تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى

 پارول قايتۇرىۋېلىش
 تىزىملىتىش

QQبىلەن كىرىش

بەك قولاي، باشلاڭ

كۆرۈش: 19248|ئىنكاس: 28

2013-يىللىق قۇربان ھېيتلىق تور سەنئەت كېچىلىكى بۈگۈن تورداشلارنىڭ ھ...

[ئۇلانما كۆچۈرۈش]

166

تېما

59

ئەگەشكۈچى

3502

جۇغلانما

باشقۇرغۇچى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

真实姓名
نىجات نىياز ئېھسان
تۆھپە
709
مۇنبەر پۇلى
2246
ئىشەنىچ
709
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-14 13:38:51|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
2013-يىللىق قۇربان ھېيتلىق تور سەنئەت كېچىلىكى بۈگۈن تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلىدۇ

بىز ئىنتېرنېتتا كۆكلەيمىز!



    ئۆز مۇخبىرىمىز نىجات نىياز خەۋىرى، فوتوسى: تەڭرىتاغ تورى، ئۇلىنىش تورى ( www.ulinix.com) ، ئۈرۈمچى ئالماس كومپيۇتېر شىركىتى بىرلىكتە ئويۇشتۇرغان، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانىسى تورى ھەمكارلاشقان 2013-يىللىق قۇربان ھېيتلىق تور سەنئەت كېچىلىكى 12-ئۆكتەبىر چۈشتىن كېيىن، ئۈرۈمچى ‹‹ئالمائاتا›› مۇزىكىلىق كۇلۇبىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك سۈرەتكە ئېلىندى. بۇ قۇربان ھېيتلىق تور سەنئەت كېچىلىكى ئىككى كۈنلۈك جاپالىق كىرىشتۈرۈش باسقۇچىدىن كېيىن، بۈگۈن يەنى 14-ئۆكتەبىر ئۈرۈمچى ۋاقتى سائەت 12 دە تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى، تەڭرىتاغ مۇنبىرى، بارمۇ مىكروبىلوگى، ئۇلىنىش تورى، خەۋەر تورى، مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى تورى قاتارلىق تور بېكەتلەردە كەڭ تورداشلار بىلەن يۈز كۆرۈشىدۇ.



    بۇ قېتىملىق قۇربان ھېيتلىق تور سەنئەت كېچىلىكىنى ئۆتكۈزۈشنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ئىنتېرنېت تورىنىڭ جەمئىيىتىمىزدە كەڭ ئومۇملاشقانلىقىدەك ئەۋزەللىكىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، ئىنتېرنېت تورىنىڭ جەمئىيىتىمىزنىڭ ھەر قايسى ساھەلىرىدە ئويناۋاتقان رولىنى تولۇق نامايان قىلىش، تور ۋاسىتىسىنىڭ نوقۇل ھالدا خەۋەر، ئۇچۇر تارقىتىدىغان ۋاسىتە بولۇپلا قالماستىن بەلكى مانا مۇشۇنداق ئۆز دىيارىمىزدا ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان خىلمۇ خىل پائالىيەت، كېچىلىكلەرنى بىۋاسىتە ياكى ۋاسىتىلىك ھالدا تور ۋاسىتىسى ئارقىلىقمۇ تارقاتقىلى بولىدىغانلىقىنى كەڭ خەلققە بىلدۈرۈش؛ قۇربان ھېيت مەزگىلىدە ئۆيىگە قايتالماي يىراق-يېقىندا، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ بىرىنچى سېپىدە جاپالىق ئىشلەۋاتقان ھەر ساھە، ھەر كەسىپتىكى سۆيۈملۈك كىشىلىرىمىز، ئىچكىرى ئۆلكىلەردە، ھەتتا چەت ئەللەردە ئوقۇۋاتقان ئىستۇدېنت دوستلارغا ئىنتىرنېت تورى ئارقىلىق قۇربان ھېيتلىق سالام يوللاپ، ئۇلارنىڭ قۇربان ھېيتىنى تور ئېكرانى ئارقىلىق تەبرىكلەش، ئۇلارغا ئازراق بولسىمۇ يۇرت سۆيگۈسى ئاتا قىلىپ، ھېيت مەزگىلىدە مەنىۋى خۇشاللىققا ئىگە قىلىش، شۇنداقلا ئۇيغۇر تورچىلىقىدا تۇنجى قېتىم ئۆتكۈزۈلگەن قۇربان ھېيتلىق تور سەنئەت كېچىلىكى ئارقىلىق ئىنتىرنېت تورىنىڭ تارقىتىشتىكى ئەركىنلىكى، ۋاقىت ياكى زاماننىڭ چەكلىمىسىگە ئۇچرىمايدىغانلىقى، تورداشلارنىڭ ئۆزلىرى ياقتۇرىدىغان نومۇرلارنى مەيلى قايسى ۋاقىت بولۇشىدىن قەتئىينەزەر تاللاپ كۆرۈش ئىمكانىيىتىگە ئىگە بولۇشى، كۆرۈش جەھەتتە يۇقىرى ئۈنۈمگە ئېرىشىدىغانلىقىنى، شىركەت-كارخانىلارنىڭ نوقۇل ھالدا ئەنئەنىۋى تارقىتىش ۋاستىلىرىنىڭ تەشۋىقاتىغا مونۇپۇل بولۇپ قېلىشتەك چەكلىمىلىكنى بۆسۈپ تاشلاپ، يېڭى تارقىتىش ۋاسىتىلىرىگە مەبلەغ سېلىش ئارقىلىقمۇ ئۆزىنىڭ تەشۋىقات مەقسىتىگە يېتەلەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاشتىن ئىبارەت.
    بۇ قېتىملىق قۇربان ھېيتلىق تور سەنئەت كېچىلىكىدە ناخشا، ئۇسسۇل، ئېتوت، سېھرىگەرلىك ماھارىتى قاتارلىق سەرخىل نومۇرلار تورداشلارنىڭ ھۇزۇرىغا سۇنۇلغان بولۇپ، بۇ كېچىلىكنىڭ باشقا كېچىلىكلەرگە ئوخشىمايدىغان پەرقى بۇ كېچىلىكتىكى ئارتىسلارنىڭ كۆپىنچىسى ئىستۇدېنتلاردىن تەشكىللەنگەن. بۇنىڭ ئاساسىي سەۋەبى، بىرىنچىدىن سەنئەت كېچىلىكلىرىدىكى مونۇپۇل قىلىۋېلىش شەكلىنى بۇزۇپ تاشلاپ، كەڭ ئىستۇدېنتلارغا سەھنە ھازىرلاپ بېرىش، شۇنداقلا كەڭ ئىستۇدېنتلارنىڭ، جەمئىيتىمىزدىكى نۇرغۇنلىغان ئىقتىدارلىق ياشلارنىڭ تولۇپ تاشقان قىزغىنلىقىنى، كەسىپ جەھەتتە ھازىرلىغان ئۇنىۋېرسال ساپاسىنى تور سەھنىسى ئارقىلىق كەڭ تورداشلارغا نامايان قىلىش.
    بۇ قېتىملىق قۇربان ھېيتلىق تور سەنئەت كېچىلىكى ئۇيغۇر تورچىلىقىدىكى يەنە بىر يېڭى بۆسۈش ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، يېڭىچە تارقىتىش ۋاسىتىسى، يېڭى نومۇر، يېڭى ئارتىسلار ، يېڭىچە ئۇسلۇب، يېڭىچە شەكىل تورداشلارنىڭ دىققىتىنى قوزغايدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا كۆپ ھەر قايسى تور بېكەتلەردە تەڭ ۋاقىتتا تەڭرىتاغنىڭ جەنۇب-شىمالىي، ئىچكىرى ئۆلكىلەر، ھەتتا چەت ئەللەرگىچە تارقىتىلىشى دىيارىمىز شىنجاڭنىڭ قۇربان ھېيتتىكى خۇشاللىق تەنتەنىسىنى، تىنچ-خاتىرجەم قۇربان ھېيت ئۆتكۈزۈۋاتقانلىقىدەك تۇرمۇش كارتىنىسىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.
    بىز بۇ قېتىم ئۆتكۈزگەن قۇربان ھېيتلىق تور سەنئەت كېچىلىكى ئارقىلىق تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورىنىڭ خىزمەتلىرىنى يېقىندىن قوللاپ بەرگەن مۇناسىۋەتلىك ئورۇن ۋە رەھبەرلەرگە، تەڭرىتاغنىڭ جەنۇبىي ۋە شىمالىدىكى بارلىق ئىختىيارىي مۇخبىرلار، يازغۇچى، شائىرلار، فوتوگرافلارغا، ئەزىز دوستلارغا، بىزگە قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىرلىرىنى بېرىپ كەلگەن بارلىق دوستلارغا ئايەملىك سالام يوللايمىز. ھەممەيلەننىڭ ئەزىز تېنىگە سالامەتلىك، ئائىلىسىگە بەخت-سائادەت، تۇرمۇشىغا خاتىرجەملىك، ئىشلىرىغا بەرىكەت تىلەيمىز.
    بىۋاستە كۆرۈش ئادرېسى: http://i.ts.cn/kurban
    كۆرۈش ئادرېسى: تەڭرىتاغ تورى uy.ts.cn   ئۇلىنىش تورى : www.ulinix.com  مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانىسى تورى:http://uyghur.cntv.cnتەڭرىتاغ مۇنبىرى: bbs.xjtsnews.com  بارمۇ مىكروبىلوگى : http://www.barmu.cnخەۋەر تورى: http://www.hawar.cnماشىنا تورى:http://www.maxina.cn





























بۇ يازمىدا كۆپ مەنبەرلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش

3

تېما

0

ئەگەشكۈچى

185

جۇغلانما

كۆنگەن ئەزا

Rank: 2

تۆھپە
34
مۇنبەر پۇلى
143
ئىشەنىچ
34
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-14 13:58:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش





بۇ يازمىدا كۆپ مەنبەرلەر بار

مۇنبىرىمىزگە تىزىملىتىپ كىرسىڭىزئاندىن قوشۇمچە ھۆججەتنى كۆرەلەيسىز ۋە چۈشۈرەلەيسىز،تېخى تىزىملاتمىغانما؟تىزىملىتىش

8

تېما

12

ئەگەشكۈچى

5924

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

真实姓名
مەخمۇت سەلەي..
تۆھپە
3574
مۇنبەر پۇلى
2374
ئىشەنىچ
3574
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-14 14:08:43|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەشەككۈر!-ياخشى باشلىنىش....دۇنيادىكى بارلىق كىشىلەرنىڭ قۇربان ھېيتىغا مۇبارەك بولسۇن!!!!

باھا سۆز

يامغۇر. دۇنيادىكى بارلىق كىشلەرنىڭ؟؟؟؟؟؟؟؟............  يوللىغان ۋاقتى 2013-10-16 17:16

0

تېما

1

ئەگەشكۈچى

535

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
207
مۇنبەر پۇلى
297
ئىشەنىچ
207
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-14 14:18:21|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەڭرىتاغ مونبىرىدىكى ۋە بارلىق قىرىنداشلارنىڭ قوربان ھىيتىغا موبارەك بۇلسۇن ،،قىنى بۇ كىچىلىك قانداقراق چىقتىكىن خەلىق باھالاپ باقسۇن ..

باھا سۆز

korlayexamaktap ئەگشتىم.  يوللىغان ۋاقتى 2014-7-26 00:28

4

تېما

0

ئەگەشكۈچى

1919

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
278
مۇنبەر پۇلى
1639
ئىشەنىچ
278
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-14 15:34:05|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەڭرىتاغ تورىنىڭ تۇنجى بۇلۇپ قۇربان ھىيتلىق سەنئەت كىچىلىكى ئوتكۈزگەنلىكىنى تەبىركلەيمەن!بۇيىڭى ئىشتىن سۈيۈندۈم!

55

تېما

4

ئەگەشكۈچى

2882

جۇغلانما

ئالتۇن ئەزا

Rank: 6Rank: 6

تۆھپە
878
مۇنبەر پۇلى
1710
ئىشەنىچ
878
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-14 15:34:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەشەككۇر بۇ تور دۇنياسىدىكى كاتتا باشلىنىش بوپتۇ؟

باھا سۆز

korlayexamaktap تۇنجى بۇلۇپ ئۆتكۈزگەن سەنئەت كېچىلىگىنى تەبرىكلەيمەن.  يوللىغان ۋاقتى 2014-7-26 00:29

83

تېما

18

ئەگەشكۈچى

3113

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

真实姓名
مۇھەممەدئىمىن
تۆھپە
823
مۇنبەر پۇلى
1747
ئىشەنىچ
823
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-14 17:06:18|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەشەككۇر بۇ تور دۇنياسىدىكى كاتتا باشلىنىش بوپتۇ، دوستلارنىڭ قۇربان ھىيتىغا مۇبارەك بولسۇن

114

تېما

39

ئەگەشكۈچى

1 تۈمەن

جۇغلانما

تەڭرىتاغ پىشىۋاسى

Rank: 9Rank: 9Rank: 9

تۆھپە
3665
مۇنبەر پۇلى
4818
ئىشەنىچ
3665
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-14 18:10:07|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
         بارلىق مۇسۇلمان قىرىنداشلارنىڭ قۇربان ھېىتىغا مۇبارەك بولسۇن،   بۇ تور دۇنياسىدىكى كاتتا باشلىنىشقا تەشەككۇر.

13

تېما

0

ئەگەشكۈچى

870

جۇغلانما

پىشقەدەم ئەزا

Rank: 4

تۆھپە
189
مۇنبەر پۇلى
590
ئىشەنىچ
189
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-14 18:12:02|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
تەڭرىتاغ مونبىرىدىكى ۋە بارلىق قىرىنداشلارنىڭ قوربان ھىيتىغا موبارەك بۇلسۇن

39

تېما

16

ئەگەشكۈچى

3752

جۇغلانما

مۆتۈۋەر

Rank: 8Rank: 8

真实姓名
Jackie
تۆھپە
1598
مۇنبەر پۇلى
1866
ئىشەنىچ
1598
يوللىغان ۋاقتى 2013-10-14 18:23:15|ھەممە قەۋەتنى كۆرۈش
قۇربان ھېيتىمىزغا موبارەك بۇلسۇن !

باھا سۆز

castle چاقچاققا تولغان ئىنكاسلىرىڭىزنى سېغىندىم جۇمۇ  يوللىغان ۋاقتى 2014-1-1 20:23
castle ئەسسالام ئەلەيكۇم Jackie ئەپەندى ، مۇنبەر چىقىمىنى بىرەر يىلدىن ئېشىپتىكەن ،  يوللىغان ۋاقتى 2014-1-1 20:22
كىرگەندىن كېيىن ئىنكاس يازالايسىز كىرىش | تىزىملىتىش

Archiver |يانفون نۇسخىسى |تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە مۇنبىرى

GMT+8, 2015-4-27 01:42, Processed in 0.117378 second(s), 27 queries.

Powered by Discuz! X2.5(NurQut Team)

© 2001-2012 Comsenz Inc.

چوققىغا قايتىش