەيتتى. بولمىسا غەللە ئاز-تولا  كام  چىقىپ قېلىپ، ئۆيدىكىلەردىن تىل-دەشنام ئاڭلايتتۇق . ئۆيدىكىلەرنىڭ بىزنىڭ پۇل ئېلىشىمىزغا ئاچچىقى كەلمەيتتى،ئەمما شۇ سەۋەبلىك يامان كىرىپ قېلىشىمىزدىن ئەنسرەيتتى. دۇكاندىن پۇل ئېلىشىمىزغا ئامراق بولغىنىمىز بىلەن دۇكانغا قاراشقۇمىز كەلمەيتتى.بىچارە ئاتا-ئانىمىز ئامالسىز دەردىنى ئىچىگە يۇتۇپ ئۆزلىرى قارىشاتتى.دۇكان بولسا بىزنىڭ سېغىن كالىمىزغا ئوخشاپ قالغان ئىدى.مەن بەزىدە ئاتا-ئانامدىن پۇل سورىسام- ئۇلار ساۋاقداشلىرىڭ ئالدىدا بويۇن قسىپ قالما،دەپ كۆپرەك پۇل بىرەتتى.مەن ئۆيدىكىلەر بەرگەن شۇ پۇللارنىڭ بىر قىسىىملىرىنى خەجلەپ، يەنە بىر قىسمىغا كىتاب ئېلىپ ئوقۇيتۇم. چۈنكى مەن باشلانغۇچ مەكتەپتىكى ئوقۇۋاتقان ۋاقىتلىرىمدا كىتاب ئوقۇشقا قىزىقىپ قالغان بولۇپ،ھازىرغىچە بىر قىسىم كىتابلارنى ئوقۇپ چىقىپ خاتىرە قالدۇرغان ئىدىم.مىنىڭ ياخشى ئوقۇپ كەلگۈسىدە ئەلگە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىش، جۈملىدىن ئەلگە تونۇلغان داڭلىق يازغۇچى بولۇش نىيتىم بولغاچقا،مەكتەپتە ئۆتۈلگەن دەرسلەرنى ياخشى ئۆگىنەتتتىم. بولۇپمۇ ئەدەبىيات دەرسىنى باشقا دەرسلەرگە قارىغاندا تېخىمۇ تىرىشىپ ئۆگىنەتتىم،تاپشۇرۇقنى شۇنداق ئەستايىدىل ئىشلەيتتىم.دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا بىر نەرسىلەرنى يېزىپ مۇئەللىملەرگە تۈزەتكۈزگەندىن كىيىن گېزىت- ژۇرناللارغا ئەۋەتەتتىم.تولۇقسىزنى پۈتتۈرۈشكە بىر ئاي ۋاقىت قالغاندا بىر پارچە ئەسرىم ژۇرنالدا ئىلان قىلىنىپ شۇنداق خۇش بوپكەتكەن ئىدىم.ساۋاقداشلىرىممۇ تەبرىكلەشكەن ئىدى.شۇ ژۇرنالنى كۆتۈرۈپ ئۆيدىكىلەرگە ھەم باشقىلارغا كۆرسەتكەنلىرىم غۇۋا ئىسىمدە تۇرۇپتۇ. تولۇقسىزنى پۈتتۈرگەندىن كىيىن يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇشقا پۇرسەت بولمىدى. چۈنكى ئۇ چاغلاردا مەن كىتاب،گېزىت-ژۇرناللارنى ھەددىدىن زىيادە كۆپ ئوقۇغاچقا  كۆزۈم سەل ئاجىزلاپ قالغان ئىدى.ئۆيدىكىلەر بۇ ئەھۋالنى ئۇققاندىن كىيىن سالامەتلىكىمدىن ئەنسىرەپ يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇشۇمغا يول قويمىدى.شۇنىڭ بىلەن بىر مەزگىل ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەملەشتىم.گەرچە يۇقىرى ئۆرلەپ ئوقۇشقا مۇمكىن بولماي كۆڭلۈم شۇنداق يېرىم بولغان بولسىمۇ،لىكىن ئەدەبىياتقا بولغان قىزىقىشىم سۇسلاپ قالمىدى.ئۆي ئىشلىرىدىن بىكار بولغان ۋاقىتلىرىمدا ئۆيدىكىلەردىن يوشۇرۇن كىتاب ئوقۇيتۇم، بىر نەرسىلەرنى يېزىپ مەتبۇئاتلارغا ئەۋەتەتتىم.ئائىلە ئىشلىرىغا ياردەملەشكەچ ئىككى- ئۈچ يىلىنى ئەنە شۇنداق ئۆتكۈزدۈم.بۇ جەرياندا ئوقۇش ئىستىكىم قايتىدىن يالقۇنجاشقا باشلىدى.شۇنىڭ بىلەن ئاتا-ئانامغا يالۋۇرۇشقا باشلىدىم.كىيىن ئۆيدىكىلەر مىنىڭ ئۈزۈلدۈرمەي قىلىۋاتقان نالىلىرىمگە چىداپ تۇرالماي ئاخىرى بىر كەسپىي مەكتەپكە ئاپىرىپ بەردى.مەن ئۇ يەردە ھەرخىل كەسپىي تېخنىكا بىلىملىرى بويىچە ئۈچ يىل تەربىيلىنىپ قايتىپ كەلدىم. مانا ئەمدى يېشىممۇ بىر يەرگە بارغان ئىدى.ئەمدىلىكتە بولسا ئۆيدىكىلەرنىڭ بېشىغا باش تارتىپ بولمايدىغان قىيامەتلىك قەرز- چوڭ بولغاندا ئوغۇلنى ئۆيلەش، قىزنى ياتلىق قىلىشتىن ئىبارەت مۇقەددەس بىر ئىشنىڭ غېمى چۈشكەن ئىدى. ئاتا-ئانام مىنى ئۆيلەش ئۈچۈن يىراق- يېقىنغا قاتراشقا باشلىدى. شۇ كۈنلەردە  مەن تورخانىغا ئۆگىنىۋالدىم.ئەمما بۇنى ئاتا-ئانام ئۇقمايتتى بىچارە ئاتا-ئانام ياخشىراق يەردىن لايىق تاپالماي يەنە باشقا يەردىن لايىق ئۇقۇشاتتى.ئارلىقنى يىراق كۆرمەي ئۆزلىرى باراتتى.،باشقىلاردىن ئۇقۇشاتتى. بەزى يەرلەر بىزگە ماس كەلمىسە، يەنە بەزى يەرگە بىز ئېسىلىپ قالاتتۇق.بۇنداق ئەھۋال بىر مەزگىل داۋاملاشقاندىن كىيىن مەن ئاتا-ئانامغا ھازىرچە ئۆيلەنمەسلىكىمنى، كىيىنچە ياخشىراق يەردىن لايىق چىقسا ئاندىن ئۆيلىنىشىمنى ئېيتتىم. ئۇلار بولسا ئامالسىز رازىلىق بەردى.ئۇلار مىنىڭ بالدۇرراق ئۆيلىنىپ بالىلىق بولۇپ، جەمەتىمىزمنىڭ نەسەبنى داۋاملاشتۇرۇشۇمنى ئويلايتتى. ئاكام توي قىلغىلى توققۇز يىل بولغان بولسىمۇ ئايالى تۇغمىغان بولغاچقا ئۆيدىكىلەر ئۈمىدىنى ماڭا باغلىغان ئىدى.ئۇلار ئاغزىدا ‹‹ماقۇل›› دىگەن بىلەن زادى قاچانغىچە ‹‹ ماقۇل›› دىيىشىنى بىلگىلى بولمايتتى.كۈنلەرنىڭ كۈنلەرنى، ئايلارنىڭ ئايلارنى تىز سۈرئەتتە سۈرئەتتە قوغلاپ ئۆتۈشى بىلەن بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كىيىن ياخشى بىر يەردىن لايىق چىقىپ قېلىپ ئوتتۇرىغا ئەلچى قويۇپ سۆزلىشىش ۋە كۆرۈشۈش ئارقىلىق ئاخىرى تويۇمنى قىلىۋالدىم.بىر كۈنى ئىچىم پۇشۇپ تورخانىغا كىردىم.ئارىدىن بىر سائەت ئۆتكەندە تېلىفۇنۇم جىرىڭشىدى.قارىسام بۇ تېلىفۇننى ئاچام ئالغان بولۇپ، مىنىڭ نەدە ئىكەنلىكىمنى سورىدى.مەن ئۆزۈمنىڭ تورخانىدا ئىكەنلىكىمنى،ھىلىراقتا ئۆيگە كىرىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ تېلىفۇننى قويۇۋەتتىم.يەنە بىر ئاز ۋاقىت ئۆتكەندە سىڭلىممۇ تېلىفۇن قىلىپ ئۆيگە كىرىشىمنى ئېيتتى.مەن شۇ زامات ئۆيگە كىرىپ تاماق يىيىشكە باشلىدىم.تۇيۇقسىز مەن تونۇمايدىغان بىر نومۇردىن ئۇچۇر كەلدى:
-كىم؟
ئۇنىڭ ‹‹ئەسسالامۇ- ئەلەيكۇم›› دەپ بولسىمۇ سالاملاشمايلا-‹‹كىم››دەپ سورىشى دىلىمغا تەگدى بولغاي، جاۋاب قايتۇرماي تامىقىمنى يەۋەردىم.خېلى بىر ۋاقىت ئۆتكەندە ئۇنىڭدىن يەنە بايىقىدەك ئۇچۇر كەلدى:
-    كىم؟
ئۇنىڭ بۇ قىلىقى ھار كىلىپ ئۇچۇر قايتۇردۇم:
-    سىز سەل ئەدەبسىزمۇ نىمە، ياكى ئىش ئۇقمامسىز ۋە ياكى مەكتەپتە ئوقۇمىغانمۇ؟ ‹‹ئەسسالامۇ- ئەلەيكۇم›› دەپ بولسىمۇ سالام قىلماي-‹‹كىم؟›› دەپ سورايسىزغۇ؟ شۇنچىلىك ئەقەللىي قائىدىنىمۇ بىلمەمسىز؟ ئۆيدىكىلەر ياكى چوڭلار ئىش ئۆگەتمىگەنمۇ؟
بىر ھازا ۋاقىت ئۆتكەندە ئۇچۇر كەلدى:
-    كەچۈرۈڭ،مەن خاتا قىپتىمەن،دىگىنىڭىز توغرا، ئەپۇ قىلىڭ!
-    ھېچقىسى يوق، دەپ جاۋاب قايتۇردۇم ئۇنىڭغا
- ئىسمىڭىز نىمە، قەيەردىن بولىسىز،بىلسەم بولامدۇ؟
- ئىسمىم ئەركىن...ۋىلايىتىنىڭ...ناھىيسىدىن بولىمەن،سىزچۇ؟
- ئىسمىم خانقىز.مەنمۇ ...ۋىلايىتىنىڭ ...ناھىيسىدىن بولىمەن. ھەراست نىمە ئىش قىلىسىز؟
-بىكار، سىزچۇ؟
مەن ناھىيىلىك بىكەتتە ئىشلەيمەن، دەپ ئۇچۇر كەلدى قىزدىن.
ماڭا بۇ نومۇرنى ئاكام تېخى يېقىندىلا بىجىرىپ بەرگەن بولۇپ، باشقىلار ئانچە ئۇقۇپ كەتمىگەن ئىدى. شۇڭا ئۇنىڭغا ھەيران بولۇپ سورىدىم:
-سىزدىن بىر گەپنى سوراپ باقاي، بۇ نومۇرنى يېقىندىلا ئاكام بىجىرىپ ماڭا بەرگەن ئىدى.باشقىلار تېخى تۈزۈك ئۇقۇپ كەتمەيتتى.سىز ئەجەبا...؟
- سىزنىڭ بۇ نومۇرىڭىز خىيالىمغا كىلىپ قاپتىكەن، ئۇقمايلا ئۇچۇر يوللاپ ساپتىمەن، كەچۈرۈڭ!
شۇ چاغدا ئايالىم ئۇشتۇمتۇت چاقىرىپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن ھازىر جىددىي ئىشىم چىقىپ قالغانلىقىنى ئېيتىپ ئۇچۇر يوللىۋىتپ تېلىفۇننى ئەتتىم.ئەتىسى ئەتتىگەندە بىر دوستۇم بىلەن كۆرۈشكىلى باردىم. قايتىپ كەلسەم ئۆيدىكىلەر...ناھيىسدە ئىشلەيدىغان ئىش ئۇقۇشۇپ قويغانلىقىنى، يەنە ئىككى كۈن ئىچىدە ماڭىدىغانلىقىمنى ئېيتتى.مەن تەييارلىقىنى جىددىي قىلىشقا باشلىدىم.ئۈچىنچى كۈنى ئەتتىگەندە ئۆيدىكىلەر بىلەن خوشلاشقاندىن كىيىن يۈك-تاقلىرىمنى ئېلىپ ئىشلەيدىغان ئورۇنغا.... ناھىيىسىگە ماڭدىم،ئەمدى كۈنلىرىم شۇ يەردە ئۆتۈشكە باشلىدى. ئەلۋەتتە بۇ جەرياندا ئۆيدىكىلەر بىلەن، جۈملىدىن ‹‹چىشى يولۋاس›› بىلەن تېلىفۇن ئارقىلىق كۆرۈشۈپ تۇردۇم.بىر كۈنى ياتاقتا ئۆزۈم يالغۇز ئولتۇرۇپ قالدىم. تۇيۇقسىز ھېلىقى قىز ئىسىمگە كىلىپ قېلىپ، ئۇنىڭغا ئۇچۇر يوللىدىم:
-ئەسسالامۇ – ئەلەيكۇم ياخشىمۇ سىز؟
قىزدىن خېلى ئۇزۇندا ئۇچۇر كەلدى:
-    ۋەئەلەيكۇم-ئەسسالام، مەن ياخشى تۇرۇۋاتىمەن،سىزچۇ؟ مەن ھازىر بىكەتتە ئىشلەۋاتىمەن.سىز نىمە ئىش قىلىۋاتىسىز؟
-    مەنمۇ بىر يەردە ئىشلەۋاتىمەن.بەك ئالدىراش بولمىسىڭىز بىر دەم پاراڭلاشساق؟
-    كەچۈرۈڭ، ھازىر ئىشىم سەل ئالدىراش ئىدى، خاپا بولمىسىڭىز كىيىنچە كۆرۈشسەك، دەپ ئۇچۇر كەلدى قىزدىن
مەن ماقۇل بولۇپ كىيىنچە ئۇچۇر ئارقىلىق كۆرۈشۈشنى ئېيتتىم.مانا شۇنىڭدىن ئىتىبارەن بىز كۈندە ئۆز-ئارا ئۇچۇر يوللىشىپ تۇرۇشتۇق.بەزىدە ئانچە- مۇنچە چاقچاق تەرىقىسىدە:‹‹ساراڭ، دۆت››دەپ تىللىشاتتۇق.‹‹تاماق يىدىڭىزمۇ، نىمە ئىش قىلىۋاتىسىز؟›› دەپ بىكار تۇرماي سورىشاتتۇق.ھەتتا بەزى كۈنلىرى كىچە سائەت بىر ئىككىلەرگىچە ئۇچۇر يېزىشقان ۋاقىتلىرىمىزمۇ بولغان  ئىدى.كىيىن ئوتتۇرىمىزدا ياش پەرقى ئوتتۇرىغا چىقىپ قېلىپ،مەن ياشتا چوڭ بولغانلىقىم ئۈچۈن ئۇنىڭغا-‹‹ئاكا››، ئۇ ياشتا كىچىك بولغانلىقى ئۈچۈن ماڭا-‹‹سىڭىل ›› بولدى.بىزنىڭ ئۇچۇر ئارقىلىق پاراڭلىشىشىمز مەلۇم ۋاقىت داۋاملاشقاندا مەن ئۇنىڭ بىلەن تېلىفۇندا كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلدىم.ئۇ ماڭا باشقا كۈنى تېلىفۇن ئارقىلىق كۆرۈشۈشكە ماقۇل بولدى. بىركۈنى ئۇنىڭغا تېلىفۇن قىلىپ كۆرۈشتۈم. قىزنىڭ ئاۋازى جاراڭلىق ھەم نازۇك ئىدى.كىيىن ئۇنىڭغا پات-پات تېلىفۇن قىلىپ تۇردۇم. ئەمما بۇ ئىشنى ئۆيدىكىلەرگە، بولۇپمۇ ‹‹چىشى يولۋاس››قا ئۇقتۇرمايتتىم. ھەش-پەش دىگۈچە قىز بىلەن كۆرۈشۈۋاتقىنىمغا يېرىم يىل بوپ قالغان ئىدى. ئۇنىڭغا ئايالىمنىڭ بارلىقىنى دىگەن بولۇپ، شۇنداقتىمۇ يەنە داۋاملىق كۆرۈشۈپ تۇرىشىمىزنى ئېيتتىم، ئۇمۇ ماقۇل بولدى. ئۇنىڭ مەندەك بىر ئايالى بار ئادەم بىلەن داۋاملىق كۆرۈشۈپ تۇرۇشقا ماقۇل بولۇشى مىنى ئەجەپلەندۈردى.چۈنكى ئۇنىڭ ئاۋازىدىن ئەرگە تەگمىگەنلىكى بىلىنىپ تۇراتتى. كۈنلەرنىڭ بىرىدە ئۇ قىز مەن بىلەن يۈز تۇرانە كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلىپ ئۇچۇر يوللىدى. مەن ھازىرچە كۆرۈشەلمەيدىغانلىقىمنى، كىيىنچە پۇرسەت بولسا چوقۇم كۆرۈشىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ ئۇچۇر يوللىدىم. ئارىلىقتا يەنە ئىككى ئاي ئۆتكەندە مەن ئۆيگە قايتىپ كەلدىم. تەلەيلىك بولسام كىرەك، مەن ئۆيگە قايتىپ كىلىپ ھېچقانچە ئۆتمەيلا بىر ئىدارىگە خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ شۇ يەردە ئىشلەشكە باشلىدىم. بۇ يەردىكى كۈنلىرىم بىر خىل ئۆتۈشكە باشلىدى.ئائىلەمدىكىلەر بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىم ئىلگىرىكىگە قارىغاندا قويۇقلاشتى. چۈنكى ئۇ چاغلاردا ئۆيدىكىلەر بىلەن ئۇششاق – چۈششەك ئىشلار سەۋەبىدىن ئازارلىشىپ قالغان ئىدىم. مەن خىزمەتكە ئورۇنلىشىپ ئۈچ ئاي ئۆتكەندە ئۇ قىز مەن بىلەن كۆرۈشۈشنى تەلەپ قىلىپ تېلىفۇن قىلدى. مەن پات ئارىدا بېرىشىم مۇمكىنلىكىنى ئېيتىپ قىز بىلەن خوشلاشتىم، ھەمدە ئۇزاق ئويلىنىش ئارقىلىق قىز بىلەن كۆرۈشۈشنى قارار قىلىپ تەييارلىق قىلىشقا باشلىدىم.
داۋامى بار

ئاپتور: مارالبېشى ناھىيە سېرىقبۇيا يېڭى بازار ئىجتىمائى رايونى(3-ئاھالە كومىتىت)دىن
خەنجىرى

7

تېما

0

ئەگەشكۈچى

383

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

تۆھپە
73
مۇنبەر پۇلى
285
ئىشەنىچ
73
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-22 01:31:17|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تۇنجى ئەسىرىڭىز ئوخشايدۇ!
كۈلۈۋېلىڭ! ئۈندىدارنىڭ ئىزدەش كۆزنىكىگە nuristan نى كىرگۈزۈپ نۇرىستان يۇمۇر سالونىمىزنى قوشۇۋېلىڭ.

0

تېما

4

ئەگەشكۈچى

1028

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
505
مۇنبەر پۇلى
536
ئىشەنىچ
505
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-22 14:54:12|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامنى تىزراق يوللاسىز

1

تېما

1

ئەگەشكۈچى

93

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
35
مۇنبەر پۇلى
55
ئىشەنىچ
35
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-22 15:59:26|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
يەنە ئاخىرى يوق ھىكايىگە ئۇچۇرمىىغاندىمىز

0

تېما

0

ئەگەشكۈچى

209

جۇغلانما

مەھەللە بىشى

Rank: 3Rank: 3

真实姓名
ئالىم
تۆھپە
106
مۇنبەر پۇلى
103
ئىشەنىچ
106
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-22 19:53:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ياخشى يېزىپسىز تىرشىڭ ، داۋامى بامۇ يا؟

8

تېما

0

ئەگەشكۈچى

157

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

真实姓名
ئىمام مىجىت خەنجىرى
تۆھپە
28
مۇنبەر پۇلى
102
ئىشەنىچ
28
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-24 22:15:16|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ئىككىنچى باب
قىز بىلەن كۈرۈشتۈم
ئەمدى ماقۇللۇق بىلدۈرگەنكەن ئىكەنمەن، قىز بىلەن كۈرۈشمىسەم بولمايتتى. مانا ئەمدى بولسا مەن ئۆمرۈمدە يېقىملىق ئاۋازىنى ئاڭلىغان، ئەمما چىرايىنى بىر قېتىممۇ كۈرۈپ باقمىغان قىز بىلەن كۆرۈشىدىغان كۈن – كىلەر يەكشەنبە تىز سۈرئەتتە يىتىپ كەلمەكتە ئىدى. مىنىڭ شۇ چاغدا ئىدارىدا قىلىدىغان ئىشلىرىم جىددى بۇلۇپ، بىر كۈنلۈك رۇخسەت بىرىلىشىمۇ تەس ئىدى. ئەمما مىنىڭ مەقسىتىم بولسا بىرەر ھەپتىلىك رۇخسەت سوراپ، قىز بىلەن كۈرۈشۈش باھانىسىدا كاللامنى ئارام ئالدۇرۇش ئىدى. باشلىقىمنىڭ ئالدىغا ئازراق سوۋغا-سالام بىلەن بارايمۇ ياكى مىجەزىم يوق، دەپ كىسەللىك ئىسپاتى ئەكىلىپ بىرىشىم كىرەكمۇ؟ ئالدىمىزدا تەكشۈرۈش بار دەپ جىددى تەييارلىق قىلىۋاتساق، باشلىق رۇخسەتنى....
كىلەر يەكشەنبىگە ئاز قالغان، ئەمما كىلىدىغان تەكشۈرۈشتىن ھېچ خەۋەر يوق ئىدى. ‹‹قېنى ئاۋال تەييارلىقنى قىلاي›› دەپ ئويلىدىم ئىچىمدە. ئارىدىن بىر كۈن ئۆتكەندە تەكشۈرۈشنىڭ بىزنىڭ ئىدارىگە كەلمەي باشقا يېزا-بازارغا بارىدىغانلىقى توغرىسىدا ئېنىق خەۋەر كەلدى. مەن شۇ زامات ئالىي دەرىجىلىك ھاراقتىن ئىككى بوتۇلكا ئېلىپ بېرىپ باشلىقتىن بىر ھەپتىلىك رۇخسەت سورىدىم. باشتا بۇ گەپلىرىمنى ئاڭلىغان باشلىق سەل قاپاقلىرىنى تۈردىيۇ، لىكىن ياندا تۇرغان ئىككى بوتۇلكا ئالىي ھاراققا قاراپ قۇيۇپ رۇخسەت بەردى. مەن ئالدىراشلا ئۆيگە بېرىپ، ئايالىمغا ئەتە ئەتتىگەندە باشقا بىر ناھىيىگە خىزمەت ئىشى بىلەن بارىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ، ئىشلارنى بىر قۇر تاپىلاپ قۇيۇپ يېتىپ قالدىم. ئەتىسى ئەتتىگەندە ئايالىم بىلەن بالىلىرىمغا ئازراق خەج-خىراجەت قالدۇرۇپ قۇيۇپ قويغاندىن كىيىن ئايالىم بىلەن خوشلىشىپ سەپەرگە چىقتىم. ماشىنىدا ئولتۇرۇپ ئۇ قىز بىلەن پاراڭلاشقان، ئۇچۇر يېزىشقان چاغلارنى ئەسكە ئېلىپ، ئۇ قىز توغرىسىدا ئويلىنىشقا باشلىدىم. قىز قانداقراق قىزدۇ، نەچچە ياشلاردا باردۇ، چىرايى قانداقتۇ؟! مەن ئەنە شۇنداق ھىس-تۇيغۇ ئىچىدە داۋاملىق ئويلانماقتا ئىدىم. راست گەپنى قىلسام، تىلىفۇندا ئۇچۇر يېزىشىپ ھەم پاراڭلاشقاندا ئۇنىڭ ئائىلە ئەھۋالىنى سورىماي، ئۆزۈمنىڭ ھال-ئەھۋالىدىنلا مەلۇم دەرىجىدە خەۋەردار قىلغان ئىدىم. مەن ئۇ تۇرۇشلۇق ناھىيىگە بېرىپ بىردەم ئىككىلىنىپ قالغاندىن كىيىن ئۇنىڭغا تىلىفۇن قىلدىم. ئۇنىڭغا تۈنۈگۈن كەچتە بۈگۈن كىلىدىغانلىقىم توغرىسىدا ئۇچۇر يوللىۋەتكەن بولغاچقا، بۈگۈن كىلىشىمدىن خەۋىرى بار ئىدى.
تىلىفۇن ئۇلاندى:
-دۈت....دۈت....
بىردەمدىن كىيىن تونۇش ئاۋاز ئاڭلاندى. مەن ئۆزۈمنى قىسقىغىنا تۇنۇشتۇرغاندىن كىيىن بۇ يەرگە كەلگەنلىكىمنى ئېيىتتىم. مەن ئۇنىڭغا بىر قارا تاشلىق خاتىرىنى بەلگە سۈپىتىدە تۇتۇپ تۇرىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ تىلىفۇننى قۇيىۋەتتىم. پەرىزىمچە ئارىدىن يىگىرمە مىنۇت ۋاقىت ئۆتكەندە يىگىرمە ئىككى ياشلار چامىسىدىكى چىرايلىق ھەم نازۇك بىر قىز مىنى شەرەتلەپ كىتاپخانا سىرتىغا چىقىشىمنى ئېيىتتى. سىرىتقا چىقىپ قىز بىلەن ئەھۋاللىشىپ تۇرۇشۇمغا ئۇ مىنى تاماققا تەكلىپ قىلدى. ئۇ مىنىڭ چىرايىمغا قاراپ مىنىڭ يىراق يەردىن كەلگىنىمنى پەرەز قىلدى بولغاي، سۇيۇق-سەلەڭ تاماق بۇيرۇتتى. بىرەر تالدىن سوغوق ئىچىملىك بۇيرۇتۇشنى ھەم ئۇنتۇپ قالمىدى. بىرەر پىيالە چاي ئىچىپ پاراڭلىشىپ تۇرۇشىمىزغا تاماقمۇ كەلدى. مەن تاماق يەۋاتقاچ قىزغا قايتىدىن سەپسېلىشقا باشلىدىم. قىز ھەقىقەتەنمۇ شۇنداق چىرايلىق، چاچلىرىنى ھەقىقى ئۇيغۇر قىزلىرىغا خاس قۇيىۋالغان، نازۇك ھەم يۇمران ئۇماق ئىدى. بىرەر سائەت تاماق يىيىش بىلەن پاراڭلىشىش بىلەن ئۆتتى. چۈشتىن كىيىن بىللە بازار ئايلاندۇق. مەن تۇرۇپ ئويلىنىپ قالدىم: بۇ قىز نىمىدىگەن چىرايلىق! ئۇنىڭ بىلەن توي قىلغان بولسام نىمىدىگەن ياخشى بولاتتى ھە؟! پەقەت بولمىسا ئۇنىڭ بىلەن بىر ئاخشام بولسىمۇ بىرگە....
بىز شۇ تەرىقىدە ئۈچ- تۆت سائەت بازار ئايلىنىشىمىزغا كەچ بولدى. ئۇ مىنى بىرەر سائەتتىن كىيىن ئىزدەيدىغانلىقىنى ئېيتىپ، تاكسى توسۇپ كىتىپ قالدى. مەن دەرھال ياتاق ئېلىۋىتىپ تاماق يىيىشكە ئاشخانىغا ماڭدىم. تاماق يەپ بۇلۇپ ساپ ھاۋادا بىردەم نەپەسلەنگەندىن كىيىن قىزغا تىلىفۇن قىلدىم. بۇ ۋاقىت 12-ئايلارنىڭ باشلىرى بولۇپ چۇشتىن كىيىن ئالتىلەر بىلەنلا قاراڭغۇ چۈشۈپ بولاتتى. مەن قىزغا ھەمرا بولغاچ كەچلىك بازارنى ئايلاندىم. رەڭگارەڭ چىراقلار يېنىپ كوچىلارنى يورۇق ھەم رومانتىك قىلىۋەتكەنىدى. مەن ئۇنىڭغا ھەمرا بۇلۇپ كىتىۋاتقاندا يولدا ئانچە كۆپ ئادەم قالمىغان بولۇپ، باشقىلار بىزگە دىققەت قىلىپمۇ كەتمەيتتى. بىز گوياكى بىر جۈپ ئاشىق-مەشۇققا ئوخشاپ قالغانىدۇق. مەن قىزغا قايتىدىن قارىدىم، قىز بايىقىدىنمۇ بەكرەك گۈزەللىشىپ كەتكەنىدى. مەن ئۇنىڭ بىلەن تاغدىن-باغدىن پاراڭلىشىپ كىتىۋاتقاندا قىز تۇيۇقسىز يۇمران قوللىرى بىلەن قولۇمنى كاپپىدە تۇتتى-دە، ماڭا قاراپ بىرنى كۈلۈپ قويدى. شۇ زامات ۋۇجۇدۇم بىر ئىللىق سىزىم بىلەن تولۇپ، ئۇنىڭ ئاشۇ نازۇك ھەم يۇمران قوللىرىنى بىلىندۈرمەي ئاستا سىلاشقا باشلىدىم. ئاھ... مەن ئۇنىڭ بىلەن....! ئۇنىڭ ئايالىمنىڭ ئۈستىگە ئالايمۇ ياكى ئايالىمنى قويىۋىتىپ ئۇنىڭ بىلەن توي قىلايمۇ؟! مۇشۇنداق بىر گۈزەل قىز بىلەن تۇرمۇش قۇرسام ئۆلسەممۇ ئۇدۇنياغا ئارمانسىز كەتكەن بولاتتىم! دەپ خىيال قىلدىم ئىچىمدە. تۇيۇقسىز توك سوقىۋەتكەندەك بۇلۇپ، خىيالىمدىن قايتىپ كىلىپ ئۇنىڭغا دىدىم:
-سىڭلىم، بەك كەچ بۇلۇپ كەتتى. ئۆيىڭىزگە قايتىپ كىتىڭ، بولمىسا ئاتا-ئانىڭىز ئەنسىرەيدۇ.
-مىنىڭ ئاتا-ئانام يوق.
-ئۇنداقتا كىم بار؟
-بىر ئىنىم بار.
-ئۇنداق بولسا ئۆيىڭىزگە قايتىڭ، قىز بالا دىگەن سىرىتتا بىر ئەر كىشى بىلەن بىللە يۈرسە ئەپلەشمەيدۇ. ئىنىڭىز ئەنسىرەپ كەتمىسۇن!
ئۇ قىز گەپنى ئاڭلىغاندىن كىيىن بىر ھازاغىچە ئويغا چۈشكەندىن كىيىن:-ئەمىسە مىنى ئۆيگە ئاپىرىپ قويۇڭ، دىدى كۈزۈمگە تىكىلىپ قاراپ تۇرۇپ. مەن تاكسىدىن بىرنى توسۇپ ئۇنىڭ ئۆيىگە ماڭدىم. قىزنىڭ ئۆيىگە كەلگەندە ھازىر كەلگەن تاكسىدا قايتماقچى بولۇپ تۇرىۋىدىم، قىز  قونۇپ   قېلىشىمنى ئېيىتتى. مەن قىزغا دىدىم:
-سىڭلىم، مەن بۇ يەرگە كىلىپلا ياتاق ئېلىپ قويغان ئىدىم. ئۇنىڭ ئۈستىگە سىز بىر يات ئەر كىشى بىلەن بىر ئۆيدە ياتسىڭىز باشقىلار نىمە دەپ ئويلاپ قالىدۇ؟
ئۇ ماڭا قىيمىغان ھالدا ئۇزۇتۇپ قويدى. ئەتىسى تىلىفۇننى ئىتىپ قويۇپ چۈشكىچە ئۇخلىدىم. ئاندىن ئۈزۈم يالغۇز بازار  ئايلانغاچ ئۆيدىكىلەرگە لايىقىدا سوۋغات ئېلىپ ياتاققا قايىتتىم. تىلىفۇننى ئېچىۋىدىم قىسقا ئۇچۇر كىلىشكە باشلىدى. قارىسام ئۇ قىز يىگىرمە نەچچە قېتىم تىلىفۇن قىپتۇ. قىز بىلەن كۈرۈشۈپ تاماق يەپ بازار ئايلاندىم. كەچ سائەت توققۇز بولغاندا ئۇنىڭغا قايتىپ كىتىشىنى ئېيتىۋىدىم، ئۇ كۆزلىرىنى سىرلىق تىكىپ مۇنداق دىدى:
-بۈگۈن كىچە ياتاقتا ياكى ئۆيدە سىزنى قايتا مىھمان قىلاي. بۈگۈن كەچ بولۇپ كەتتى. كىچىدە يەنە تاماق يەيمىز. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىنىم بۈگۈن كەچرەك كىلىدۇ ياكى كەلمەيدۇ. ئىككىمىز ئايرىم ئۆيدە ياتىمىز، ئىنىمنىڭ ياتىقى بىلەن مىنىڭ ياتىقىمنىڭ ئارىلىقى خېلىلا يىراق، گەپ قىلساقمۇ ئاڭلانمايدۇ، بىزگە ھېچكىم دەخلى قىلمايدۇ، مەن بەدىنىڭىزنى ئۇۋىلاپ قۇيىمەن.
ئۇنىڭ بۇ گىپىدىن: مەن سىزگە بۇ كىچە ھەمرا بولاي، مەن بۇ كىچە سىزگە تەۋە. پۇل ئالمايمەن، خالىغىنىڭىزچە ئىش قىلسىڭىز بولىدۇ دىگەن مەنا چىقىپلا تۇراتتى. مەن ئويلىنىپ قالدىم. بۇ قىزغۇ ھەقىقەتەن چىرايلىق! بىراق ئۇ...
ئادەتتە ھېچقانداق بىر پاك قىز پەقەت ئامال بولمىغاندىلا ئاندىن ئىپپىتىنى بۇلغايدۇ، بولمىسا ئەرگە تەككۈچە ئامانەت ساقلاقلىق تۇرىۋىرىدۇ، پەقەت بىر قىسىم كۆڭۈل كەينىگە كىرىپ كەتكەن قىزلارغا نىسبەتەن بۇ ‹‹ئامانەت›› يوق ھىساپتىكى نەرسىلا خالاس. ئەمما بۇ قىزنىڭ تەققى-تۇرقى، چىرايىدىن قارىغاندا ئۇنداق ئەھۋالغا چۈشۈپ قالغۇچىلىكى يوققۇ؟! بۇ قىز شۇنچە گۈزەل ئىكەن، ھەر قانچە بولسىمۇ....
مەن تۇغۇلۇپ تا مۇشۇ كەمگىچە ئايالىمدىن باشقا ئايال زاتىغا يېقىن كىلىپ باقمىغان، نەچچە قېتىم ئەل-ئاغىنىلىرىممۇ زورلىغان چاغدا ئۇنىمىغان ئىدىم. شۇڭا ئۇنىڭ بۇ تەلىۋىنى رەت قىلىپ ياتاققا قايتىپ ئارام ئالدىم. ئەتىسى ئەتتىگەندە بالدۇرلا تۇرۇپ ناشتا قىلغاندىن كىيىن چۈشتىن كىيىن ماڭىدىغان ئاپتۇبۇسنىڭ بىلىتىنى ئېلىپ قويۇپ، قىز بىلەن خوشلىشىش نىيىتىدە ئۇنىڭغا تىلىفۇن قىلدىم. قىز بىلەن ئاشخانىنىڭ ئايرىمخانىسىدا كۈرۈشتۈم.بىراق ئۇنىڭ بۈگۈن كىتىدىغانلىقىمنى ئۇقماسلىقىنى ئۈمىد قىلاتتىم. تاماق يىيىلىپ بولاي دىگەندە ئۇ ماڭا تۈنۈگۈنكى تەلەپنى قويدى. مەن بۇ قېتىم ئۇنىڭ بۇ گەپلىرىگە چىدا پ بولالماي، ئۆزۈمنى بېسىۋالالماستىن ۋارقىرىدىم:
-ۋۇ بۇزۇق پاسكىنا! سەنمۇ ئادەممۇ؟!  مىنى خىيالىڭدا نىمە كۈرۈپ قالدىڭ؟! چىرايىڭدىن قارىغاندا ئادەم كۆرۈنىدىكەنسەن، بىراق قىلىقىڭدىن ھايۋان ياخشىراقكەن. ئەسلىدە سەنمۇ پۇل ئۈچۈن شۇنداق قىلىدىكەنسەن،ۋۇ بۇزۇق! پاسكىنا! جالاپ!...
بۇ گەپنى ئاڭلىغان قىز ئىزا تارتقىنىدىن مىشىلداپ يىغلاپ تۇرۇپ دىدى:
-ئاكا، سىزمۇ ئادەم، مەنمۇ ئادەم! توغرا، نەزىرىڭىزدە مەن بىر بۇزۇق، پاسكىنا، جالاپ. بىراق مەن نىمە ئۈچۈن شۇنداق قىلىمەن، بۇنى بىلەمسىز؟
ئۇنىڭ قالغان گەپلىرىنى ئاڭلىماي شاققىدە ئايرىمخانىدىن چىقتىمدە، تاماق پۇلىنى تۆلىۋىتىپ، ئۇدۇل ياتاققا ماڭدىم. نەرسە-كىرەكلىرىمنى تىز سۈرئەتتە يىغشتۇرۇپ ئاپتۇبۇس بىكىتىگە كەلدىم. قارىسام ماشىنا تېخى توشمىغانىدى. ئاپتۇبۇسقا چىققاندىن كىيىن ئۇھ دەپ بېشىمنى قويدۇم. قىزنىڭ قانچىلىك ئىزا تارتقانلىقى ھەم يەنە نىمىلەرنى دەپ قالغانلىقى ئەمدى مەن ئۈچۈن بەرىبىر ئىدى. دىمەك ئاشۇنداق پاك، گۈزەل، ئەخلاقلىق دەپ ئويلىغان قىز نەزىرىمدىن چۈشۈپ كەتكەن ئىدى. ئۇنىڭغا يەنە ئارتۇقچە گەپ قىلىش بىھاجەت ئىدى.
ئۈچىنچى باب
قىزدىن خەت كەلدى
مەن ماشىنىغا چىققاندىن كىيىن بۇ قېتىم يۈز بەرگەن ئىشلارنى ئويلاپ ياقامنى چىشلەپ ھەيران بولدۇم.شۇئىشلار كاللامغا كىرىۋېلىپ يۇرتۇمغا قانداق كىلىپ قالغانلىقىمنىمۇ بىلمەي قالدىم.ماشىنا تۇيۇقسىز سىگىنال بىرىپ مىنى خىيال دېڭىزدىن تارتىپ چىقتى.تاكسى بىلەن ئۆيگە بېرىپ ئايالىم ھەم بالىلىرىم بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇلارغا ئالغاچ كەلگەن سوۋاغا- سالاملارنى بىرىپ ئۇلارنى خۇش قىلدىم. ئايالىم دىدى:
-نىمە دەپ تېلىفۇننى ئىتىۋالدىڭىز؟ شۇنچە تېلىفۇن قىلغان بولساممۇ تېلىفۇنىڭىز ئىتىك.نىمە ئىش بولدى، دەپ سورىدىم ئايالىمىدىن بۇ گەپنى ئاڭلاپ.ئايالىم - تەكشۈرۈش كىلىدۇ، دەپ ئىدارىدىن نەچچە قېتىم ئادەم كەلگەنلىكىنى،تېلىفۇنۇمنىڭ ئىتىك ئىكەنلىكىنى دىدى. بۇ گەپ بىلەن تەڭ تېلىفۇنۇمنىڭ ئىتىك ئىكەنلىكى ئىسىمگە كەلدى. مەن قىز تۇرۇشلۇق ناھىيىدىن ماشىنىغا چىقىپ ماڭغاندا تېلىفۇنۇمنى ئىتىۋەتكەن ئىدىم.ئايالىمنىڭ بايىقى گېپىنى ئاڭلاپ چاقماق سوقۇۋەتكەندەك بولۇپ چۆچۈپ كەتتىم-دە، تېلىفۇننى قوزغاتتىم.باشلىقىم بىلەن خىزمەتداشلىرىم  ئون نەچچە قېتىم، ھېلىقى قىز يىگىرمە نەچچە قېتىم تېلىفۇن قىلغان ئىدى. مەن ھېچقانداق ئىشنى ئويلاشمايلا تامىقىمنى يەپ بالدۇرلا يېتىپ قالدىم.ئەتىسى ئەتتىگەندە باشلىقىم ۋە خىزمەتداشلىرىم بىلەن كۆرۈشىۋىدىم، باشلىقىم قاينىغان قازاندەك قايناپلا كەتتى:
-ئەركىنجان شۇنداقمۇ يوقاپ كىتەمسىز؟ تېلىفۇنىڭىزنى ئىتىۋاپسىز.بۇندىن كىيىن ئۇنداق ئىشنى قىلماڭ! بۈگۈن تەكشۈرۈش كىلىدىكەن، تېلىفۇن قىلغان قىلغان بولساقمۇ تېلىفۇنىڭىز ئىتىك بولغاچقا،ئامالسىز  سىز بىلەن كۆرۈشەلمەي ئۆيىڭىزگە ئادەم ئەۋەتكەن بولساقمۇ سىز يەنىلا يوق.بولدى قالغان گەپلەرنى كىيىن دىيىشەيلى.سىز ھازىرلا كادىرلارنى تەشكىللەپ تولۇقلاشقا تىگىشلىك ماتىرىياللارنى تولۇقلاڭ. گېپىڭىزنى ئاڭلىمىغان كادىرلارنى ئۆزۈم بىر تەرەپ قىلىمەن!
بىز تەكشۈرۈشنى بۇ قېتىم غەلبىلىك ئۇزاتتۇق.بۈگۈن ئىشقا چىققاندىن كىيىن ھېلىقى قىزنىڭ تېلىفۇن قىلىشىدىن ئەنسىرەپ،نومۇرۇمنى ۋاقتىنچە ئىشلەتمەيدىغانلىقىمنى ئېيتىپ يېڭى نومۇر بىجىرىپ ئىشلىتىشكە باشلىدىم.كۈنلىرىم شۇ ۋاقىتتىن باشلاپ بىر خىل خاتىرجەملىك ئىچىدە ئۆتۈشكە باشلىدى.شۇنداقتىمۇ قىزنى پات-پات ئەسلەپ تۇردۇم.تېلىفۇن قىلىشنىمۇ ئويلىدىم. بىراق ئۇنىڭ قايسى كۈنىدىكى قىلغان گەپلىرى قۇلاق تۈۋىمدە ئاڭلانغاندەك بولۇپ، مىنى ھازىرمۇ ئۆزىدىن سەسكەندۈرگەندەك، يىرگەندۈرگەندەك قىلاتتى. راست گەپنى قىلسام كۈنلىرىم خىزمەت ۋە ئائىلىنىڭ ئىشلىرى بىلەن ئالدىراش ئۆتكەچكە ئۇنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كەتمەي، ئانچە-مۇنچە ئەسلەپ تۇرۇش بىلەن بولدى قىلدىم.خىزمەتتىن بىكار بولغاندا كىتاب كۆرەتتىم،ئەدەبىي ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىناتتىم. كۈنى خىزمەت ئىشى بىلەن ئىككى كۈنلۈك تۆۋەنگە چۈشۈپ كىتىپ بىر پارچە ماتىرىيال لازىم بوپقالغاچقا، ئىشخانىغا كەلدىم.كۆزۈم تۇيۇقسىز ئۈستلىم ئۈستىدە تۇرغان بىر پارچە لىپاپقا چۈشۈپ قالدى.دوستلىرىمدىن كەلگەن ئوخشايدۇ، دەپ لىپاپنى قولۇمغا ئېلىپ تۇرۇپلا قالدىم(چۈنكى بەزى دوستلىرىم بىلەن ئون يىلغا يېقىن يۈز كۆرۈشمىگەن ئىدىم). چۈنكى بۇ خەت ئۇرۇق-تۇغقان ياكى دوست بۇرادەرلىرىمدىنمۇ  ئەمەس، بەلكى ھېلىقى قىزدىن كەلگەن ئىدى.ھىلىمۇ ياخشى بۇ خەت ئائىلە ئادرىسىمغا ئەمەس، بەلكى ئىدارىغا كەلگەن ئىدى. ئائىلە ئادرىسىمغا كەلگەن بولسا نىمە كۈننى كۆرەرمەنكىنتاڭ. ئەمما خەتنى ئوقۇشنى ئانچە خالاپ كەتمىدىم. بىراق قانداقلا بولمىسۇن بىر ئوقۇپ باقاي، دەپ ئويلاپ خەتنى ئوقۇشقا باشلىدىم.خەتنىڭ مەزمۇنى مۇنداق ئىدى:
-        قەدىرلىك ئاكا قانداق ئەھۋالىڭىز، ياخشمۇ سىز؟ تېنىڭىز ساق- سالامەتمۇ، ئىشلىرىڭىز ئوڭۇشلۇق كىتىپ بارامدۇ؟ كۈنلىرىڭىز خۇشال ئۆتۈۋاتامدۇ؟
-        ئاكا، مەن گپنى ئۇزارتماي قىسقىسىنىلا ئېيتاي.قالغان گەپلەرنى خەتتىن كۆرۈپ ئاندىن بىر نىمە دەرسىز!
مەن سىز بىلەن تونۇشقاندىن بۇيان ئىزچىل ھالدا  ئۇچۇر ۋە تېلىفۇن ئارقىلىق كۆرۈشۈپ تۇردۇم. ھالبۇكى سىزنىڭ ئايالىڭىز بارلىقىنى بىلدىم.بىزنىڭ ئۇچۇر ، تېلىفۇن ئارقىلىق كۆرۈشىشىمىز جەريانىدا ياش پەرقىمىز ئوتتۇرىغا چىقىپ قېلىپ ياش جەھەتتە سىز مەندىن چوڭ بولغانلىقىڭىز ئۈچۈن ‹‹ ئاكا››،مەن كىچىك بولغىنىم ئۈچۈن‹‹سىڭىل›› بولغان ئىدىم.كىيىنچە يەنە تېلىفۇندا سىز بىلەن كۆرۈشۈش جەريانىدا سىزگە بو.لغان مۇھەببىتىم ئاشتى(ئەمما مەن سىزنى ئايالىڭىزنى قويىۋىتىپ مىنى ئېلىڭ، دىمەكچى ئەمەس).شۇندىن كىيىن سىز بىلەن يۈز تۇرانە كۆرۈشتۈم. بۇنداق قىلىشىم ھەرگىزمۇ مىنىڭ سىزدەك ئايالى بار ئادەمنى ئازدۇرۇش، شۇنداقلا مىنىڭ شاللاق، ئەخلاقسىز ئىكەنلىكىمنى بىلدۈرمەيتتى. مەن سىز بىلەن يۈز كۆرۈشكەندىن كىيىن ھېلىقى تەلەپنى قويدۇم. بىراق مىنىڭ بۇنداق قىلىشىمدا بەلگىلىك سەۋەبمۇ بار ئىدى. شۇ چاغدا سىز مىنى جالاپ، چىرايىدىن ھەم تىنىدىن پۇل تاپىدىغان پاسكىنا، دەپ ئويلاپ قېلىپ ئۆيىڭىزگە قايتقاندىن كىيىن ،  مىنىڭ سىزگە بۇئىشنى چۈشەندۈرۈپ قويۇش ئۈچۈن نەچچە قېتىم تېلىفۇن قىلغانلىقىم غۇۋا ئىسىمدە تۇرۇپتۇ. بىراق تېلىفۇنىڭىز ئىتىك بولغاچقا ئامالسىز بۇ خەتنى يازدىم.شۇڭا مۇمكىن بولسا سىز مەن بىلەن قايتا يۈز كۆرۈشكەن بولسىڭىز.شۇ چاغدىلا ھەممە ئىش ئوچۇق-ئاشكارە بولغۇسىدۇر! مانا شۇ چاغدىلا مىنىڭ زادى قانداق ئادەم ئىكەنلىكىمنى، زادى قانداق قىسمەتلەرگە يولۇققانلىقىمنى بىلىسىز. ئۇ ئىشلارنى ئاڭلاپ بولغاندىن كىيىن مىنى نىمەدەپ تىللىسىڭىز شۇنداقلا ئۇرۇپ ئۆلتۈرۋەتسىڭىزمۇ مەيلى!
خەير-خوش ئامان بولۇڭ! نەزىرىڭىزدىكى‹‹ بۇزۇق، پاسكىنا، جالاپ›› سىڭىلىڭىز خانقىزدىن
!!
يىل- ئاي- كۈنى
... ناھىيە...
مەن بۇ خەتنى قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئوقۇپ بىر پەس دىلغۇللۇقتا تۇرۇپ قالدىم. بىر تۇرۇپ قىزغا ئىچىم ئاغرىسا، يەنە بىر تۇرۇپ قىزغا ئاچچىقىم كىلەتتى. بىراق خەتنىڭ مەزمۇنى مىنى ئويلاندۇرۇپ قويۇۋاتاتتى. قانداقلا بولمىسۇن يەنە بىر قېتىم كۆرۈشۈشنى ئويلاپ تەييارلىقىنى قىلىشقا باشلىدىم.ئەمما ھازىر بېرىش ماڭا نىسبەتەن تەس ئىدى.ئىدارىدىن ئۇزۇن ۋاقىت رۇخسەت سوراشقا ئەمدى مۇمكىن  بولمايتتى.مۇمكىن بولغان تەقدىردىمۇ ئايالىم گۇمانلىنىپ قېلىشى، ھەتتا شۇ سەۋەبلىك ئۆيۈم بۇزۇلۇشىمۇ مۇمكىن ئىدى.شۇڭا ئۇنىڭغا ھازىرچە بارالمايدىغانلىقىمنى، كىيىنچە پۇرسەت بولسا بارىدىغانلىقىمنى ئېيتىپ خەت سالدىم. ئەمما تېلىفۇن نومۇرۇمنى دەپ بەرمىدىم.خەتنى سېلىپ بولغاندىن كىيىن ئەتراپىمغا بىرنى قارىۋەتكەندىن كىيىن ‹‹ئۇھ›› تارتتىم.خەتنىڭ مەزمۇنى مىنى يەنە قايتىدىن خىيال دېڭىزىغا غەرق قىلدى. توۋا ، ئاشۇنداق چىرايلىق بىر گۈزەل قىزنىڭ بېشىغا نىمە كۈن كەلگەن بولغىيتتىى؟شۇنداق بىر تەلەپنى قويۇپ تۇرۇپمۇ ئۆزىنى يەنە ئاقلاۋاتىدىغۇ؟ بۇ جاھاندا زادى قانداق ئىشلار بوپ كىتىپ بارىدىغاندۇ؟ ئىلگىرى بۇنداق ئىشلارنى ھىكايە ۋە رومانلاردىن ئوقۇغان ئىدىم.ئۇنداق كىتابلاردا:‹‹بىردەم قولىنى سىلاپتۇ، بىردەم يوتىسىنى سىلاپ سۆيۈشۈپتۇ،كىيىن يەنە بىر نىمە قىپتۇ››، دىگەندەك تېتىقسىز، چاكىنا گەپلەر ئۇچراپ تۇراتتى.بۇنداق ئىشلار كىتابتا بار، دەپ ئويلاپ ئىلگىرى ئانچە ئىرەن قىلمىغان ئىدىم.ئەمدى بولسا تاس قالغان ئىدىم مەنمۇ شۇنداق ئىشقا يولۇققىلى. پاك، گۈزە ل ئۇيغۇر قىز-ئاياللىرى، جۈملىدىن باشقا مىللەت ئاياللىرىنىڭمۇ زىنادىن ئىبارەت بۇ يولغا تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلدىن كىرىپ قېلىۋاتقىنىغا ئىچىم قاتتىق ئېچىشقان، سىرىلگەن ئىدى.
(داۋامى بار)
خەنجىرى

0

تېما

2

ئەگەشكۈچى

725

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
314
مۇنبەر پۇلى
427
ئىشەنىچ
314
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-24 22:27:46|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
ۋاي ئاللا ،بالدۇر ئوقۇپ ساپتىمەندە؟؟؟ ئاخىرى تۈگىمەپتىكەن ئەمەسمۇ؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟؟

6

تېما

2

ئەگەشكۈچى

890

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
496
مۇنبەر پۇلى
400
ئىشەنىچ
496
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-25 12:47:28|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
داۋامى بادۇ
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 2013-10-25 13:40:38
داۋامى بادۇ تىزراق يولىڭە
نامسىز  يوللىغان ۋاقتى 2013-10-27 21:00:45
داۋامى بادۇ تىزراق يولىڭە
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2014-1-5 00:47, Processed in 0.125797 second(s), 25 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش